بىر قىز بىلەن مۇشائىرىگە چۈشتۈم( يەنە داۋامى)
ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(22)
شېئر يازغان تەنھا بىر كېچە،
تىمتاس تۇيغۇ يىمەكتە مېنى.
ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم سىردىشىپ،
مىسرالارغا تۆكتۈم سىرىمنى.
چىكىلمىگەن سىرلىق ئېشىكىم،
نائۈمۈتتە كۈتەر شامالنى.
خېلۋەت يولدا يۈرگەن مەلىكە،
يامغۇر بولۇپ تۆكتى يېشىنى.
لەرزان ئۇچۇپ يېشىل ياغلىقىم،
شامال كەلدى دېدى پېچىرلاپ.
قىزىل گۈلدىن مەكتوبنى ئېلىپ،
ئۇقۇپ چىقتىم قايتا-قايتىلاپ.
ئۆرۈپ چىقتىم ئۇزۇن چېچىمنى،
ئەينىكىمگە پىنھاندا قاراپ.
شامال ،ئارلاش يامغۇر چۈشمەكتە،
ۋىسال ئاتلىق مېھماننى باشلاپ.
مېنىڭ يىگىرمە تۆتىنچى پارچە مۇشائىرەم
مىسىرالارغا تۆكۈلگەن سىرلار،
تۇمۇرۇمغا كىرمەكتە ئېقىپ.
ئۈمىدىمگە ھامىلدار ۋاقىت،
شەيتىنىمغا ئەشەددىي رەقىب.
چېقىۋەتتىم تىمتاس تۇيغۇنىڭ،
پارقىرىغان قۇزۇق چىشىنى.
كوھىقاپتىن ئالدىم قاچىلاپ،
تەبىئەتنىڭ يېشىل چۈشىنى.
ئاخشام يازغان يېڭى مەكتۈبكە،
رەسىمىمنى ئەۋەتتىم قوشۇپ.
ئەقىدەمدىن قىلمىغىن گۇمان،
ئۇ ھەرگىزمۇ قالماس سولۇشۇپ.
تارىغاندا ئۇزۇن چېچىڭنى،
پارلاپ تۇرغان قۇياشقا باققىن.
كېچە تەنھا شېئىر يازغاندا،
ئۈمىدىڭنىڭ شامىنى ياققىن.
چېكىلمىگەن سىرلىق ئىشىكتىن،
ئاستا كىرىپ كەلگەندە بىر كۈن.
چىقىرىمىز گۈزەل ھاياتنىڭ،
تۇرخۇنىدىن ئۈزۈلمەس تۈتۈن.
ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(23)
سەن ھىدلىغان يامغۇر بويىدىن ،
ھېسلىرىڭنى تاپارسەن كۈلۈپ.
چۈقۈم ئەتە كېلەر دەپ سېنى،
ئىشىكىمنى ئاچتىم تەلمۈرۈپ.
چاچلىرىمنى تارىدىم پىنھان،
ئاق يامغۇرۇڭ چۈشمەكتە سىم-سىم.
شامال بىلەن يامغۇر سۆيگۈسى،
داستان بولدى يەنە بىر قىتىم.
ئەۋەتىپسەن مەكتوبىڭ بىلەن ،
تەبىئەتنىڭ يېشىل چۈشىنى.
شاماللارغا قۇشۇلدۇم سەھەر،
شېئر قىلىپ يېزىپ قوي مېنى.
مېنىڭ يىگىرمە بەشىنچى پارچە مۇشائىرەم
شېئىر قىلىپ يازدىم ئىسمىڭنى،
مىسرالىرى ئويناق تېتىملىق.
كۈيلىرىمگە قاتتىم جىسمىڭنى،
ئۇدارلىرى قايناق يېقىملىق.
كۆزلىرىڭنى قىلىپمەن چېكىت،
قاشلىرىڭنىڭ ئىشلەتتىم پەش قىپ.
قۇلاقلىرىڭ سۇئال بەلگىسى،
بۇرۇنۇڭنى سىزدىم ئۈندەش قىپ.
تىرناق ئاچتىم قىزىل قەلەمدە،
ئېغىزىڭنىڭ شەكلىگە قاراپ.
سىزىق تارتتىم جۈپ سۆزلىرىمگە،
چاچلىرىڭنى قىلدىممەن تاناپ.
ساڭا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى،
زىنىقىڭغا قۇيدۇم تولدۇرۇپ.
ئىلھامىمدا ئىچتىم قانغىچە،
بارمىقىڭنى ئويناپ ئولتۇرۇپ.
بىھۇش قىلدى سەزگۈلىرىمنى،
كىرپىكىڭدىن ئۆزۈلگەن بىر ئوق.
ئۈنچە بولۇپ تىزىلدى مىسرا،
چىشلىرىڭغا قىلىپ ھەۋەس زوق.
قايرىۋەتتىم ھەرپ بېلىنى،
يېزىۋىتىپ ساڭا لېرىكا.
يامانلىدى قەغەز مېنىڭدىن،
قەلەم سوراپ كەلدى ئىستىپا.
داۋامىنى يازدىم شېئىرىمنىڭ،
بارمىقىمنى چىشلەپ قانىتىپ.
كەچۈر مېنى ئوماق يامغۇرۇم،
قۇيدۇم سېنى ئۇزۇن ساقلىتىپ.
ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(24)
كۈيلىرىڭگە قاتقان جىسمىمدىن،
سەۋىر قامەت بويۇمنى كۆردۈم.
شېئر پۈتكەن كەچمىشلىرىمدىن،
شامال پەقەت ساڭىلا كۆيدۈم.
