ئوغلۇمغا

ۋاقتى: 2011-07-10 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 117 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

ئوغلۇمغا

 

(بۇ شېئىرىمنى ئوغلۇمنىڭ تۆت ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىگە ئىپتىخارلىق بىلەن بېغىشلايمەن)

 

ئالەمچە خۇشاللىق ئېپ كەلدىڭ بىزگە،

جامائەت جۈمەدىن يانغان شۇ پەيتتە.

ئاللاھقا مىڭ مەرتە ئېيتتىم تەسەننا،

ئېرىشتىم ئۇ بولغاچ ئۇشبۇ پۇرسەتكە.

 

ھاياجان ئىلكىدە تىكىلدىم ساڭا،

چۆمۈلدى ۋۇجۇدۇم بەخت نۇرىغا.

ئاپاڭمۇ توختىدى ئېغىر تولغاقتىن،

قوزغالغان يۈرەكلەر كەلدى ئورنىغا.

 

قاپقارا سېھىرلىك شۇ بىر جۈپ كۈزۈڭ،

تىكىلدى تۇنجى رەت مېنىڭ كۆزۈمگە.

ئۇرۇلدى ئىپاردەك خۇشبۇي تىنىقىڭ،

بەختنىڭ تەپتىدە كۈلگەن يۈزۈمگە.

 

ھاياجان ئىلكىدە دېدىم ئاپاڭغا:

”ئاجايىپ چىرايلىق ئىكەن بالىمىز“.

ئىچىمدە نەچچە رەت دېدىم ئۈزۈمگە:

”سەن ئۈچۈن ۋولقان بوپ مەڭگۈ يانىمىز“.

 

سۆيگۈمىز بېغىدا ئاچقان چېچەكتىن،

تۈجۈپلەپ يىغىلغان شىرىن ھەسەلسەن.

ئۇزۇن يىل ئارزۇلاپ تەلمۈرۈپ كۈتكەن،

تەڭداشسىز ئاجايىپ خۇش خەۋەرسەن.

 

ئىسىمدا خاسىيەت بار دەپ بىلگەچكە،

يەتتە كۈن توختىماي ئويلاندۇق ئۇزاق.

بولغاندا ”ئاتېللا“مۇبارەك نامىڭ،

شادلىقتىن يۈرەكتە ئوخچىدى بۇلاق.

 

دۇنياغا سالامەت كۆز ئاچتىڭ ئوغلۇم،

مەن ئۈچۈن مۇشۇنىڭ ئۆزى زور بەخت.

كەچكەيمەن ئۆمرۈمدە شەكسىز ۋە شەرتسىز،

بەرگىنى سەن بولماي بولسا بىر تەخت.

 

ۋە لىكىن ئاپاڭنىڭ ھالسىز چىرايى،

شۇ ھامان ئېسىمگە سالدى ئاپامنى.

تۇغۇلغان چېغىمدا مەنمۇ ئېھتىمال،

قايغۇغا مۇپتىلا قىلغان دادامنى.

 

تۇغۇلدى كاللامدا تۈمەنمىڭ سۇئال،

تەقدىرىڭ كەلگۈسۈڭ قانداق بولار دەپ؟

تەسەللىي بەردىممەن يەنە ئۆزۈمگە،

نە قىلاي مۇنچىلا بالدۇر غېمىڭ يەپ.

 

ھاياتلىق ئېھتىمال ئاشۇ رەۋىشتە،

ئىنسانغا بېرەركەن ئاجايىپ ئىبرەت.

تەپەككۇر كۆزىدە قارىساق ئاڭا،

ئۇنىڭدىن چاقنايدۇ تۈمەنمىڭ ھېكمەت.

 

تۇغۇلدۇق ،ياشىدۇق ئۆلىمىز بىر كۈن،

ئۆلمەسكە ھېچكىمنىڭ ئامالى يوقتۇر.

ۋە لىكىن پەقەتلا مەنىلىك ياشاپ،

كەتكەنلەر يۈرىكى مەڭگۈلۈك توقتۇر.

 

ئەڭ ئاۋال سالامەت چوڭ بولغىن ئوغلۇم،

تىلەيمەن ئالاھدىن ئېسەن-ئامانلىق.

ئىنساپلىق ۋاپادار ياخشى ئادەم بول،

خەلقىڭنىڭ قەلبىدە يەنە ياراملىق.

 

كۈتىمىز سېنىڭدىن ئالەمچە ئۈمىد،

سەن بىلەن بېغىمىز گۈللەرگە تولسۇن.

داداڭنىڭ ھەجىلەپ يازغان بۇ شېئىرى،

كەلگۈسى ئۆمرۈڭگە يادنامە بولسۇن.

 

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى كورلا شەھرىدە يېزىلدى.

 

ئالدىنقى يازما:
كىيىنكى يازما:

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif