ئەلۋىدا،جېنىم دادا!

ۋاقتى: 2011-11-14 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 141 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئەلۋىدا،جېنىم دادا!

 

بۇ شېئىرىمنى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەن قېيىن ئاتامنىڭ ۋاپاتىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن

 

 

مۇزدەك تۇپراق،مۇزدەك قەبرىستان،

كۆز ئالدىمدا يېيىلدى ئاستا.

پايلاپ يۈرۈپ مامات ئاخىرى،

يىلتىزىڭغا چېپىپتۇ پالتا.

 

تۈنۈگۈنلا كۆرۈشكەن ئىدۇق،

قوللىرىمىزنى مەھكەم سىقىشىپ.

بۈگۈن مانا ئۇزاپ كېتىپسەن،

ئارىمىزدىن ئۈنسىز خوشلىشىپ.

 

پىچىرلىدىم،تەكرار ئۆزۈمگە،

ياق،يۈرىكىڭ قالمىدى توختاپ.

سەن قورقۇتۇپ قويدۇڭ پەقەتلا،

ئېڭىكىڭنىڭ ۋاقىتلىق باغلاپ.

 

ئون توققۇز يىل كېسەل تارتىپمۇ،

سەن كېسەلنى قىلغانتىڭ بىتاپ.

ھاساڭ بىلەن نۇقۇپ ماماتنى،

ئۆتكەن ئىدىڭ قورقماستىن قىيناپ.

 

ھەممە ئۆيدە پارلاپ سىمايىڭ،

ياشلىرىمنى سۈرتتى ئاۋايلاپ.

ھويلىدىكى يىگانە تاۋۇت،

يۈرۈكۈمنى سىقتى قاماللاپ.

 

تەرىپىڭنى قىلىپ جامائەت،

جەننەت تىلەپ قىلغاندا دۇئا.

تۇتىۋالاي دېدىم ئۆزۈمنى،

ئەمما يامراپ ئۆرلىدى يىغا.

 

 

ساقىلىنى سانچىپ يۈزىگە.

كىم ئەركىلىتەر نەۋرەڭنى ئەمدى؟

سۇئاللارنى ياغدۇرار بولدى،

يوقلاپ بېرىپ قەۋرەڭنى ئەمدى.

 

ئاتمىش يىللىق قەدىناسىڭمۇ،

قالدى يالغۇز ئىسمىڭنى يادلاپ.

تاپالارمۇ بىزدىن تەسەللىي؟

يۈرىكىدىن ئاققاندا زەرداپ.

 

غېرىپسىنىپ قالارمۇ شۇنداق؟

سەن ھەر كۈنى ئولتۇرغان كارۋات.

سېنى تىرەپ كۆنگەن ھاسايىڭ،

كۆتىرەرمۇ بۇلۇڭدا پەريات؟

 

قەبرىستاندىن ياندىم قايغۇرۇپ،

دېگىنىمچە ساڭا ئەلۋىدا.

ئۇچىرىشارمىز جەننەتتە بىر كۈن،

ئاللاھ خالاپ قالسا ناۋادا.

 

 

 

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif