-
2011/02/18
ماھارەت - [مەسەللەر]
بولۇق ئۆسكەن ئوت كىيىم كىيگەن بىر تاغدا، ئوتلايدىكەن يايرىشىپ، قوي - ئۆچكىلەر ھەر تاڭدا. ئۇزۇن - ئۇزۇن ساقاللىق، ئۆچكىلەر بەك شوخ ئىكەن. تاغقا چىقسا ھارمىغاچ، كۆڭۈللىرى توق ئىكەن. زاڭلىق قىلىپ كۈلەركەن، پەستە قويلار ئوتلىسا. دېيىشەركەن: - چىقمامدۇ، بىڭسى بولسا، قورقمىسا.
قويلار بىر كۈن باش قوشۇپ، چوڭ بىر يىغىن ئېچىپتۇ. ئەگرى مۈڭگۈز قوچقاربايم ئۆز پىكرىنى ئېيتىپتۇ: - نەچچە چاغدىن بىز قويلار، تاغ تۈۋىدە ئوتلىدۇق. بىر جاينىلا چۆرگىلەپ، ئوت - چۆپنىمۇ قويمىدۇق. بىڭسىمىز يوق دېمەيلى، كۈچ - غەيرەتكە كېلەيلى. ئۆچكىلەردىن ئۆگىنىپ، تاغ ئۈستىگە ئۆرلەيلى...
قوچقارباينىڭ بۇ سۆزى، ھەممە قويغا خوپ كەپتۇ. ئۆچكىلەرنىڭ يېنىغا، ئۈچ ۋەكىلى يول ئاپتۇ. مىڭبىر تەستە ئۈچ ۋەكىل، تاغ بېلىگە چىقىپتۇ. ئۆچكىلەرگە سالام قىپ، مەقسىتىنى ئېيتىپتۇ: - ئەي ئۆچكىلەر، ئۆچكىلەر، سۆزىمىزنى ئاڭلاڭلار. زور ئۈمىدتە كەلدۇق بىز، ھەرگىز‹‹ياق›› دەپ قالماڭلار. تاغ بېلىگە چىقىشتا، سىلەردە بار ماھارەت. ماھارەتنى ئۆگەنمەك، بىز قويلارغا ھەم ھاجەت. ئالدىڭلارغا كەلدۇق بىز، ۋەكىل بولۇپ قويلارغا. سىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئېغىز تەگسەك ئوتلارغا...
بىر - بىرىگە قارىشىپ، كۆز قىسىپتۇ ئۆچكىلەر. ساقاللارنى تىترىتىپ، ياڭرىتىپتۇ كۈلكىلەر. دەپتۇ ئۇلار: - ئەي قويلار! ساراڭ بولۇپ قاپسىلەر. ھالىڭلارغا باقماستىن، نىيەت قىلىپ ساپسىلەر. بىھۇدىدۇر ئۆگىتىش، سىلەر ئۈچۈن كېلەر تەس. ماھارەتتىن سۆز ئېچىش، سىلەرگە ھېچ خاس ئەمەس. تىلىڭلارنى چاينىماي، دەرھال قايتىپ كېتىڭلار. تەقدىرىگە تەن بەرسۇن، بارچە قويغا ئېيتىڭلار!
قايتىپ كەپتۇ ئۈچ ۋەكىل، قاش - كۆزىنى سوزۈشۈپ. ئاچچىق يۇتۇپ بىر مۇنچە، قورساقلىرى كۆپۈشۈپ. قويلار ئاڭلاپ ئەھۋالنى، ئۈمىدىنى ئۈزۈپتۇ. خورلۇق ھېس قىپ بۇ ئىشتىن، بېشى تۆۋەن چۈشۈپتۇ.
شۇ چاغ دانا قوچقارباي، تىك تۇتۇپتۇ قەددىنى. روھسىزلىنىش نومۇس دەپ، بىلىپتۇ ئۆز قەدرىنى. دەپتۇ قوچقار: - دوستلىرىم، ئۆزىمىزنى تۇتايلى. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ماھارەتنى قۇچايلى. ئاز - ئاز ئۆرلەپ ھەر كۈنى، قاتتىق مەشىق قىلايلى. غەيرەت قىلىپ بىز چوقۇم، تاغ ئۈستىگە چىقايلى.
قويلار ئاڭلاپ بۇ سۆزنى، يېڭىچە بىر كۈچ ئاپتۇ. كۆڭۈللىرى يورۇشۇپ، چۈشكۈنلۈكنى تاشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەشىقنى، بەش - بەس بىلەن باشلاپتۇ. تاغقا قاراپ ھەممىسى دادىل قەدەم تاشلاپتۇ. مەشق بىلەن قويلارنىڭ، نۇرغۇن كۈنى ئۆتۈپتۇ. مەقسىتىگە يېتىشچۈن، مونچاق تەرلەر تۆكۈپتۇ. ھەممە قويلار بىر كۈنى، تاغ بېلىگە چىقىپتۇ. ئۆچكىبايلار بۇ ھالدىن، بەكمۇ ھەيران قېلىپتۇ. قويلار يەنە ئۈزلۈكسىز، يۇقىرىغا ئۆرلەپتۇ. يېرىم يولدا بوشاشماي، تاغ ئۈستىنى كۆزلەپتۇ. باتۇر قويلار ئاخىرى، مەقسىتىگە يېتىپتۇ. ئۆچكىلەرگە بۇ ۋەقە، تازا ئەلەم قىلىپتۇ.
دەپتۇ ئۇلار: - قالامدۇق، شۇ قويلارنىڭ كەينىدە. ماھارەتنى ئىشلىتىپ، كۆرسىتەيلى ھەممىگە. بىراق شۇنچە كۈچەپمۇ، ئۆرلىيەلمەپتۇ ئېگىزگە. ‹‹ئاھ – ۋاھ›› قىپتۇ ئۆچكىلەر، ئولتۇرغاندەك بىگىزگە. قويلار كۆرۈپ بۇ ھالنى، دەرھال پەسكە چۈشۈپتۇ. كۆڭلىدە كىر ساقلىماي، قوللىرىنى سوزۇپتۇ. ئۆچكىلەرنى يېتەكلەپ، تاغ ئۈستىگە چىقىپتۇ.
قىلمىشىدىن ئۆچكىلەر، خىجىللىققا پېتىپتۇ. دېيىشىپتۇ: - ئەي دوستلار! بىزنى ئەپۇ قىلىڭلار. قىلمىساقمۇ ياخشىلىق، بىزگە ياردەم قىلدىڭلار. مەغرۇرلۇقنىڭ دەردىنى، تارتتۇق راسا يەتكۈچە. ئەمدى كەمتەر بولىمىز، تەندىن جانلار كەتكۈچە.
历史上的今天:
ھۈۋەي باتۇر ھەققىدە چۆچەك 2011/02/18«يېرىل تېشىم، يېرىل» 2011/02/18يانتاقچى بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى 2011/02/18ياخشىلىق يەردە قالماس (بىرىنچى قىسىم) 2011/02/18ۋىجدانلىق مەلىكە 2011/02/18
收藏到:Del.icio.us