-
2011/02/18
كىچىك ئاق خوراز - [مەسەللەر]
كىچىك ئاق خوراز چىللاشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن خۇشھاللىقى ئىچ - ئىچىگە پاتماي كېتىپتۇ. ھەمراھلىرى ئۇنى ماختاپ: - كىچىك ئاق خوراز، سەن ھەقىقەتەن ياخشى جۇمۇ، ئېگىمىز سېنىڭ چىللىغانلىقىڭنى ئاڭلاپ ئويغىنىدۇ - دە، ئاندىن بىزنىڭ كاتىكىمىزنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ، - دەپتۇ. كىچىك ئاق خوراز بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ ۋە بارا - بارا مەغرۇرلىنىشقا باشلاپتۇ، يەنە تېخى تاڭنىمۇ ئۆزى يورۇتقاندەك قانائەتلىنىپتۇ.
بىر كۈنى، كىچىك ئاق خوراز ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يەنە كۆكرىكىنى چىقىرىپ بار كۈچى بىلەن چىللاپتۇ. كۈتۈلمىگەندە قېرى سېرىق كالا قۇيرۇقىنى بىر چۆرىگەنىكەن، ئۇنىڭ ئاغزىغا تېگىپ كەتكىلى تاسلا قاپتۇ.
كىچىك ئاق خوراز قاتتىق ئاچچىقلىنىپتۇ - دە، جۇدۇنى ئۆرلەپ، قېرى سېرىق كالىغا: - سەن قارغۇمۇ؟ ئەگەر مېنى زەخمىلەندۈرگەن بولساڭ، ئۇ چاغدا سېنى كۈننىڭ نۇرىنى ئىككىنچى كۆرەلمەيدىغان قىلىۋېتەتتىم، - دەپتۇ.
- ھا - ھا - ھا! - سېرىق كالا ئۆزىنى تۇتالماي قاتتىق كۈلۈپ تاشلاپتۇ ۋە، - ئەي، سەندە بۇنچىلىك كارامەت بارلىقىنى كۆرگىلى بولمايدىغۇ، - دەپتۇ.
كىچىك ئاق خوراز سېرىق كالىنىڭ بۇ مەسخىرە گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ غەزەپلىنىپتۇ - دە، سېرىق كالىغا ئاچچىق بىلەن: - ياخشى! ئەتە مەن چىللىماي باقاي، سەن قانداقىسىگە كۈن ئۆتكۈزەرسەنكىن قېنى؟ - دەپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى كىچىك ئاق خوراز راستتىنلا چىللىماپتۇ ھەمدە ئىچىدە: سېرىق كالا ماڭا يېلىنىپ - يالۋۇرسا ئاندىن چىللايمەن، دەپ ئويلاپتۇ. ئەمما خوراز كاتەكنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا، تاڭ ئاللىقاچان يورۇپ كەتكەن بولۇپ، سېرىق كالىنىڭ مەردانە قەدەم تاشلاپ ئېتىزلىققا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
كىچىك ئاق خوراز: باشقىلار مېنى مەسخىرە قىلىپ قالارمۇ، دېگەن ئەندىشىدە تامنىڭ بۇلۇڭىغا بېرىپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ دانلاشقا باشلاپتۇ. ئۇ: سېرىق كالىنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىسى توغرىمۇ - خاتامۇ؟ تاڭ نېمىشقا مېنى ساقلاپ تۇرمايلا يورۇپ كەتكەندۇ؟ - دەپ ئويلاپتۇ.
历史上的今天:
ھۈۋەي باتۇر ھەققىدە چۆچەك 2011/02/18«يېرىل تېشىم، يېرىل» 2011/02/18يانتاقچى بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى 2011/02/18ياخشىلىق يەردە قالماس (بىرىنچى قىسىم) 2011/02/18ۋىجدانلىق مەلىكە 2011/02/18
收藏到:Del.icio.us