ئازاتلىقتىن ئىلگىركى لوپ ( دوڭقۇتان ) نىڭ ئومومى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە بايان(1)

ۋاقتى: 2011-12-09 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 165 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئازاتلىقتىن ئىلگىركى لوپ ( دوڭقۇتان ) نىڭ ئومومى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە بايان

نىياز ئايۇپ

 

   لوپنىڭ نامى : لوپنىڭ نامى بۇرۇن – بۇرۇندىن تارتىپ لوپ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئازاتلىقتىن كىيىن لوپنىڭ نامى دوڭقۇتان دىگەن  نامغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. 1987 – يىلى  دوڭقۇتان ئىككى يېزىغا ئايرىلغاندىن كىيىن ھازىر دوڭقۇتان ، قارچۇغا  دەپ ئىككى نام بىلەن ئاتىلىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇ ماقالىدە ئاساسلىق  ئازاتلىقتىن ئىلگىركى ئىشلار سۆزلەنگەنلىگى ئۈچۈن بۇرۇنقى نام بويىچە «لوپ » دەپ ئېلىندى.

لوپنىڭ دائىرىسى : بۇرۇن لوپنىڭ دائىرىسى  كەڭرى بۇلۇپ، غەرپ تەرىپى  تۆشۈك تال بۇلۇپ، كوچا ناھىيىسى بىلەن چېگىرلىنىدۇ. جەنۇپ تەرىپى  تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبى ، قاقتۇ،ئالۇش چۆلى  تەكلىماكان قۇملىغى بىلەن چېگىرلىنىدۇ. شىمالى تەرىپى  تۆشۈك تالدىن كېسىپ ئۆتكەن كونا چايان دەرياسىنىڭ ئېقىش يولى بىلەن چېگىرلىنىدۇ.چايان دەرياسى تارىم دەرياسىنىڭ  شىمال تەرىپى بىلەن ئاققان دەريا بۇلۇپ، تارىم دەرياسى بىلەن بولغان ئارلىقى  بەزى جايلاردا 7 كېلومىتىر ، بەزى جايلاردا 10 كېلومىتىر ئارىلىق  قالدۇرۇپ ئاقىدۇ . شۇنداق بولغاندا  جەنۇپ تەرەپ بۇگۇر ناھىيىسنىڭ  سوخۇ يېزىسى  ، قوۋۇزاق مۇجاڭ، قارا يالتاق ، چىڭگى مەھەللە بىلەن  كونا لاي دەرياغا چىقىپ پۇخۇي يېزىسى  بىلەن كېسەك چېكەگە چىقىدۇ. شەرق تەرىپى  2 – فىرما بىلەن چېگىرلىنىدۇ.

ئەينى چاغدا لوپ  جىگدە باشلام ، چوڭ مەھەللە، سالدام، غوداي قاتارلىق 4 مەھەللە بويىچە ئايرىلاتتى.  بۇ مەھەللە نامى 1830 – يىللىرى  لوپتىكى كىشلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن  قويۇلغان. لوپتا ئادەملەر توپلىشىپ ئولتۇرغان مەھەلىلەر  نامى بويىچە  ئايرىلىپ كەلگەن. ھازىرمۇ 4 چوڭ مەھەلە نامى بىلەن ئاتىلىپ كىلىۋاتىدۇ.  تۇپلىشىپ ئولتۇرغان مەھەلىلەرنىڭ  كۆلىمى ۋە قەۋرىلەر شۇنداقلار  ئوقۇمۇشلۇق كىشلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا ،لوپنىڭ  نوپۇسى تەخمىينەن 2500، ئائىلىسى 1000 ئەتىراپىدا بولۇشى مومكىن.  ئېيىتشلارغا قارىغاندا ،بۇگۇر ناھىيىسىنىڭ سوخۇ يېزىسى ، كورلا شەھىرىنىڭ  پۇخۇي يېزىسىنىڭ  ئادەملىرىنىڭ كۆپ قىسمى لوپنىڭ ئادىمى بۇلۇپ ، ئازاتلىقتىن ئىلگىرى چىقىپ كەتكەن ئىكەن.

لوپ دائىرسىنى بىسىپ ئۆتىدىغان  دەريالار :   جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ سانىغاندا ئوپقان دەريا، يومۇلاق دەريا، قىقى دەريا، ئاچىچىق  دەريا، ئۆگەن دەريا ، ئىنچىكە دەريا (تارىم دەريا ) چايان دەريا قاتارلىق 7 دەريانىڭ باشلىنىش  ۋە ئاخىرلىشىش نوقتىلىرى لوپ دائىرسىدىن ئۆتىدۇ. لاي دەريا ( ئارا دەريا ) پاتەم دەريا ، ئوسمان دەريا قاتارلىق 3 دەريا  ، لوپ دائىرىسى ئىچىدىن باشلىنىپ يەنە لوپ دائىرىسى ئىچىدىكى كىچىك كۆللەرگە قۇيۇلۇپ ئاخىرلىشىدۇ.  ئىنچىكە دەريا( تارىم دەريا ) سى ئانا دەريا ھىساپلىنىدۇ .

دەريالاردا  سۇ ئاققان ۋاقتى ۋە دائىرىسىگە ئاساسەن  ئىككى  قىسىمغا بۆلۇشكە بولىدۇ . بىرىنچى قىسمى  1970 – 1900  يىللارغىچە بولغان 110 يىلدا ئوپقان دەريا، يۇمىلاق دەريا، قىقى دەريا، ئاچىچىق دەريا، ئۆگەن دەريا  قاتارلىق 5 دەريادا ئالدى – كىيىن بۇلۇپ  سۇ ئاققان.  دائىرسى  ئۆگەن دەريانىڭ جەنۇبى يەنى ھازىرقى قارچۇغا سۇ ئامبىرىنىڭ جەنۇبىنى كۆرسىتىدۇ. لوپ خەلقى بۇ يەردە 110 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ياشىغان.  كەلكۈن سۈيىنىڭ  شىمالىغا يۈزلىنىشى بىلەن  بۇ يەرلەر چۆللىشىپ ، قۇملىققا ئايلىنىپ كەتكەن. ھازىر  ياۋا تۆگە، جەرەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ.

ئىككىنچى قىسمى : 1900 – 1950 يىللارغىچە بولغان 50 يىلدا  ئىنچىكە دەريا( تارىم دەريا) ، چايان دەريا قاتارلىق 2 دەريادا ئوخشاش بىر ۋاقىتتا سۇ ئاققان ، قالغان لاي دەريا (ئارا دەريا) پاتەم دەريا، ئوسمان دەريا قاتارلىق 3 دەريا باشقا كىچىك ئېقىنلاردا يوقىرقى 2 دەريانىڭ سۇيى  ئايرىلىپ ئاققان. بۇ دەريالارنىڭ  سۇ ئاققان  دائىرىسى ئۆگەن دەريانىڭ  جەنۇپ تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ھازىرقى  دوڭقۇتان –قارچۇغا يېزىسىنىڭ  دائىرلىرى .

