ئەسكەرتىش:بلوگۇمدىكى ماتېرىياللارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.ناۋادا كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
  • 2011/02/18

    «يېرىل تېشىم، يېرىل» - [چۆچەكلەر]

    بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن. بۇنقى زاماندا، بىر ئىگچە - سىڭىل ئۆتكەن ئىكەن. ھەدىسىنىڭ ئېتى ئاينۇرى، سىڭلىسىنىڭ ئېتى ئايگۈلى ئىكەن. ئۇلار كىچىگىدىلا ئانىسىدىن يېتىم قالغان ئىكەن. ئاينۇرى بىلەن ئايگۈلى كۈندۈزى بىللە ئويناپ، كېچىسى بىللە ياتىدىكەن. كۈنلەر ئاشۇنداق ئوتسىمۇ، بۇ ئىككى قىز ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىنى سېغىنىپ يىغلايدىكەن. ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىدىنمۇ ياكى ئانىسىنى تولىمۇ سېغىنىپ كەتكەنلىكىدىنمۇ ئايگۈلى بىر كۈنى دادىسغا:-دادا، ئۆيدە ئانام بولسا قانداق ياخشى بولاتتى - ھە! - دەپ يىغلاپتۇ. كىچىك قىزىنىڭ يۇمران تىلى ئاتىنىڭ يۈرىگىنى ئېزىپ، كۆزىدىن ياش تۆكۈپتۇ. ئۇ نېرى ئويلاپ، بېرى ئويلاپ، ئاخىر:«ئۆز ئانىسىدەك بولمىسا، كىندىك ئانىسىدەك بولار، قىزلىرىمغا كۆز قىرىنى سالار» دېگەن ئويغا كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي بىر تۇل خوتۇنغا ئۆيلىنىپتۇ. خۇتۇن سەت ھەم قاڭرۇق بىر ئوغلىنى باشلاپ بۇ ئۆيگە كەپتۇ. بۇلار خوجىسى، ئاينۇرى بىلەن ئايگۈل ئۆينىڭ قۇلى بوپتۇ. ئۇ خوتۇن ئوغلى كوزا چاقسىمۇ گەپ قىلماي، ئاينۇرى بىلەن ئايگۈلى جىم ئولتۇرسىمۇ زەردىنى تىقىپ، زەھىرىنى چېچىپ يۈرۈدىغان بوپتۇ. بىچارە قىزلار بارا - بارا جىمغور بولۇپ كېتىپتۇ. قاڭرۇق ئوغۇل ئۆيدىن قاچا بىكارلاپ تالاغا چىقىپ، تالادىن كوچا بىكارلاپ ئۆيگە كىرىپ يۈرىدىكەن. ئاينۇرى بولسا، ئۆينى چىنىدەك تۇتۇپ، سۇ ئەكىرىپ، ئوتۇن يېرىپ، ئاش ئېتىپ، قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇپ بىردەممۇ بىكار تۇرماي ئىشلەيدىكەن. ئەمما، ئۆگەي ئانا زادىلا رازى بولماي، ئاينۇرىنى ئەتىدىن كەچكىرگىچە قاغايدىكەن. ئاينۇرى تاياق يېسىمۇ، تىل - ئاھانەت ئىشتسىمۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، دادىسىغا ئېيتمايدىكەن. «ئىتنىڭ قاغىشىغا پىت ئۆلمەپتۇ» دېگەندەك، ئاينۇرى كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈپ، تولۇن ئايدەك چىرايلىق قىز بولۇپ يېتىلىپتۇ. ئۆگەي ئانىنىڭ قاڭرۇغى چوڭ بولغانسېرى سەتلىشىپ كېتىپتۇ. ئۆگەي ئانا چېچەن قىزنىڭ ئۆز قولىدىن چىقىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرماي، ئەگەشتۇرۇپ كەلگەن قاڭراق ئوغلىغا ئېلىپ بەرمەكچى بوپتۇ. ئۆگەي ئانا ئاينۇرىنىڭ دادىسىنى قىستاپ، ئۆز ئوغلىنى ماختاپ، توي قىلىپ ئىچىدە ئىككىسىنى قوشۇپ قويۇشقا ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ. كۆپ ئۆتمەيلا توي تەييارلىقىمۇ ھازىرلىنىپ بوپتۇ. بارا - بارا ئۆي ئىچىدە كېلىم - كېتىم، گەپ - سۆز كۆپىيىشكە باشلاپتۇ.

