ئەسكەرتىش:بلوگۇمدىكى ماتېرىياللارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.ناۋادا كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
  • 2011/02/18

    ياخشىلىق يەردە قالماس (بىرىنچى قىسىم) - [چۆچەكلەر]

    بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئۆتكەن زاماندا بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆزى باي، مىنگىنى تاي، خوتۇنى ئاي ئىكەن. لېكىن ئۇ شۇنچە باي، مالدار بولسىمۇ، كۆڭلى كۆمۈر، يۈرىكى تۆمۈرگە ئوخشاش بولۇپ، بىر - ئىككى ئايلىق يەردىكى تېرىقتەك ئالتۇن باينىڭ يۈرىكىنى كەھرىۋادەك تارتىدىكەن. باينىڭ پۇل توپلىماقتىن باشقا غېمى يوق ئىكەن. ئۇ يەنە ئۆزى بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرىدىغان بايلارنىڭ كەينى- كەينىدىن پانى دۇنيادىن باقى دۇنياغا كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگىمۇ نۆۋەت كېلىپ قالغانلىقىنى، ئەتە ياكى ئۆگۈن سالام بېرىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كېتىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن. «شۇنچە جاپا - مۇشەققەتلەر بىلەن يىغقان پۇل - مېلىمنى قانداق تاشلاپ كېتەرمەن، ئۇنى ئېلىپ كەتكىلى بولمىسا؟ ئەگەر ئېلىپ كەتمىسەم بۇنچىۋالا دۇنيانى ئوغلۇم نېمىگە سەرپ قىلار؟» دېگەن ئوي ئۇنىڭ كاللىسىدىن چىقمايدىكەن. ئۇنىڭ بايۋەچچە ئوغلى 20 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، باينىڭ ئوغلى بولغىنىغا يارىشا بىر ماتا  كوينەكنى يېڭىغىنا كىيگەن، بەش تەڭگە پۇلنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ خەجلىگەن ئەمەس ئىكەن.

    باي ئويلا - ئويلا ئاخىرى: «مەن ئۆلسەم ھەممە تەئەللۇقاتىمنى بىللە ئېلىپ كېتەلمەيمەن، بۇلار ھەر قاچان ئوغلۇمغا قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆزۈمنىڭ ئوچۇغىدا تىجارەتكە سالاي، سودا - سېتىق ئىشلىرىغا پىشىپ، پۇل تېپىش يولىنى چۈشەنسۇن» دېگەن پىكىرگە كەپتۇ.

    كۈنلەردىن بىر كۈنى باي بايۋەچچىگە مىڭ تەڭگە بېرىپ:- مە، بۇ پۇلنى ئېلىپ بازارغا بېرىپ بېشىڭنى پىشۇرۇپ كەل، - دەپتۇ.

    - باشنى قانداق پىشۇرمەن؟ دەپ سوراپتۇ ئوغلى ھاڭ - تاڭ بولۇپ.

    - ھەي ئەخمەق، - دەپتۇ باي ئوغلىغا، - سەن بۇ پۇلنى ئېلىپ بازارغا چىققىن، باش پىشۇرۇش دېگەن، بىر نەرسىلەرنى ئەرزان سېتىۋېلىپ، قىممەت سېتىش دېگەن گەپ.

    بايۋەچچە پۇلنى ئېلىپ بازارغا چىقىپ ئارىلاپتۇ، ئەمما كوڭلىگە يارىغىدەك نەرسە تاپالماپتۇ. بايۋەچچە بازاردىن چىقىپ ئۆستەڭ بويىغا كەلسە، بىر توپ بالىلار بىر ئىتنى بوينىدىن باغلىۋېلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرگىلى ئاز قاپتۇ. بايۋەچچە بالىلارغا مىڭ تەڭگىنى بېرىپ، ئىتنى ئۆيگە ئېلىپ كەپتۇ. دادىسى بۇنى كۆرۈپ قاتتىق خاپا بوپتۇ. ئاخىرى ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ، يەنە مىڭ تەڭگە بېرىپتۇ. بايۋەچچە بازارغا كېتىۋاتقان ئىكەن، بالىلار بىر مۈشۈكنى ئويناپ ئۇرۇپ، ئىتنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ. بايۋەچچە مۈشۈكنى مىڭ تەڭگىگە سېتىۋېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. دادىسى يەنە خاپا بوپتۇ. ئاخىرى ئاچچىقىغا ھاي بېرىپ، ئوغلىغا يەنە مىڭ تەڭگە بېرىپتۇ.

    - ھەي دادا، - دەپتۇ بايۋەچچە، - ھەر نۆۋەت قىلىپ كەلگەن سودامنى ياقتۇرمايسىز، ئەمدى ئالىدىغان نەرسىنى ئوزىڭىز ئېيتىپ بېرىڭ.

    - ھەي ئەخمەق، - دەپتۇ باي، - بازاردا نېمە يوق بولسا شۇنى ئال، نېمە كۆپ بولسا ئۇنى ئالما.

    بايۋەچچە يەنە بازار ئارىلاپ، بازاردا يوق نەرسىنى ئىزلەپتۇ. ماڭا - ماڭا بازاردىن چىقىپ، ھېلىقى بالىلارنىڭ قېشىغا بېرىپ قاپتۇ. بالىلار بىر يىلاننىڭ بالىسىنى قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ «سا - سا - سا» دەپ ئاسمانغا ئېتىپ ئويناۋاتقان ئىكەن.

    «دادام دېگەن بازاردا يوق نەرسە مۇشۇ ئەمەسمۇ» دەپ بالىلارغا مىڭ تەڭگىنى بېرىپ، يىلاننىڭ بالىسىنى سېتىۋاپتۇ.

    - سەن ئۈچ مىڭ تەڭگىنى يوق قىلدىڭ، - دەپتۇ دادىسى غەزەپلىنىپ، - ئەمدى مال - دۇنيارىم كىمگە قالسا قالسۇن، ساڭا تۇتقۇزمايمەن! نەگە بارساڭ بار، ساڭا ئوخشاش بالام يوق! ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنمە!

    بايۋەچچە ئۈچ مىڭ تىللاغا ئالغان ئىت، مۈشۈك ۋە يىلاننىڭ بالىسىنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپتۇ - دە، بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە مېڭىپتۇ.  بايۋەچچە چۆل - جاڭگاللارنى ئارىلاپ مېڭىپتۇ. ئىت، مۈشۈك، يىلان ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا يېگۈدەك ئوزۇق تېپىپ بېرەلمەپتۇ. بايۋەچچىنى غەم بېسىپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي، بىر قۇمۇشلۇققا كېلىپ قاپتۇ. بۇ چاغدا قوينىدىكى يىلان بېشىنى چىقىرىپ: - نېمشقا غەمكىن بولۇپ قالدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.

    - بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلارمەن دەپ غەم يەۋاتىمەن، - دەپتۇ بايۋەچچە.

    - سىز غەم قىلماڭ، - دەپتۇ يىلان بالىسى، - مەن يىلانلار پادىشاھىنىڭ ئوغلى شاھزادە بولىمەن، ئاتامنى «شاھى ماران» دېسە بىلمەيدىغىنى يوق. سىز مېنى سېتىۋالغانلىقىڭىز ئۈچۈن مۇشۇنداق غۇربەتچىلىككە قالدىڭىز. مانا بۇ كۆرۈنگەن قۇمۇشلۇقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى دوڭلۇكتە ئاتامنىڭ ئوردىسى بار. ئاتامغا ئەھۋالنى بايان قىلاي، ئاتام ناھايىتى ھىممەتلىك مەرت پادىشاھ ، سىزنى ھېچ ۋاقتتا قۇرۇق قايتۇرمايدۇ. مۇبادا تەلىيىڭىز ئوڭ كېلىپ، ئاتام سىزگە: «نېمە سورايسەن؟» دېسە سىز ئاتامغا: «مەن بىر نەرسىنى سورىماقچى ئىدىم، لېكىن ئۆز بېشىمدىن قورقىمەن» دەڭ. ئەگەر ئاتام ئەپۇ قىلىپ، «ھەرقانداق گۇناھىڭ بولسا ئۆتتۈم، سورايدىغىنىڭنى سورا»  دەپ قالسا، ئىشنىڭ ئوڭغا تارتقىنى شۇ. قورقماستىن «بېشىڭىزدىكى مۈڭگۈزىڭىزنى سورايمەن» دەڭ. ئۇ مۈڭگۈز قولىڭىزغا كىرسە، ھەممە ئىشىڭىز ھەل بولىدۇ، خالىغان نېمىڭىز ھازىر بولىدۇ.

    بايۋەچچە ئەندىشە قىلغاندەك بوپتۇ. كېيىن: ‹‹تەۋەككۇل›› دەپ يىلان بالىسىنىڭ دېگىنى بويىچە قومۇشلۇقنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپتۇ. دوڭلۇڭنىڭ ئۈستى كەڭ مەيدان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىدە يېيىلىپ يېتىپ كەتكەن يىلانلارنىڭ ھەددى ھېسابى يوق ئىكەن. بايۋەچچىنى قورقۇنچ بېسىپتۇ. ئارقىسىغا ياناي دەپ تۇرۇشىغا قوينىدىكى يىلان بالىسى شىررىدە قىلىپ سېرىلىپ، يەرگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپتۇ.

    - سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ، - دەپتۇ يىلان بالىسى، - بۇلار ئاتامنىڭ ئەسكەرلىرى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ تاشنىڭ يېنىدا ئوردا بار. ئاتام شۇ يەردە تۇرىدۇ. مەن ئاۋال كىرىپ، ئاتامغا خەۋەر قىلاي. ئاتامنىڭ ئىجازىتىدىن كېيىن سىزنى ئېلىپ كىرىمەن. يىلان بالىسى ئوردا تەرەپكە ماڭغان ئىكەن، يىلانلار ئوتتۇرىسىدىن يول ئېچىپ بېرىپتۇ. يىلان بالىسى ئاتىسى شاھى ماراننىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئەھۋاللارنى، بايۋەچچىنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ ئۆيدىن قوغلىۋېتىلگەنلىكىنى، ھازىر بايۋەچچە ئۆزىنى مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بايۋەچچە يىلان بالىسىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە يىلانلار پادىشاھىغا تازىم بىجا كەلتۈرۈپتۇ.

    - بالامغا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن سورىغىنىڭنى بېرىمەن، نېمە سورايسەن؟ - دەپتۇ شاھى ماران.

    - ئۆز بېشىمدىن قورقىمەن، - دەپتۇ بايۋەچچە.

    - ھەر قانچە گۇناھىڭ بولسا ئۆتتۈم، سورايدىغىنىڭنى سورا، - دەپتۇ شاھى ماران.

    - ئەي پادىشاھى ئالەم، بېشىڭىزدىكى مۈڭگۈزىڭىزنى سورايمەن، - دەپتۇ بايۋەچچە.

    - خەير، بالامغا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن بەرسەم بېرەي، - دەپتۇ شاھى ماران ۋە مۈڭگۈزىنى ئېلىپ بايۋەچچىگە بېرىپتۇ. بايۋەچچە يىلانلار پادىشاھى بىلەن خوشلىشىپ مېڭىپتۇ. يىلان بالىسى بۇ مۈڭگۈزىنىڭ خاسىيىتىنى بايۋەچچىگە ئوبدان چۈشەندۈرۈپتۇ. يىلان مۈڭگۈزى قولغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ بېشى پىشقان پەزىلەتلىك ئادەم بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئويىغا چوللۇكتە شەھەر بىنا قىلىش پىكرى كەپتۇ - دە، تۈز يەرنى تېپىپ، ئۇنىڭغا بىر چوڭ شەھەرنىڭ پىلانىنى سىزىپتۇ. ئاندىن كېيىن:- ئېشىم ئاش بولسۇن، قولۇمدا ئەڭگۈشتىرىم بولسۇن، مۇشۇ چوللۇكتە بىر شەھەر بىنا بولسۇن، - دەپ بىرئاز ئۇخلاپتۇ. ئويغىنىپ قارىسا، ئۆزىنى ناھايىتى ئازادە بىر شەھەرنىڭ ئىچىدە كۆرۈپتۇ. شەھەرنىڭ ئىچىدە پادىشاھ ئۈچۈن كاتتا ئوردا سېلىنغان ئىكەن، شەھەر ئەھلى بايۋەچچىنى ئوردىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ سايلاپتۇ.  ئۇ يىلان مۈڭگۈزىنى ئۈزۈكىنىڭ كۆزىگە ئورناتقۇزۇپ ئاپتۇ.

    بىر كۈنى شەھەر ئەھلى پادىشاھنى ئۆيلەپ قويماقچى بولۇپ، يېقىندىن بىر شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ قىزىنى لايىق تېپىتۇ. بۇ قىزنىڭ ھۆسنى جامالىدىن 14 كۈنلۈك ئاي خىجىل ئىكەن. شەھەر ئەھلى:«بۇ قىزغا ئەلچى ئەۋەتسەك ئاتىسى بەرمەيدۇ، پادىشاھدىن مەسلىھەت سوراپ باقايلى» دېيىشىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ.

