-
2011/02/18
ھاكاۋۇر ئېشەك - [مەسەللەر]
ئېشەك بىلەن كالا بىللە سەپەرگە چىقىپتۇ، ئېشەك ئىتتىك مېڭىپ، پات - پات ئارام ئېلىشقا، كالا سالماق قەدەم بىلەن بىر خىل مېڭىپ، ئۆزىنى ھارغۇزماي يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشكە خۇشتار ئىكەن. ئېشەك يول يۈرۈش داۋامىدا كالىنىڭ ئالدىرىماي ماڭىدىغانلىقىدىن بەكمۇ زېرىكىپتۇ - دە، ئۇنىڭغا ئۆزىنى بىر تونۇتۇپ قويۇشنى مەقسەت قىلىپ، مېڭىشتا مۇسابىقلىشىشنى ئېيتىپتۇ. كالا مەنزىلگە يېتىپ بېرىشتا ئېشەكتىن يېڭىلىپ قېلىشنى نومۇس بىلىپ، بۇ پىكىرگە قوشۇلۇپتۇ.
مۇسابىقە باشلىنىپ، ئېشەك چىشلىرىنى ھىڭگايتقان، قۇلاقلىرىنى دىڭگايتقان ھالدا جان- جەھلى بىلەن چېپىشقا باشلاپتۇ ۋە ھەش - پەش دېگۈچە كالىنى خېلىلا كەينىدە قالدۇرۇپ، ئۇزاپ كېتىپتۇ. ئارقىدا قېپقالغان كالا بولسا، ھېچقانداق مەيۈسلەنمەستىن، سالماق قەدەمدە يولىنى يۈرۈۋېرىپتۇ. ئېشەك شۇ چاپقانچە چېپىپ، بىر مۇنچە يول باسقاندىن كېيىن، ھېرىپ، تەرلەپ كېتىپتۇ. ئۇ كەينىگە قاراپ، كالىنىڭ قارىسىنى كۆرمىگەندىن كېيىن: مۇشۇ يەردە يېتىپ، بىردەم ئارام ئېلىۋالاي، كالا كەلگەندە يەنە چاپسام، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتەلەيمەن ۋە مەنزىلگە بالدۇر بارالايمەن، كالا دېگەن مېنىڭ ئالدىمدا نېمىتى؟! دەپ ئويلاپتۇ.
بىر ھازادىن كېيىن كالا ئېشەكنىڭ ياتقان يېرىگە يېتىپ كەپتۇ. - قوپ ئاداش، يول ماڭىمىز، بولمىسا ئۇخلاپ قالىسەن، - دەپتۇ كالا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ. ئېشەك بۇ گەپكە پىسەنت قىلماپتۇ ۋە يېتىپ، بىر پەستىن كېيىن ئۇخلاپ قاپتۇ. ئوزۇق ئىزدەپ يۈرگەن بىر بۆرە ئېشەكنىڭ ياتقان يېرىگە كېلىپ قاپتۇ ۋە ئۇخلاۋاتقان ئېشەككە ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ مەززىلىك غىزاسىغا ئايلاندۇرۇپتۇ. كالا زېرىكمەي، بىر خىل سالماق قەدەم بىلەن يولنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىر كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بېرىپتۇ.
历史上的今天:
ھۈۋەي باتۇر ھەققىدە چۆچەك 2011/02/18«يېرىل تېشىم، يېرىل» 2011/02/18يانتاقچى بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى 2011/02/18ياخشىلىق يەردە قالماس (بىرىنچى قىسىم) 2011/02/18ۋىجدانلىق مەلىكە 2011/02/18
收藏到:Del.icio.us