-
2011/02/18
يانتاقچى بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى - [چۆچەكلەر]
بۇرۇنقى زاماندا يوقسۇزچىلىقنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان، يۈز - كۆزىنى قورۇق باسقان، ساقال - بۇرۇتى ئاپئاق بىر بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ بوۋاي يەتتە يېشىدىن تارتىپ باياۋاندىن يانتاق چېپىپ، بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ جان باقىدىكەن. بۇ بوۋاينىڭ دۇنيالىقتا بىرلا ئوغلى بار ئىكەن. يانتاقچى بوۋاي يانتاق سېتىپ تاپقان پۇلىغا بالىسىنى ئوقۇتۇپتۇ.
بالىسى مەدرىسلەرنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دادىسىغا: ‹‹دادام مېنى ئەمدى ئۆيلەپ قويسۇن›› دەپ كىشى قويۇپتۇ.
بوۋايمۇ: ‹‹كېلىن كۆرىدىغان بولدۇم›› دەپ خۇشھال بولۇپ، كەلگەن كىشىدىن: - ئوغلۇم كىمنىڭ قىزىنى ئالىدىكىن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مۇشۇ شەھەردىكى پادىشاھنىڭ يالغۇز قىزنى ئالىمەن دەيدۇ، - دەپتۇ كەلگەن كىشى.
بوۋاي: ‹‹بالام نېمە دەيدىغاندۇ؟ بىز گاداي تۇرساق، ئۇ پادىشاھ تۇرسا، بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان گەپ›› دەپ بالىسىنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا چاقىرىپتۇ.
بالا بوۋاينىڭ چىرايىدىن ‹‹بولمايدۇ›› دېگەن مەنىنى ئۇقۇپ، دادىسى گەپ سورىغىچە: - دادا، غەم قىلماڭ، پادىشاھقا بىز تەڭ كېلەلەيمىز، - دەپتۇ.
بوۋاي تەڭقىسلىقتا قېلىپ: - قانداق تەڭ كېلىمىز؟ - دەپتۇ.
بالىسى: - ئەتە يانتىقىڭىزنى بازارغا ئېلىپ كىرىپ سېتىپ پۇلىغا ماڭا بىر قۇتا قىزىل بۇياق، بىر قۇتا سېرىق بۇياق، بىر قۇتا يېشىل بۇياق، ئون تاختا قەغەز ئەكىلىپ بېرىڭ، ئاندىن كېيىن كارامەتنى كۆرىسىز، - دەپتۇ.
بوۋاي بازارغا بېرىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ چىقىپتۇ. بالا شۇ كېچىسى تۈن بويى ئولتۇرۇپ گۈل ياساپتۇ. تاڭ ئاتاي دېگەن چاغدا دادىسىغا: - دادا، ھازىر قولىڭىزغا تېۋىلغا سۈپۈرگە بىلەن چېلەكنى ھەم مۇنۇ گۈللەرنى ئېلىپ پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ، ئوردىسىنىڭ ئالدىنى پاكىز سۈپۈرۈپ، سۇ چېچىپ، گۈللەرنى دەرۋازىنىڭ بېشىغا قاداپ قويۇپ كېلىڭ، - دەپتۇ.
يانتاقچى بوۋاي بۇ ئىشنى دېگەندەك ئورۇنلاپ قايتىپ كەپتۇ. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن پادىشاھ تالاغا چىققۇدەك بولسا، دەرۋازىنىڭ بېشىدا چىرايلىق گۈللەر ھىد چېچىپ تۇرغان، قارىسا ئوردىنىڭ ئىچى - تېشى نۇرلىنىپ كەتكەن. پادىشاھنىڭ بۇنىڭغا ئەقلى ھەيران بولۇپ: ‹‹ۋاھ ، بۇ نېمە ئىش؟›› دەپ ۋەزىرلىرىنى قىچقارتىپتۇ. ۋەزىرلىرىمۇ ھەيران بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھ يۇرتتىكى جىمى ئادەمنى يىغىپ سوراپتۇ. ھېچكىم ھېچنېمە دېيەلمەپتۇ.
