|
-
‹‹ئىككى ئاساسەن›› A1 كۆرسەتكۈچىنىڭ تەلىپىدە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى يىللىقلار بويىچە تىزىملاش دەپتىرى بولۇش تەلەپ قىلىنغان. بۇ ماتېرىيالدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوقۇغۇچىلىرىنى تىزىملاش دەپتىرى مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بېرىلدى.
-
‹‹ئىككى ئاساسەن›› A1 كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانا دەپتىرى بولغان 0دىن20ياشقىچە بولغان توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇش نوپۇسى جەدۋېلى مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بېرىلدى.
-
2011/02/24
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ ئالمىشىشنى تەستىقلاش جەدۋېلى - [ئىككى ئاساسەن]
بۇ ۋىلايەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ‹‹ئىككى ئاساسەن›› A1كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆلچەملىك ئارخىپى بولۇپ، ناھىيە ئاتلاپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئالمىشىشنى تەستىقلاش جەدۋېلى ۋە ناھىيە تەۋەسىدە يېزا ئالمىشىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئالمىشىشنى تەستىقلاش جەدۋېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جەدۋەللەرنى ئەينى ۋاقىتتا لايىھىلەپ قويغان ئىدىم.
-
‹‹ئىككى ئاساسەن›› نىڭA1كۆرسەتكۈچىدە تۈرىدە0دىن6ياشقىچە، 7دىن12ياشقىچە، 13دىن15ياشقىچە ۋە 16دىن20ياشقىچە بولغان مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكىلەرنى تىزىملاش دەپتىرى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئارخىپلارنى ئۆزەم بىر قوللۇق تۈزگەن ئىدىم. (12يىل جەريانىدا A1كۆرسەتكۈچنى ئىشلىگەن بولغاچ ئارخىپ ئىشلەشنىڭ جاپاسىنىڭ تەمىنى ئوبدانلا تېتىغان ئىدىم. –بلوگ مەسئۇلىدىن قىستۇرما) مەكتەپلەردىكى مۇشۇ خىزمەتكە مەسئۇل قىلىنغان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن تەمىنلىدىم.