-
2011/05/24
WORD تىكى ئەپچىل چارە : ئوقۇيالمايدىغان خەنزۇچە خەت ئۇچراپ قالسا - [كومپىيوتېر بىلىملىرى]
توردا ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا بەزى ئوقۇيالمايدىغان خەنزۇچە خەتلەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىز ئۇ خەتنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ لۇغەت ئاختۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئاۋارىچىلىق .
بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ناھايىتى ئەپچىل بىر چارىسى بار . ئەمەلىيەتتە word 2003 خەتنىڭ پىنيىنىنى چىقىرىپ ھەم ئوقۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارلىق لۇغەت قاچىلانغان بولۇپ، نۇرغۇن خەتلەرنىڭ پىنيىنىنى ۋە ئوقۇلىشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ . ئىنتايىن قولايلىق.
سىز word 2003 تە ھۆججەتتىن بىرنى يېڭىدىن قۇرۇپ، ئوقۇيالمىغان خېتىڭىزنى ئۇ يەرگە كۆپەيتىپ چاپلايسىز. ئاندىن ئۇ خەتنى تاللاپ قويۇپ، "格式→中文版式→拼音指南" قەدەم – باسقۇچلىرى بويىچە قىلساق ، ئېچىلغان كۆزنەكتە سىز تاللاپ قويغان خەتلەرنىڭ پىنيىنى ۋە تون بەلگىسى چىقىپ تۇرىدۇ.
ئەمدى سىز ماتىرىيال كۆرگەندە، ئوقۇيالمايدىغان خەتلەرنىڭ كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن پۈتۈنلەي ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئىشەنمىسىڭىز دەرھاللا سىناپ بېقىڭ!
历史上的今天:
شاھمات ھەققىدىكى ھېكايىنىڭ يېشىمىنى تېپىش 2011/05/24WORD ۋەExcel دىن ئىككى ھۈنەر 2011/05/24QQ دەرىجىسىنى تېز ئۆستۈرۈش 2011/05/24جالالىدىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت 2011/05/24