بوزدۆڭ يېزا مائارىپ بلوگى قۇرۇلغىلى

  • EXCELدا جەدۋەل لايىھىلىگەندە ياكى باشقىلار لايىھىلەپ تەييارلاپ قويغان جەدۋەللەرگە سان-سىفىرلارنى كىرگۈزگەن ۋاقتىمىزدا چارچاش سەۋەبىدىن بەزى سان-سىفىرلارنى تەكرار كىرگۈزىۋېتىپ ئاخىرىدا قايتىدىن تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ تاپىدىغان ئاۋارىچىلىققىمۇ ئۇچراپ قالىمىز.  مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىپ سانلارنى تەكرار كىرگۈزۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئىش ئۈنۈمىنى تېزلەتمەكچى بولسىڭىز،  جەدۋەلگە سان كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ تەكرار سان كىرگۈزۈشنى چەكلەش فورمىلاسىنى ئورنىتىۋېلىڭ.

  • ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ سول تەرەپ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان ESC كۇنۇپكىسى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ESC كۇنۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى تېز بېجىرگىلى بولىدۇ.
    1. تورغا چىققاندا، ئەگەر مەلۇم تور ئادرېسىنى خاتا چېكىپ سالسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، بۇ تور بېتىنىڭ ئېچىلىشىنى توختىتالايسىز
    .
    2. تورغا چىققاندا ئىشلەتكۈچى نامى (用户名) دېگەندەك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇشتىن ساقلىنالمايسىز، ئەگەر خاتا تولدۇرۇپ سالسىڭىز،ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بارلىق كۆزنەكلەرگە تولدۇرغان مەزمۇنلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. خەت ئۇرغاندا ئەگەر خەتنى خاتا تاللاپ قالغان بولسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز خاتا تاللانغان خەت كۆزنىكى ئۆچىدۇ.

  • سىز WORD تا مەشغۇلات قىلىۋېتىپ توساتتن توك كەتسە ياكى كومپيۇتېرىڭىز قېتىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ مەن سىزگە بىر ھۈنەر ئۆگىتىپ قوياي، بۇ سىزگە ئەسقاتىدۇ.

    سىز WORD تا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا، سىستېما WORD ھۆججىتىنى ۋاقىتلىق ساقلاپ قويىدۇ. توك كەلگەندە سىز كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ c://documents andsettings//administaraor//application data//microsoft//word نىڭ ئىچىگە كىرىپ xxx.asp دىگەن ھۆججەتنى ئىزدەپ تاپسىڭىزلا بولدى

  • 搜狗输入法5.0 نۇسخسىدا قولدا يېزىش(手写)  ۋە رەسىم تۇتۇش (截屏)ئىقتىدارى قېتىلغان بولۇپ، بەزى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ پىنيىنىنى ئۇقماسلىقتىن خەتنى يازالماسلىق، ئېكراندىكى رەسىملارنى تۇتۇش قولايسىز بولۇشتەك ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىلىپتۇ.

    搜狗输入法5.0 نۇسخىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىقتىدارلىرى بىۋاستە قېتىلمايدىكەن. بۇ ئىقتىدارىنى تورغا ئۇلاقلىق ھالەتتە يېڭىلاپ قاچىلايمىز ياكى بۇ كېڭەيتىلمە ئىقتىدارىنى توردىن چۈشۈرىۋېلىپ قاچىلىۋەتسەك بولىدۇ.

  • ھازىر CD ھۆججىتىنى mp3 ھۆججىتىگە ئايلاندۇرىدىغان يۇمشاق دېتال ئىنتايىن كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە Altomp3 maker نىڭ سۇرئىتى ئەڭ تېز دېيىشكە بولىدۇ. ئىشلىتىشمۇ ئوڭاي بولۇشتىن باشقا ھاسىل قىلغان mp3 ھۆججتىنىڭ سۇپىتىمۇ يۇقىرى.
    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يۇمشاق دېتالنى قوزغىتىپ دېسكا قوزغاتقۇچقا
    CD نى سالغاندىن كېيىنلا پروگرامما كۆزنىكىدە دېسكىدىكى مۇزىكىلارنىڭ تىزىملىكى كۆرىنىدۇ.

  • بىز ئاۋال مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقى ۋە تور بەتچىلىكى ئۈچۈن ھارماي-تالماي تۆھپە قوشىۋاتقانلىقى ۋە ئېسىل، سۈپەتلىك دەرسلىكلەرنى تەييارلاپ تەمىنلەۋاتقانلىقىغا  كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز .
    نۆۋەتتە روھلان تور بېكىتى ۋە بلوگۇمدا
    مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى دەرسلىكلىرى تارقىتىلىپ بولۇندى. ھەممىسىنى ھازىرمۇ نورمال چۈشۈرۋېلىشقا بولىدۇ، ئەگەر ھازىرغىچە چۈشۈرىۋالالمىغانلارنىڭ ۋاقتىدا چۈشۈرۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .
    مۇختار روزى 600 قىسىملىق
    Flash دەرسى.
    http://www.blogbus.com/okutuxtatkikat-logs/108190730.html

    مۇختار روزىنىڭ 500 قىسىملىق
    VB دەرسى يوللاندى، چۈشۈرۋېلىڭ.
    http://www.blogbus.com/okutuxtatkikat-logs/108109085.html

    مۇختار روزى
    Photoshop CS5 دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلدى (ئۇيغۇرچە)
    http://www.blogbus.com/okutuxtatkikat-logs/108092156.html