لوپتىكى دەريالار ئىچىدە قىقى دەرياسى  بىلەن ئۆگەن دەرياسىنىڭ  سۇ ئاققان  ۋاقتى ئۇزۇن  بۇلۇپ  ئەينى چاغدا قىقى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغقىنى خوۋالاپ، دورالغا سۇ باشلىغان ئىكەن.  ئۆگەن دەرياسى بەك چوڭ   بولمىسىمۇ، ئىنتايىن  چوڭقۇر، سۇ مىقتدارى كۆپ، ئىككى قىرغىقى تىك  يار ، سۇنىڭ ئېقىشى تىز بولغانلىغى ئۈچۈن  بۇ دەريادا ئادەم ئۆلۈش ،چارىۋىلار چۈشۈپ كېتىپ چىقالماي ئۆلۈش ئەھۋاللىرى داۋاملىق  كۆرۈلۈپ تۇرغاچقا  كىشلەر ئۆگەن دەرياسىنى خەتەرلىك دەريا دەپ ئاتايتتى. ئۆگەن دەرياسىنىڭ باش قىسمى ۋە ئاخىرقى قىسمىدا  ھازىرمۇ سۇ بار  بولغانلىغى ئۈچۈن ئۆگەن دەرياسىنىڭ  نامى ھازىرمۇ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. لوپ دائىرىسىنى بىسىپ ئۆتىدىغان دەريالار  ئىچىدە ئىنچكە دەريا ( تارىم دەريا)  نىڭ ئېقىش يولى ئۇزۇن بولۇپ ئۇنىڭدىن قالسا چايان دەريانىڭ ئېقىش يولىمۇ ئۇزۇن، ئىلگىرى چايان دەريادا خىلى ۋاقىت سۇ ئاققان.  ھازىر چايان دەريانىڭ باش تەرىپىدە سۇ يوق بۇلۇپ  بەزى جايلاردا دەريا ئىزى بار ، بەزى جايلاردا دەريا ئىزى يوق ، قۇم بىسىپ كەتكەن.  چايان دەرياسىنىڭ  ئاياق تەرىپىنى چىپىپ ھازىر پۇخۇي  يېزىسى تەرەپكە سۇ ئىقىۋاتىدۇ. ئىلگىرى  لوپ دائىرىسنى بېسىپ ئۆتىدىغان دەريالار كۆپ بولۇپ كەلكۈن  سۈيى لاي ئاققانلىغى ئۈچۈن لوپنى « لايسۇ » دەپمۇ ئاتايتتى.

دەريانىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىش ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق بولسىمۇ، دەريالارنىڭ  ئېقىش يول ئۆزلىگىدىن  شەكىللەنگەن ئەمەس،بىزنىڭ  ئەمگەكچان  باتۇر ئەجداتلىرىمىز ياشاش ئۈچۈن تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلىپ  دەريالارنىڭ ئېقىش يولىنى بەرپا قىلغان بولىشى مومكىن.

لوپنىڭ تەبىئى شارائىتى

ئازاتلىقتىن ئىلگىرى  سۇنىڭ  ئىشلىتىلىشى كۆپ بولمىغانلىغى ئۈچۈن  لوپ دائىرىسىگە كېلىدىغان كەلكۈن سۈيىنىڭ  مىقدارى ئىنتايىن  كۆپ ئىدى. كەلكۈن سۈيى ئەتىياز ، ياز، كۈزدىن ئىبارەت  ئۈچ پەسىلدە كېلەتتى. شۇڭا لوپنىڭ دائىرىسىنى بىسىپ ئۆتىدىغان چوڭ – كىچىك  دەريالاردا يىل بويى سۇ ئۇزۇلمەي ئېقىپ، يايلاقلارنى بېسىپ  ، كۆللەرگە قۇيۇلۇپ تۇرغاچقا،   لوپ دائىرىسىنىڭ كۆپ قىسمى سۇلۇق كۆللەر ئىدى.  كىشلەر مەھەللىدىن مەھەللىگە  كېمىلىك باراتتى. تىكەنلىك ، كۆنچى  قاتارلىق يىراق جايلارغىمۇ كېمىلىك بىرىپ كىلەتتى.

دەريا ، كۆللەردە سۇ كۆپ بولغانلىغى ئۈچۈن بىلىق كۆپ، يايلاقلاردا ھەر خىل ئوت – چۆپلەر كۆپ، تەبىئى توغراق ۋە يولغۇن قاتارلىق  يىپىنچا ئورمان كۆپ، ھەر خىل ياۋايى  ھايۋانلار ، ئۇچار قۇشلار كۆپ بولۇپ، لوپنىڭ تەبئى شارائىتى خىلى ياخشى ئىدى.  كىيىك، جەرەن  ، توڭگۇز  (چوشقا ) ، تۈلكە ، مولۇن، توشقان ، ياۋا تۆگە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى لوپنىڭ  قانداقلا يېرىگە بارسا كۆرگىلى بولاتتى. بۇلۇپمۇ كىيىك، جەرەن ، توڭگۇز  (چۇشقا ) لار توپ –توپ بولۇپ يۈرەتتى. ئەتىياز ، كۈز پەسىللىرى قوشلارنىڭ كۆلدىن –كۆلگە  يۆتكىلىپ ، ھەر خىل ئاۋازلارنى چىقىرىپ، رەت – رەت  بۇلۇپ ئوچۇشلىرى  ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى  ھاسىل قىلاتتى.  كىشىلەر قارچۇغىنى تۇتۇپ، كوندۈرۈپ، قۇشلايتتى. (ئوۋغا سالاتتى )  بۇ بىر تەرەپتىن ئوۋ ئوۋلاش بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن  قىزىق ئويۇن ئىدى. ئايرىم جايلاردا يولۋاسمۇ بار ئىدى. 1925 – يىللىرى غوداي مەھەللىدە ئادەم ئولتۇرغان ۋاقتىتا ،بۇ مەھەللىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە ئويالىق كۆل دەيدىغان بىر كۆل بار ئىدى.  بۇ كۆلنىڭ دائىرسى  كەڭرى ، سۈيى كۆپ، قۇمۇشلۇق  كۆل بولۇپ، قۇمۇش، قۇيۇق ھەم ئېگىز ئۆسەتتى. قۇمۇشنىڭ غولىنىڭ چوڭلىغى  ئادەمنىڭ قول سالىسىدەك ئىدى. ئەينى چاغدا  مۇشۇ كۆلدە يولۋاس بار ئىكەن. يولۋاس  قۇمۇشلۇقتىن سىرتقا چىقمايدىكەن . ئەمەت دوبىگى دىگەن شايالىق باينىڭ  100 دىن ئارتۇق كالىسى مۇشۇ ئويالىق كۆلدە ئوتلايدىكەن.“ ئويالىق كۆلدە يولۋاس بار ئىكەن ”دېگەن گەپ تارقالغاندىن كىيىن كۆل تەرەپكە بىرىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالماي،  بىر – ئىككى ئاي ۋاقت ئۆتۈپ كىتىپتۇ. يىراقتىن قارىسا كۆلدە كالىلارنىڭ ئاز يۈرگەنلىگىنى كۆرۈپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن  بىر نەچچە ئاتلىق ئادەم كۆلگە كەلسە 40 – 50  دەك كالىنى يولۋاس بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ يېگىنىنى يەپ ، يېمىگىنىنى تاشلاپ  قويۇپتۇ. كۆلدە 3 يولۋاس  بارلىغىنى بىلىپ، ئوۋچىلار توزاق قورۇپتۇ، يولۋاس  توزاققا چۈشكەندىن  كېيىن ، قارا مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ.  بۇ جەرياندا يولۋاس  ئادەملەرگىمۇ خىرىس قىلىپ، ئىككى ئۈچ ئادەمنى يارىلاندۇرغان ئىكەن.  بۇنىڭدىن  بۇرۇنمۇ قۇمۇش  قويۇق ئۆسكەن  جايلاردا يولۋاس  بار ئىكەن. كېچىلىرى چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ،  ئۆينى چۆرۈلۈپ ئاۋاز چىقىرىدىكەن .  كۈندۈزلىرى ئادەم بار يەرگە كەلمەيدىكەن.  يالغۇز چارۋا باققانلار  ئاخشاملىرى  قورقۇپ، ئۈن – تۈن  چىقىرالماي ۋەھىمە ئىچىدە  ئۆتىدىكەن. ئاۋسىيىت دىگەن ئادەم پالۋان  ئادەم ئىكەن. بۇ ئادەم سول قولىنىڭ  ئۇچىدىن – مۈرىسىگىچە  ئارغامچىنى يوگەپ، ئوڭ قولىغا پىچاق ئىلىپ كېچىلىرى ئۆينىڭ ئەتىراپىغا كەلگەن  يولۋاسنىڭ  ئالدىغا بارىدىكەن.  يولۋاس خىرىس  قىلىپ كەلگەندە  سول قولىنى تۇتۇپ بىرىپ، يولۋاس  چىشلىگەن  ھامان چىشى ئارغامچىغا كىرىشىپ قالغان ۋاقىتتا ، ئۇ  چاققانلىق بىلەن يولۋاسقا پىچاق ئۇرۇپ ئۆلتۈرىدىكەن.  شۇنىڭ بىلەن يالغۇز چارۋا  باقىدىغان ئادەملەر خاتىرجەم يۈرۈيدىغان بولغان ئىكەن. شۇڭا  « ئاۋسىيتىنىڭ ئالدىدا يولۋاس دىگەن بىر ئىت » دىگەن  گەپ تارقالغان . ھازىرمۇ تەمسىل بولۇپ ئېيتىلىپ كېلىنمەكتە.  كىشىلەر يولۋاسنىڭ قۇمۇشلۇققا يەنە كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئويالىق كۆلدىكى قۇمۇشلۇققا ئوت يىقىپ  كۆيدۈرۋىتىپتۇ. قۇمۇش بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كۆيگەن ئىكەن. قالدۇقلىرى  ھازىرمۇ بار.  شۇنىڭدىن كىيىن يولۋاس لوپتىن يوقالغان. 1935 –يىللىرىدىن بۇرۇن  ھازىرقى دوڭقۇتان 1 -، 2 – فىرما ، تاتلىق، داشى كۆل  ئەتىراپلىرى  پۈتۈنلەي سۇ كۆللۈك ئىدى. مەھەللىدىن مەھەللىگە  كېمىلىك باراتتى. قاراشەھەر ، كورلا ، كۆنچى  قاتارلىق جايلارغا كېمىلىك باراتتى.  ئۇلاقچە مېڭىش مومكىن ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئۇلاقچە بېرىشقا توغرا كەلسە  ھازىرقى بۈگۈر،  قوۋۇزاق مۇچاڭ  بىلەن ئىت ئالغۇ بىلەن، جىرىرغا چىقىپ تاغ ياقىلاپ باراتتى. يول قاتنىشى  ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. 1935 – يىللىرىدىن كېيىن كۆللەرنىڭ سۈيى قۇرۇپ، قۇرۇقلۇق كېڭەيگەندىن كېيىن، ھازىرقى دوڭقۇتان بىلەن قارچۇغىنىڭ ئارلىقىدىكى  تاشيولنىڭ ئورنى بىلەن ئۇلاقچە ماڭىدىغان بولغان.

لوپنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى

1930 – يىللىرىدىن ئىلگىرى  لوپتا مائارىپ تەربىيىسى يوق بولۇپ، مەكتەپ ئىچىلمىغان ئىدى.  1930 – يىلى 7 – ئاي مەزگىلىدە ئابلا بەگ ھاجى  ( ئەينى چاغدىكى لوپنىڭ بىگى )كۇچادىن ئابدۇللا داموللا، ئەمەت ئەپەندى  دېگەن ئىككى ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ، غوداي مەھەللىدە بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىپ،  10 ئەتىراپىدا بالىنى ئوقۇتقان ، چۈشتىن بۇرۇن دىننىچە، چۈشتىن كېيىن پەننىچە دەرس ئۆتەتتى. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىش ھەققى ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى ئابلا بەگھاجى  چىقارغان. شۇنىڭدىن كىيىن 1937 – ۋە 1938 – يىللىرى لوپنىڭ  جىگدە  باشلام، چوڭ مەھەللە، سالدام  قاتارلىق مەھەللىسىدە بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىلىپ، خىراجىتىنى ئوقۇتقۇچىنى ھۆكۈمەت  تەرەپتىن ھەل قىلىپ بەرگەن. شۇ چاغدا  لوپنىڭ 4 مەھەللىسىدە ئېچىلغان مەكتەپتە 25 دىن 30 غىچە  بالا ئوقىغان بولۇپ، كۆپلىگەن  ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار  ئوقۇش شارائىتىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. 1938 – يىلى ۋە 1942 – يىلى لوپتىن ياسىن  ئاسىم ، ئىلى موسا ، ئىلى بەكرى ، ئابدۇللا سەمەت قاتارلىق بالىلار قاراشەھەر (جەيىيى سىفەن ) دە ئوقۇپ كىلىپ، لوپتا ئىچىلغان مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان.

1943 – يىلى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ، غوداي، سالدام ، چوڭ مەھەللىلەردىكى ئوقۇۋاتقان بالىلارنى جىگدە باشلامغا يىغىپ 5 ئوقۇتقۇچىسى، 40ئوقۇغۇچىسى بار 3 سىنىپلىق بىر مەكتەپ ئېچىپ، مەكتەپ نامىنى لوپنۇر ناھىيە جىگدە باشلام مەكتىپى دەپ ئاتاپ، ۋىۋىسكا ئاسقان.  بۇ ياتاقلىق مەكتەپ بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەمىناتى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش  ھەققى ۋە باشقا خىراجەتلەرنى ھۆكۈمەت  ئۈستىگە ئالغان ئىدى.  ياسىن ئاسىم شۇجاڭ، ئىلى موسا، ھىيىت چوغان، ساتتار مەھەممەت قاتارلىقلار  ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.  بۇ ئازاتلىقتىن ئىلگىرى لوپ مائارىپ تەربىيىسىنىڭ دەسلەپكى  باسقۇچى بولۇپ، ئاز ساندىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ، بىر قىسم بايلارنىڭ بالىلىرى  ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىگەن.  كۆپلىگەن نامىرات ئائىلىلەرنىڭ  بالىلىرى  ئوقۇش پۇرسىتىگە  ئىرىشەلمەي، لوپ ئاھالىسىنىڭ  %96 ساۋاتسىز قالغان.

ئازاتلىقتىن ئىلگىرى لوپتا دوختۇرخانا ( تىۋىپ ) دىگەنلەر يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ لوپتىكى كىشلەرنىڭ سالامەتلىگى ياخشى دېيىشكە بولاتتى. چۇنكى ئۇ چاغلاردا كىشىلەر كۆپىرەك  بىلىق تۇتۇپ يەتتى. جەرەن، كىيىكنىڭ گۆشىنى كۇندە دېگۇدەك  يەپ تۇراتتى. بولغانمىغان ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، تەركىۋى ساپ يېمەكلىكلەرنى يەيتتى.  كۈن نۇرىدىن ئۇزۇقلانغان تىرىك سۇنى ئىچەتتى. شۇنىڭدىن بولسا كىرەك، لوپتىكى كىشىلەرنىڭ تېنى خىلى ساغلام ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا لوپتا ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرگەنلەر خېلى  كۆپ ساننى ئىگەللىگەن  128ياشتىن ئارتۇق ياشىغان ئىبراھىم  شاڭيومۇ لوپتا ياشىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن  لوپ خەلقىنىڭ شىنجاڭدا ”ئومۇر چولپانلىرىنىڭ ماكانى“ دىگەن نامى ھازىرغىچە ساقلانماقتا.

