-
2011/02/18
قىسقۇچپاقا بىلەن گرانت تاش - [مەسەللەر]
زېرەك قىسقۇچپاقا بىلەن بىر توپ بېلىجانلار تاسادىپىي جىددىي ئېقىنغا كىرىپ قېلىشتىن قورقۇپ، بىر گرانت تاشنى چۆرگىلەپ ئويناپتۇ.
سۇنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن نۇر ئۆتىشىپ تۇرىدىكەن، بېلىجانلار خۇشاللىقىدىن ھەر يان ئۈزۈشۈپ، نۇر ۋە سايىنىڭ شادلىقىدىن بەھرىمان بوپتۇ.
كەچ كىرىپتۇ. ئەقىللىق قىسقۇچپاقا گرانت تاش ئاستىغا يوشۇرۇنۇۋاپتۇ. ئۇ گۇيا ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغان يىرتقۇچ ھايۋاندەك، يوشۇرۇنغان جايدا تۇرۇپ بېلىجانلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئوغىرلىقچە كۆزىتىپتۇ. ئاپلا، بېلىجانلار يېقىنلاشتى! قىسقۇچپاقا بېلىجاننى تۇتۇپ يەۋېتىپتۇ.
ـــ بۇ قىلىقىڭ ياخشى بولمىدى، ـــ دەپتۇ گرانت تاش غودۇڭۇشىپ، ـــ سەن مېنىڭدىن پايدىلىنىپ بېلىجانغا زىيانكەشلىك قىلدىڭ!
قىسقۇچپاقا پىسەنت قىلمىغان ھالدا مۆرىسىنى قىسىپ قويۇپ، بېلىجان تۇتۇش قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
بىر كۈنى دەريا سۈيى تاسادىپىي ئۇلغىيىپ كېتىپتۇ. كەلكۈننىڭ كۈچ-قۇدرىتى شۇنداق زورىيىپ كېتىپتۇكى، گرانت تاشنىمۇ دەريادا دۇمىلىتىۋېتىپتۇ، نەتىجىدە گىرانت تاش ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ ياتقان قىسقۇچپاقىنىمۇ يانجىۋېتىپتۇ.
بىر نىيەت پۈكۈپ دىلغا كىمكى يېگانە ئالسا يول،
قىسقۇچپاقا قىسمىتىنى قىلغاي ئۇ، تەھقىق قوبۇل.
历史上的今天:
ھۈۋەي باتۇر ھەققىدە چۆچەك 2011/02/18«يېرىل تېشىم، يېرىل» 2011/02/18يانتاقچى بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى 2011/02/18ياخشىلىق يەردە قالماس (بىرىنچى قىسىم) 2011/02/18ۋىجدانلىق مەلىكە 2011/02/18
收藏到:Del.icio.us