  • پىرىنتېر سىمى ئۇلانغان كومپىيوتېردا پىرىنتېرنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان قىلىپ تەڭشەيسىز (共享) ئاندىن بۇ كومپىيوتېرنىڭ 计算机名 بىلەن 工作组 نىڭ ئىسىمىنى ياخشى ئەستە ساقلىۋېلىڭ. (بولمىسا توردا ئورتاق ئىشلىتىش بېكىتىلگەن باشقا ئورۇنلارنىڭ پىرىنتېرنى قوشۇۋېلىپ ئاۋارىچىلىق تارتىشىڭىز مۈمكىن) ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى كومپىيوتېردا پىرىنتېرنى (添加打印机 ) نى تاللاپ ئۇ يەردىن توردىكى پىرىنتېر (网络打印机) نى تاللايسىز. ئاندىن چىققان رامكىدىن بىرىنچى كومپيۇتېرنىڭ 工作组نامى بىلەن 计算机名 كۆرۈنىدۇ.

  •  قوزغىلىش دېگىنىمىز كومپىيوتېر قوزغالغاندا (F8بەزى كومپىيۇتېرلارغا F5كۇنۇپكىسىنى بېكىتكەن) كۇنۇپكىلىرىنى باسقاندا چىقىدىغان قوزغىلىش تىزىملىكلىرىنىڭ چۈشەندۈرلىشى.

    XPﻧﯩﯔ8ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ تەپسىلىي ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻟﯩﺸﻰ

    1. ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ:

    ﺑﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺘﯩﺪﯗ.

  • كومپىيوتېر دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ھەر قايسى ئورۇنلارغا ئىنتايىن تېز سىڭىپ كىرمەكتە. 21-ئەسىردە خەنزۇ تىلى بىلمىگەن، شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق ۋە كومپىيوتېر ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلەر ‹‹ساۋاتسىز›› ھېسابلانماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا كومپىيوتېر دەرىجە ئىمتىھانى گۇۋاھنامىسى ئۈنۋان ئۆستۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك شەرتىگە ئايلاندى. بۇ قېتىم تەمىنلەنگەن ماتېرىيالدا مەن ئىلگىرى ئۆزەم رەتلەپ چىققان كومپىيوتېر ئەمەلىي مەشغۇلات ئىمتىھان سۇئالىدىن بىر يۈرۈش، نەزەرىيە ئىمتىھان سۇئالىدىن توققۇز يۈرۈش سۇئالنى تەمىنلىدىم. سۇئاللار توللۇق ئۇيغۇرچە. مېنىڭچە مۇشۇ سۇئاللاردا توللۇق لاياقەتلىك بولسىڭىز، كومپىيوتېر دەرىجە ئىمتىھانىدىن %100 ئۆتىمەن، دەپ مەيدىڭىزگە چەكسىڭىز بولىدۇ.

  • بۇ ئېرا كومپىيوتېر تەتقىقات ئىشخانىسىدىن مۇختار رۇزى ئەپەندى تۈزۈپ تارقاتقان Visual Basic دەرسلىكى بولۇپ، ئومۇمىي بەت سانى410 بەتلىك ھەجىمدىكى ئىنتايىن ياخشى دەرسلىك بولۇپ، PDF شەكلىدە، ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتا بىلىك كۇلۇبى ھەقسىز تارقاتقان بولۇپ، چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغان ئىدىم. بۈگۈن كومپىيوتېردىن ماتېرىيال ئىزدەش جەريانىدا ئۇچىرتىپ قېلىپ كەڭ VB ھەۋەسكارلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىنىش ئۈچۈن بلوگقا يوللىدىم. بايانات: ماتېرىيالنىڭ بارىلىق ئىجادىيەت ھوقۇقى- مۇختار رۇزى ئەپەندىگە مەنسۇپ. ماتېرىيال ئەينى چاغدىمۇ ھەقسىز تارقىتىلغان بولغاچقا، بۇ قېتىممۇ يەنىلا ھەقسىز تارقىتىلدى. ماتېرىيالنى قالايمىقان ئۆزگەرتىشكە، سېتىشقا بىردەك بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە كەمىنە مەسئۇل ئەمەس!

  • بىز ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتېر بەزىدە ۋىروسلىنىش سەۋەبىدىن ياكى مەلۇم بىر سىستېما ھۆججىتى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىش ۋە ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراش سەۋەبى بىلەن نۇرغۇن قان-تەر سىڭدۈرۈپ قاچىلىغان يۇمشاق دېتاللارنى قايتا قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەڭ خەتەرلىكى-قىممەتلىك ماتېرىياللىرىمىز يوقۇلۇپ كېتىشىمۇ مۈمكىن.

     كومپىيوتېرىمىزغا قاچىلاشقا تېگىشلىك يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلايمىز، ھەتتا ۋروسخورنىڭ دەرىجىسىنىمۇ ئۆستۈرۋالىمىز. ھەممە تەڭشەكلىرىنى كۆڭلىمىزدىكىدەك تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن،GHOST دېتالىنى چۇشۇرۇپ قاچىلايمىز. سىز چۈشۈرىۋاتقان بۇ GHOST دېتالى2010-يىللىق ئەڭ يېڭى نەشرى. دەرسلىكىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرگەيسىز.


ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com مۇڭداشقۇ:915575425 تېلفۇن:4053025-0997