ئەسكەرتىش:بلوگۇمدىكى ماتېرىياللارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.ناۋادا كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
  • 2011/02/18

    ھۈۋەي باتۇر ھەققىدە چۆچەك - [چۆچەكلەر]

    بۇنىڭدىن ناھايىتى كۆپ زامانلار ئىلگىرى بىر يېزا بولغانىكەن. بىر كۈنى بۇ يېزىدا چوڭ ئويۇن - تاماشا بولۇپتۇ. يېزىنىڭ چوڭ - كىچىك بارلىق ئاھالىسى راسا تاماشا قىلىپ ھارغاندىن كېيىن كېچىسى قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. شۇ چاغدا بۇ يېزىغا باسقۇنچىلار باستۇرۇپ كىرىپتۇ - دە، بارلىق ئاتلارنى ھەيدەپ كېتىپتۇ، ‹ياۋ تەگدى، ياۋ تەگدى!› دېگەن قىقاس - چۇقان بىلەن كۆتۈرۈلگەن كىشىلەر ياۋغا قارشى ئاتلىنىپ چىقايلى دەپ قارىسا يېزىدا ھېچكىمدە ئات قالمىغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار باسقۇنچىلىرىنىڭ نەدىن كېلىپ، نەگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي قىقاس-چۇقانلار بىلەن تاڭنى ئاتقۇزۇپتۇ. ئەتىسى پۈتۈن يېزا ئاھالىسى بىر جايغا توپلىنىپ، باسقۇنچىلاردىن ئاتلارنى قۇتۇلدۇرۇپ كېلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپتۇ. شۇ چاغدا ياشلارنىڭ ئارىسىدىن ھۈۋەي دېگەن بىر يىگىت:  -ئەگەر جامائەت لايىق كۆرسە، باسقۇنچىلارنىڭ كەينىدىن بىز ياشلار قوغلاپ بارايلى، بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ مانا مەن تەييار. قېنى يىگىتلەر، مېنىڭ بىلەن يەنە كىملەر بارىدۇ؟ - دەپتۇ.  كۈچ - قۇۋۋىتى ئېشىپ، باسقۇنچىلارغا غەزىپى قايناپ تۇرغان ياش يىگىتلەر: ‹مەنمۇ بارىمەن، مەنمۇ بارىمەن!› دەپ كەينى- كەينىدىن ئۆز خاھىشلىرىنى ئىزھار قىلىپتۇ - دە، شۇ زامان بەزىلەر قىلىچ، بەزىلەر ئوقيا، بەزىلەر پالتا ۋە تاياق- توقماقلار بىلەن قوراللىنىپتۇ، بىر نەچچە كۈنلۈك ئوزۇق ئاپتۇ ۋە باسقۇنچىلارنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ كېتىپتۇ. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە كېيىن ئۇلارنىڭ يېرىمى چىدىماستىن: ‹ئۈچ كۈندىن بېرى باسقۇنچىلار يەرنىڭ ئۇ چېتىگىمۇ يېتىپ بارغاندۇ، بىز پىيادە ئۇنىڭغا قانداق يېتىمىز؟! قويۇڭلار، شۇنچىۋالا قىلىپ بىزگە نېمە ئالۋان ئىدى!› دەپ قايتىپ كېتىپتۇ. قالغان يېرىمى يولنى داۋام قىلىپتۇ. يولدا ئۇچرىغان جەرەن ۋە باشقا ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئېتىپ كاۋاپ قىلىپ يەپ يۈرۈپ، ئاخىر ئېگىز بىر تاغقا يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار ئەنە شۇ تاغقا كەلگەندە، باسقۇنچىلارنىڭ ئىزىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ.  ئۇلار: ‹ئاۋۋال بىرەر نەرسە ئوۋلاپ قورساقنى تويدۇرۇۋالىلى، ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىشىمىز توغرىسىدا مەسلىھەت قىلارمىز› دەپ ئۇياق - بۇياققا قارىسا، بىر ھاڭ تاشنىڭ ئۈستىدە بىر كىيىك ئوتلاپ يۈرۈپتۇ. ھۈۋەي قارىغا ئېلىپ بىر ئاتقانىكەن، ھېلىقى كىيىك دومىلاپ چۈشۈپتۇ. بۇلار چاقمىقىنى چىقىپ ئوت يېقىپتۇ - دە، كىيىك گۆشىنى راسا كاۋاپ قىلىپ يەپ، قورساقلىرىنى تويدۇرۇپتۇ ۋە بىر ئاز دەم ئېلىپ يېتىپ، ھاردۇقلىرىنى