|
-
2011/02/18
ھاكاۋۇر ئېشەك - [مەسەللەر]
ئېشەك بىلەن كالا بىللە سەپەرگە چىقىپتۇ، ئېشەك ئىتتىك مېڭىپ، پات - پات ئارام ئېلىشقا، كالا سالماق قەدەم بىلەن بىر خىل مېڭىپ، ئۆزىنى ھارغۇزماي يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشكە خۇشتار ئىكەن. ئېشەك يول يۈرۈش داۋامىدا كالىنىڭ ئالدىرىماي ماڭىدىغانلىقىدىن بەكمۇ زېرىكىپتۇ - دە، ئۇنىڭغا ئۆزىنى بىر تونۇتۇپ قويۇشنى مەقسەت قىلىپ، مېڭىشتا مۇسابىقلىشىشنى ئېيتىپتۇ. كالا مەنزىلگە يېتىپ بېرىشتا ئېشەكتىن يېڭىلىپ قېلىشنى نومۇس بىلىپ، بۇ پىكىرگە قوشۇلۇپتۇ.
-
بولۇق ئۆسكەن ئوت كىيىم كىيگەن بىر تاغدا، ئوتلايدىكەن يايرىشىپ، قوي - ئۆچكىلەر ھەر تاڭدا. ئۇزۇن - ئۇزۇن ساقاللىق، ئۆچكىلەر بەك شوخ ئىكەن. تاغقا چىقسا ھارمىغاچ، كۆڭۈللىرى توق ئىكەن. زاڭلىق قىلىپ كۈلەركەن، پەستە قويلار ئوتلىسا. دېيىشەركەن: - چىقمامدۇ، بىڭسى بولسا، قورقمىسا. قويلار بىر كۈن باش قوشۇپ، چوڭ بىر يىغىن ئېچىپتۇ. ئەگرى مۈڭگۈز قوچقاربايم ئۆز پىكرىنى ئېيتىپتۇ: - نەچچە چاغدىن بىز قويلار، تاغ تۈۋىدە ئوتلىدۇق. بىر جاينىلا چۆرگىلەپ، ئوت - چۆپنىمۇ قويمىدۇق. بىڭسىمىز يوق دېمەيلى، كۈچ - غەيرەتكە كېلەيلى. ئۆچكىلەردىن ئۆگىنىپ، تاغ ئۈستىگە ئۆرلەيلى...
-
2011/02/18
مايمۇننىڭ قىڭراق بىلىشى - [مەسەللەر]
مايمۇن بىر قىڭراق تېپىۋاپتۇ، ئەمما بۇ قىڭراق ناھايىتى گال بولۇپ، بىرەر تال كىچىك ياغاچنىمۇ كېسەلمەيدىكەن. ئۇ ئوتۇنچىنىڭ قېشىغا بېرىپ: - سەن قىڭرىقىڭنى قانداق ئىتتىكلىتىسەن؟ بۇنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بولساڭ، - دەپ تەلەپ قىپتۇ.
- ئۇنى تاشقا سۈركەپ ئىتتىكلىتىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوتۇنچى.
-
2011/02/18
كېمىچى ۋە ئۇنىڭ بالىسى - [مەسەللەر]
قەھرىتان قىشنىڭ بىر كۈنىسى، كېمىچى كېمە بىلەن بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ، بالىسىنىمۇ بىللە ئېلىۋاپتۇ. كېمىچى بىردەم تازا كۈچەپ پالاق ئۇرغاندىن كېيىن، بەك ئىسسىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ - دە، كۆڭلەكتىن باشقا كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى سېلىۋېتىپتۇ، ئاندىن كېمە بۆلمىسىگە كىرىپ، ئوغلىغا: - بەك ئىسسىق بولۇپ كەتتى، چاپىنىڭنى سېلىۋەت! - دەپ بالىسىنىڭ چاپىنىنى سالدۇرۇۋېتىپ، كۆڭلەكچان قىلىپ قويۇپتۇ.
-
2011/02/18
كىچىك ئاق خوراز - [مەسەللەر]
كىچىك ئاق خوراز چىللاشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن خۇشھاللىقى ئىچ - ئىچىگە پاتماي كېتىپتۇ. ھەمراھلىرى ئۇنى ماختاپ: - كىچىك ئاق خوراز، سەن ھەقىقەتەن ياخشى جۇمۇ، ئېگىمىز سېنىڭ چىللىغانلىقىڭنى ئاڭلاپ ئويغىنىدۇ - دە، ئاندىن بىزنىڭ كاتىكىمىزنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ، - دەپتۇ. كىچىك ئاق خوراز بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ ۋە بارا - بارا مەغرۇرلىنىشقا باشلاپتۇ، يەنە تېخى تاڭنىمۇ ئۆزى يورۇتقاندەك قانائەتلىنىپتۇ.
-
2011/02/18
كاۋچوك دەرىخى ئاستىدىكى تۇڭگۇز - [مەسەللەر]
داۋىنچ
تۇڭگۇز كۈن بويى قېرى كاۋچوك دەرىخى ئاستىدا ئاچ كۆزلەرچە دۇب ياڭىقى يەيدىكەن، تويۇپ قالسا، كاۋچوك دەرىخى سايىسىدە خورەك تارتىپ ئۇخلايدىكەن. ئېغىر قاپاقلىرىنى يېرىپ ئويغانغاندا بولسا، يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ تۇمشۇقى بىلەن كاۋچوك دەرىخىنىڭ يىلتىزىنى كولايدىكەن.
