|
-
2011/02/14
بوزدۆڭ يېزىسىنىڭ مەمۇرىي كەنتلىرى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
بوزدۆڭ يېزىسى 1984-يىلى ‹‹مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى››غا ئاساسەن بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى بولۇپ قورۇلغان. مىللەتلەرنىڭ جايلىشىش ئالاھىدىلىكى ۋە يەر شەكلى تۆزۈلۈشىگە ئاساسەن بەش مەمۇرىي كەنتكە ئايرىلغان. ئۇلار: قىزىلبۇلاق كەنتى، بوزدۆڭ كەنتى، تىكەنقۇرۇق كەنتى، ئاقبۇلاق كەنتى، بايلىقئاتا كەنتىدىن ئىبارەت .
قىزىلبۇلاق كەنتى
بۇ كەنت يېزىمىزنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، يېزا مەركىزىگە 22 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئىككى مەھەللىگە ئايرىلغان بولۇپ، ئومومىي ئائىلىسى 83، ئومومىي نوپۇس 388 نەپەر. قىزىلبۇلاق كەنتىدە ئۇيغۇر، قىرغىز مىللىتى ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
-
2011/02/14
بوزدۆڭ يېزىسىنىڭ جايلىشىش ئورنى ۋە ئاھالىسى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
بۇ يېزا تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. خەرىتىدىكى ئورنى كەڭلىك جەھەتتىن شىمالىي كەڭلىكˊ25°41~ˊ5°42 لۇق كەڭلىككە، ئۇزۇنلۇق جەھەتتىن شەرقىي ئۇزۇنلۇق5ˊ280°~5ˊ580° لۇق دائىرە ئىچىگە توغرا كېلىدۇ. يېزا بازىرى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ تاش يول مۇساپە ئارىلىقى 103كىلومېتىر بولۇپ، يېزىنىڭ شەرق تەرىپى مۇز ئارت دەرياسى ئارقىلىق باي ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تەڭرىتاغ تەبىئىي ئورمان مۇھاپىزەت رايۇنى ئارقىلىق شىمالىي شىنجاڭ (مۇڭغۇلكۈرە) ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگىرلىنىدۇ. غەرب تەرپى تېرەڭ دەرياسى ئارقىلىق تاغلاق چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن، جەنۇپ تەرپى جام بازىرى تەۋەلىكى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 1182كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ناھىيە ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ % 8.35 تىنى ئىگىلەيدۇ.
-
2011/01/15
ئېلمىنتلار دەۋر جەدۋېلى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
خىمىيە ئوقۇتۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن يوللاندى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتە بۇ خاسىيەتلىك ئىش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن بارىلىق مېھنەتكەشلەرگە ۋە http://www.muhtaj.biz تور بېكىتىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.