ئەسكەرتىش:بلوگۇمدىكى ماتېرىياللارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.ناۋادا كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
  • 2011/05/25

    Word تىكى بەت قېشى ۋە بەت تېگى ھەققىدە - [كومپىيوتېر بىلىملىرى]

    Word  بولسا بىز ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان يېزىق تەھرىرلەش دىتالى، شۇنداقلا بىزنىڭ pdf فورماتىدىكى ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب ئىشلەشتە تايىنىدىغان ئاساسلىق قوراللىرىمىزنىڭ بىرى.  ئەگەر سىز بەت قېشى ۋە بەت تېگىنى چىرايلىق قېلىپ  لايىھىلىيەلىسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز ئىشلىگەن ئېلكىتاب چوقۇم كۆركەم چىقىدۇ. ئۇنداق بولسا تۆۋەندە Word دا بەت قېشى ۋە بەت تېگى لايىھەلەشتىكى بىر قانچە كىچىك ھۆنەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
    1. بەت قېشى ۋە بەت تېگى قورال كۇنۇپكىلىرىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش: ئادەتتە Word دا ئاساسىي تېكىست مەزمۇنى بىلەن بەت قېشى ۋە بەت تېگى رايونى ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، سىز پەقەت تىزىملىكتىن ‹‹كۆرۈنمە-بەت قېشى ۋە بەت تېگى (视图-页眉和页脚) ›› بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىنلا، ئاندىن بەت قېشى ۋە بەت تېگىدىكى مەزمۇنلارنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرگىلى بولىدۇ. ھەم بۇ چاغدا «بەت قېشى ۋە بەت تېگى» قورال سىتونى ئاپتۇماتىك پەيدا بولۇپ، قورال كۇنۇپكىلىرى ئىشلىتىش ھالىتىگە كىرىدۇ. بىز بۇ قورال سىتونىدىكى «ئاپتۇماتىك بەلگىلەر توپلىمى (自动图文集  ›› دېگەن كۇنۇپكا ئارقىلىق «بەت قېشى ۋە بەت تېگى» رايونىغا بەت نومۇرى، ھۆججەت نامى، ئاپتۇرى، ھۆججەت قۇرۇلغان ۋاقتى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ئاپتۇماتىك ھالدا كىرگۈزگىلى بولىدۇ. ئەمما ھازىرچە بۇ يەردىكى مەزمۇنلار ئاساسەن خەنزۇچە بولۇپ، ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئازراق تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. «تاقاش (关闭) ››كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئاساسىي تېكىستنى تەھرىرلەش ھالىتىگە قايتىپ كەلگىلى بولىدۇ، قالغان كۇنۇپكىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۈگىنىۋالىسىز.
    2. بەت قېشى بىلەن بەت تېگى ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش: ھازىر يەنىلا نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر 17 سۇڭلۇق تۈز ئېكراننى ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا، تەھرىرلەش جەريانىدا بەت قېشى بىلەن بەت تېگى بىر ئېكراندا كۆرۈنمەيدۇ، بۇ چاغدا بىز بەت قېشى بىلەن بەت تېگى ئارىسىدا يۆتكىلىش ئۈچۈن، ئېكراننى ئاستى-ئۈستى سۈرۈپ ھېرىپ قالىمىز، بۇ بىر ئاۋارىچىلىق. ئەمىليەتتە بىز بەت قېشى ۋە بەت تېگى قورال كۇنۇپكىلىرى ئارىسىدىكى ‹‹بەت قېشى ۋە بەت تېگى ئارىسدا ئارىسدا يۆتكىلىش (在页眉和页脚之间切换) ›› دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق، بەت قېشى ۋە بەت تېگى ئارىسدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
    3. بەت قېشىدىكى تۈز سىزىقنى يوقىتىش: ئادەتتە Word نىڭ بەت قېشىدا بىر تۈز سىزىق بولۇپ، بۇ تۈز سىزىق بەزىدە بىز لايىھەلەۋاتقان بەتنى كۆرۈمسىز قېلىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئۇسۇل بىلەن يوقىتىۋىتىشكە بولىدۇ. 1- ئۇسۇل: ئالدى بىلەن Word تېزىملىكىدىن فورمات – ئۇسلۇب ۋە فورمات(格式-样式和格式) بۇيرۇقىنى چەكسەك، Word نىڭ ئوڭ تەرەپ رايونىدا «ئۇسلۇب ۋە فورمات» كۆزنىكى پەيدا بولىدۇ. بىز بۇ چاغدا بەت قېشىنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرىپ، ئاندىن «ئۇسلۇب ۋە فورمات» كۆزنىكىدىن تاللانغان خەتلەرنىڭ فورماتى (所选文字的格式) دېگەن خەت ئاستىدىكى نۆۋەتتىكى فورمات ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان فورمات نامىنى بىر چەكسەك، بىر كىچىك ئۈچبۈرجەك كۇنۇپكا پەيدا بولىدۇ. شۇ كۇنۇپكىنى بىر چەكسەك، بىر تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. بۇ تىزىملىكتىن، «فورماتنى ئۆچۈرۈش(清除格式)  ›› بۇيرۇقىنى چەكسەك، بەت قېشىدىكى تۈز سىزىقنى يوقىتالايمىز.
    2-ئۇسۇل بولسا، ئالدى بىلەن بەت قېشىنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرىپ، ئاندىن تىزىملىكتىن« فورمات-ئۇسلۇب ۋە فورمات تىپ›› بۇيرۇقىنى چەكسەك، ئېكران ئوڭ تەرىپىدە «ئۇسلۇب ۋە فورمات» كۆزنىكى پەيدا بولىدۇ. بىز يەنىلا يۇقارقى ئۇسۇلدا قىلغاندەك،  «تاللانغان خەتلەرنىڭ فورماتى(所选文字的格式)  ›› دېگەن خەت ئاستىدىكى نۆۋەتتىكى فورمات ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان فورمات نامىنى بىر چەكسەك، بىر كىچىك ئۈچبۈرجەك كۇنۇپكا پەيدا بولىدۇ. شۇ كۇنۇپكىنى بىر چەكسەك، بىر تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. بۇ تىزىملىكتىن، ئۇسلۇبنى ئۆزگەرتىش (修改样式)بۇيرۇقىنى چەكسەك، يىڭى بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن بىز تۆۋەندىكى فورمات (格式) دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك، بىر تىزىملىك چىقىدۇ، تىزىملىكتىن رامكا (边框) دېگەن تۈرنى تاللىساق، «رامكا ۋە ئاستىنقى نەقىش» دېگەن كۆزنەك كۆرۈنىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن سول تەرەپ ئۈستىدىكى يوق () دېگەن تۈرنى تاللاپ جەزىملەشتۈرسەك، تۈز سىزىقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئەگەر بىز بۇ تۈز سىزىقنى باشقىچە ئۆزگەرتمەكچى بولساق، دەل مۇشۇ يەردىن تۈز سىزىقنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، رەڭگى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
    4. بەت قېشى ۋە بەت تېگى رايۇنىغا تىز سۈرئەتتە كىرىش: ئادەتتە سىز بەت قېشى ۋە بەت تېگى رايۇنىغا بىرەر مەزمۇن كىرگۈزگەندىن كېيىن، ھەر قېتىمدا تىزىملىكتىن « بەت قېشى ۋە بەت تېگى» بۇيرۇقىنى تاللاپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سىز پەقەت «بەت قېشى ۋە بەت تېگى» رايۇنىدىكى شۇ خەتلەرنى ئىككى چەكسىڭىزلا تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرەلەيسىز.
