لوپنۇررايونىدىكى شامانىزم ئىزنالىرىدىن «كۆنچى» ئاتالغۇسىنىڭ ئېتمولوگىيىسىگە ئىزاھات
لوپنۇررايونىدىكى شامانىزم ئىزنالىرىدىن «كۆنچى» ئاتالغۇسىنىڭ ئېتمولوگىيىسىگە ئىزاھات
ئەخمەتجان ھېزىم ( لوپچىن)
ھازىرقى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدە باغراش كۆلىدىن باشلىنىپ باشئەگىم ۋە كورلا تۈزلەڭلىكىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغان ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بار. بۇ ھازىرغا قەدەر «كۆنچى دەرياسى» دېگەن ئومۇمىي نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئەمما بۇ دەريانىڭ نامى ئۈستىدە، جۈملىدىن «كۆنچى» ئاتالغۇس ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار ساقلىنىپ كەلدى. بەزىلەر: «ئەينى ۋاقىتتا بۇ دەريانىڭ سۈيى ئۇلۇغ بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېز ئاققانلىقى ئۈچۈن دەريا ئورنى تۆۋەنلەپ چوڭقۇر ياداڭلار شەكىللەنگەن. شۇڭا بۇ دەريانىڭ نامى لوپنۇر شىۋىسىدىكى ‹چوڭقۇر›،‹تىرەن› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ‹گۆن› سۆزىدىن كېلىپ چىققان»دېسە، يەنە بەزىلەر:«كېيىنكى مەزگىللەردە بۇ دەريا ساھىلىدا كۆن-خۇرۇم ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان» دەپ رىۋايەت قىلىدۇ.
ھازىرقى لوپنۇر ناھىيسىنىڭ شىڭ پىڭ (兴平) يېزىسىدا «كۆنچى مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەھەللە بار. ئەينى ۋاقىتتا لوپنۇر رايونى بويىچە مەشھۇر مازىرىمنىڭ نامى «كۆنچى مازىرىم» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدىن «كۆنچى» سۆزىنىڭ يالغۇر دەريا نامى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى لوپنۇر ناھىيسى ۋە كۆنچى دەرياسى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭرى رايونلار ئۈچۈن ئورتاق نام سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل قاراشنى يەرلىك كىشىلەرمۇ دەلىللەيدۇ.
بىزگە مەلۇمكى، يەر-جاي ناملىرىمۇ بىر خىل مەدنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، يەر-جاي ناملىرىنىڭ قويۇلىشىنىڭ مەلۇم سەۋەبى بولىدۇ. يەر-جاي ناملىرى كۆپىنچە ھاللاردا شۇ جايدا ياشىغۇچى مىللەت ۋە خەلىقلەرنىڭ تىل، ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى، خۇغراپىيىلىك شارائىتى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك.
لوپنۇر رايونى سىرت رايونلارنىڭ تەسىر ئاز بولغانلىقى سەۋەبلىك ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ ئېتىقادنىڭ ئىزنالىر بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغانلقى بىلەن باشقا رايونلاردىن روشەن پەرقلىنىدۇ.ئۇيغۇرلار تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى باشقا خەلىقلەرگە قارىغاندا شەھەر مەدەنىيىتىگە بالدۇرلا كۆچكەن بولسىمۇ، ئەمما لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆچمەنچىلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىنىغا تېخى بىر ئەسىرمۇ بولمىدى. شۇڭا لوپنۇر رايونى بىز مەيلى تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، ئارخېئولوگىيە ياكى ئېتنوگرافىيە نۇقتىسىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتا بولسۇن مول ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۈملىدىن «كۆنچى» ئاتالغۇسىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ئۈستىدە توختالغاندا يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىن سۆز ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ.
قەدىمدە بۇ رايوندا كروران دۆلىتى بار بولۇپ، قەدىمىي مەدەنىيەتلىك كروران ئۇيغۇرلىرى (لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى) بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن. كروران ئەينى ۋاقىتتا يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، پىروسىيە، ھىندىستان، سۈرىيە، مىسىر ۋە رىم ئېمپىرىيىسى ئوتتۇرىسىدا مال ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بېكىتى ئىدى.
شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنىستىتوتى 1979-يىلىنىڭ ئاخىرىدا لوپنۇر رايونى كۆنچى قەبرىستانلىقى قازغان بولۇپ، بۇ قەبرىلەر ئچىدە بەزىلىرى ئالاھىدە لاھىيلەنگەن. بۇ خىل قەبرىلەرنىڭ يەر يۈزىدە يۇمىلاق دائىرىدە چەمبەر شەكىلدە يەتتە قات قوزۇقلار قېقىلغان بولۇپ، بۇ قوزۇقلارنىڭ توم-ئىنچىكىلىكى رەتلىك، ئەڭ مەركىزىي قىسمىغا دېئامېتىرى 3-2 سانتېمېتىر كېلىدىغان نوتا دەرەخ بادرىسى، ئەڭ سىرتقى قېتىغا دېئامېتىرى 10 نەچچە سانتېمېتىردىن كىچك ياغاچلار ئورنىتىلغان، بۇلارنىڭ تىزىلىشى ئىنتايىن رەتلىك، بۇ چەمبەر شەكىلدىكى يەتتە قات قوزۇقنىڭ سىرتىغا نۇر چاقناپ تۇرغان شەكىلدە قوزۇقلار قېقىلغان بولۇپ، قەبرە(گۆر) مۇشۇ قۇرۇقلۇقلارنىڭ ئەڭ مەركىزىي قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئېگىزدىن قارىغاندا بەئەينى نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشق ئوخشايدۇ. بۇ قەبرىستانلىققا دەپىن قىلىنغان جەسەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ بېشى شەرققە، بەزىلىرىنىڭ بېشى غەرىبكە قارىتىلغان.
يوقىرىقى قەبرە تۈزىلىىشى ۋە جەسەتلەرنىڭ دەپىن قىلىنىش شەكلى بىزگە نۇرغۇن سوئاللارنى قالدۇرىدۇ. قەبرىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئوبرازلىق شەكىل قوللىنىلىدۇ؟ جەسەتلەرنىڭ بېشى نېمە ئۈچۈن شەققە ياكى غەربكە قارىتىلىپ قويۇلىدۇ؟
قەبرىلەرنىڭ تۈزىلىشىدىن بىلىش مۇمكىنكى، قەبرىلەرنى لاھىيلەشتە ماتىرىياللا ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان ھەم رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشتىن بۇنى ھەرگىزمۇ تاساددىپىي توغرا كېلىپ قېلىش دەپ قارىغىلى بولمايدۇ، بۇ رايوندا ياشىغۇچى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قۇياش تەڭرىسىگە چوقۇنۇشتىن ئىبارەت شامانىستىك قاراشلىرىنىڭ دەپىن ئادەتلىرىدە ئەكىس ئېتىشىدۇر. جەسەتلەرنىڭ بېشىنىڭ شەرىققە ياكى غەرىبكە قارىتىلىشىنى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قۇياشنىڭ شەرىقتىن چىقىپ غەرىبكە پېتىشى بىلەن ھاياتلىق پائالىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتى، قۇياشنىڭ ئىنسانلار ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان شەيئى سۈپىتىدە قارىلىپ ئۇنىڭغا چوقۇنغانلقىنىڭ ئىپادىلىنىشى دەپ قاراش مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا لوپنۇر رايونىدىكى شىندى تېغى (قۇرۇق تاغ)ئىچىدە قۇياش سۈرىتى چېكىلگەن قىيا تاش سۈرەتلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.
ھازىرقى لوپنۇر كۆلىنىڭ نامى «تارىخىي خاتىرىلەر، پەرغانە تەزكىرىسى»دە «تۇزلۇق كۆل»،«خەننامە» دە »پۇچاڭخەي»(海昌蒲) دەپ خاتىرلەنگەن بولسا، يەرلىك خەلق تەرىپىدىن «يۇلتۇزكۆل»دىگەن نام بىلەن ئاتالغان. بۇ ھەقتە مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مەلۇمات بېرىپ:«يۇلتۇز كۆل كۇچا بىلەن كىنگىت ۋە ئۇيغۇر چىگىرىسىدىكى بىر كۆلنىڭ ئېتى دەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتا لوپنۇر كۆلىنىڭ دائىرىسى كەڭ، سۈيى كۆپ بولۇپ، قەدىمكى لوپنۇرلۇقلار بۇ يەردە بېلىقچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، قەدىمكى دەۋرلەردە ئۆزلىرىگە دائىم ھەمرا بولۇپ كەلگەن «كۈن»،«ئاي»،«يۇلتۇز» لارنى ئىلاھلار قاتارىدا ھېسابلاپ، ئۇلارغا چوقۇنۇپ كەلگەن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى بېلىقچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ئايدىڭ كېچىلەردە چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ كۆل يۈزىدە ئەكىس ئېتىشى ۋە بۇ خىل سىرلىقلىق بىلەن ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ بىرلىشىشى يەر-جايلارغا ئىسسىم قويۇش ئادەتلىرىدە ئىپادىلەنگەن بولىشى ۋە شۇ ئاساستا «يۇلتۇز كۆل» دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن.
