ئەسكەرتىش:بلوگۇمدىكى ماتېرىياللارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.ناۋادا كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
  • 2011/02/18

    كېمىچى ۋە ئۇنىڭ بالىسى - [مەسەللەر]

    قەھرىتان قىشنىڭ بىر كۈنىسى، كېمىچى كېمە بىلەن بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ، بالىسىنىمۇ بىللە ئېلىۋاپتۇ. كېمىچى بىردەم تازا كۈچەپ پالاق ئۇرغاندىن كېيىن، بەك ئىسسىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ - دە، كۆڭلەكتىن باشقا كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى سېلىۋېتىپتۇ، ئاندىن كېمە بۆلمىسىگە كىرىپ، ئوغلىغا: - بەك ئىسسىق بولۇپ كەتتى، چاپىنىڭنى سېلىۋەت! - دەپ بالىسىنىڭ چاپىنىنى سالدۇرۇۋېتىپ، كۆڭلەكچان قىلىپ قويۇپتۇ.

    كېمىچى يەنە بىردەم پالاق ئۇرۇپتىكەن، پۈتۈن بەدىنى چىپ - چىپ تەرگە چۆمۈلۈپتۇ، ئاخىر ئۇچىسىدىكى كۆڭلىكىنىمۇ سېلىۋېتىپتۇ. - ئۇھ، نېمىدېگەن ئىسسىق بۇ! - دېگىنىچە كېمە بۆلمىسىگە كىرىپ بالىسىنىڭ كۆڭلىكىنىمۇ سالدۇرۇۋېتىپتۇ. كېمىچى كۈچەپ پالاق ئۇرۇۋېتىپ تەرلەپ كەتكىنىدىن بەدىنىدىن ھور چىقىشقا باشلاپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىچارە بالىسى كېمە ئىچىدە مۇزلاپ ئۆلۈپ قاپتۇ.


    收藏到:Del.icio.us





ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com پىنگىۋىن:915575425 تېلفۇن:4053025-0997