بوزدۆڭ يېزا مائارىپ بلوگى قۇرۇلغىلى

  • ئېشەك بىلەن كالا بىللە سەپەرگە چىقىپتۇ، ئېشەك ئىتتىك مېڭىپ، پات - پات ئارام ئېلىشقا، كالا سالماق قەدەم بىلەن بىر خىل مېڭىپ، ئۆزىنى ھارغۇزماي يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشكە خۇشتار ئىكەن. ئېشەك يول يۈرۈش داۋامىدا كالىنىڭ ئالدىرىماي ماڭىدىغانلىقىدىن بەكمۇ زېرىكىپتۇ - دە، ئۇنىڭغا ئۆزىنى بىر تونۇتۇپ قويۇشنى مەقسەت قىلىپ، مېڭىشتا مۇسابىقلىشىشنى ئېيتىپتۇ. كالا مەنزىلگە يېتىپ بېرىشتا ئېشەكتىن يېڭىلىپ قېلىشنى نومۇس بىلىپ، بۇ پىكىرگە قوشۇلۇپتۇ.

  • بىر ئېغىلدا بىر ئېشەك بىلەن بىر قوي تۇرىدىكەن. قوينىڭ ناھايىتى قاملاشقان بىر جۈپ چاقماق مۈڭگۈزى بار ئىكەن. ئۆزىدىن خېلىلا كىچىك بولغان بۇ ھايۋانغا شۇنچىلىك قاملاشقان مۈڭگۈزنى ئاتا قىلغان ئاللاغا نارازىلىقى ئۆرلىگەن ئېشەك، خاپىلىقتا خىيال سۈرۈپ يېتىپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.

    ئۇ چۈش كۆرۈپتۇ: چۈشىدە قارىسا، بېشىدا ناھايىتى كېلىشكەن بىر مۈڭگۈزى تۇرغانمىش. بېشىنى ئۇيان - بۇيان بۇرىغانىكەن، بېشى ناھايىتى ئېغىر تۇيۇلۇپتۇ. خۇداغا شۈكرى، ئاللانىڭ قۇدرىتى ھەقىقەتەن زور ئىكەن، تەلىپىمنى يەردە قويماي، ماڭا مۈڭگۈز بېرىپتۇ. قېنى، ئەمدى قويغا ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتەيچۇ! دەپ ئويلاپتۇ ئېشەك.


ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com مۇڭداشقۇ:915575425 تېلفۇن:4053025-0997