چىقارغاندىن كېيىن ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشكە باشلاپتۇ. بەزىلەر: ‹بۇنىڭ بۇياقىغا ئىزسىز بېرىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ھازىرلا قايتىپ كېتەيلى› دەپتۇ، بەزىلەر: ‹تەۋەككۈلگە شۇ تاغنى ياقىلاپ مېڭىۋېرەيلى، ھېچبولمىغاندا بىرەر ئادەم بار يەرگە چىقىپ قالارمىز› دەپتۇ. بۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ھۈۋەي: - بولمىسا بۇنداق قىلايلى، سىلەر مەشەدە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن شۇ تاغنىڭ بېشىغا چىقىپ، تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە قاراپ كۆرەي، ئەگەر تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە بىرەر ئەل - يۇرت كۆرۈنگۈدەك بولسا، قالپىقىمنى ئوڭ قولۇمغا ئېلىپ ئوڭغا ئايلاندۇرىمەن، ئۇ چاغدا سىلەرمۇ مېنىڭ يېنىمغا چىقىسىلەر. ئەگەر ھېچ نەرسە كۆرۈنمىگۈدەك بولسا، قالپىقىمنى سول قولۇمغا ئېلىپ سولغا ئايلاندۇرىمەن، ئۇ چاغدا سىلەر جايىڭلاردا تۇرۇپ تۇرىسىلەر، مەن ئۆزۈم قايتىپ چۈشىمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن كېتىمىز، - دەپ تاغنىڭ بېشىغا چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئەڭ ئېگىز بىر چوققىغا چىقىپ قارىسا، تاغنىڭ ئۇ تەرىپى ئاجايىپ چىرايلىق، تۈپتۈز چىمەنلىك ئىكەن، ئۇنىڭ بىر چېتىدە بىر يېزا بولۇپ، ئەتراپتا سان - ساناقسىز يىلقىلار، كالىلار، قويلار، ئوتلاپ يۈرگۈدەك. بۇنى كۆرگەن ھۈۋەي بېشىدىن قالپىقىنى ئوڭ قولىغا ئېلىپ ئوڭغا ئايلاندۇرۇپتۇ.تاغنىڭ ئېتىكىدە تۇرۇپ، ھۈۋەينىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرغان ئالتە دوستى ئۇنىڭ قالپىقىنى ئوڭ قولىغا ئېلىپ ئوڭغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بۇلۇشۇپتۇ ۋە شۇ زامان ھۈۋەينىڭ ئالدىغا يېتىپ چىقىپتۇ. ئۇ يەردىن توپتۇغرا ھېلىقى يېزىغا قاراپ مېڭىپتۇ. يېزىنىڭ ئىچىدە بىر تۇل موماينىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ مومايدىن سوراشتۇرۇپ بىلسە، بۇ يېزا بىر چوڭ ئەمەلدار بايغا قاراشلىق بولۇپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى شۇ باينىڭ قۇل ۋە چاكارلىرى ئىكەن، ئەتراپتا يەرنىڭ يۈزى كۆرۈنمەي ئوتلاپ يۈرگەن سان-ساناقسىز ماللارمۇ شۇ باينىڭ بولۇپ، قۇل ۋە چاكارلىرىنىڭ ماڭلاي تەرى بىلەن توپلىغانىكەن. ئۇنى ئاز دەپ ئۆزىنىڭ چاپارمەنلىرىنى يىراق يېزىلارغا ئەۋەتىپ ھىمايىسىز ئاھالىنىڭ ماللىرىنى بۇلاپ - تالىتىپ كېلىدىكەن. ھۈۋەي باتۇرنىڭ يېزىسىنىڭ مېلىنىمۇ ئەنە شۇ ئەمەلدار باي ئۆزىنىڭ چاپارمەنلىرى ئارقىلىق بۇلاپ ئەكەلگەنىكەن. بىر كۈنى ھۈۋەي ئەتراپنى ئارىلاپ يۈرۈپ، بىر بۇلاق بويىدا گۈل تېرىپ يۈرگەن چىرايلىق بىر قىزنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاستاغىنا قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ گۈل تېرىشكە باشلاپتۇ، تەرگەن گۈللىرىنى قىزغا تەقدىم قىلىپتۇ ۋە ئۇياقتىن-بۇياقتىن گەپلىشىپ ئىككىسى تونۇشۇپتۇ. ھۈۋەيمۇ چىرايلىق يىگىت ئىكەن، قىزمۇ ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. بۇ ھېلىقى