-
2011/05/24
搜狗输入法5.0 نىڭ قولدا يېزىش ۋە رەسىم تۇتۇش ئىقتىدارى - [كومپىيوتېر بىلىملىرى]
搜狗输入法5.0 نۇسخسىدا قولدا يېزىش(手写) ۋە رەسىم تۇتۇش (截屏)ئىقتىدارى قېتىلغان بولۇپ، بەزى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ پىنيىنىنى ئۇقماسلىقتىن خەتنى يازالماسلىق، ئېكراندىكى رەسىملارنى تۇتۇش قولايسىز بولۇشتەك ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىلىپتۇ.
搜狗输入法5.0 نۇسخىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىقتىدارلىرى بىۋاستە قېتىلمايدىكەن. بۇ ئىقتىدارىنى تورغا ئۇلاقلىق ھالەتتە يېڭىلاپ قاچىلايمىز ياكى بۇ كېڭەيتىلمە ئىقتىدارىنى توردىن چۈشۈرىۋېلىپ قاچىلىۋەتسەك بولىدۇ. 搜狗输入法5.0 نى قاچىلاپ بولۇپ قوزغىتىپ قويۇپ، ئاسما كۆزنىكىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ، 扩展功能 دىكى 扩展功能管理 گە كىرىپ بۇ ئىقتىدارلىرىغا كونۇپكا بەلگىلەپ بېرىپ، ئىشلىتىغان چاغدا 搜狗输入法5.0 نى قوزغىتىپ قويۇپ ئۆزىمىز بەلگىلەپ بەرگەن كونۇپكىنى بېسىپ خەت يازساق ياكى رەسىم تۇتساق بولىدۇ. رەسىم تۇتۇش ئىقتىدارى QQ نىڭ رەسىم تۇتۇش ئىقتىدارى بىلەن ئوخشاش.
搜狗输入法5.0 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://pinyin.sogou.com/
بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://ime.sogou.com/dl/sogou_pinyin_50a.exe
قولدا يېزىش ئىقتىدارىنى چۈشۈرۈش:
http://config.pinyin.sogou.com/skins/download_ex.php?exid=2
رەسىم تۇتۇش ئىقتىدارىنى چۈشۈرۈش:
http://config.pinyin.sogou.com/skins/download_ex.php?exid=1
历史上的今天:
شاھمات ھەققىدىكى ھېكايىنىڭ يېشىمىنى تېپىش 2011/05/24WORD ۋەExcel دىن ئىككى ھۈنەر 2011/05/24QQ دەرىجىسىنى تېز ئۆستۈرۈش 2011/05/24جالالىدىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت 2011/05/24