-
2011/05/11
ئېلىمىزدىكى ئىشقا ئۇرۇنلىشىش نىسبىتى يۇقىرى 20 ئالىي مەكتەپ - [يېڭى ئۇچۇرلار]
1. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى: %95 (985 قۇرۇلۇشىدىكى توققۇز مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. IT تۈرىدىكى يېڭى گۈللەنگەن تەبىئىي پەن كەسپى، قىسمەن كونا تەبىئىي پەن كەسپى، مالىيە ئىقتىساد تۈرىدىكى كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
2. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى: %94 (985 قۇرۇلۇشىدىكى توققۇز مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. كۆپ قىسمى ئىجتىمائىي پەن، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ھاياتلىق ئىلىمى تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسرەك، IT تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك يېڭى گۈللەنگەن تەبىئىي پەن كەسپى، مالىيە ئىقتىساد تۈرى، چەت ئەل تىلى تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
3. شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى: %99 (985 قۇرۇلۇشىدىكى توققۇز مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ھاياتلىق ئىلمى تۈرى، دېھقانچىلىق ئىلمى تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى ئەمەس. IT تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك يېڭى گۈللەنگەن تەبىئىي پەن كەسپى، قىسمەن كونا تەبىئىي پەن كەسپى، مالىيە ئىقتىساد كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
4. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى: %97 (985 قۇرۇلۇشىدىكى توققۇز مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. كۆپ قىسمى ئىجتىمائىي پەن، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ھاياتلىق ئىلمى تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى ئەمەس. IT تۈرىدىكى يېڭى گۈللەنگەن تەبىئىي پەن كەسپى، مالىيە ئىقتىساد تۈرى، چەت ئەل تىلى تۈرىدىكى كەسپىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
5. تاشقى ئىقتىساد سودا ئۇنىۋېرسىتېتى: %96 (211 قۇرۇلۇشى مەكتىپى، مالىيە ئىقتىساد تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
6. نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى: %96 (985 قۇرۇلۇشىدىكى توققۇز مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. كۆپ قىسمى ئىجتىمائىي پەن، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ھاياتلىق ئىلمى تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى ئەمەس. IT تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەبىئىي پەن كەسپى، قىسمەن كونا تەبىئىي پەن كەسىپلىرى، مالىيە ئىقتىساد تۈرى، چەت ئەل تىلى تۈرى كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
7. بېيجىڭ چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى: %97 (211 قۇرۇلۇشى مەكتىپى، چەت ئەل تىلى تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
8. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى: %95 (ئادەتتىكى 985 قۇرۇلۇشى مەكتىپى، كۆپ قىسمى ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى ئەمەس. مالىيە ئىقتىساد تۈرىدىكى كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
9. شاڭخەي مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى: %97 (211 قۇرۇلۇشى مەكتىپى، مالىيە ئىقتىساد كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
10. شاڭخەي تاشقى ئىقتىساد سودا ئىنستىتۇتى: %98 (211 قۇرۇلۇشىغا كىرمىگەن مەكتەپ، مالىيە ئىقتىساد تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
11. شاڭخەي چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى: %97 (211 قۇرۇلۇشى مەكتىپى، چەت ئەل تىلى تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
12. تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى: %97 (ئادەتتىكى 985 قۇرۇلۇشى مەكتىپى، قىسمەن كونا تەبىئىي پەن كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
3. دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتى: %97 (211 قۇرۇلۇشىغا كىرمىگەن مەكتەپ)
14. شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى: %94 (985 قۇرۇلۇشىدىكى توققۇز مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ھاياتلىق ئىلمى تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى ئەمەس. IT تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەبىئىي پەن كەسىپلىرى، قىسمەن كونا تەبىئىي پەن كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
5. جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى: %96 (985 قۇرۇلۇشىدىكى توققۇز مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. كۆپ قىسىمى ئىجتىمائىي پەن، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ھاياتلىق ئىلمى، دېھقانچىلىق ئىلمى، يېمەكلىك تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر، پېداگوگىكا كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى ئەمەس. IT تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك يېڭى گۈللەنگەن تەبىئىي پەن كەسىپلىرى، قىسمەن كونا تەبىئىي پەن كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
16. جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى: %86 (985 قۇرۇلۇشىدىكى توققۇز مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. IT تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەبىئىي پەن كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى، ھاياتلىق ئىلمى تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى ئەمەس)
17. جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى: %97 (ئادەتتىكى 985 قۇرۇلۇشى مەكتىپى، كۆپ قىسمى ئىجتىمائىي پەن، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ھاياتلىق ئىلمى تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى ئەمەس. IT تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەر، مالىيە ئىقتىساد تۈرى، چەت ئەل تىلى كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
8. مەركىزىي مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى: %96
19. بېيجىڭ پوچتا تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى: %96 (211 قۇرۇلۇشى مەكتىپى، IT تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك يېڭى گۈللەنگەن تەبىئىي پەن كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)
20. شېنجېن ئۇنىۋېرسىتېتى: %91 (211 قۇرۇلۇشىغا كىرمىگەن مەكتەپ)
مەنبە: مەكتەپ تورى
ئەسلى ئۇلانما مەنبەسى: http://www.xjmaktap.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=420