ئەسكەرتىش:بلوگۇمدىكى ماتېرىياللارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.ناۋادا كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
  • 2011/02/18

    قەغەز بىلەن سىياھ - [مەسەللەر]

    داۋىنچ

    بىر ۋاراق قەغەز يېزىق ئۈستىلىدە تۇراتتى، ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان قەغەزلەر بىلەن بىللە ئىدى. بىر كۈنى ئۇنىڭغا خەت يېزىلىپ توشقۇزۇۋېتىلدى. موي قەلەم قارا سىياھقا چىلىنىپ، توختاۋسىز تۈردە نۇرغۇن بەلگە ۋە سىزىقلارنى سىزدى.

    ـــ مېنى ئازراق خورلىساڭ قانداق؟ ـــ دېدى قەغەز ئاچچىقلىنىپ، ـــ سەن زىندان كەبى رەڭ بىلەن مېنى بۇلغاپ، مەڭگۈلۈك ئاياغ-ئاستى قىلدىڭ!

    سېنى بۇلغىغىنىم يوق، ـــ دېدى موي قەلەم، ـــ مەن ساڭا خەت يازدىم. بۈگۈندىن باشلاپ سەن ئادەتتىكى بىر ۋاراق قەغەز ئەمەس، بەلكى ھۆججەت-ۋەسىقىسەن، كىشىلەر ئىدىيىسىنىڭ جەۋھىرىسەن. سەن قىممەتلىك قورالغا ئايلاندىڭ.

    بىر مۇنچە كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، بىراۋ يېزىق ئۈستىلىنى رەتلىمەكچى بوپتۇ، قارىسا نۇرغۇن قەغەزلەر چېچىلىپ ياتقۇدەك، ئۇ ئۇلارنى يىغىشتۇرۇپ ئوتتا كۆيدۈرۋەتمەكچى بولۇپ، سىياھتا بۇلغىنىپ كەتكەن ھېلىقى بىر ۋاراق قەغەزنى ـــ ھېلىقى ھۆججەتنى تاسادىپىي كۆرۈپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم ئۇنى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئەسلىدىكى جايغا قويۇپ قويۇپتۇ، باشقا قەغەزلەرنى بولسا ئوتقا تاشلاپتۇ.

    سىياھنىڭ ياردىمى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيىسىنى خاتىرىلىگەچكە، ئۇ قەغەز ساقلىنىپ قاپتۇ.


    收藏到:Del.icio.us





ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com پىنگىۋىن:915575425 تېلفۇن:4053025-0997