-
2011/03/21
Blogbus ئىشلىتىش قوللانمىسى(ئۇيغۇرچە) - [بلوگ ھۆنەرلىرى]
blogbus تىكى بارىلىق بىلىملەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قوللانمىدا. ئەگەر سىز مەزكورقوللانمىدىن ياخشى پايدىلانسىڭىز-يېتىشكەن بلوگگېر بولۇپ چىقىشىڭىزدا گەپ يوق. مەنمۇ بلوگ بىلىملىرىنى مۇشۇ قوللانمىدىن ئۆگەنگەن. شەكلى: PDF شەكلىدە. پىرىسلانغان چاغدىكى سىغىمى 8.7MBپىرىستىن يەشكەندىكى سىغىمى: 25MB بولۇپ، تىلى ئۇيغۇرچە. مەزكور قوللانمىنى ئەينى ۋاقىتتا ‹‹دۇنيا قارا بلوگى›› دىكى دۇنيا قارا ئەپەندى جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈش نەتىجىسىدە تۆزۈپ چىقىپ تارقاتقان ئىدى. بىر ئاينىڭ ئالدىدا نۇرغۇنلىغان بلوگ ھەۋەسكارلىرى ئۆزلىرىنىڭ قوللانمىنى چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىشىپ، مەندىن ياردەم سورىدى. مەن تارقىتاي دېسەم، ئۇچىغا چىققان نومۇسسىز بولۇپ قالىدىكەنمەن. بۈگۈنمۇ ‹‹دۇنيا قارا بلوگى›› غا كىرىپ چۈشۈرۈپ سىناپ باقماقچى بولدۇم.لېكىن چۈشۈرۈش بېتىدە ‹‹ھۆججەت ئۆچۈرۈلگەن›› دېگەن ئۇچۇر چىقىپ چۈشمىدى. دۇنيا قارا ئەپەندى 2010-يىل12-ئاينىڭ2-كۈنىدىن كېيىن يېڭى يازما ئېلان قىلماپتۇ. (سەۋەبىنى بىلمىدىم) دۇنيا قارا ئەپەندىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ‹‹Blogbus ئىشلىتىش قوللانمىسى›› نى كەڭ قېرىنداشلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىش يۈزىسىدىن تارقىتىپتىكەن. مەنمۇ شۇ نىيەتتە تارقاتتىم. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇ مۇناسىۋەتتە مەن كەڭ بلوگگېرلارغا ۋاكالەتەن دۇنيا قارا ئەپەندىگە چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە تېنىگە سالامەتلىك، خىزمىتىگە ئۇتۇق، ئائىلىسىگە بەرىكەت تىلەيمەن!
Blogbus ئىشلىتىش قوللانمىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ.
ئېلكىتاب ئوقۇش يېشىل دېتالىنى (قاچىلاش ھەجەتسىز) تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسلىي مەنبە: دۇنيا قارا بلوگى
评论
http://www.blogbus.com/okutuxtatkikat-logs/126016978.html