|
-
2011/02/27
رەڭ كودىنى كۆرسىتىش قورالى - [ئەسلىي كودلار]
بۇ دېتال ئارقىلىق PHOTOSHOP، 3DMAX، FILASH ۋە رەڭ بېرىش مۈمكىنچىلىكى بولغان ھەر قانداق ئورۇنلارغا ئۆزىمىز خالىغان رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھەتتاكى دېتالنى قوزغىتىپ، مائۇسنى مەلۇم خەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئەكەلسەكمۇ، شۇ خەتكە ئىشلەتكەن رەڭ كودىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بلوگ ۋە تور بەت ياسىغۇچىلار بۇ دېتالدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىدىغانلا بولسا، تەسەۋۋۇرىدىكىدىنمۇ ياخشى بەتلەرنى لايىھىلەپ چىقالايدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئاۋۋال دېتالنى قوزغىتىمىز. دېتال يېشىل دېتال بولۇپ، قاچىلاش ھاجەت ئەمەس. ئاندىن تور بېكەت ياكى ئۆزىمىزگە يارىغان مەلۇم رەسىم ياكى خەتكە مائۇسنى توغىرلايمىز.
-
2011/02/05
ئېئوت ياساش دېتالى ۋە دەرسى - [ئەسلىي كودلار]
دېتالنىڭ نامى: WEFT Microsoft بولۇپ، نۆۋەتتە تور بېكەت ۋە بلوگلارغا ئېئوت ياساشتا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ئېئوت ياساش دېتالىنى ئارقا بەتتىن چۈشۈرۈڭ. ئېئوت ياساش دەرسىنى ‹‹يېڭى ئېرا›› تور بېكىتىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشىدىن كۆرۈڭ. http://php.newera.cc/show.asp?id=169 (دەرسلىكنى بوشلۇققا چىقىرىپ قويساممۇ بولاتتى. لېكىن باشقىلارنىڭ ئەجىر مېۋىسىنى ئوغىرلاشنى خالىمىدىم. –بلوگ مەسئۇلىدىن)