بوزدۆڭ يېزا مائارىپ بلوگى قۇرۇلغىلى

  • Word  بولسا بىز ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان يېزىق تەھرىرلەش دىتالى، شۇنداقلا بىزنىڭ pdf فورماتىدىكى ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب ئىشلەشتە تايىنىدىغان ئاساسلىق قوراللىرىمىزنىڭ بىرى.  ئەگەر سىز بەت قېشى ۋە بەت تېگىنى چىرايلىق قېلىپ  لايىھىلىيەلىسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز ئىشلىگەن ئېلكىتاب چوقۇم كۆركەم چىقىدۇ. ئۇنداق بولسا تۆۋەندە Word دا بەت قېشى ۋە بەت تېگى لايىھەلەشتىكى بىر قانچە كىچىك ھۆنەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
    1. بەت قېشى ۋە بەت تېگى قورال كۇنۇپكىلىرىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش: ئادەتتە Word دا ئاساسىي تېكىست مەزمۇنى بىلەن بەت قېشى ۋە بەت تېگى رايونى ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، سىز پەقەت تىزىملىكتىن ‹‹كۆرۈنمە-بەت قېشى ۋە بەت تېگى (视图-页眉和页脚) ›› بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىنلا، ئاندىن بەت قېشى ۋە بەت تېگىدىكى مەزمۇنلارنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرگىلى بولىدۇ.

  • بىر، ئىككى ۋە بەش سۇڭلۇق رەسىمگە چۈشۈپ، دەرھاللا ئىشلىتىشنى ئويلىغان بولسىڭىز، دەرھال مېنى ئىزدەڭ. رەسىمگە تارتىش، تەھرىرلەش(داغ، سەپكۈن ۋە باشقا گۈزەللىكىڭىزگە تەسىر يەتكۈزىۋاتقان نوقتىلارنى تەھرىرلەشنى دىمەكچى) ۋە يۇيۇپ چىقىرىشقا پەقەت بەش مىنۇتتىن-ئون مىنۇتقىچە ۋاقت كېتىدۇ. ھەممە ئەسۋابلار توللۇق. كومپىيوتېر ۋە سىفىرلىق ئاپپارات تەرەققىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، رەسىم تارتىشنى بىلىدىغان خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزىنى ‹‹رەسسام›› دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە خېلى كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ‹‹ئۇستاملار›› نىڭ سۈپەتسىز رەسىملىرىنى لېۋىنى چىشلىگەن ئىلاجىسىز ھالدا ئىشلەتمەكتە. مەن سىزگە شۇنداق دېيەلەيمەنكى: رەسىم يارىمىسا، بىكارغا ئېلىپ كېتىۋېرىڭ. سىزدىن بىر پۇڭ ئالمايمەن. يارىسا پۇل بېرىڭ. قۇرۇق گەپنى جىق قىلماي ئەمەلىيەتنى كۆرۈڭ.

  • تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىز ياكى تور بېكىتىڭىزگە قىستۇرسىڭىز، يىغىنچاق بولغان يىل،ئاي،كۈن ۋە سائەت ئۆنۈمىگە ئېرىشەلەيسىز. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بلوگىڭىزغا قىستۇرماقچى بولسىڭىز، 自定义htmlنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇڭ. تور بېكىتىڭىزگە قويماقچى بولسىڭىز ئۆزىڭىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئورۇنغا قويسىڭىز بولىدۇ.

  • بۇ كودنى ئىشلەتسىڭىز رەسىملەر ئوڭ ۋە سولغا قاراپ ھەرىكەتلىنىدۇ. رەسىمنىڭ ھەرىكەتلىنىش دائىرىسى ئادەتتە سىز بەلگىلەپ بەرگەن جەدۋەل (رامكا) ئىچىدە بولىدۇ. مەسىلەن: كەڭلىكى250px، ئېگىزلىكى31px بولغان جەدۋەل (رامكا) ئىچىگە مەزكور رەسىم كودىنى قويساق، رەسىم مۇشۇ دائىرىدە ھەرىكەت قىلىپ، دائىرە سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ. دائىرىنى چوڭايتسىڭىز، رەسىمنىڭ ھەرىكەتلىنىش دائىرىسىمۇ ماس ھالدا چوڭىيىدۇ.

  • ھازىر جەمئىيىتىمىز تەرەققىي قىلىپ 21-ئەسرگە قەدەم قويدى. جەمئىيەتتىكى رىقابەت ۋە ئىقتىسادىي كىرزىس كۈنسايىن تېزلەشمەكتە. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ بۇرۇنقى قول بىلەن قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى زامانىۋىي پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچ-قۇدىرىتى بىلەن ياسالغان ماشىنا-ئۈسكۈنىلەردە قىلىدىغان بۇلۇپ كەتتۇق. بۇرۇنقى بىر-قانچە ئون، ھەتتا بىر قانچە مىڭ كىشى قىلىدىغان ئىشنى بىر كىشى ياكى بىر نەچچە ئادەم قىلىدىغان ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەمگەك ئۆنۇمدارلىقى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇردۇق. دۆلەت باي بۇلۇپ، خەلقنىڭ  قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بۇلۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. لېكىن شۇنىڭغا ماس ھالدا جەمئىيەتتە ئىشسىزلىق ئېغىرلاشتى. ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچلىق، قاتىللىق دىلولىرى كۆپىيىپ، كىشىلەردە ئىنساپ، دىيانەت، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش، مىللىي روھ، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش كۆتۈرۈلۈپ كەتتى .....

