ئۇيغۇر يىگىت تۆت يىلدا پۈتتۈرگەن ئېسىل توننى چېڭلۇڭغا سوۋغا قىلدى

ۋاقتى: 2012-03-23 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال / كۆرۈلۈشى: 3,792 قېتىم / 9 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

 

 

شىنجاڭلىق ئۇيغۇر يىگىت تۆت يىلدا پۈتتۈرگەن ئېسىل توننى چېڭ لۇڭغا سوۋغا قىلدى

 

ئىلاۋە: مەن بۇ يىگىت بىلەن ئۈچ-تۆت يىلنىڭ ئالدىدا ھازىر ئىشلەۋاتقان مەكتەپتە تونۇشقان. ئۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىنى كۆتۈرە ئېلىپ بىر نەچچە يىل ئاچقان ئىدى. ئۇ مىجەزى ئۇچۇق، چىقىشقاق، ئەلتەك يىگىت بولغاچقا، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن خېلىلا چىقىشىپ، ئەسرالىشىپ ئۆتكەن ئىدىم. ئۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئاشخانىسنى ئاچقان ۋاقىتلاردا مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دائىم ياردەم بېرىدىغانلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولغان ئىدىم. كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇ بىزنىڭ مەكتەپتىن كېتىپ قالدى. مانا كۆرۈشمىگىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتىكەن. بۈگۈن مەكتەپتە دېجۇرنىلىق نۆۋىتى كەپتىكەن، تاماق يەپ چىقاي دەپ مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرگەن ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ قالدىم. ئىككىمىز قىزغىن سالاملىشىپ ھال-ئەھۋال سورىشىپ كەتتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىر تىجارەت قىلغاچ، ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلىقىنى، ئالىم خالىققا ئوخشاش جۇڭگۇنى تەسىرلەندۈرگەن شەخىس بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى لاھىيەلەپ تىكتۈرگەن ئۇيغۇرچە توننى خەلقئارالىق كىنو چولپىنى، خەيىر-ساخاۋەتچى چېڭ لۇڭغا تەقدىم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ھەمدە سومكىسىدىن مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى ۋە ئۇ ھەققىدە خەۋەر بېسىلغان گېزىتلەرنى ئېلىپ كۆرسەتتى. مەن ئۇ كۆرسەتكەن نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى باشلىغانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم. بىز يېرىم سائەت ئەتىراپىدا پاراڭلاشقاندىن كېيىن خوشلاشتۇق. دېجورنىخانىغا ناھايىتى تېزلىكتە قايتىپ كىردىمدە، كومپىيوتىرنى ئېچىپ بەيدۇ تورىدىن ئۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم. ھەمدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. تۆۋەندە ئۇرۈمچىدە چىقىدىغان سەھەر گېزىتىنىڭ ئۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن.

 

 

  “ چېڭلۇڭ ئاكا مېنىڭ ئۈلگەم، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش خەيىر-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمەن…..“ بۇ بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ئابدۇۋېلى ئۇبۇلنىڭ ئېيتقان يۈرەك سۆزى. ئۇ 11يىلدىن بېرى نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئۈن-تىنسىز ياردەم قىلىپ كەلگەن. بۇ ئارىلىقتا ئۇ چېڭلۇڭنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئاڭلىغان ھەمدە بۇ ئىش ئۇنىڭ  داۋاملىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. چېڭلۇڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تۆت يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، چېڭلۇڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئۈچ دانە تون تەييارلىغان. ھەمدە ئۆزى چېڭلۇڭنىڭ شاڭگاڭدىكى كىنو-فىلىم ئىشلەش مەركىزىگە ئاپىرىپ بەرگەن.

”تون“ ئۇيغۇرلاردا ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرگە كىيدۈرۈلدىغان ئالاھىدە كىيىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرگە بېرىدىغان ئەڭ ئالىي سوۋغىتى“ دېدى ئابدۇۋېلى.

ئابدۇۋېلى بايىغۇلىن ئوبلاستى قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ دەنزىل بازىرىدىن. ئۇ بۇ يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى چېڭلۇڭنىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شېركىتى ئەۋەتكەن رەھمەت خېتىنى ئېلىپ گېزىتمىزگە كەلدى. رەھمەت خېتىگە“ سىز ئەكەلگەن كىيىمنى تاپشۇرۋالدىم، سىزگە كۆپ رەھمەت، بىز كىيىمنى چوقۇم چڭلۇڭ ئاكىغا يەتكۈزىمىز“ دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى.

نېمە ئۈچۈن چېڭلۇڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە كىيىم سوۋغا قىلغانلىقى سورالغاندا، ئابدۇۋېلى  ئۆزىنىڭ كىچىگىدىنلا چېڭلۇڭ كىنولىرىنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى، 2004-يىلى ئۇ تېلېۋىزۇردىن چېڭلۇڭنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلىرىغا كېلىپ بىر قاتار خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلغانلىقىنى كۆرگەن ھەم ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ۋاكالىتەن چېڭلۇڭغا ئەھمىيەتلىك بىر سوۋغا ھەدىيە قىلىش ئويى پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتەنگە بېرىپ قاشتېشى، ئالتايغا بېرىپ ئالتۇن سېتىۋالغان. ھەمدە ئالىي دەرىجىك ئەتلەس ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قولدا ئىلشلىگەن ئالىي دەرىجىلىك كەشتە ماتىرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ، تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە كىيىمنى پۈتتۈرۈپ چىققان. بۇلتۇر 10-ئاينىڭ بېشىدا چېڭلۇڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە سوۋغا قىلىندىغان قىممىتى 240 مىڭ يۇەنلىك ئۈچ دانە تون بىلەن بىر دانە دوپپىنى ئۆز قولى بىلەن پۈتتۈرگەن.