ـــ ھەي، سەن بىلمەمسەن؟ ئۇنداق قىلساڭ، كاۋچوك دەرىخىگە زىيان-زەخمەت يېتىپ قالىدۇ، ـــ دەپتۇ دەرەخ شېخىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان بىر قاغا ئۇنى ئەيىبلەپ ۋارقىراپ، ـــ سەن دەرەخنىڭ يىلتىزلىرىنى ئېچىپ قويساڭ، دەرەخ قۇرۇپ قالىدۇ.
-
2011/02/18
قىزغانچۇق چۈجە - [مەسەللەر]
بىر كۈنى مېكىيان چۈجىلىرىنى باشلاپ دانلاشقا چىقىپتۇ. چۈجىلەر چۇكۇلدىشىپ يۈرۈپ دانلاپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر چۈجە توپتىن ئايرىلىپ، ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپتۇ، يىراقلاشقانسېرى كۆپرەك دان تېپىپ يەپتۇ. ئۇ: ئۆزۈم يالغۇز دانلىسام كۆپرەك بىر نەرسە تېپىپ يېيەلەيدىكەنمەن، باشقىلار ماڭا ئەگىشىپ كېلىۋاتامدىكىن؟ - دەپ قىزغىنىپ ئارقىسىغا قاراپتۇ، لېكىن ھېچكىمنى كۆرمەپتۇ: ئەجەپ ئوبدان بولدى، - دەپتۇ كۆڭلىدە قىزغانچۇق چۈجە، - ئۆزۈم كەڭ - كۇشادە دانلاپ، قورسىقىمنى راسا تويدۇرۇپ، ئاندىن ئۆيگە كېتىمەن.
-
2011/02/18
قوشكېزەك ئوغلاقلار - [مەسەللەر]
چىمەنزارلىق ئىچىدە، كىچىك ئېرىق لېۋىدە. ئىككى ئوغلاق ئويناركەن، ئەركىن تاقلاپ يايراركەن. تۇغۇلغانىكەن قوشكېزەك، ئوخشايدىكەن شۇڭا بەك. ئۇنىڭ بىرى تېكىكەن، يەنە بىرى چىشىكەن. تالىشاركەن پات - پاتلا، ئۈسۈشەركەن سەكرەپلا. ئورۇنسىزلا بەسلىشىپ، قالىدىكەن تەگىشىپ.
-
2011/02/18
قىسقۇچپاقا بىلەن گرانت تاش - [مەسەللەر]
داۋىنچ
زېرەك قىسقۇچپاقا بىلەن بىر توپ بېلىجانلار تاسادىپىي جىددىي ئېقىنغا كىرىپ قېلىشتىن قورقۇپ، بىر گرانت تاشنى چۆرگىلەپ ئويناپتۇ. سۇنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن نۇر ئۆتىشىپ تۇرىدىكەن، بېلىجانلار خۇشاللىقىدىن ھەر يان ئۈزۈشۈپ، نۇر ۋە سايىنىڭ شادلىقىدىن بەھرىمان بوپتۇ.
-
2011/02/18
قىزغانچۇق توشقان - [مەسەللەر]
بۇرۇن بۇرۇندىكەن، تېرىق تولۇمدىكەن، شۇ كۈنلەردە جاھاننىڭ چېتىدە، بىر جاڭگالنىڭ ئىچىدە بىر توپ توشقانلار بەكمۇ ئىناق ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئالاچىپار توشقان بولۇپ، ئۇ ناھايىتى ھاكاۋۇر، قىزغانچۇق ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزغانچۇق توشقان بىر دوستى بىلەن تەگىشىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توپتىن ئايرىلىپ جاڭگاللارنى كېزىپ، يۇمران ئۆت - چۆپلەر بىلەن تولغان، يان تەرىپىدە بۇلاقلاردىن سۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرغان بىر گۈزەل جايغا كېلىپ قاپتۇ - دە،
-
2011/02/17
بەش بارماقنىڭ سۆز تالىشىشى - [مەسەللەر]
بىر كۈنى بەش بارماق سۆز تالىشىپ قاپتۇ.
- ھەممىدىن مەن نوچى، - دەپتۇ باشمالتاق گىدىيىپ تۇرۇپ، - ‹‹باتۇر››، ‹‹نەمۇنىچى›› دېگەن سۆزلەر ئېيتىلغاندا مەن چىقىرىلىمەن، مەن نېمىدېگەن قالتىس - ھە!
باشقا تۆت بارماق بۇ گەپنى ئاڭلاپ قايىل بولماپتۇ. - ئۇنچىۋالا كۆرەڭلەپ كەتمە، - دەپتۇ كۆرسەتكۈچ بارماق، - سېنىڭ قالتىس چاغلىغۇچىلىك نېمەڭ بولسۇن! كىشىلەر يولنى ياكى نەرسە - كېرەكلەرنى كۆرسىتىدىغان چاغدا مېنى ئىشقا سالىدۇ.