  • بىز ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتېر بەزىدە ۋىروسلىنىش سەۋەبىدىن ياكى مەلۇم بىر سىستېما ھۆججىتى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىش ۋە ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراش سەۋەبى بىلەن نۇرغۇن قان-تەر سىڭدۈرۈپ قاچىلىغان يۇمشاق دېتاللارنى قايتا قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەڭ خەتەرلىكى-قىممەتلىك ماتېرىياللىرىمىز يوقۇلۇپ كېتىشىمۇ مۈمكىن.

     كومپىيوتېرىمىزغا قاچىلاشقا تېگىشلىك يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلايمىز، ھەتتا ۋروسخورنىڭ دەرىجىسىنىمۇ ئۆستۈرۋالىمىز. ھەممە تەڭشەكلىرىنى كۆڭلىمىزدىكىدەك تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن،GHOST دېتالىنى چۇشۇرۇپ قاچىلايمىز. سىز چۈشۈرىۋاتقان بۇ GHOST دېتالى2010-يىللىق ئەڭ يېڭى نەشرى. دەرسلىكىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرگەيسىز.

  • ئەقىللىق، رەھىمدىل بىر ئەمىر ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ دۆلەتنى ئادىللىق، دانالىق بىلەن باشقۇرغاچقا، ۋەزىر-ۋۇزرالارنىڭ ھىمايىسىگە ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل ئىكەن. بىر كۈنى، ئۇ ئوردىدا ۋەزىر-ۋۇزرالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئولتۇرسا، ئىككى يىگىت مەردانە، سالاپەتلىك بىر كىشىنى سۆرىگىنىچە كىرىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئەمىرنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كېتىپتۇ.

  • بىر قارغۇ كىشى بولۇپ، ئۇ باشقىلارنىڭ رەڭ ھەققىدە بەس - مۇنازىرە قىلغىنىنى ئاڭلىغان ھامان، ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقىنى كۆز - كۆز قىلىپ تەڭ گەپكە ئارىلىشىدىكەن. باشقىلار ئۇنىڭغا: ‹‹سىز رەڭنى كۆرمىگەن بولغاندىكىن، بىزنىڭ پارىڭىمىزغا ئارىلاشمىسىڭىزمۇ بولاتتى›› دېسە، قارغۇ قايىل بولماي: ‹‹ھىم، مەن رەڭنى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەمدىم؟ بۇ بىلگىلى بولمىغۇدەك ئانچە سىرلىق نەرسە ئەمەس، رەڭ دېگەن ئاچچىق ئەمەس، بەلكى تاتلىق نەرسە›› دەپتۇ.

  • دېتالنىڭ نامى: WEFT Microsoft بولۇپ، نۆۋەتتە تور بېكەت ۋە بلوگلارغا ئېئوت ياساشتا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ئېئوت ياساش دېتالىنى ئارقا بەتتىن چۈشۈرۈڭ. ئېئوت ياساش دەرسىنى ‹‹يېڭى ئېرا›› تور بېكىتىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشىدىن كۆرۈڭ. http://php.newera.cc/show.asp?id=169 (دەرسلىكنى بوشلۇققا چىقىرىپ قويساممۇ بولاتتى. لېكىن باشقىلارنىڭ ئەجىر مېۋىسىنى ئوغىرلاشنى خالىمىدىم. –بلوگ مەسئۇلىدىن)

  • ئىنتېرنىت دۇنياسى كىشلەرگە سان-سىفىرلارنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، كېسەللىكمۇ ئېلىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، كومپىيوتېربىلەن ئىنتېرنىت تورىنىڭ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاشقا باشلىدى.
    كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپلىگەن كىشىلەر كومپىيوتېر تاختىسى ئېلىپ كەلگەن، كېلىدىغان كېسەللىكنى ئانچە بايقاپ كەتمەيدۇ.
    كومپىيوتېر تاختىسى بىر ئەخلەتكە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە چاڭ -توزان، چاچ، تەر، كىرپىك... قاتارلىقلار بولىشى مۈمكىن. ئۇنىڭدىن سىرت كومپىيوتېر تاختىسى ئۇستىدە زۇر مىقداردا زەمبۇرۇغ، ھەم كۆپ  خىل باكتىرىيىلەر بولىدۇ.


ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com مۇڭداشقۇ:915575425 تېلفۇن:4053025-0997