 

چېڭلۇڭغا سوۋغا قىلىنغان تون

تونلارغا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن ۋە قاشتېشىدىن ياسالغان تۈگىمىلەر

بۇ تۈگىمىلەرنىڭ يېقىندىن كۆرۈنۈشى

 

بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئابدۇۋېلى شاڭگاڭغا بارغان،  ھەمدە نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چىڭشۈيۋەن يولى بوتاۋجىن 70- نۇمۇرلۇق قورودىن چېڭلۇڭنىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شېركىتىنى تاپقان. ئەمما، چېڭلۇڭ بۇ ۋاقىتتا سىرتقا كىنو ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەچكە، ئۇ توننى ئۇنىڭ ۋاستىچىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.

 

چېلۇڭنىڭ شېركىتى ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن رەھمەت خېتى

چېڭلۇڭنىڭ شاڭگاڭدىكى كىنو-فىلىم ئىشلەش شېركىتى

ئۇ قىلغان خەيرلىك ئىشلارنى تىلغا ئالساق، ئەمەلىيەتتە ئۇ 2001-يىلىدىن باشلاپلا  بۇ ئىشلىرىنى باشلىغان. ”بۇ بىر نەچچە يىلدا قانچىلىك ئادەمگە ياردەم قىلغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ ئېنىق بىلمەيمەن، ئېسىمگە ئالالايدىغىنىم يۈز نەچچە ئادەم، ياردەم سوممىسى 70-80 مىڭ يۇەنگە بارىدۇ“ دېدى ئۇ. 

بۇنىڭىدىن كېيىنكى پىلانلىرىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ “ تىرىشىپ كۆپرەك پۇل تېپىپ، داۋاملىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىمەن“ دېدى.

 

ئۇ تەڭرىتاغ تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا

تەڭرىتاغ تورىنىڭ زىيارىتىدە

قوشۇمچە:

ئابدۇۋېلىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:1977-يىلى بايىنغۇلىن ئوبلاستى قاراشەھەر ناھىيىسى دەنزىل بازىرىدا تۇغۇلغان.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاشخانا ۋە رېستۇرانلاردا ئىشلىگەن. كېيىن ئازراق پۇل يىغىپ ئۆزى ئاشخانا ئاچقان. ئۇ ئۆز يۇرتىدا ”ساخاۋەتچى ئۇستام“ دەپ نام ئالغان. ئۇ يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ ئەزاسى.

 

ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە تور مەنبەلىرى:

 

 

http://news.stnn.cc/c6/2012/0227/3790376915.html

 

http://www.tianshannet.com.cn/news/content/2012-02/28/content_6611158.htm

 

http://www.hljtv.com/2012/0228/124556.shtml

9نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. huxhuy
    2012/04/20 07:46:46

    توۋا 4 يىللىق ئەجىر،شىياڭگاڭلىق چىڭلۇڭ…

    • lopnuri
      2012/04/20 19:50:58

      بۇ بالىغا ھەر خىل قاراشتىكىلەر بار ئىكەن. لېكىن نېمىلا بولسۇن مەن بۇ بالىنى قوللايمەن .

  2. شاھدىيار
    2012/04/07 14:59:54

    ئاكا قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ! بۇنىڭدىن كېيىن تېخمۇ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

  3. شاھدىيار
    2012/04/07 14:57:15

    سىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىدىن قۇسۇر تاپىدىغان بۇ ئىشتىن باشقا ئىشىڭلا يوقمۇ؟ نۇمۇس قىلساڭلاچۇ….ئىسىت سەندەكلەر بولغاچقا بىزنىڭ ھالىمىز مانا مۇشۇ نوچى بولساڭلا كىچىك ئىشتىن بىرنى قىلىپ بېقىڭلا ئۆزىمىز قىلالمايمىز ئاندىن باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆرەلمەي ،ھەتتا ئۇنى تىللايمىز لەنەت سىلەرگە………

  4. چېڭلۇڭ
    2012/03/29 20:03:12

    چېڭلۇڭغا سوۋغا قىلغۇچە نۇرتاي ھاجىمغا سوۋغا قىلساڭچۇ؟ ياكى بولمىسا ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان خەلق قىززىقچىسى ھېبى ئاكىمىزغا !ئىسىت تۆت يىللىق ئەجىرىڭ!

  5. تارتىنچاق
    2012/03/27 08:08:26

    چىڭلۇڭنىڭ شىنجاڭلىق بالىلارغا ياردەم قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ تەسىرلەنگەن ئىدىم،
    ئابدۇۋېلى بۇ قېتىم كۆڭلۇمدىكىدەك ئىشتىن بىرنى قىلىپتۇ،
    كونىلارنىڭ ئىزىدە، ياخشىلىققا ياخشىلىق …….

    • lopnuri
      2012/03/27 11:55:11

      مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش قاراشتا.

  6. torbajin
    2012/03/25 20:47:13

    بىزدىمۇ مۇشۇنداق ساخاۋەت ئەلچىلىرى چىقسۇن.بىزگىمۇ يارشىدۇ.

    • lopnuri
      2012/03/25 21:14:15

      ناھايىتى توغرا دەيسىز،بۇ يېگىتكە بەزىلەر باشقىچە كۆز قاراشتىكەن. ئۇنى نام چىقىرىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدى، دەۋاتىدۇ. مەيلى نېمىلا مەقسەتتە قىلسۇن، ئۇنىڭ ياخشى ئىشلار ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىشى، بىزنىڭ ئالقىشلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif