-
2011/05/26
ھۆججەت يوشۇرۇشنىڭ يېڭى ئەپچىل ئۇسۇلى - [كومپىيوتېر بىلىملىرى]
باشلاش تىزىملىكىنى ئېچىڭ، ئاندىن ئىجرا قىلىش (运行) كۆزنىكىنى ئېچىپ cmd دەپ يېزىپ DOS كومماندا ھالىتىگە كىرىڭ. كۆڭۈلدىكى قىممەت ھالىتىدە ھازىرقى قىسقۇچ سىستېما ئىشلەتكۈچىسىنىڭ ئىسمى بىلەن يېزىلغان قىسقۇچ. شۇڭا ..cd دەپ يېزىڭ ، يەنە ..cd دەپ يېزىڭ . ئەمدى cd windows دەپ يېزىڭ. ئەمدى ئەڭ ھالقىلىق يېرىگە كەلدۇق. ماۋۇ كودنى خاتا يازماڭ ھە.
attrib -s -r fonts
بۇ كودنى يېزىۋەتسىڭىز ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغاندەك تۇرىدۇ . ئەمدى سىز قايتىدىن fonts قىسقۇچىغا كىرىپ بېقىڭ،fonts قىسقۇچى باشتىكىگە ئوخشامدىكەن؟ مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكى باشتىكىگە ئوخشامدىكەن؟ ئەمدى سىز بۇنىڭغا پەقەت خەت نۇسخىسىلا ئەمەس بەلكى ھەرقانداق ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ . ھۆججەتنى كۆچۈردۇق، ئەمدى ھۆججىتىمىزنى باشقىلاردىن مەخپىي تۇتۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ كېيىنكى باسقۇچتا بىز Fonts قىسقۇچىنىڭ سىستېما قىسقۇچلۇق رولىنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويساقلا بولىدۇ .
ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى :باشلاش تىزىملىكىنى ئېچىڭ، ئاندىن ئىجرا قىلىش(运行) كۆزنىكىنى ئېچىپ cmd دەپ يېزىپ DOS كومماندا ھالىتىگە كىرىڭ. كۆڭۈلدىكى قىممەت ھالىتىدە ھازىرقى قىسقۇچ سىستېما ئىشلەتكۈچىسىنىڭ ئىسمى بىلەن يېزىلغان قىسقۇچ. شۇڭا ..cd دەپ يېزىڭ، يەنە ..cd دەپ يېزىڭ. ئەمدى cd windows دەپ يېزىڭ. ئەمدى ئەڭ ھالقىلىق يېرىگە كەلدۇق . ماۋۇ كودنى خاتا يازماڭ ھە.attrib +s +r fonts
بۇنىڭ بىلەن Fonts قىسقۇچىغا ھۆججىتىمىزنى كۆچۈرۈپ باشقىلاردىن يوشۇرۇش تۇتۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. (قارشى تەرەپنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى بولسا تېپىۋېلىشى مۇمكىن)
ئەسكەرتىش: Fonts قىسقۇچى ئالاھىدە قىسقۇچ، ئەگەر بۇ ئۇسۇلنى سىناپ ھەر قانداق زىيان كېلىپ چىقسا مەن بىردەك ئېگە بولمايمەن. ئەگەر زىيان كەلتۈرىشىدىن ئەنسىرسىڭىز بۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتمەڭ! ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ سىنىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ خالىغىنىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.مەنبە: شىنجاڭ كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى
يازما مەنبەسى: http://www.xjcfan.com/a/Computer/Soft/2010/0516/899.html
历史上的今天:
Shift كۇنۇپكىسىنىڭ 11 خىل ئەپچىل ئىشلىتىلىشى 2011/05/26ESC كۇنۇپكىسىنىڭ بەش خىل ئىشلىتىلىشى 2011/05/26
评论
مەنمۇ بەك قىزقىمەن ،مۇشۇ ئىشلارغا !