-
2011/05/26
EXCELدا بىر رەتكە تەكرار سان كىرگۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى - [كومپىيوتېر بىلىملىرى]
EXCELدا جەدۋەل لايىھىلىگەندە ياكى باشقىلار لايىھىلەپ تەييارلاپ قويغان جەدۋەللەرگە سان-سىفىرلارنى كىرگۈزگەن ۋاقتىمىزدا چارچاش سەۋەبىدىن بەزى سان-سىفىرلارنى تەكرار كىرگۈزىۋېتىپ ئاخىرىدا قايتىدىن تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ تاپىدىغان ئاۋارىچىلىققىمۇ ئۇچراپ قالىمىز. مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىپ سانلارنى تەكرار كىرگۈزۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئىش ئۈنۈمىنى تېزلەتمەكچى بولسىڭىز، جەدۋەلگە سان كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ تەكرار سان كىرگۈزۈشنى چەكلەش فورمىلاسىنى ئورنىتىۋېلىڭ.
excel خىزمەت جەدۋىلىنى ئاچقاندىن كېيىن تىزىملىك سىتونىدىن سانلىق مەلۇمات-ئۈنۈملۈك بولۇش(数据---有效性) بۇيرۇقىنى چېكىپ، ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ بەلگۈلەش(设置)تاللانمىسىدىن ئۆزى بەلگۈلەش (自定义) دىگەن تۈرنى تاللاپ، بۇنىڭدىكى فورمىلا دىگەن جايغا تۆۋەندىكى فورمىلانى كىرگۈزۇڭ
1 =(COUNTIF(A:A,A1 =
(بۇ فورمىلادىكىA سان كىرگۈزىدىغان سىتون نامىنى ئىپادىلەيدۇ) يۇقارقى فورمىلانى جەزىملەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاشۇ سىتونغا سان كىرگۈزۈپ بېقىڭ. سان تەكرارلانغان ھامان سىزنىڭ مەشغۇلاتىڭىز خاتا دېگەن ئەسكەرتىش كۆزنىكى چىقىپ سان كىرگۈزۈش چەكلىنىدۇ.
يازما ئېگىسى: دۇلانى يازمىسىمەنبە :روھلان تورى http://www.rohlan.biz/212.aspx
历史上的今天:
ھۆججەت يوشۇرۇشنىڭ يېڭى ئەپچىل ئۇسۇلى 2011/05/26Shift كۇنۇپكىسىنىڭ 11 خىل ئەپچىل ئىشلىتىلىشى 2011/05/26ESC كۇنۇپكىسىنىڭ بەش خىل ئىشلىتىلىشى 2011/05/26