-
2011/05/16
ئۇيغۇرچە رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە 12مۇقام دېتالى - [يۇمشاق دېتاللار]
مەزكور دېتالنىڭ پېرىستىن يەشكەندىن كېيىنكى سىغىمى ئاران532KB كېلىدۇ. قاچىلاش ھاجەت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزنەك مەشغۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ئەپلىك، سۈرئىتى پەۋقۇلئاددە تېز بولۇپ، قوشۇمچە دېتال قاچىلاش تەلەپ قىلىنمايدۇ. بۇ دېتال ئارقىلىق رادىئو ئاڭلاشقا، تور تېلېۋىزىيىسى كۆرۈشكە ۋە 12مۇقام ئاڭلاشقا بولىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ? بولسا ياردەم كۆزنىكى؛ Tvبولسا تور تېلېۋىزىيە پرۇگرامما قاناللار تىزىملىكى؛ Rبولسا رادىئو پرۇگرامما قاناللار تىزىملىكى؛ M بولسا 12 مۇقام تىزىملىكى؛ X بولسا سىستېمىدىن چېكىنىش بۇيرۇقى. قالغان قىسىملىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىلۋالغايسىز. ھە راست، سىستېما كۆزنەكلىرىنىڭ خەت نۇسخىسى: UKKJ TuzTom خەت نۇسخىسىغا تەڭشەكلىك. شۇڭا كۆزنەكلەر تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنسۇن دېسىڭىز، UKKJ TuzTom خەت نۇسخىسىنى C:\WINDOWS\Fonts ئىچىگە تاشلاپ قويۇڭ.
ئۇيغۇرچە رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە 12مۇقام دېتالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ
UKKJ TuzTom خەت نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