ئەسكەرتىش:بلوگۇمدىكى ماتېرىياللارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.ناۋادا كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
  • 2011/02/18

    مايمۇننىڭ قىڭراق بىلىشى - [مەسەللەر]

    مايمۇن بىر قىڭراق تېپىۋاپتۇ، ئەمما بۇ قىڭراق ناھايىتى گال بولۇپ، بىرەر تال كىچىك ياغاچنىمۇ كېسەلمەيدىكەن. ئۇ ئوتۇنچىنىڭ قېشىغا بېرىپ: - سەن قىڭرىقىڭنى قانداق ئىتتىكلىتىسەن؟ بۇنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بولساڭ، - دەپ تەلەپ قىپتۇ.

    - ئۇنى تاشقا سۈركەپ ئىتتىكلىتىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوتۇنچى.

    - سۈركىسىلا ئىتتىك بولامدۇ؟

    - ھەئە.

    مايمۇن خۇشھال ھالدا ئۆيىگە قايتىپ، قىڭراقنىڭ بىسىنى تاشقا سۈركەپتۇ. تولا سۈركەۋەرگەنلىكتىن، بىسى كەينىگە يېنىپ ئارقىسى بىلەن ئوخشاش قېلىن بولۇپ قاپتۇ. ئۇ قىڭراقنى ئېلىپ ئوتۇن كەسكىلى بارغانىكەن، ياغاچقا پەقەتلا ئۆتمەپتۇ.

    - ۋوي، مەن باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگەنسەممۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدىغۇ؟ ئەگەر ئوتۇنچىنىڭ ئېيتقىنى خاتالا بولمىسا، مەسىلە چوقۇم قىڭراقتا ئوخشايدۇ، - دەپ خۇلاسە چىقىرىپتۇ مايمۇن.


    收藏到:Del.icio.us





ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com پىنگىۋىن:915575425 تېلفۇن:4053025-0997