    بۇنىڭدىن بىر نېمىنى سەزگەن ئاينۇرى بىر كۈنى سىڭلىسى ئايگۈلىنى يېنىغا تارتىپ: - ئۆيدە نېمە گەپ سۆزلەر بولىۋاتىدۇ. - دەپ سوراپتۇ.

    - جېنىم ھەدە، دادام بىلەن ئانام سېنى تالالىق قىلىدۇ، - دەپتۇ سىڭلىسى.

    - راستمۇ؟ كىمگە بەرمەكچى؟

    - ئاكامغا. بۇنى مەن ئۇقۇپ قالدىم. - دەپتۇ ئايگۈلى.

    شۇ ھامان ئاينۇرىنىڭ پۈتۈن ئەزاسى تىكەنلەشكەندەك بولۇپ، قاپقارا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپتۇ. ئۇ ئۇنىمۇ، بۇنىمۇ ئويلاپ  ئاسان قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى تاپالماي، ئاخىرى قېچىپ كېتىش قارارىغا كەپتۇ.

    ئاينۇرى توي بولۇۋاتقان كېچىسى سىڭلىسى ئايگۈلىنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ: - مەن كېتىمەن، - دەپتۇ - دە، پەنجىرىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قېچىپتۇ. ئاينۇرىنى كىيىندۈرۈپ يۆتكەپ كېتىشنى كۈتۈپ تۇرغان يەڭگىلەر ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاڭرۇق توي ئېگىلىرى يۈگۈرۈشۈپتۇ. لېكىن ئاينۇرى بولسا، بۇ سەھرادىن ئۇ سەھراغا، ئۇ ئېتىزدىن بۇ ئېتىزغا، ئۇ تاغدىن بۇ تاغقا قاراپ قېچىپتۇ. ئۇ ئېگىز ھاڭلاردىن، چوڭقۇر غارلاردىن قورقماي ئۆتۈپ، ئۆزىگە ئەپلىك جاي ئىزلەپتۇ. ئەمما ھەممىلا جاي ئۇنىڭغا تۈپتۈزدەك، ئەپسىزدەك بىلىنىپتۇ. ئاينۇرى ئۆزىنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىدىغاندەك بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئاينۇرى ئەتراپىغا كۆز تاشلاپتۇ. تاغۇ - تاشلارغا ئۆزىنى تاشلاپ يىغلاپتۇ. بارا - بارا ئادەملەرنىڭ تاۋۇشى، ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ.

    تاغۇ - تاش ئارىسىدا يالغۇز كېتىۋاتقان ئاينۇرى بىر چوڭ تاشنىڭ يېنىغا كېلىپ توسۇلۇپ قاپتۇ - دە، تاشقا قاراپ: - يېلىندىم، ھەي يوغان تاش،   رەھىم ئەيلە ھالىمغا باق! دەپتۇ ۋە يەنە: - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم، قۇتۇلۇپ قالغاي ئەزىز بېشىم! دەپ يالۋۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا تاغنىڭ ئىچىنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، ھاۋا گۈلدۈرلەپتۇ. ئاينۇرى قورقۇپ كېتىپتۇ. يەنە بىر شاراقلىغان ئاۋاز چىقىپ چوڭ تاش يېرىلىپتۇ. قىزنىڭ خۇشھاللىقى ئىچىگە سېغماي قاپتۇ. ئۇ غۇلاچلىرىنى كېرىپ، تاشنىڭ ئىچىگە كىرىپ: - ھەي يوغان تاش،   ھەي يوغان تاش، خۇشھاللىقتىن كۆزۈمدە ياش! يېپىل تېشىم، يېپىل تېشىم،  قۇتۇلۇپ قالدى ئەزىز بېشىم، - دەپتۇ. تاش يەنە چاراسلاپ تۇرۇپ يېپىلىپتۇ. بىراق، قىز ئۇششاق ئۆرۈلگەن سۇمبۇل چېچىنى تۇرۇۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، چېچىنىڭ ئۇچى تاش  ئارىسىغا قىسىلىپ قاپتۇ. ئاينۇرىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ دادىسى يېتىپ كەپتۇ. ئۇ تۆت ئەتراپقا كۆز تاشلاپ، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ يىغلاپتۇ، ئاينۇرى كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ، تاشنى بىر ئايلىنىپ چىقىپتۇ، ئاينۇرى يەنە كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ تاشنىڭ تۆپىسىگە چىقىپ قارىغان ئىكەن، بىر تۇتام چېچىنىڭ قىسىلىپ قالغانلىقىغا كۆزى چۈشۈپتۇ. ئەمما ئۇ تاشنىڭ ئىچىگە كىرىشىنىڭ چارىسىنى تاپالماي، بار ئاۋازى بىلەن: - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم،   مەن قىزىمنى كۆرۈۋالاي، دىدارىغا قېنىۋالاي،  - دەپ يالۋۇرۇپتۇ.