ماڭا ئاتاپ يازغان شېئرىڭدىن،
يالقۇنلاپتۇ ئوتلۇق ئىشتىياق.
قاناپ كەتكەن بارماقلىرىڭدىن،
تامچىپ قاپتۇ ھەسرەتلىك پىراق.
كەچۈرۋەتتىم ئەركەك شامىلىم،
مېنى ئۇزۇن ساقلاتقىنىڭنى.
دىدارلاشماق بولسىمۇ قېيىن،
ئۇنۇتمىغىن سىم-سىم يامغۇرنى.
مېنىڭ يىگىرمەئالتىنچى پارچە مۇشائىرەم
ئۇنۇتمىدىم سىم-سىملىرىڭنى،
يەرگە چۈشكەن بىر قەترەڭنى ھەم.
”ساڭا كۆيدۈم“دېگەن سۆزلىرىڭ،
لەۋلىرىمگە كىرگۈزگەندە تەم.
شېئىرىمدىن تامچىغان پىراق،
دەرتلىرىمنىڭ پەقەت بىر قىسمى.
ساناپ باقسام ئۇنى بىرمۇبىر،
نۇرغۇنىنىڭ ئۆچۈپتۇ ئىسمى.
يۇيىلىپتۇ ھىجران داغلىرى،
كۆيدۈرگەچكە يامغۇر يالقۇنى.
تىللىرىمدا قاپتۇ پەقەتلا،
ۋىسال ئاتلىق قۇۋۋەت تالقىنى.
شىرىن ئازاب دېگەن بۇ سۆزنىڭ،
تەبىرىنى سېنىڭدىن تاپتىم.
سەرۋى قامەت بويۇڭنى ئويلاپ،
خىيالىمنى چۈشۈمگە چاتتىم.
دىدارلاشماق بولسىمۇ قىيىن،
مەكتۇپ بىلەن يۈردۇق سىردىشىپ.
سىرىمىزنى تۆكۈشتۇق قىزغىن،
ئۇچىرىشار جاينى ئىزدىشىپ.
تىلەپ كەلدۇق خۇدادىن بەخت،
ھەمرا قىلىپ خالىس نىيەتنى.
يىتىشتۈردۇق قولمۇ قول تۇتۇپ،
سۆيگۈ ئاتلىق يۇمران كۆچەتنى.
مۇھەببەتتە ياشنىغان دەرەخ،
بىر كۈن مېۋە بەرگەندە بولۇق.
سىڭىپ كىرىپ يۈرەك قېتىمغا،
چۈشىنەرسەن قەلبىمنى تولۇق.
ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(25)
مىسكىن يامغۇر چۈشمەكتە سىم-سىم،
ئاشىق شامال ئەگىيدۇ غېرىپ.
ھەسرەت يۈتكەن ئۇزۇن كوچىدا،
ئازاپلارغا قالدىم چىرمىشىپ.
مەكتوبىڭدىن ئۆرلەيدۇ پىغان،
سائىتىمگە قارايمەن تۇرۇپ.
كۈز بىلەن تەڭ ئۇچقان يۇپۇرماق،
يىراقلارغا كەتمەكتە قۇرۇپ،
دىدارسىزلا سىرداشقان كۈنلەر،
ئالماشتۇردى كۈننى ئايلارغا.
بىز ئۆستۈرگەن يۇمران كۆچەتمۇ،
ئوخشاي دەپتۇ يېشىل ئورمانغا.
دىدارلاشماق بولسىمۇ قىين ،
شېرىن ئازاپ چەكمىگىن شامال.
سىڭىپ كىرەي يۈرەك قىتىڭغا،
يامغۇر ،شامال بولايلى ھالال.
مېنىڭ يىگىرمەيەتتىنچى پارچە مۇشائىرەم
ھەسرەت ئۈنگەن ئۇزۇن كوچىدا،
قان يۇتقاندا ئەگرى-توقاي يول.
تېرىپ ماڭدىم گۈلگۈن ئازاپنى،
سىرداش كەبى بېرىپ ئاڭا قول.
ۋىسال يىتىپ كەلگىچە مەيلى،
ئازاب بىلەن تۇراي سىردىشىپ.
بولۇپ سېنىڭ ئاھىڭغا ئۈلپەت،
غېرىبلىقنى ئۇنتاي مۇڭدىشىپ.
سەندىن ماڭا قالغان ئازاپمۇ،
ۋىسالدەكلا شۇنچىلىك شىرىن.
شىرىن ئۈچۈن پەرھاتتمۇ ھەتتا،
كۆرمىگەندەك مۇشكۈلنى قىيىن.
سۆيگۈمىزگە گۇۋاھدۇر ھەممە،
قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇز بىساناق.
ئەگىپ يۈرۈپ سېنى بىر كۈنى،
ھىجرانىڭغا سالىمەن سىرتماق.
دۇنيادىكى بارچە مەۋجۇدات،
بىر-بىرىگە جۈپ قىپ يارالغان.
ئادەم بىلەن ھاۋا قىسسەسى،
ھەممە جايغا ئوخشاش تارالغان.
ئۈمىد ئىچىرە ياشايلى چوقۇم،
بىز ئەمەسمىز جۈپتىن مۇستەسنا.
قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلارمىز،
سۆيگۈمىزدىن پۈتكەن ئورماندا.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە يېزىلغان مۇشائىرلەر
كىيىنكى يازما: بىر قىز بىلەن مۇشائىرىگە چۈشتۈم(خاتىمىسى)