بوزدۆڭ يېزا مائارىپ بلوگى قۇرۇلغىلى

  • نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە يېزىقىمىزنىڭ كودى بىرلىككە كېلىپ بولغان بولسىمۇ بىراق يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆلچەمسىز كودنى ئىشلەتكەچكە يەنە بىر قىسىملار ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلىمىغاچقا، ئۆلچەملىك كودتا بېسىلغان ئۇيغۇرچە خەتلەرمۇ باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىدا نۇرمال كۆرۈنمەيدۇ، تۆۋەندە مەن بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ ماقالىنى ئىلگىرى مەن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژورنىلىدىن كۆرگەن.

  • Word  بولسا بىز ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان يېزىق تەھرىرلەش دىتالى، شۇنداقلا بىزنىڭ pdf فورماتىدىكى ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب ئىشلەشتە تايىنىدىغان ئاساسلىق قوراللىرىمىزنىڭ بىرى.  ئەگەر سىز بەت قېشى ۋە بەت تېگىنى چىرايلىق قېلىپ  لايىھىلىيەلىسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز ئىشلىگەن ئېلكىتاب چوقۇم كۆركەم چىقىدۇ. ئۇنداق بولسا تۆۋەندە Word دا بەت قېشى ۋە بەت تېگى لايىھەلەشتىكى بىر قانچە كىچىك ھۆنەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
    1. بەت قېشى ۋە بەت تېگى قورال كۇنۇپكىلىرىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش: ئادەتتە Word دا ئاساسىي تېكىست مەزمۇنى بىلەن بەت قېشى ۋە بەت تېگى رايونى ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، سىز پەقەت تىزىملىكتىن ‹‹كۆرۈنمە-بەت قېشى ۋە بەت تېگى (视图-页眉和页脚) ›› بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىنلا، ئاندىن بەت قېشى ۋە بەت تېگىدىكى مەزمۇنلارنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرگىلى بولىدۇ.

  • توردا ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا بەزى ئوقۇيالمايدىغان خەنزۇچە خەتلەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىز ئۇ خەتنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ لۇغەت ئاختۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئاۋارىچىلىق. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ناھايىتى ئەپچىل بىر چارىسى بار. ئەمەلىيەتتە word 2003 خەتنىڭ پىنيىنىنى چىقىرىپ ھەم ئوقۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارلىق لۇغەت قاچىلانغان بولۇپ، نۇرغۇن خەتلەرنىڭ پىنيىنىنى ۋە ئوقۇلىشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.


ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com مۇڭداشقۇ:915575425 تېلفۇن:4053025-0997