پادىشاھ خەلققە يالۋۇرۇپ: - ۋاي خەلقىم، بۇنداق ئىش زامان - زاماندىن بېرى بولمىغان، بۇ سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ياخشىلىق. ئېيتىپ بېرىڭلار، كىمىكى ئېيتىپ بەرسە، شۇ ئادەمگە ۋەزىرلىك ئەمىلىنى بېرىمەن، - دەپتۇ.
شۇ چاغدا يىغىلغان خەلقنىڭ ئىچىدىن بىر ئادەم سەكرەپ قوپۇپ: - يانتاقچى بوۋاي تاڭ يۇراي دېگەندە مۇشۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى، - دەپتۇ.
پادىشاھ يىغىلغانلار ئىچىدىن يانتاقچى بوۋاينى ئىزلەتكۈزسە، ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلمىگەنلىكى ئېنىقلىنىپتۇ. ئاخىر ئۆيىگە ياساۋۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ. ياساۋۇللار يانتاقچى بوۋاينى ماڭ دېسە ماڭ دەپ قىستاپتۇ.
بوۋاي مېڭىشتىن ئاۋۋال ئوغلىغا: - جېنىم بالام، مېنى پادىشاھ بىكارغا قىچقارمىدى، ئەمدى مېنى ئۆلتۈرىدۇ. خوش بالام، رازى بولغىن، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دارنىڭ ئۈستىگە بىر تال ساقىلىمنى ئېلىپ قويۇپ ئۆلىمەن. سەن شۇ ساقىلىمنى ئېلىپ قورسىقىڭدىكى ئىلىمنىڭ كۈچىنى كۆرسىتەرسەن، - دەپ خوشلىشىپتۇ.
پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ يۇمشاقلىق بىلەن سوراپتۇ.
بوۋاي ‹‹پادىشاھنىڭ بىزگە مېھرى - شەپقىتى بار ئوخشايدۇ›› دەپ ئويلاپ: - پادىشاھ جانابلىرى، مېنىڭ بىر يالغۇز ئوغلۇم بار ئىدى، ئۇنى ئوقۇتۇپ ئالىم قىلىپ قويدۇم. ئۇنىڭ سىزنىڭ قىزىڭىزغا كۆڭلى بار ئىكەن. شۇ ئوغلۇمنىڭ ئارزۇسى بىلەن مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغان، - دەپتۇ.
پادىشاھ يانتاقچى بوۋاينىڭ ئۇستىبېشىغا قاراپ: ‹‹مەن بىر پادىشاھ تۇرسام، بۇ بىر يالاڭغىياق يانتاقچى تۇرسا، مۇشۇنىڭ بىلەن قۇدا بولارمەنمۇ؟›› دەپ غەزەپلىنىپ كېتىپتۇ. جاللاتلىرىنى چاقىرىپ: - بۇ يالاڭغىياق يانتاقچى بوۋاينى دارغا ئېسىڭلار! - دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ.
جاللاتلار بوۋاينى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. يانتاقچى بوۋاينىڭ بالىسى دار ئالدىغا كېلىپ قارىسا، دادىسى ئېسىقلىق، ساقىلىنىڭ بىر تېلى دارنىڭ تۆپىسىدە تۇرغۇدەك. بالا دەررۇلا ھېلىقى بىر تال ساقالنى ئېلىپ دەم ساپتىكەن. دادىسى تىرىلىپ، دارنىڭ ئارغامچىلىرى ئۈزۈلۈپ چۈشۈپتۇ. دادىسى خۇشھال بولۇپ، بالىسى بىلەن ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ.
ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن بالا دادىسىغا: - ۋاي دادا، بۈگۈن بازارغا يەنە يانتاق ئەكىرىپ سېتىپ، ئۆتكەن قېتىمدىكىدەك بوياق، قەغەزلەرنى ئېلىپ چىقىڭ، - دەپتۇ.