    5. ئوخشاش بولمىغان باش بەت بەت قېشى ۋە بەت تېگىنى لايىھىلەش: ئادەتتە باش بەت يەنى كىتابنىڭ تېشى ئادەتتىكى ئاساسىي تېكىست بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنى ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    بەت قېشى ۋە بەت تېگى قورال كۇنۇپكىلىرى ئارىسىدىن «بەت لايىھەلەش›› كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن بەت شەكلى (版式) تاللانمىسىغا كىرىپ، باش بەت ئوخشاش ئەمەس (首页不同) دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ، مۇقىملاشتۇرۇپ چىكىنىمىز. ئەمدى قارىساق ھۆججەتنىڭ 1-بېتىدىكى بەت قېشى ۋە بەت تېگى رايۇنىدا «باش بەت بەت قېشى» ۋە باش بەت بەت تېگى (首页页眉,首页页脚) دېگەن خەت پەيدا بولىدۇ. بىز بۇ يەرگە ئۆزىمىز خالىغان مەزمۇننى كىرگۈزۈپ، جەزىملەشتۈرسەكلا، باش بەتنىڭ بەت قېشى ۋە بەت تېگى ئاساسىي تېكىست بەتلىرىدىكى بەت قېشى ۋە بەت تېگى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمىليەتتە بىز ئادەتتە باش بەت يەنى كىتابنىڭ تېشىغا ھىچقانداق بەت قېشى ياكى بەت تېگى يازمايمىز. شۇڭا بۇ يەردە بىز باش بەتتىكى بەت قېشى ۋە بەت تېگىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىساق بولىدۇ.
    6. تاق بەتلەر بىلەن جۈپ بەتلەردىكى بەت قېشى ۋە بەت تېگىنى پەرقلىق لايىھىلەش: يۇقارقى 5-ئۇسۇلدا تونۇشتۇرغان «بەت لايىھەلەش›› كۆزنىكىدىكى «بەت شەكلى» تاللانمىسىدىكى «باش بەت ئوخشاش ئەمەس» دېگەن تۈر ئۈستىدىكى تاق بەت ۋە جۈپ ئوخشاش ئەمەس (奇偶页不同) دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ، جەزىملەشتۈرۈپ چېكىنسەك، تاق بەتلەر بىلەن جۈپ بەتلەردە «تاق بەت بەت قېشى ۋە تاق بەت بەت تېگى» ۋە «جۈپ بەت بەت قېشى ۋە جۈپ بەت بەت تېگى(奇数页页眉,偶数页页眉)  ›› دېگەن خەتلەر پەيدا بولىدۇ. بىز بۇ يەرگە ئوخشاش بولمىغان بەت قېشى ۋە بەت تېگى يازساقلا، تاق بەت ۋە جۈپ بەتلەردە ئوخشاش بولمىغان بەت قېشى ۋە بەت تېگى بەلگىلەنگەن بولىدۇ.
    7. ئوخشاش بولمىغان باپلارنىڭ بەت قېشى ۋە بەت تېگىنى پەرقلىق لايىھىلەش: ئادەتتە مەزمۇنى كۆپرەك بولغان ماقالىلەر،(مەسىلەن: كىتابلار) كىرىش سۆز، مۇندەرىجە، ھەر قايسى باپلار، قوشۇمچە مەزمۇنلار قاتارلىقلار بولۇپ، ھەر قايسى بۆلەكلەرنىڭ بەت قېشى ۋە بەت تېگى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ چاغدا بىز بەت قېشى ۋە بەت تېگى لايىھىلەشتە «باپ ئايرىش بەلگىسى» دىن پايدىلىنىمىز.
    ئالدى بىلەن بەت قېشى ۋە بەت تېگى بەلگىلىمەكچى بولغان ھۆججەتنى ئاچىمىز.
    ھۆججەتنى ئاچقاندىن كېيىن بەت قېشى بەلگىلەشكە ئالدىرىماي، ئالدى بىلەن ھەر بىر بەت قېشى بەلگىلىمەكچى بولغان يەرگە مائۇس سىتىرىلكىسىنى ئەكىلىپ،تىزىملىكتىن قىستۇرۇش ـــ ئايرىش بەلگىسى (插入分隔符 ) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز. ئىچىلغان «ئايرىش بەلگىسى تۈرلىرى» دېگەن كۆزنەكتىن باپ ئايرىش بەلگىسى تۈرلىرى (分节符类型) دېگەن تۈر ئاستىدىكى «كېيىنكى بەت(下一页)  ›› دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ، جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بارلىق بەت قېشى ۋە بەت تېگى بەلگىلىمەكچى بولغان ئورۇنلارغا «باب ئايرىش بەلگىسى» قىستۇرۇپ چىقىمىز.
