سەھەردىكى چۈش
سەھەردىكى چۈش
سۈرىمەن روھىمدىن ھالقىغان كەيىپ،
تېنىڭنى قۇچاقلاپ لىۋىڭگە سۈيۈپ.
ئۆتىمەن پىچىرلاپ نازلىق كوچاڭدىن،
يانار تاغ مىسالى ھۇزۇرلۇق كۈيۈپ.
ماڭىمەن ئاۋايلاپ چىغىر يول بىلەن،
چىقىمەن تايتاڭلاپ ئاستا تېغىڭغا.
لەززەت سېپ ئۆتىمەن تۇمۇرلىرىمدىن،
ئۆزۈڭمۇ ئۇنۇتقان سىرلىق بېغىڭغا.
بىلمەيمەن تېنىمنى مۇجۇقلاپ قۇيۇپ،
يانىمەن قوينۇڭدىن سەزگۈلىرىم مەس.
ياستۇقنى قۇچاقلاپ ئويغانسام سەھەر،
مەن ئۆزۈم يالىڭاچ، سەن مەۋجۈت ئەمەس.
بۇ شېئىرىم بىر نەچچە يىل بۇرۇن كىروران ژورنىلىدا بېسىلغان ئىدى.
كىيىنكى يازما: ئوغلۇمغا