    پادىشاھ: - بۇنىڭ ئامالىنى ئۆزەم قىلىمەن، - دەپتۇ ۋە ھېلىقى ئادەملەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ: - پالىم پال بولسۇن، ئېشىم ئاش بولسۇن، قولۇمدا ئەڭگۈشتىرىم بولسۇن، قوشنا پادىشاھنىڭ قىزى مەلىكە دەرھال ئۇشبۇ ئۆيدە ھازىر بولسۇن، - دەپتۇ. ھېلىقى مەلىكە ئىچكىرى ئۆيدىن چىققاندەكلا ھازىر بوپتۇ. بايۋەچچە پادىشاھ يەتتە كېچە - كۈندۈز توي - تاماشا قىلىپ، مەلىكىنى نىكاھىغا ئاپتۇ. مەلىكىنىڭ ئاتىسى قىزنىڭ تۇيۇقسىزلا يوقالغانلىقىدىن كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولۇپ، تەرەپ - تەرەپكە ئادەم ئەۋەتىپ سۆرۈشتۈرۈپتۇ. قىزىنىڭ يېڭى شەھەر پادىشاھىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، قىزىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن لەشكەر تارتىپ بايۋەچچە پادىشاھنىڭ شەھىرىگە كەپتۇ. شەھەر خەلقى ۋەھىمە ئىچىدە قاپتۇ. ئەسكەرلەرنىڭ شەھەرگە بىر چاقىرىم قالغانلىق خەۋىرى يېتىپتۇ.

    بايۋەچچە پادىشاھ: - ئۆزەم چىقىپ كۆرەي، - دەپ تالاغا چىقىسا، شەھەر تۆت تەرىپىدىن مۇھاسىرە ئىچىدە قالغان، ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. پادىشاھنىڭ چىققانلىقىنى كۆرگەن ئەسكەرلەر ئومۇت، توقماق، نەيزە، قىلىچ، ئوقيالىرى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپتۇ.

    بايۋەچچە پادىشاھ: - پالىم پال بولسۇن، قولۇمدا ئەڭگۈشتىرىم بولسۇن، ئۇشبۇ لەشكەرلەر قوللىرىنى تەڭلىگەن بويىچە بىر قەدەممۇ مىدىرلىماستىن ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ قالسۇن! - دەپتۇ.

    كۆتىرىلگەن قوللار، تەڭلىگەن نەيزە، قېلىچلار شۇ بويىچە تاياق بولۇپ قېتىپ قاپتۇ. ئۇلار شۇ تۇرغىنىچە ئۈچ كېچە - كۈندۈز قېتىپ تۇرۇپتۇ. ئارقىسىدىن كەلگەن پادىشاھنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا باش قويۇپ بۇشەھەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەي قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇرۇپتۇ.

    بايۋەچچە پادىشاھ: - پالىم پال بولسۇن، قولۇمدا ئەڭگۈشتىرىم بولسۇن، ئۇشبۇ مۇھاسىرە قىلغۇچى لەشكەرلەر ئارقىسىغا يانسۇن، - دەپتۇ.

    شۇ ھامان لەشكەرلەرگە ۋە ئاتلارغا جان كىرىپ ئۆز شەھىرىگە قايتىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئەھۋالنىڭ جادۇ يولى بىلەن بولغانلىقىنى بىلىپ، جادۇگەر ئىزلەپتۇ. بۇ شەھەردە مەككارلىقتا ئاتىقى چىققان بىر موماي بار ئىكەن. پادىشاھنىڭ ئادەملىرى شۇ موماينى تېپىپ كەپتۇ. موماي پادىشاھتىن بايۋەچچىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، بىر نەچچە كۈن يول مېڭىپ، چۆلدىكى يېڭى شەھەرگە كەپتۇ. موماي شەھەرگە كىرىشتىن ئاۋال ئۇچراشقان ئادەملەرگە ئۆزىنى بۈۋى قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. بىر نەچچە ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىن، شەھەردە «بوۋى» نىڭ گەپ - سۆزلىرى خېلىلا ئۇلغىيىپ قاپتۇ.  بەزى ئادەملەر ئاز - تولا نەزىرلىرى بولسا، ساۋابلىق ئىزلەپ «بوۋى» گە تەقدىم قىپتۇ. ئارىدىن بىر - ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، موماي ھەر كۈنى تاڭ سەھەر ۋاقتىدا كېلىپ، بايۋەچچە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈپ قويىدىغان بوپتۇ. بۇ ئىش داۋام قىلىۋەرگەندىن كېيىن، موماي ئوردا ئەھلىنىڭ كۆزىگە سىڭىشىپ قاپتۇ. ئۇ كېيىن ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئىچىنى سۈپۈرىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن موماي بايۋەچچە پادىشاھنىڭ كۆزىگىمۇ نەچچە قېتىم چېلىقىپ قاپتۇ.


    收藏到:Del.icio.us





ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com پىنگىۋىن:915575425 تېلفۇن:4053025-0997