|
-
2011/06/15
بلوگبۇستىن مۇستەقىل تور بېكەتكە كۆچۈش توغرىسىدىكى پىلان - [ئۇقتۇرۇش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بلوگىمنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ياخشىمۇسىلەر! كەمىنە 2011-يىلى5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن كېيىن يېڭى يازما ئېلان قىلمىدىم. سەۋەبى: بلوگبۇس سۇپىسىنىڭ مۇقىمسىز بولىشى بىلەن بىر قانچە قېتىم بىر ئاي ئەتىراپىدا ۋاقت سەرپ قىلىپ يازغان يازمىلىرىمنىڭ تويۇقسىز يوقىلىپ كېتىشى قاتتىق ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. يېقىندا نۇرغۇن بلوگداشلىرىم ۋوردپەرەسكە كۆچتى. بەزىلىرى مۇستەقىل تور بېكەتلەرگە كۆچتى. مەنمۇ يېقىندا مۇستەقىل تور بېكەت سىستېمىسىنى لايىھىلەش، بېزەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالدىم. يېڭى تور بېكەتنىڭ رەسمىيەتلىرى پۈتۈپ بوشلۇققا چىقىرىلغاندىن كېيىن بلوگ يۈزىدە قايتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىدۇ.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن: بوزدۆڭ يېزا مائارىپ بلوگى