    شۇ چاغدا تاش ئىچىدىن:  - يېرىلما تېشىم، يېرىلما، مەن دادامنى كۆرمەيمەن.   دىدارىغا قانمايمەن، ئاۋال ئىدى ئۆز دادام،  ئەمدى بولدى قېيناتام، - دېگەن ئاۋاز كەپتۇ. دادىسى يىغلاپ - يىغلاپ قۇرسىقى ئاچقاندا قايتىپ كېتىپتۇ.

    ئاندىن ئۆگەي ئانا كەپتۇ. ئۇمۇ: - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم، مەن قىزىمنى كۆرىۋالاي،  دىدارىغا قېنىۋالاي، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ.

    تاش ئىچىدىن:- يېرىلما تېشىم، يېرىلما،  مەن ئانامنى كۆرمەيمەن،  دىدارىغا قانمايمەن. ئاۋال ئىدى ئۆگەي ئانام، ئەمدى بولدى قېينانام، - دېگەن ئاۋاز كەپتۇ. - دە، تاش ئېچىلماپتۇ.

    كەينىدىن  ھېلىقى سەت ئاكىسى كەپتۇ. ئۇ خىقىراپ تۇرۇپ:- يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم، مەن سىڭلىمنى كۆرۈۋالاي،  دىدارىغا تويىۋالاي، - دەپتۇ.

    تاش ئىچىدىن يەنە:- يېرىلما تېشىم، يېرىلما، مەن ئاكامنى كۆرمەيمەن، دىدارىغا باقمايمەن، دېگەن ئاۋاز كەپتۇ. ئۇمۇ قايتىپتۇ.

    ئەڭ ئاخىرىدا ئايگۈل كەپتۇ. ئۇ تاشقا باغرىنى يېقىپ تۇرۇپ: - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم، مەن ھەدەمنى كۆرۈۋالاي،  دىدارىغا تويۇۋالاي، - دەپتۇ.

    تاش ئىچىدىن بىر مۇڭلۇق سادا چىقىپتۇ: - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم، مەن سىڭلىمىنى كۆرۈۋالاي، مۇرادىمغا يېتىۋالاي دەپتۇ.  تاش چاراسلاپ ئېچىلىپتۇ. ئايگۈل «جېنىم ھەدە» دېگەن پېتى ھەدىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. ئۇلار يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ، بىر - بىرىنى باغرىغا بېسىپتۇ. تاڭ ئېتىپ، كۈن چىققاندا، ئېگچە-سىڭىل ئىككىسى تاغدىن ئېشىپ يايلاققا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ئۇزۇن  يول يۈرۈپتۇ، كۈن قاتتىق ئىسسىپ كەتكەچكە، يول ئۈستىدە ئايگۈل بەك ئۇسساپ كېتىپ: - ھەدە ئۇسساپ كەتتىم، سۇ، - دەپتۇ.

    - سەۋىر قىل، سىڭلىم، - دەپ ئاينۇرى ئايگۈلنى كۆندۈرۈپتۇ. ئۇلار مېڭىپ بىر يەرگە كەلگەندە سۇ  كۆرۈنۈپتۇ. ئۇلار كۆرۈنگەن سۇ بويىغا يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ بىر كۆلچەك ئىكەن، ئايگۈلى سۇ ئىچكىلى ئېڭىشىپتۇ.