    پۈتۈن ھۆججەتكە «باب ئايرىش بەلگىسى›› قىستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تىزىملىكتىن «كۆرۈنۈش ـــ بەت قېشى ۋە بەت تېگى  (页眉与页脚视图) ›› دېگەن بۇيرۇقنى بېسىپ، «بەت قېشى ۋە بەت تېگى» بەلگىلەش ھالىتىگە كىرىپ، بىرىنچى بەتنىڭ «بەت قېشى ۋە بەت تېگى»نى بەلگىلەيمىز.
    ‹‹بەت قېشى ۋە بەت تېگى» قورال سىتونىدىن «كېيىنكى تۈرنى كۆرسىتىش(显示下一项)  ›› دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، كېيىنكى باپنىڭ «بەت قېشى ۋە بەت تېگى» بەلگىلەش ئورنىغا بارىمىز. ئەگەر سىز بۇ يەردە دىققەت بىلەن كۈزەتسىڭىز، ئالدىنقى باپ بىلەن بۇ باپنىڭ «بەت قېشى» دا ئوخشاشماسلىق بارلىقىنى بايقايسىز. يەنى 1-بابتا (页眉-1-) دېگەن خەت بولسا، بۇ بابتا  (页眉-2-) دېگەن خەت كۆرۈنىدۇ، ھەمدە بەت قېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە(与上一节相同) دېگەن خەت كۆرۈنىدۇ. ئەمدى بىز ئالدى بىلەن «بەت قېشى» قورال ستونىدىن «ئالدىقىسىغا باغلاش (链接到前一个) ›› دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، بۇ باپ بىلەن ئالدىنقى باپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزىۋېتىمىز. باغلاش مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەندىن كېيىن(与上一节相同) دېگەن خەت يوقايدۇ. ئاندىن بۇ باپنىڭ «بەت قېشى ۋە بەت تېگى»نى بەلگىلەپ بولۇپ، يەنە «كېيىنكى تۈرنى كۆرسىتىش» دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، بۇ باپنىڭ كەينىدىكى باپلارغا ئۆتىمىز. ھەمدە پۈتۈن ھۆججەتتىكى ئايرىم بەت قېشى بەلگىلىمەكچى بولغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىگە يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە «بەت قېشى ۋە بەت تېگى» بەلگىلەپ چىقىمىز.
    ‹‹بەت تېگى»نى بەلگىلەشمۇ «بەت قېشى» بەلگىلىگەنگە ئوخشاش. بەت قېشى بىلەن بەت تېگى ئارىسدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشتا قورال سىتونىدىكى «بەت قېشى بىلەن بەت تېگى ئارىسدا ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بىرىش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىسىش ئارقىلىق ئالماشتۇرساقمۇ ياكى، بىۋاستە مائۇس سىتىرىلكىسى ئارقىلىق يۆتكىسەكمۇ بولىدۇ.
    يۇقۇردا بىز ئايرىش بەلگىسى قىستۇرغاندا «باپ ئايرىش بەلگىسى تۈرلىرى» دېگەن كۆزنەكتە جەمئىي تۆت تۈرلۈك باپ ئايرىش بەلگىسى بولۇپ، بۇلار «كېيىنكى بەت»، «ئۆزلۈكسىز»، «جۈپ سانلىق بەت» ۋە ‹‹تاق سانلىق بەت» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ رولى تۆۋەنىدىكىچە:
    كېيىنكى بەت — يەنى بىر باب ئايرىش بەلگىسى قىستۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى باپ كېيىنكى بەتتىن باشلىنىدۇ.
    ئۆزلۈكسىز— بىر باپ ئايرىش بەلگىسى قىستۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى باپ يەنىلا شۇ بەتتىن باشلىنىدۇ.
    تاق سانلىق بەت ياكى جۈپ سانلىق بەت — بىر باپ ئايرىش بەلگىسى قىستۇرۇلغاندىن كېيىن، يىڭى باپ كېيىنكى جۈپ سانلىق بەت ياكى تاق سانلىق بەتتىن باشلىنىدۇ.

    پايدىلىق مەنبە : قاشتېشى تورى

    分享到:


ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com پىنگىۋىن:915575425 تېلفۇن:4053025-0997