ئەسكەرتىش:بلوگۇمدىكى ماتېرىياللارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.ناۋادا كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
  • 2011/05/26

    Word تىكى كىچىك ھۈنەر-فونتنى قوشۇپ ساقلىۋېلىش - [كومپىيوتېر بىلىملىرى]

    نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە يېزىقىمىزنىڭ كودى بىرلىككە كېلىپ بولغان بولسىمۇ بىراق يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆلچەمسىز كودنى ئىشلەتكەچكە يەنە بىر قىسىملار ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلىمىغاچقا، ئۆلچەملىك كودتا بېسىلغان ئۇيغۇرچە خەتلەرمۇ باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىدا نۇرمال كۆرۈنمەيدۇ، تۆۋەندە مەن بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ ماقالىنى ئىلگىرى مەن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژورنىلىدىن كۆرگەن.
    Word
    تا دوكۇمىنىتنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ساقلاشتىن بۇرۇن  ياكى قايتا ساقلىغان ۋاقىتتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىپ ئاندىن ساقلىسىڭىز باشقا كومپيۇتېردا خەت نۇسخىسى بولمسىمۇ بولىۋېرىدۇ .

     
    ئۇسۇلى: Word نىڭ قورال ئىستونىدىكى 工具نى چىكىپ ئۇنىڭدىن  选项نى چىكىپ چىققان تۈردىن 保存نى چىكىپ چىققان ئاستىدىكى تىزىملىكتىن嵌入true type字体نىڭ  ئالدىغا  توغرا بەلگىسى ئۇرغاندىن كېيىن جەزىملەشتۇرۇشنى بېسىپ  ساقلىۋالساق بۇلىدۇ. بۇ مەشغۇلاتىمىز خەت نۇسخىسىنى قوشۇپ ساقلاش مەشغۇلاتى بۇلۇپ بىز كىرگۈزگەن فونت ئۇ كومپيۇتېردا بولمىسىمۇ دوكۇمىنىتىمىز نۇرمال كۆرۈنىۋېرىدۇ.

    تەشەببۇس: بۇ ئۇسۇل قولايلىقتەك كۆرۈنسىمۇ دوكۇمىنىتنىڭ سىغىمىنى ئەسلىدىكىدىن يوغانتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئامال بار ھەر قايسى باسمىچىلىق ئورۇنلىرى، مەكتەپ...قاتارلىق ئورۇنلاردىكى كومپيۇتېرغا ئۆلچەملىك Unicode لىق يېزىقىمىزنى قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. نۆۋەتتىكى ھەقسىز ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچلەردىن ئويغان 3.0 ، ئەلكاتىپ5.0، ئەلكاتىپ 5.5 قاتارلىقلار بار. ئويغان 3.0 ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىگە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ كۆپ خىل خەت نۇسخىلىرى كىرگۈزۈلگەن، يوقارقى كىرگۈزگۈچلەرنىڭ خەت نۇسخىسى بىر بىرىنى يەكلىمەيدۇ.

    分享到:


ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com پىنگىۋىن:915575425 تېلفۇن:4053025-0997