ئەسكەرتىش:بلوگۇمدىكى ماتېرىياللارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.ناۋادا كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
  • 2011/02/18

    قۇلۇپ تۆشۈكىدىكى ئۆمۈچۈك - [مەسەللەر]

    داۋىنچ

    ئۆمۈچۈك يامىشىپ بىر ئۆيگە كىرىپتۇ. ئۇ ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە بىر رەت كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىقىپ، ئاخىرىدا قۇلۇپنىڭ تۆشۈكىگە يوشۇرۇنۇش قارارىغا كەپتۇ.

    ـــ پاھ ، كۆڭۈلدىكىدەك جاي! مېنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى كىممۇ سېزەلىسۇن؟

    ـــ ئاۋۇ تەرەپكە ـــ تاشنىڭ ئەگمىسىگە، ـــ دەپتۇ ئۆمۈچۈك ئۆز-ئۆزىگە، ـــ تور توقۇپ چىۋىن تۇتقىلى بولغۇدەك.

    ماۋۇ تەرەپكە، ـــ دەپتۇ ئۇ پەلەمپەيگە قاراپ، ـــ يەنە بىر تور يېيىپ قۇرت تۇتسام بولغۇدەك.

    ئۆمۈچۈك ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ. قۇلۇپنىڭ تۆشۈكىنى تەڭداشسىز ھاۋا مۇداپىئە ئۆڭكۈرىدەك ھېس قىپتۇ.

    ئۆمۈچۈك ئۆز پىلانىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولۇپ تۇرۇشىغا، قۇلىقىغا بىراۋنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىپتۇ. ئىنتايىن ئېھتىياتچان ئۆمۈچۈك دەرھال پاناھلىنىپتۇ.

    ئۇ ئادەم ئۆيگە كىرمەكچى بولۇپ، ئاچقۇچلارنى بىر دەم شىرىقىشتقاندىن كېيىن قۇلۇپنىڭ تۆشىكىگە توغىرلاپتۇ-دە، ئۆمۈچۈكنى نىختاپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.

    بۇ مەسەل بىزگە نەزەر دائىرىسى تار ئادەملەرنى ئەسلىتىدۇ. ئۇلار يۈزەكى ھادىسىلەرگە ئىشىنىدۇ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەنمەيدۇ.


    收藏到:Del.icio.us





ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com پىنگىۋىن:915575425 تېلفۇن:4053025-0997