بوۋاي تېخىمۇ ئوبدانراق قەغەز ۋە بوياقلارنى ئېلىپ چىقىپتۇ. بالا شۇ كېچىسى ئاۋۋالقى گۈللەردىنمۇ نەچچە ھەسسە چىرايلىق گۈللەرنى ياساپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا دادىسىنى يەنە ئەۋەتىپتۇ. بوۋاي ئوردىنىڭ ئالدىنى ئاۋۋالقىدىن نەچچە ھەسسە پاكىز سۈپۈرۈپ، سۈزۈك سۇلارنى چېچىپ، گۈللەرنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك جايغا ئېسىپ قايتىپ كەپتۇ. تاڭ ئاتقاندا پادىشاھ تالاغا چىقسا كۆزلىرىنى گۈللەر چېقىپ، ئوردىنىڭ ئىچ - تېشى پال - پۇل قىلىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرلىرىنى چاقىرىپ سوراپتۇ. ۋەزىرلىرى جاۋاب بېرەلمەپتۇ. خەلقنى چاقىرتىپتۇ. ئاۋۋالقى قېتىم كەلگەن خەلقلەر: ‹‹پادىشاھ يالغانچى›› دېيىشىپ ئازلا بىر قىسم ئادەم كەپتۇ. پادىشاھ يەنە ھىيلىگەرلىك بىلەن يالغان ۋەدىلەرنى بېرىپ سوراپتۇ.
شۇ چاغدا توپنىڭ ئىچىدىن بىرى: - يانتاقچى بوۋاي بۈگۈن سەھەردە مەشەدە يۈرەتتى، - دەپتۇ.
پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ: - يانتاقچى بوۋاي ئۆلگەن ئەمەسمۇ! - دەپ ئىشەنمەپتۇ.
ھېلىقى ئادەم: - يانتاقچى بوۋاينى راست كۆردۈم. يالغان ئېيتقان بولسا كۆزۈمنى ئويۇڭ، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ.
پادىشاھ يانتاقچى بوۋاينىڭ ئۆيىگە چاپارمەنلىرىنى ئەۋەتسە، يانتاقچى بوۋاي ئۆيىدە ئىكەن. ئۇلار دەررۇلا يانتاقچى بوۋاينىڭ پۇت - قولىنى يەرگە تەگكۈزمەي پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. يانتاقچى بوۋاي بىرىنچى قېتىم ئېيتقان سۆزىنى يەنە ئېيتىپتۇ. پادىشاھنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ، قۇيقا چېچى تەتۈر ئۆرۈلۈپ، يەنە دارغا ئاستۇرۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ. بۇ قېتىممۇ يانتاقچى بوۋاي يەنە بىر تال ساقىلىنى دارنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قويۇپتۇ. بالىسى كېلىپ دادىسىنىڭ ساقىلىنى ئېلىپ بىر ‹‹سۈف›› دەپ دەم ساپتىكەن، شۇ زامان بوۋاي تىرىلىپ يەرگە چۈشۈپتۇ. بوۋاي بالىسى بىلەن ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ. كەلگەندىن كېيىن يەنە گۈل ياساپ شۇ ئىشنى قىلىپتۇ.
پادىشاھ بۇ قېتىم ئاۋۋالقىدىنمۇ چىرايلىق گۈللەرنى كۆرۈپتۇ. يانتاقچى بوۋايدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ۋەزىرلىرىگە: ‹‹قانداق قىلىمىز ئەمدى؟›› دەپ مەسلىھەت ساپتۇ.
ۋەزىرلەردىن بىرى: - يانتاقچى بوۋاينىڭ ئوغلىغا مەلىكىنى بەرمىسەك بولمايدىغان ئوخشايدۇ، بېرەيلى، - دەپتۇ.
يەنە بىرى: - توختاڭلار، يانتاقچى بوۋاينى چاقىرىپ ئەكىلىپ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېغىر سېلىق سالايلى. شۇنى قىلالىسا، ئاندىن كېيىن مەلىكىنى بېرەيلى، - دەپتۇ. پادىشاھ ماقۇل بولۇپتۇ.
يانتاقچى بوۋاينى چاقىرتىپ كېلىپ: - ھوي يانتاقچى، سەن مېنىڭ بىلەن قېرىشىپ قالدىڭ، ماقۇل، قىزىمنى بېرەي، ئەمما بىر شەرتىم بار، شۇ شەرتىمنى ئادا قىلىسەن، - دەپتۇ.
بوۋاي: - بولىدۇ، قېنى ئېيتسىلا، - دەپتۇ.
پادىشاھ : - مۇشۇ ئوردىنىڭ ئالدىدىكى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاستى - ئۈستى ئۈنچە - مەرۋايىتتىن، بوسۇغىسى گۆھەردىن يەتتە قەۋەت ئۆي ياسايسەن. دەريانىڭ سۈيىنى يەتتە گەز قىلىپ ئاقتۇرىسەن. بۇنى ئون بەش كۈندە پۈتتۈرىسەن. شۇ چاغدا ساڭا كېلىنلىككە قىزىمنى بېرىمەن، - دەپتۇ.
بوۋاي: - خوپ بولىدۇ پادىشاھى ئالەم، ئوغلۇم بىلەن مەسلىھەتلىشەي، - دەپ ئوردىدىن كەينىچە مېڭىپ چىقىپ توپتوغرا ئۆيىگە كەپتۇ. بولغان ۋەقەنى بالىسىغا دەپ بېرىپتۇ.
بالىسى: - بىز ئۇنى ئون بەش كۈندە ئەمەس، دادا، ئۈچ كۈندە پۈتتۈرۈۋېتىمىز، پادىشاھقا بېرىپ ئېيتىڭ، - دەپتۇ.
بوۋاي پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ - دە: - ۋاي پادىشاھى ئالەم، سىز ئون بەش كۈنلۈك مۇددەت بېرىۋىدىڭىز، ئۇنداقتا بەك كېچىكىپ كېتىدىكەن. بالام: ‹‹ئۈچ كۈندە پۈتتۈرۈۋېتىمىز›› دەيدۇ. مۇددەتنى ئۈچ كۈنگە قىسقارتىپ بېرىڭ، - دەپتۇ. پادىشاھ ماقۇل بولۇپتۇ. يانتاقچى بوۋاينىڭ بالىسى غېمىدە يوق ئىككى كۈن بىكار يۈرۈپ، ئۈچىنچى كۈنى كىتابنى ئېچىپ بىر ئوقۇپتىكەن، پادىشاھنىڭ دېگىنىدەك جاي بىنا بولۇپتۇ.
پادىشاھ شۇ كۈنى سول قول ۋەزىرىنى: ‹‹قېنى كۆرۈپ كەلگىن، يانتاقچى بوۋاي سېلىقنى ئورۇندىدىمۇ - يوق؟›› دەپ ئەۋەتىپتۇ.
سول قول ۋەزىرى: - ۋاي پادىشاھى ئالەم، سىلى دېگەندىن ئارتۇق قىلىۋېتىپتۇ، - دەپ كەپتۇ.
پادىشاھ بۇنىڭغا ئىشەنمەي، ئوڭ قول ۋەزىرىنى ئەۋەتىپتۇ. بۇمۇ شۇنداق دەپ كەپتۇ. بۇنىڭغىمۇ ئىشەنمەي، ئۆزى بېرىپ قارىسا، راست ئۆزى ئېيتقان جاي پۈتكەن ئىكەن. پادىشاھ ئەمدى ھېچقانداق گەپ قىلماستىن، قىرىق بىر كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ، قىزىنى يانتاقچى بوۋاينىڭ ئوغلىغا بېرىپتۇ.
بىر كۈنى كۈيئوغلىدىن: - سىز قانداق قىلىپ شۇنچە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟ - دەپ سوراپتىكەن، كۈيئوغۇل: - دادام ئۆزى يانتاق سېتىپ قىينىلىپ، مېنى ئوقۇتقان، دادامنىڭ پېشانە تەرى بىكار كەتمىسۇن دەپ ياخشى ئوقۇدۇم، ئاخىر مۇشۇنداق ئادەم بولدۇم، - دەپتۇ.
历史上的今天:
ھۈۋەي باتۇر ھەققىدە چۆچەك 2011/02/18«يېرىل تېشىم، يېرىل» 2011/02/18ياخشىلىق يەردە قالماس (بىرىنچى قىسىم) 2011/02/18ۋىجدانلىق مەلىكە 2011/02/18مايمۇن قىز 2011/02/18
收藏到:Del.icio.us