    ئىچمە، - دەپتۇ ئاينۇرى، - بۇ كۆلچەك بۆرە سۆرەتلىك ئىكەن.

    - ئۇسساپ كەتتىم، چىدىيالمايۋاتىمەن، - دەپتۇ ئايگۈلى.

    - ئىچسەڭ بۆرە بولۇپ قالىسەن، - دەپتۇ ئاينۇرى. ئۇلار يەنە مېڭىپتۇ. ئالدىدا يەنە بىر كۆلچەك ئۇچراپتۇ. ئايگۈلى يۈگۈرۈپ بېرىپ، سۇنى چاڭگىلىغا تولدۇرۇپ ئېلىپ ئىچمەك بوپتۇ.

    - ئىچمە، ئېيىق بولۇپ قالىسەن، - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئاينۇرى.

    ئايگۈلى: - مېنى ئالداۋاتىسەن، - دەپ ئۇسسىزلىققا چىدىماي ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپتۇ.

    - ئاپئاق سىڭلىم، راست، - دەپتۇ ئاينۇرى. ئۇلار يەنە مېڭىپتۇ. بىر يەرلەرگە كېلىپ بىر تۈپ سېدىنىڭ تۈۋىدە ھاردۇق ئېلىشقا ئولتۇرۇپتۇ. ھاردۇق يېتىپ كەتكەن ئايگۈلى ئاينۇرىنىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپتۇ - دە، پۇشۇلداپ ئۇخلاپ كېتىپتۇ. سېدىگە قونۇپ سايرىشىۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، ئاينۇرىمۇ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇ ئۇخلاۋېتىپ چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە: بىر ئاق كەپتەر بالىلىرىنى ئۇچۇرۇپ، پەرۋاز قىلىپ يۈرۈپتىكەن، نەدىندۇر بىر قۇرغۇي پەيدا بولۇپ كەپتەر بالىلىرىغا قاراپ ئېتىلىپتۇ. ئانا كەپتەر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇرغۇيغا ئېتىلىپتۇ. ئانا كەپتەر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قورغۇيغا قارشى ئۇچۇپ، ئۇنى بىر تېپىپتۇ. ئەمما كۈچى يەتمەپتۇ. قورغۇي ئانا كەپتەرنى بىر تېپىپ مېيىپ قىلىپ قويۇپتۇ، كەپتەر موللاق ئېتىپ يەرگە چۈشۈپتۇ. ئاينۇر ئۇنى يەردىن ئالغىنىدا ئانا كەپتەر ئارانلا نەپەس ئاپتۇ.  ئاسماندا بولسا، قورغۇي باچكىلارغا چاڭگال سېلىشقا باشلاپتۇ. ئاينۇرى قۇرغۇيغا غەزەپ بىلەن ۋارقىرىۋېتىپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. قارىسا ئايگۈلى يوق، شۇ ھامان ئەتراپتىن ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ.

    ئاينۇرى ئالاقزادە بولۇپ، سىڭلىسىنى ئىزلەپ ۋارقىراپتۇ: -ئايگۈلى! ئايگۈلى!

    - مە، مە، مە، - دېگەن بىر ئاۋاز كەپتۇ - دە، ئاينۇرىنىڭ ئالدىدا بىر چىرايلىق كېيىك بالىسىنى باغرىغا بېسىپتۇ. ئەسلىدە، ئاينۇرى ئۇخلاپ قالغاندا، ئايگۈل ئۇسساپ ئويغىنىپ كېتىپ، «كېيىك كۆلى» بويىغا بارغان ئىكەن، شۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچىپ كېيىك بولۇپ قاپتۇ.

    - يۈر قاچايلى، - دەپتۇ ئوق ئاۋازىنىڭ ئەدەب كەتكەنلىكىدىن چۆچىگەن ئاينۇرى. سىڭلىسى ئاينۇرىنى ئەگەشتۈرۈپ قېچىپ كۆل بويىدىكى بىر تۈپ سېدىگە چىقىۋاپتۇ. بىراق ئۇلارنىڭ شولىسى «كېيىك كۆلى» گە چۈشۈپ قاپتۇ.

