-
2011/05/24
شاھمات ھەققىدىكى ھېكايىنىڭ يېشىمىنى تېپىش - [شاھمات بىلىملىرى]
مېنىڭچە شاھمات ھەققىدىكى ھېكايىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاڭلىغان. شۇنداق بولسىمۇ ئالدى بىلەن بۇ ھېكايىنى قىسقىچە قىلىپ بىر تونۇشتۇرىۋىتەيلى. ئاندىن ئۇنىڭ ھېسابىنى قىلىپ كۆرەيلى.
بۇرۇنقى زاماندا بىر دانىشمەن بولۇپ، ئۇ كەمبەغەل تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئۇ شاھماتنى كەشىپ قىلىپتۇ ھەمدە بۇنى پادىشاھقا تەقدىم قىلىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئويۇننى ئويناپ كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قاپتۇ ھەمدە دانىشمەننىڭ بۇ كەشپىياتى ئۈچۈن نېمە دېسە شۇنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. دانىشمەن پادىشاھقا «ئەي پادىشاھى ئالەم ماڭا مۇشۇ شاھماتنىڭ 1-كاتەكچىسىگە 1 تال بۇغداي، 2-كاتەكچىسىگە 2 تال بۇغداي، 3-كاتەكچىسىگە 4 تال بۇغداي، 4-كاتەكچىسىگە 8 تال بۇغداي، مۇشۇ بويىچە ھەر بىر كاتەك ئاشقاندا بىر ھەسسىلەپ، مۇشۇ شاھماتتىكى 64 كاتەكنى تولدۇرۇپ بەرسىڭىزلا بولدى» دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ مىيىقىدا كۈلۈپ« ھەي بىچارە نەگە بارساڭ يەيدىغاننى ئويلاپ يۈرۈپسەندە » دەپتۇ ۋە دەرھال ئادەملىرىنى چاقىرىپ، بىر تاغار بۇغداي ئەكەلدۈرۈپ، كاتەكلەرنى تولدۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئەمما بىر تاغار بىر دەمدىلا تۈگەپ كېتىپتۇ. كەينىدىن يەنە بىر تاغار بۇغداي كەلتۈرۈپتۇ. ئۇمۇ بىر دەمدە تۈگەپتۇ. شۇ تەرىقىدە مېڭىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بۇغدايلىرى تۈگەپ كېتىپتۇ. ئەمما پادىشاھ بولسا شاھماتنىڭ ئاران يىگىرمە نەچچە كاتەكچىسىنى تولدۇرۇپتۇ. بۇ ئىشتىن قاتتىق ئىزا ھېس قىلغان پادىشاھ دەرھال دانىشمەننى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ ئۆلتۈرگۈزۈپتۇ.
ھېكايە مۇشۇ يەردە توختىسۇن ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، ئاشۇ شاھمات كاتەكچىسىگە ئەسلى زادى قانچە دانە بۇغداي پاتىدۇ؟ بۇنى ئىنتايىن ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ھېسابلاپ كۆرگىڭىز بارمۇ؟
تۆۋەندە بىز بۇنى Excel ئارقىلىق ھېسابلاپ،Excel دىكى 64 دانە كاتەكچىگە بۇغداي بولمىسىمۇ ئاشۇ بۇغداينىڭ سانىنى تولدۇرۇپ باقايلى.
ئالدى بىلەن كومپيۇتېرىڭىزدىن Excel نى قوزغىتىڭ. ئېزىپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈنA رەتكە بىردىن تارتىپ 64-گىچە يەنى 64 كاتەككە نومۇر قويۇپ بەلگە قىلىۋېلىڭ. ئاندىن B رەتتىكى 1-كاتەكچىگە 1 نى يېزىڭ. ئاندىن يەنە 1 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 64 كاتەكچىنى تاللاڭ. ئەمدى تىزىملىكتىن «تەھرىرلەش- تولدۇرۇش- تەرتىپ (编辑-填充-序列) دېگەن بۇيرۇقنى تاللاڭ. ئېچىلغان كۆزنەكتىن، «تەرتىپ ھاسىل بولۇش ئورنى (序列产生在) دېگەن يەرگە رەت (列) دېگەننى تاللاڭ. تۈرى (类型) دېگەنگەتەڭ نىسبەتلىك تەرتىپ (等比序列) دېگەننى تاللاڭ. قەدەم ئارىلىقى قىممىتى»(步长值) دېگەنگە 2 دەپ يېزىڭ. ئاخىرلىشىش قىممىتى(终止值) دېگەن 9 نى يېزىپ كەينىگە 20 نۆلنى يېزىڭ. يەنى 900000000000000000000 نى يېزىڭ. ئەمدى جەزملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ. قانداق نەتىجىنى تاپالىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر سىز ئېرىشكەن نەتىجە ساناق سان ھالىتىدە كۆرۈنمەي، 9.22337E+18 ھالەتتە كۆرۈنسە، دەرھال كاتەكچە خاسلىقى كۆزنىكىنى ئېچىپ، دائىملىق دېگەن تۈرنى سانلىق قىممەت دېگەن تۈرگە تۇغۇرلاپ، مىڭلەر خانىسى بويىچە ئايرىش بەلگىسى ئىشلىتىش دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ قويسىڭىز سىز كىرگۈزگەن سانلار توغرا كۆرۈنىدۇ. يەنى تۆۋەندە مەن ئېرىشكەن نەتىجىدىكىدەك.
مەن ئېرىشكەن 64- كاتەكچىدىكى نەتىجە. 9,223,372,036,854,780,000
دانىشمەننىڭ پادىشاھتىن تەلەپ قىلغىنى بولسا ئاشۇ 64 كاتەكچىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، جەمئى 18,446,744,073,709,600,000 دانە بۇغداي بولغان بولىدۇ، ئەگەر بىز تەخمىنەن 10 تال بۇغداي ئۇرۇقى 1 گىرام كىلىدۇ دېسەك ئۇ ھالدا تەخمىنەن 10000 تال بۇغداي ئۇرۇقى 1 كىلوگىرام كەلگەن بولىدۇ. يۇقارقى ساننى 10000 غا بۆلىۋەتسەك، 1,844,674,407,370,960.00 كىلوگىرام بۇغداي بولىدۇ. بۇنى يەنە 1000 غا بۆلىۋەتسەك 1,844,674,407,370.96 توننا بۇغداي بولغان بولىدۇ. بۇ سان ئەلۋەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ئاشلىق زاپىسىدىن كۆپ سان ئىدى.مەنبە: شىنجاڭ كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى
ئۇلانما مەنبەسى: http://www.xjcfan.com/a/Computer/Soft/2010/0324/315.html
历史上的今天:
WORD ۋەExcel دىن ئىككى ھۈنەر 2011/05/24QQ دەرىجىسىنى تېز ئۆستۈرۈش 2011/05/24جالالىدىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت 2011/05/24