-
2011/02/18
لەگلەك ھەققىدە مەسەل - [مەسەللەر]
كۆك قەھرىدە كېپىنەك شەكىللىك بىر لەگلەك ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتاتتى. لېكىن ئۇ بىر نېمىنىڭ ئۆزىنى كەينىگە تارتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ ئاچچىقى بىلەن كەينىگە قارىدى: - ئەي يىپ، مېنى تارتىۋاتقان سەنمۇ؟ ئۇچۇشۇمغا كاشىلا قىلماي قويۇۋەت!
- ھېلىمۇ كۆز يەتكۈسىز يەرگە چىقىپ قالدىڭ. ئۆزۈڭنى چاغلاپراق ئۇچساڭ ياخشى بولارمىكىن، - دېدى يىپ.
- بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ ھازىر مەن ئاران يەر شارىدا ئۇچۇۋاتىمەن. ئۇچۇپ ئايدىنمۇ ئېشىپ كېتىمەن تېخى، - دېدى لەگلەك پەرۋاسىزلىق بىلەن.
- كىمنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇچۇۋاتقانلىقىڭنى ئۇنتۇپ قالما. بۇنداق ئۆز بېشىمچىلىق قىلساڭ ئاخىر بۇرنۇڭغا يەيسەن، - دېدى يىپ جىددىي قىياپەتتە.
- نېمە دەۋاتىسەن؟ مېنىڭ ئالدىمدا گەدەنكەشلىك قىلىشقا نېمە ھەددىڭ! سەن ماڭا ياۋاش - يۇمشاقلىق بىلەن بويسۇنۇشۇڭ كېرەك، - دەپ كۆرەڭلىدى لەگلەك.
- ئۇنچىۋالا ھەددىڭدىن ئېشىپ كەتمە. سەن بەرىبىر مېنىڭدىن ئايرىلالمايسەن!
- نېمىشقا ئايرىلالمايدىكەنمەن، قويۇۋەت مېنى، قويۇۋەت! - دەپ ۋارقىرىغىنىچە سىلكىندى لەگلەك. يىپ ‹‹پارس›› قىلىپ ئۈزۈلدى - دە، لەگلەك تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، ئۇياققا - بۇياققا پۇلاڭشىغىلى تۇردى. ئۇ ھەر قانداق قىلىپمۇ ئۆزىنىڭ موللاق ئېتىپ تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىشىنى ئوڭشىيالمىدى.
ئاخىر بولماي: - يىپ، قەيەردىسەن، مېنى قۇتۇلدۇر! - دەپ جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ كەتتى. ئاخىر ئۇ ئېتىز بويىدىكى گەندە كۆلچىكىگە چۈشۈپ كەتتى. ئەمدى ئۇنىڭدا ئاۋۋالقىدەك نەپىسلىكتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.
历史上的今天:
ھۈۋەي باتۇر ھەققىدە چۆچەك 2011/02/18«يېرىل تېشىم، يېرىل» 2011/02/18يانتاقچى بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى 2011/02/18ياخشىلىق يەردە قالماس (بىرىنچى قىسىم) 2011/02/18ۋىجدانلىق مەلىكە 2011/02/18
收藏到:Del.icio.us