    ئوق ئۈزۈپ ئوۋ ئوۋلاپ كېلىۋاتقان  پادىشاھ ئۇلارنىڭ شولىسىنى كۆرۈپ قېلىپ، لەشكەرلىرىنى چاقىرىپ:- ئەنە كۆردۈڭلارمۇ؟ - دەپتۇ. ھەممە شۇ تەرەپكە قارىسا، كۆل ئىچىدە گۈزەل بىر قىز بىلەن چىرايلىق بىر كېيىك بالىسى تۇرغىدەك.

     پادىشاھ : «ئېلىپ چىقىڭلار» دەپ بۇيرۇغان ئىكەن. لەشكەرلەر كۆلگە كېچىپ كىرىشىگە ھېلىقى گۈزەل قىز بىلەن چىرايلىق كېيىك بالىسى غايىپ بوپتۇ.

    شاھ بېشىنى كۆتىرىپ ئۈستىگە قارىسا سېدە ئۈستىدە بىر گۈزەل قىز بىلەن كېيىك بالىسى بىللە تۇرغان شاھ ھەيران بولۇپ سوراپتۇ: - ئادەممۇ سەن، پەرىمۇ؟

    - ئادەم.

    - بۇ نېمە كېيىك؟

    - ھەمراھىم، - دەپتۇ ئاينۇرى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ.

    شاھ بىر قاراش بىلەنلا ئاينۇرىغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ئۇنى يۇرتىغا ئېلىپ كېتىپ 40 كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ ئۆز ئىلكىگە ئاپتۇ. شاھنىڭ خانئايىم دېگەن خوتۇنى بولۇپ، توينىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئاينۇرىنى يامان كۆرۈپ قاپتۇ. شاھنىڭ ئاينۇرىغا بەرگەن سوۋغاتلىرىنى تارتىۋاپتۇ. ئىشقىلىپ، ئاينۇرىغا قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالماپتۇ. كۈنلەر ۋە ئايلارنىڭ ئوتۇشى بىلەن خانئايىمنىڭ نىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپتۇ. ئاينۇرى بولسا ئېغىر بوي بوپ قاپتۇ.

    بىر كۈنى شاھ يەنە لەشكەرلىرىنى باشلاپ ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ. پۇرسەتنى ئوڭ بىلگەن خانئايىم كۆل بويىدىكى قارا ياغاچقا گۈللەڭگۈچ سېلىپ، ئاينۇرىنى ئۇچۇشقا چاقىرىپتۇ. ساددا قىز خانئايىمنىڭ ئىلتىپاتىدىن كۆڭلى خوش بولۇپ، گۈلەڭگۈچتە ئۇچۇپ ئويناپتۇ. ئاينۇرى گۈلەڭگۈچتە ئۇچۇپ ئويناپتۇ. ئاينۇرى گۈلەڭگۈچتە بىر پەسلەپ، بىر ئېگىزلەپ، تازا قىززىق ئويناۋاتقاندا، خانئايىم كېلىپ، «شارت» قىلىپ ئارغامچىنى كېسىۋېتىپتۇ.

    ئاينۇرى: - ۋاي! - دەپ ۋارقىرىغان پېتى كۆلگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن پەقەت كېيىكلا خەۋەردار بولۇپ قاپتۇ. ئوردا ئىچىدە ئالا - توپىلاڭ كۆتىرىلىپ، شاھنى چاقىرغلى ئادەم مېڭىپتۇ. شاھ كەلگۈچە خانئايىم ئېغىر ئاغرىق قىياپىتىگە كىرىپ يوتقانغا يۆگىنىپ يېتىۋاپتۇ.

    ئەھۋالنى كۆرگەن شاھ ئېغىز ئاچقۇچىلىك خانئايىم: - بەختسىزلىك، - دەپ يىغلاپتۇ.

    - نېمە گەپ؟ - دەپتۇ شاھ .

    - ئۇنى سېھىرگەر دېسەم ئىشەنمىدىلە، ئاقىۋەت نېمە بولدى. ئۇ، ماڭا زەھەر، - خانئايىم گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي تىۋىپقا قاراپتۇ. تىۋىپ ئۇنىڭ سۆزىنى داۋام قىلىپ: - كۈندەش خانئايىمغا زەھەر ئىچكۈزۈپ قېچىپ كېتىپتۇ، - دەپتۇ.

    - ھەي، مەككار، - دەپتۇ پادىشاھ دەرھال لەشكەرلىرىنى چاقىرىپ: - ئاڭلاڭلار! ئاينۇرى قاچقۇن، خىيانەتچى، ھازىر ئاتلىنىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىڭلار! - دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. لەشكەرلەر ئاتلىنىپ تەرەپ - تەرەپكە ئاينۇرىنى ئىزلەپ چىقىپ كېتىپتۇ. ھەدىسىدىن ئايرىلىپ قالغان كېيىك بالىسى كۈندىن - كۈنگە شۇمشەرەپ، كۆل بويىدىن كەتمەي يىغلاپ يۈرگەن ئىكەن، بۇ ھال خانئايىمنى غەزەپلەندۈرۈپتۇ. ئۇ تىۋىپنىڭ دورىسى شىپالىق بەرمىگەن، كېسىلى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان قىياپەتكە كىرىپ يېتىۋاپتۇ.

    بىر كۈنى تىۋىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا كىرىپ خانئايىمنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى مەلۇم قىپتۇ.

    - نېمە قىلىش لازىم؟ - دەپتۇ پادىشاھ .

    - بۇنىڭ بىردىن بىر داۋاسى، - دەپ جىم بولۇپ قاپتۇ تىۋىپ.

    - نېمە داۋا بولسا قىلايلى، - دەپتۇ پادىشاھ بېشىنى سىلاپ تۇرغان كېيىك بالىسىنى نېرى ئىتتىرىپ.

    تىۋىپ مەقسەتنى ئېيتىشقا پېتىنالماي كېيىك بالىسىنى شەرەت قىپتۇ.

    - كېيىكمۇ؟ - دەپتۇ پادىشاھ .

    - سويۇپ، گۆشىنى خانئايىمغا يېگۈزۈپ، ئاشقىنىنى نەزىر قىلىۋەتسىلە ساقىيىدۇ، - دەپتۇ تىۋىپ.

    شاھ جىم بولۇپ قاپتۇ. كېيىك بالىسى بولسا يەنە كۆلىنىڭ بويىغا بېرىپ مۇڭلىنىپ يىغلاپتۇ.

    - ئوۋچىلارغا بۇيرۇق قىلاي، مۇشۇنداق كېيىك بالىسىنى ئېتىپ كەلسۇن، - دەپتۇ. پادىشاھ يېنىدىكى كېيىك بالىسىنى قىيماي.

    - ياق ئاللا مېنىڭ دىلىمغا مۇشۇ كېيىكنى سالغان، - دەپتۇ تىۋىپ.

    كېيىك بالىسى ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. ۋە يەنە كۆل بويىغا بېرىپ باغرىنى يېقىپ يېتىپتۇ. شۇ ھامان كۆلنىڭ ئىچىدىن: - ئەللەي بالام، ئەللەي،  كېچىلىرى چىراغىم. ئوڭ يېنىدا ئالتۇن بولۇڭ، سول يېنىمدا كۈمۈش بولۇڭ.   ئەللەي بالام، ئەللەي، - دېگەن ئاۋاز كەپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن يەنە: - ئايلىنىپ مەن ئاي دەيمەن، سېغىنىپ مەن ئايگۈلۈمنى. ئەللەي ئېتىپ ھارمايمەن، قارچۇغۇمنى ئوغلۇمنى، - دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كېيىك بالىسى كۆل بويىدىن يۆتكەلمەپتۇ. ئەتىسى ئوردا ئىچىدە ئادەملەر كۆپىيىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئوچاقلار كولىنىپ، قازانلار ئېسىلىپتۇ. قاسساپ كېلىپ پىچىقىنى بىلەشكە باشلاپتۇ. ئاندىن كۆل بويىدىكى كېيىك بالىسىنى تۇتۇپ، يىقىتىپ، پۇت - قولىنى چۈشەپ، قىلىچتەك ئىتتىك پىچاقنى كېيىك بالىسىنىڭ گېلىگە ئۇرۇشقا تەمشەلگەندە، كېيىك بالىسىغا زۇۋان كىرىپ: - ھەي پادىشاھ، گېپىمگە قۇلاق سال، - دەپتۇ. قاسساپ ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بۇ ئىشتىن قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، قولىدىكى پىچاقنى چۆرۈۋېتىپتۇ.

    قول  - پۇتى چۈشەكلىك تۇرغان كېيىك بالىسى كۆل  تەرەپكە قاراپ يۇملاپ بېرىپ: - ياخشى كۆرگەن جېنىم ھەدە، سىڭلىڭ ساڭا يالۋۇرار. سەن چىقمىساڭ بۇ كۆلدىن، سىڭلىڭ سەندىن ئايرىلار! - دەپتۇ.

    ھەممە جىمجىت بولۇپ تىڭشىغان ئىكەن. كۆل ئىچىدىن: - يۈرەك باغرىم ئېزىلدى.   غەم چېكىشتىن ئاپپىغىم. چىقاي دىسەم ھالىم يوق، ئۇچاي دېسەم قاناتىم! - دېگەن ئاۋاز چىقىپتۇ.

    كېيىك كۆلگە يەنىمۇ يېقىن كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:-  داش قازانلار ئېسىلدى،  قاسساپ ئاشپەز يىغىلدى.  چاپسان چىققىن جان ھەدە،  پىچاق گالغا قادالدى!

    شۇ چاغدا كۆلدىن مۇنداق ئاۋاز كەپتۇ: - يېڭى گىلەملەر ئاستىمدا، قوش بۆشۈكلەر يېنىمدا. قانداق چىقاي جان ئۇكام، ھەسەن - ھۈسەن يېنىمدا!

    بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئورنىدا تۇرالماي قاپتۇ. كۆپچىلىك: «كۆلدىن چىققان ئاۋاز ئاينۇرىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدۇ، بۇ ئاينۇرى ئىكەن» دەپ ئويلاپ، ھەممىسى قاپاق، سوغا، تەڭنە ئېلىپ چىقىپ، ئولاش -چولاش كۆلنىڭ سۈيىنى توشۇۋەتكەن ئىكەن، ئىچىدىن ئىككى يېنىغا ئىككى ئالتۇن بۆشۈكنى قويۇپ، ئالتۇن كوكولىلىق، ھەسەن - ھۈسەننى بۆلەپ تەۋرىتىپ تۇرغان ئاينۇرى چىقىپتۇ. ئاينۇرى كۆلدىن چىقىپلا كېيىكنى باغرىغا بېسىپ، بىر خىل دورا ئىچكۈزگەن ئىكەن، كېيىك تىك تۇرۇپ، بىر سىلكىنىپلا، تېرىسىنى تاشلاپ، بىر گۈزەل قىز سىياقىغا كىرىپتۇ.

    بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن خانئايىم بىلەن تىۋىپ نەگىدۇر قېچىپتۇ.

    شۇئان پادىشاھ : - ئالدامچى خوتۇن بىلەن ھىيلىگەر تىۋىپ تۇتۇلسۇن، - دەپ بۇيرۇپ قىپتۇ.

    كۆپچىلىك دەرھال خانئايىم بىلەن تىۋىپنى تۇتۇپ كەپتۇ.

    - بۇ ئىككىسىنى 41 ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا چېتىپ سۆرىتىپ، چۆلگە تاشلاڭلار، - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ، پادىشاھ يەنە.

    بۇيرۇقتىن رازى بولمىغان خانئايىم سەكرەپ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ شاھقا: - ئىككىمىز بىللە ياشىدۇق، بىللە ئۆلەيلى، - دەپتۇ - دە، شاھنىڭ كوكىسىگە خەنجەر ئۇرۇپتۇ. شاھ «ئاھ» دەپ يىقىلىپ جان ئۈزۈپتۇ. جامائەت شاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاپ، خانئايىم بىلەن تىۋىپنى41 ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا چېتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. پادىشاھلىقنى ئاينۇرىغا بېرىپ، ئۇنى تەختكە چىقىرىپتۇ. ئاينۇرى، سىڭلىسى ئايگۈلى، ئوغۇللىرى ھەسەن - ھۈسەنلەر خەلق بىلەن ئىجىل - ئىناق بولۇپ دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ.


    收藏到:Del.icio.us





ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com پىنگىۋىن:915575425 تېلفۇن:4053025-0997