”خەن زامانىسىدىكى غەربىي ئەللەر خەرىتىلىرى ھەققىدە ”دىگەن كىتابنىڭ بايان قىلىنىشىچە، تارىم دەرياسىنىڭ قەدىمكى دەۋىردە جۇبىن دەريا، جىشۇ سۈيى، جىشى سۈيى، جىشۈي سۈيى ۋە سېرىق دەريا دەيدىغان ھەرخىل ناملىرى بار ئىكەن، بۇ ناملاردىن سېرىق دەريا دىگىنى ئۇنىڭ ئېقىننى سۈپەتلەيدىغان مەنىۋى نام بولغاندىن تاشقىرى قالغانلىرى بولسا تارىم دەرياسىنىڭ باش ۋە ئاياقلىرىدىكى تارماقلىرنىڭ يەرلىك ناملىرى ، يەنى گەز ، تىزناپ ، چېچىل ، چاتچاش ۋە كۆكچى ( ھازىرقى كۆنچى ) دەريالىرىنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇز قىلىنىشى بولسا كېرەك .
كۆكچى دەرياسىنىڭ نامى قانداق قىلىپ كۆنچى دەرياسى دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ؟
بۇيەردىكى «كۆكچى » سۆزنىڭ تومۇرى «كۆك » بۇلۇپ ، قەدىمقى ئۇيغۇر تىلدا «كۆك » ، «ئاسمان » ، « كۆك رەك » دىگەن مەنىلەرگە ئىگە .
تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى دەۋرىدە «كۈن » ، «ئاي» ، «يۇلتۇز » قاتارلىق ئاسمان ئىلاھلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ « كۆك تەڭرىسى » دەپ ئاتىلاتتى . ئاسمان ئىلاھلىرىغا ئىتقاد قىلىشىمۇ ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ «كۆككە سېغىنىش ، كۆككە ئېتىقاد قىلىش» دەپ ئاتىلاتتى مەزكۈر دەريا نامىنىڭ «كۆكچى دەرياسى » دەپ ئاتىلىپ قېلىشنىمۇ بۇ خىل تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن .
تەبىئەتنى سېھىرلىك كۈچ سۈپىتدە سېغىنىدىغان باشلانغۇچ ئېتىقاد ھەممە خەلىقلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئىجتىمائى ئاڭ شەكىللەرىدىن بىرى بۇلۇپ، تولىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە . مۇنداق ئىپتىدائىي ئېتىقادتا ئىنساننىڭ دۇنيا قارشى تەبىئەت ئىلاھچىلىقى شەكىلدە ئىپادىلەنگەن ۋە ئۆز تەرەقىياتلىرىنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەرىدە ئوخشاشمىغان شەكىلدە گەۋدىلەنگەن . ئەمما بۇ يەردە بىزنىڭ دېققىتىمىزنى تارتىدىغىنى لوپنۇر رايونىدا ياشىغۇچى قەدىمكى قەۋىملەرنىڭ شامانىستىك قاراشلىرىنىڭ يەر- جايلىرىغا ئىسىم قويۇش ئادەتلىرىدە ۋە دەپىن ئادەتلىرىدە ئىپادىلىنىشىدىكى روشەنلىكتۇر. شامان دىنى كۆپ خۇدالىق دىن بۇلۇپ، كۈن، ئاي، يۇلتۇز، تاغ، دەريا ،دېڭىز قاتارلىق ئوبىيكتىلارغا چوقۇنۇش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇرلار چوقۇنغان ئاسمان ئىلاھلىرى ئىچىدە قۇياش بارلىق ئىلاھلارنىڭ سەركەردىسى بۇلۇپ ، قۇياشقا ئېتىقاد قىلىش شامان دىنىنىڭ ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قەدىمدىن تارتىپ كۈن ئىلاھىغا چوقۇنۇپ كەلگەن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇخىل تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى شامانىستىك قاراشلىرى نەتىجىسىدە مەزكۈر دەريا نامى «كۆنچى» دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن . لوپنۇر دىئالېكتىدا بەزى يەر-جاي ، قەبىلە ناملىرىنىڭ ئاخىرىسىغا «چى » قۇشۇمچىسى ئۇلانسا شۇ ئورۇن ، شۇ قەبىلىگە تەۋە كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمدە كۆنچى دەرياسى غەرىپتىن – شەرىققە « كۈنچىلەر » ( كۈن ئىلاھىغا چوقۇنغۇچىلار ) ماكانىغا قاراپ ئېقىپ يۇلتۇز كۆلىگە (لوپنۇر كۆلى) گە قۇيۇلاتتى . يوقىرىقى بايانلاردىن «كۆنچى » سۆزىنى «كۈنچى» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دەپ ئىزاھلاش مۇمكىن.
ئۇنداقتا ھازىرقى دەريا نامىدىكى «كۆنچى» سۆزى بىلەن «كۈنچى» سۆزى ئوتتۇرسىدا قانداق باغلىنىش بار؟
لوپنۇر رايۇنىدىكى قەدىمىي قەبىرستانلىقتىن قېزىۋىلىنغان بويۇملار ئىچىدە قوي، كالا مۈڭگۈزلىرى ۋە قەبىرىدىكى بويۇملار بۇ رايوندا چارۋىچىلىق ئىگىلىكنىڭ بىرقەدەر گۈللەنگەنلىكى، كۈندىلىك يىمەك- ئىچىمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق تۇرمۇش ۋاستىلىرىنى چارۋىچىلىقتىن ئالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بۇ قەبرىستانلىقتىن چىققان 3800-4000 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمكى جەسەتنىڭ پۇتىغا كۆزدىن ئىشلەنگەن ئۆتۈك كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، كۆنچىلىك كەسپىنىڭ خېلىلا تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس.
بۇ نۇقتا ماقالىمىزنىڭ بېشدا ئېتىپ ئۆتۈپ كەتكەن «كۆن-خۇرۇم ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن ‹كۆنچى› دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن»دېگەن قاراشنىڭ ئەمەلىيەتكە بىر قەدەر ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما بۇ يەردە نامى «كۆنچى»دەپ ئاتىلىش بۇرۇن، يەنى ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلمىغان مۇقەددەم ئىپتىدائىي دەۋرلەردە قايسى نام بىلەن ئاتالغان دېگەن مەسىلە بار.
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى تەبىئەت ئىلاھچىلىقى دەۋرىدە تەبىئەتنى بىر سىرلىق كۈچ سۈپىتىدە قاراپ ئۇنىڭغا چوقۇنغان. بۇ بىرخىل چوقۇنۇشنىڭ ئىپادىلىرى يەر-جايلارغا ئىسىم قويۇش ئادەتلىرىدە ۋە دەپىن ئادەتلىرىدە ئەكىس ئەتكەن. كۆلنى «يۇلتۇز كۆل»، دەريانى بولسا «كۆنچى دەرياسى» دەپ ئاتىغان. كېيىنكى مەزگىللەردە بولسا تەبىئەتنى بىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىىش نەتىجىسىدە تەبىئەتنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغان. چارۋىچىلىق ئىگىلىكى گۈللەنگەن، چارۋىچىلىق ئىگىلىكىگە ماس ھالدا ھايۋان تېرىلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلىش بىلەن كۆنچىلىك كەسپى بارلىققا كەلگەن بولىش مۇمكىن. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى،«كۈنچى» سۆزى بىلەن «كۆنچى» سۆزى ئاھاڭ-تەلەپپۇز جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش. بۇ خىل ئوخشاشلىق ھەم كۆنچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ «كۈن» سۆزىنىڭ ئورنىنى «كۆن» سۆزى ئېلىپ، مەزكۇر دەريا نامى «كۆنچى دەرياسى» دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن.
مەنبە:لوپنۇر لېنىيىسى تورى
كىيىنكى يازما: ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى(4)
2011/09/15 09:00:50
مۇشۇ لوپنور دېگەن ئىسىم كۈسەن دېگەن ئىسىمغا ئوخشاش يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ ماڭا…
2011/09/15 14:09:13
كەلگەن قەدەملىرىگە مەرھابا،ئۇيغۇربەگ ئەپەندى!دېمىسىمۇ بىزنىڭ قەدىمىي يۇرتلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ قەدىمكى ناملىرى بىزنىڭ قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. چۈنكى،ئەجداتلىرىمىز ئۆچمەس ئىزلارنى ئاشۇ يەرلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن.ئاشۇ ئۆچمەس ئىزلىرى بىلەن جاھانغا تونۇلغان،قەشقەر،خوتەن،يەركەن،كۇچا،لوپنۇر،ئېلى قاتارلىق يۇرتلىرىمىز ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.