ئازاتلىقتىن ئىلگىركى لوپ  خەلقىنىڭ  تۇرمۇش ئەھۋالى

ئازاتلىقتىن ئىلگىركى لوپ  خەلقى كەلكۈن سۈيى قايسى دەريا بىلەن ئاقسا  شۇ دەريا ۋادىسىغا يۆتكىلىپ،  كۆچمەن  ھالەتتە تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ ، 4 پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆچۇپ يۈرۇپ، ئاساسلىق چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.  ئۇ چاغلاردا كالا ، قوي، ئات ، ئېشەك  قاتارلىق  چارۋىلار بار ئىدى. 1900 – يىلدىن بۇرۇن لوپ خەلقى  ئۆگەن دەرياسىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى ئوپقان، يۇمۇلاق ، قىقى دەريا ۋادىلىرىدا يۈرگەن چاغلاردا ئاز ساندىكى ئائىلىلەردە چارۋا بار ئىدى. كۆپ ساندىكى ئائىلەرنىڭ چارۋىسى يوق ئىدى.  چارۋىسى بار ئائىلىلەر بولسۇن ياكى چارۋىسى  يوق ئائىلىلەر بولسۇن ئوخشاشلا بىلىق تۇتۇپ ، جەرەن ، كىيىكلەرنى ئوۋلاپ يەيتتى. ياز كۈنلىرى يىكەننىڭ  ئۇجىلى (چىچىگى ) ، ئوجىرى (يىلتىزى ) نى  ئىلىپ يەتتى. بۇغا ، تۈلكە، مولۇن،  سۇ چاشقىنى  قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ تۇتۇپ، موڭگۇزىنى ، تېرىسىنى ، ئوبدان قۇرۇتۇپ  تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە  ئالماشتۇرۇپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. يازلىغى 5 دىن 6 دىن ئائىلە بىرلىشىپ كەلكۈن سۈيىدىن ساقلىغىلى بولىدىغان كىچىك ياسىق  كۆللەرگە قوغۇن-تاۋۇز تېريتتى. ئىنەك بېقىپ ، سۈتىدىن قېتىق ، قايماق، سىرىقياغ  ، قۇرۇتقۇچ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ياساپ، ئىستىمال قىلاتتى. لوپ خەلقى يازلىغى ئاساسەن قوغۇن، تاۋۇز ، سۈت، قېتىق ، يىكەن  قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ياساپ  ئىستىمال قىلاتتى. قىش كۈنلىرى 15 – 20 ئائىلىلەر توپلىشىپ ، ئوتۇن ، ياغىچى بار سۈيى ئوبدان يەرلەرگە تام ئۆي (ياغاچنى قاتار قىلىپ  يولەپ سۇۋالغان ئۆي ) سېلىپ ئولتۇراتتى.

ئەركەك كالىلارنى 4 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن كۆندۈرۈپ  ، ئېغىر يۈك –تاقلارنى ئارتىپ،ياغاچ تاشلارنى سۆرىتىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتەتتى. چانىغا قېتىپ  ئوت – چۆپلەرنى توشۇيتتى. ئات ، ئېشەك  ئاساسلىق قاتناش قورالى ھېسابلىناتتى. ئاتنى ئوغۇل بالىنىڭ قانىتى دەپ ھىساپلاپ ، ئەتىۋالايتتى. 1900 – يىلدىن كىيىن كەلكۈن سۈيىنىڭ ئېقىش يۆنىلىشى ئۆگەن دەرياسىنىڭ  شىمالى تەرىپىگە  يۈزلىنىپ ئىنچىكە دەريا ( تارىم دەريا ) بىلەن ئاققاندىن كېيىن، لوپ خەلقىنىڭ تۇرمۇشى بىر قەدەر  ياخشىلىنىپ، چارۋىمۇ ئاينىپ، بەزى ئائىلىلەرنىڭ  چارۋىسى مىڭدىن ئاشقان. چارۋىسى يوق دېگەن ئائىلىلەردىمۇ 8 – 10 غىچە  چارۋا بار بولغان.  ئۇ چاغلاردا قوينىڭ قىممىتى يۇقىرى ئىدى. قوينىڭ  يۇڭى ، تېرىسى، كورپىسى ( پاخلان تېرىسى ) ئالاھىدە  تۇرمۇش بويۇمى ئىدى.  شۇڭا قوي چارۋىچىلىقتا ئاساسلىق ئورۇندا تۇراتتى. بىر ئائىلىنىڭ باي ياكى  نامىراتلىغىنى شۇ ئائىلىنىڭ قويىنىڭ ئاز كۆپلىگى بىلەن ئۆلچەيتتى. قوي مىڭدىن ئاشقانلارنى باي دەپ ئاتايتتى. 