ئەمەلدار باينىڭ قىزى ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىككىسى بىر نەچچە كۈن خالىدا تېپىشىپ يۈرۈپتۇ. قىزنىڭ ئاتىسى ھەر جۈمە كۈنى ئوۋ ئوۋلاپ كۆڭۈل ئېچىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چاپارمەن ۋە ئۈلپەتلىرى بىلەن تاغقا كېتىدىكەن. كەچقۇرۇنلۇقى ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندىن كېيىن مەي - شارابلارنى ئىچىشىپ ئۇزاق تاماشا قىلىپ ئولتۇرىدىكەن - دە، كېيىن قاتتىق ئۇخلاپ قالىدىكەن. قىز ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھۈۋەي بىلەن قېچىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ. كۈتكەن جۈمە كۈنىمۇ كېلىپ ئەمەلدار باي ئوۋغا چىقىپتۇ، ئولتۇرۇپتۇ ۋە كۆپ ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ ياتقان ھۈۋەي، قىزنىڭ ئىشارىسى بويىچە، ۋاقىتنىڭ يەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپتۇ. يولداشلىرى بىلەن يىلقىنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئەڭ ياخشى سەككىز ئاتنى تۇتۇپ ئېگەرلەپتۇ، ئالتە ئاتقا ئالتە يولدىشىنى مىندۈرۈپ، ناھايىتى كۆپ ئاتلارنى ھەيدىتىپ يولغا ساپتۇ - دە: - سىلەر توختىماستىن مېڭىۋېرىڭلار، مەن قىزنى ئېلىپ ئارقاڭلاردىن كۆزىتىپ ماڭىمەن، چۈنكى كەينىمىزدىن لەشكەرلەر قوغلاپ كېلىشى مۇمكىن، - دەپ ئۆزى بىر ئاتنى مىنىپ، بىر ئاتنى يېتىلەپ قىزنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. قىز بىر بېشىنى لىققىدە كىيىم - كېچەك ۋە بىر بېشىنى لىققىدە ئالتۇن بىلەن تولدۇرۇپ تەييارلاپ قويغان خۇرجۇننى ئاتقا ئارتىپتۇ - دە، ئاندىن ئىككىسى يولغا راۋان بولۇپتۇ. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئالدى تەرەپتە يىراق بىر يەردە قاپقارا چاڭ توزۇپ كېتىپ بارغان ئاتلارنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ: - ئاۋۇ ئالدىمىزدا كېتىپ بارغان نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ قىز. - بىر ياققا كېتىپ بارغان كارۋان بولسا كېرەك، - دەپ قويۇپتۇ ھۈۋەي، چۈنكى قىز بۇلارنى باسقۇنچىلار ئىكەن دەپ ئويلاپ قالمىسۇن دەپ، يولداشلىرىنىڭ بارلىقى ۋە قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا قىزغان ئېيتماپتۇ. - ئۇنداق بولسا شۇلارغا يېتىشىۋېلىپ بىللە ماڭساق بولىدىكەن، - دەپتۇ قىز: - ئۇلار بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭساق ياخشى بولاتتى، بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دادىڭىزنىڭ تونۇشلىرى بولۇپ قېلىپ، سىزنى تونۇپ قالسا قانداق بولىدۇ! - دەپتۇ ھۈۋەي، - بۇ گېپىڭىزمۇ توغرا، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۇلارنىڭ كەينىدىن قارىسىنى كۆرۈپ ماڭغىنىمىز ياخشى؟ - دەپتۇ قىز. ئىككىسى ئالدىدىكى ئاتلارنىڭ قارىسىنى كۆرۈپلا ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. بۇلار خېلى يول ماڭغاندىن كېيىن: ‹بىر ئاز دەم ئېلىۋالايلى› دەپ بىر بۇلاقنىڭ بويىدا ئاتتىن چۈشۈپ ئولتۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا قىز بۇ جاينىڭ گۈزەللىكىگە ھەۋەس قىلىپ قاراۋېتىپ، ئارقا تەرەپتە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈۋاتقان چاڭ - توپىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ھۈۋەيگە: - ئاۋۇ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان چاڭ - توپىنى قاراڭە، ئېھتىمال ئاتامنىڭ لەشكەرلىرى قوغلاپ كېلىۋاتسا كېرەك، بولۇڭ چاپسانراق قاچايلى! - دەپتۇ. لېكىن ھۈۋەي ھەر قانداق قىلىپ بولسۇن ئالدىدا كېتىپ بارغان ئاتلارنى تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، دۈشمەننىڭ يولىنى شۇ يەردە توساپ زەربە بەرمەكچى بولۇپتۇ ۋە قىزنى ئىلگىرى ماڭغۇزۇۋېتىپ، ئۆزى بىر تاشنىڭ دالدىسىغا كىرىپ يول توساپ يېتىپتۇ. ئەمەلدار باي ئۆلگۈچە ئىچىپ مەست بولۇپ، قاتتىق ئۇخلاپ قالغان جۈمە ئاخشىمىنىڭ ئەتىسى ئۆزىگە كەلگەندىن كېيىن، قىزىنىڭ قاچقانلىقى ۋە كۆپ ئاتلىرىنى بىرىنىڭ ھەيدەپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئاتارمەن - چاپارمەنلىرىنى ئېلىپ ئىز قوغلاپ چىققانىكەن. ئۇلار چاڭ - توپىنى توزۇتۇپ ماڭغىنىچە ھۈۋەي ماراپ ياتقان تاشقا يېقىن كەپتۇ. ھۈۋەي بىر ئاتقىلى تۇرغانىكەن، لەشكەرلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى قىرىلىپ كېتىپتۇ. قالغانلىرى ئۆزلىرىنى تاشلارنىڭ دالدىلىرىغا ئېلىپ ئېتىشقا باشلاپتۇ، ئۇزاق ئېتىشقاندىن كېيىن باينىڭ لەشكەرلىرى قىرىلىپ، ئاخىر بەش - ئالتىلا كىشى قاپتۇ، باينىڭ ئۆزىمۇ يارىدار بولۇپتۇ. ئۆزىنىڭمۇ ھالاك بولۇشىغا كۆزى يەتكەن باي قىلىچىنى تاشلاپ، تەسلىم بولۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھۈۋەي ئۇ بايدىن ئىككىنچى بۇ تەرەپلەرگە ئاياغ باسماسلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنىڭ مېلىنى تالىماسلىقى توغرىسىدا تىلخەت ئېلىپ قايتۇرۇۋېتىپتۇ، ئۆزى بولسا يولغا چىقىپ قىزغا يېتىشىۋاپتۇ، ئۇنىڭغا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. كېيىن ئىككىسى ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ، ئالدىدا ئات ھەيدەپ كېتىپ بارغانلارغا يېتىشىپتۇ. شۇ چاغدىلا قىزغا ئۆز يولداشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ھەممە گەپنى ئېيتىپتۇ. يولداشلىرىغىمۇ يولدا بولغان قاتتىق جەڭ توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپتۇ.  شۇنداق قىلىپ، بۇلار بىر ھەپتە يول ماڭغاندىن كېيىن ئۆز يېزىسىغا يېتىپ كەپتۇ. بۇلارنىڭ تەقدىرىدىن خەۋەرسىز قايغۇرۇپ تۇرغان جامائەت ناھايىتى خۇشال بولۇپ قارشى ئاپتۇ. ھۈۋەي باتۇر ئىلگىرى ئۆزلىرى ئالدۇرۇپ قويغان ئاتلىرىدىن نەچچە باراۋەر كۆپرەك ئېلىپ كەلگەن ئاتلارنى يېزىنىڭ بارلىق ئاھالىسىگە بۆلۈپ بېرىپتۇ. ئۆزى چوڭ توي - مەرىكە قىلىپ ھېلىقى قىزغا ئۆيلىنىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ھۈۋەي ‹باتۇر› دېگەن نامنى ئېلىپ، داڭقى پۈتۈن ئەتراپقا تارقىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يېزىنىڭ ئاھالىسى خاتىرجەم بولۇپ، بەختىيار ھايات كەچۈرۈشكە باشلىغانىكەن.


    收藏到:Del.icio.us





ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com پىنگىۋىن:915575425 تېلفۇن:4053025-0997