لوپ خەلقى ئۆگەن دەرياسىنىڭ جەنۇپ ياكى شىمال تەرىپىدە يۈرگەن بولسىمۇ ،ئوخشاشلا خاڭدى تىرىقچىلىغى قىلاتتى. شاڭيو – مىراپلارنىڭ يىتەكچىلىگىدە  بوز يەرلەرگە  چىققان كەلكۈن  سۈيىنىڭ  ئايغىنى توسۇپ ، ئوسا چىقىرىپ  بوغداي تېرىيتتى.  بىر يىلى بۇ يەرگە تېرىقچىلىق قىلسا، كېلەر يىلى يەنە باشقا يەرگە تېرىقچىلىق قىلغانلىغى ئۈچۈن ھوسۇلى تۆۋەن بولۇپ، خاڭدى دېھقانچىلىقتىن ئالغان بوغداي يىللىق  ئوزۇقلۇقنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيتتى.  لوپ خەلقى يىمەكلىك ئاشلىق ، يەم بوغۇزى قاتارلىقلارنى  پۈتۈنلەي بۈگۈر، كۇچا، شايار قاتارلىق قوشنا  ئورۇنلاردىن سېتىۋىلىپ ، توشۇپ يەيتتى. ھەر بىر ئائىلىدىن  بىردىن ئادەم مەخسۇس ئاشلىق توشۇيتتى. ئاشلىق  سېتىلىۋىلىشقا  قۇربى يەتمىگەنلەر كورلا، قاراشەھەر، بۈگۈرگە چىقىپ مەدىكارچلىق  (ئىشلەمچىلىك ) قىلىپ ئوزۇقلۇق ئاشلىغىنى غەملەيتتى.

لوپتا سودا –سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم  يوق ئىدى.  نەرقى ، تاۋارغا  بولغان چۈشەنچىسىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن ئىدى. گەزمال (رەخىت ) ۋە باشقا  تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى كۇچا، شايار، قاراشەھەر  قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن  سودىگەرلەردىن ئالاتتى. ساتىدىغان نەرسىلەرنىمۇ شۇلارغا ساتاتتى. ئۆز-ئارا  سودا -سىتىق قىلىشمايتتى.  بۇ ئادەت ھازىرمۇ بىر قىسىم كىشىلەردە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

لوپنىڭ تەبىئى شارائىتى  ياخشى بولغان بولسىمۇ ، تۇرمۇش شارائىتى ناچار ئىدى. ئاز بىر قىسىم كىشلەر بىيىپ  تۇرمۇشى بىر قەدەر ياخشى ئۆتكەن بولسىمۇ ، كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ  تۇرالغۇ جاي، تۇرمۇش كەچۇرۇش مەنبەسى يوق، كۈنلۈكنى كۈنلۈك  تېپىپ يەپ، يىل بويى ئاچ – يالاڭچىلقتا  يۈرەتتى. قارا ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋاڭ – سىلىقىنى تۆلىيەلمەي، بەيشاڭ يايىلارنىڭ  تايىغىدىن قورقۇپ، سەرسان بولۇپ ياقا – يۇرتلارغا چىقىپ كەتكەنلەر ۋە يىل بويى ئادەم بار يەرگە كېلەلمەي جاڭگالدا يۇشۇرنۇپ يۈرۈپ، ئوغوللىرى بولسا « خەتنە»  قىلىش يېشىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغان  ئائىلىلەرمۇ خىلى ساننى ئىگەللەيتتى.

 

داۋامى بار…..

مەنبە:لوپنۇر لېنىيىسى تورى

http://www.xjlopnur.com/showart_lopnur.asp?cat_id=63&art_id=525

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ئەلشىر
    2011/12/12 21:07:49

    بۇ ماقالىنى مەن شۇ كىشىگە كومپيۇتېردا كىرگۈزۈپ بەرگەن. قانداق بولۇپ بۇيەرگە چىقىپ قالغاندۇ. ئۇكىشى بۇنى ئېلان قىلدۇرماقچى ئىدى.

    • lopnuri
      2011/12/13 23:36:34

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن بۇ ماقالىنى لوپنۇر لېنىيىسى تورىدىن ساقلىۋالغان ئىدىم.مېنىڭ بۇ تور خاتىرەمگە لوپنۇرغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار توپلانغاچقا،باشقىلارغا پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن مەقسەتتە بلوگىمغا كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىدىم. ناۋادا ئاپتۇر باشقىچە پىكىردە بولسا،بلوگدىن ئۆچۈرۋەتسەممۇ بولىۋېرىدۇ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif