ئوخشىتىشنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى توغرسىدا

ئوخشىتىشنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى توغرسىدا

 

ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى

 

بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلىمى

قىسقىچە مەزمۇنى:

بۇ ماقالىدە ئوخشىتىشنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللىرى، مەدەنىيەت قاتلىمى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەھلىل قىلىش، ئوخشىمىغان تىللاردىكى ئوخشىتىشلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئوخشىتىشنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنىڭ شەكىللىنىشى، ئۆزگىرىش جەريانلىرى، بىر قانچە تىلدىكى ئوخشىتىشلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىك جەھەتتىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلىق تەرەپلىرى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كۆرستىپ بېرىلدى.

  ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىستىلىستىكىلىق شەكىل، ئوخشىتىش، مىللىي ئالاھىدىلىك 

1.ئوخشىتىش ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك

ئىستىلىستىك پائالىيەت تىل ماتىرىياللىرىنى تاللاش، بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش پائالىيىتىدىن ئىبارەت. ئىستىلىستىكا – مۇئەييەن كونتېكىست ئىچىدە تىل ماتىرىياللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تىلنىڭ پىكىر–ھېسىياتنى ئىپادىلەش قىممىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەندۇر. جەمىيەتتىكى كىشىلەر ئۆز- ئارا ئالاقە جەريانىدا بىر-بىرى بىلەن پىكىرلىشىدۇ، ھېسىيات ئالماشتۇرىدۇ. ئۇلار بۇجەرياندا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىىز ھالدا ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىدە ئىپادىلىمەكچى بولغانلىرىنى ھامان ئۈنۈملۈك يوللار ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا كىشىلەر ماقالە–ئەسەرلەرنى يازغاندا ئىپادىلىمەكچى بولغان ئوي-پىكرىنىڭ تېخىمۇ روشەن، جانلىق، چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق، تەسىرلىك بولىشى ئۈچۈن، ھەرخىل ئىپادىلەش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. دىمەك، جەمىيەتتىكى نورمال ئادەم دەپ ھېساپلانغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا ئىستىلىستىكىلىق پائالىيەتتىن پايدىلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىستىلىستىك پائالىيەتتىن پايدىلىنىش جەريانى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مۇئەييەن خۇسۇسىيەت ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ. مىللىي ئالاھىدىلىك ئاشۇ خىل خۇسۇسىيەت ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.

ئستىلىستىكا روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. ئۇنى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە دىيىشىمىزدە، بىرىنچىدىن، ئۇ تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش جەريانى بولۇپ، تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى. روشەنكى، تىل مىللەتنىڭ ئەڭ موھىم بەلگىسى، ئۇنىڭدا شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر جەملەنگەن بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئىستىلىستىكىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپماي قالمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغاچقا، ئۇلار ياشىغان تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىت، ئۆرپ-ئادەت، پىسخىك ھالەت، تەپەككۇر شەكلى، قىممەت قارىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. نەتىجىدە ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرىدە ئوخشاش بىر شەيئىي، ئوخشاش بىر خىل ھادىسىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان سوبىكتىپ كۆزقاراشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ خىل كۆزقاراش ۋە تونۇش كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي نۇتۇق پائالىيەتلىرىدە ئوز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. مانا بۇ ئىستىلىستىكىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئاساستۇر.

ئىستىلىستىكىلىق پائالىيەت تىگى- تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىل ماتىرىياللىرىنى ئۈنۈملۈك تاللاش جەريانى. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى چوڭ جەھەتتە ئىستىلىستىك شەكىللەرنى تاللاپ ئىشلىتىش، كىچىك جەھەتتە، ئىستىلىتىك شەكىللەرنى ھاسىل قىلىشتا موھىم رول ئوينايدىغان ئوبىكتىپ شەيئىي، كونكىرىت ئۇقۇم ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى شۇ تىل شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇپ تاللاشتا كۆرىلىدۇ. مانا بۇ ئىستىلىستىكىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىچكى قىسىمدىكى ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا رول ئوينىشىدۇر.

ئەمدى ئىستىلىستىكىلىق شەكىلگە كەلسەك، ئىستىلىستىكىلىق شەكىل- تىلنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن مۇئەييەن شەكىللگە كىرىپ تۇراقلاشقان، تىلنىڭ ئىپادىلاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا موھىم رول ئوينايدىغان شەكىللەردۇر. بىز بۇ ماقالىدە باشتا دىيىلگەن تېمىنى يورۇتۇپ بېرىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغاچقا، بارلىق ئىستىلىستىكىلىق شەكىللەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزمەيمىز پەقەت ئىستىلىستىكىلىق شەكىللەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان شەكىل ئوخشىتىشىىتىشنىڭ مىللي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل ئېلىپ بارىمىز.

ئوخشىتىش -ئەدەبىيات نەزىريىچىلىرىنىڭ تەبىرىچە ئىنسان بەدىئىي تەپەككۇرىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ماھىيىتى ئوخشىمايدىغان ئىككى شەيئىنىڭ مەلۇم ئوخشاشلىقىدىن پايدىلىنىپ پىكىر ئوبىكتى بولغان شەيئىنى باشقا بىر شەيئىي بىلەن چۇشەندۈرۈش سەنئىتىدۇر. بىز ئوخشىتىشنىڭ ئىنسان بەدىئىي تەپەككۇرىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئامىلى ئىكەنلىكىنى شائىر سەئىد نەفىسىنىڭ پارس شائىرى روداكى توغىرسىدا يازغان مۇنۇ سۆزىدىنمۇ كۆرىۋالالايمىز « ھەر بىر شائىرنىڭ كاتتا ماھارىتى تەشبىھ ( ئوخشىتىش) لاردا كۆرىلىدۇ. تەشبىھتە قۇدىرەتلىك بولغان شائىر جاھانگىرراقتۇر». دىمەك، ئوخشىتىش ئىستىلىستىك شەكىللەر ئىچىدىكى موھىم بولغان بىر خىل ۋاستىدۇر.

بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى شۇ مىللەتنىڭ ئېدىلوگىيە، ئېتىكا، ئۆرپ- ئادەت، تارىخ، تەپەككۇر ئادىتى ۋە تىل- يېزىقى قاتارلىق مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ زىچ بىرىكمىسىدۇر. ئوخشىتىش بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسسى بولۇپ، مەلۇم نوقتىدىن قارىغاندا، ماددىي دۇنيادىكى بارلىق شەيئىيلەردىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ پششىقلىشىدىن ئۆتكەن بولىدۇ. ھەر قايسى تىللاردىكى ئوخشىتىشلار گەرچە قۇرۇلما جەھەتتىن ئوخشالغۇچى، ئوخشىغۇچى، ئوخشىتىش سۆزى، ئوخشاشلىق نوقتىسى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسسسى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي ئارقا كۆرىنىشتە شەكىللەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ تەسىرى ۋە چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدۇ. ئوخشىتىشنىڭ تەشكىل قىلغۇچى ئامىللىرى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەر قايسى ئامىللىرىنىڭ بېرىكىش ئوبىكتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئاساسلىقى ئوخشىتىشنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى ئامىللار ئوتتۇرسىدا شەكىللەندۈرگەن كىچىك كونتېكىست ياكى ئىچكى كونتېكىست دائىرسىدە ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.

2.ئوخشىتىشتىكى مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ بارلىققا كېلىش يوللىرى

1) ئوخشىغۇچى بىلەن ئىپادىلەنگەن مەنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىغى جەھەتتىن ئېيتقاندا:

(1)ئوخشىغۇچى ھەر خىل ئىپادىلەنگەن مەنە بىر خىل بولىدۇ.

بۇ خىل شەكىلدە ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەلۇم ئوي-پىكىر، شەيئىي ھادىسىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن تاللىۋالغان ئوخشىغۇچىلىرى روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ ئەمما بۇ ئوخشىغۇچىلار ھەر قايسى تىللاردا ئوخشاش مەزمۇننى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن: بىز ئىنگىلىز تىلىدىكى مۇنۇ جۈملىدە ئىشلىتىلگەن ئوخشىتىشقا قاراپ باقايلى.

Her legs felt like jelly                                

( ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ماغدۇرسىزلىنىپ خۇددى مېۋە ئۇيۇتمىسىدەك بوششىپ كەتكەنىدى)

يوقارقى جۈملىدىكى ئوخشىغۇچى « مىۋە ئۇيۇتمىسى» بۇ ئېنىقكى ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئادىتىدۇر. چۈنكى، خەنزۇ تىلىدا بۇخىل ھالەتنى تۆۋەندىكىدەك شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.

两腿软得像棉花

( ئىككى پۇتى خۇددى پاختىدەك بوششىپ كەتكەنىدى)

ئەمدى ئۇيغۇر تىلىدا بولسا بۇ خىل ھالەتنى «پۈتۈن بەدىنىم خۇددى لايدەك بوششىپ كەتتى» دېگەن ئوخشىتىش بىلەن ئىپادىلەيدۇ. يوقارقى مىساللاردا «ماغدۇرسىزلىنىش» تىن ئىبارەت بىر خىل ھالەت «مېۋە ئۇيۇتمىسى»، « پاختا »، « لاي» دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئوخشىغۇچى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار ئىمتىھاندا نۆل نۇمۇر ئالسا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يۇمۇرلۇق قىلىپ « تۇخۇمدىن بىرنى ئاپسەن ياكى ھارۋىنىڭ چاقىدىن بىرنى ئاپسەن» دېگەن ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىپادىلىسە، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار « ئۆردەك تۇخۇمىدىن بىرنى يەپسەن »، ياپۇنيىلىك ئوقۇغۇچىلار بولسا « ھور ناندىن بىرنى يەپسەن » دېگەن ئوخشىتىشلار ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.

يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا «سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك» دېگەن ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىپادىلىسە، خەنزۇ تىلىدا « شورپىغا چۈشكەن توخودەك»، كورىيان تىلىدا بولسا « سۇغا چۈشكەن چاشقاندەك» دېگەن ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرقى مىساللاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى ھەر قايسى تىللارنىڭ تاللىۋالغان ئوخشىغۇچىلىرى ھەر خىل ئەمما ئىپادىلەنگەن مەزمۇن بىر خىل بولغان بولىدۇ.

(2) ئوخشىغۇچى ئوخشاش ئەمما ئىپادىلەنگەن مەنە ئوخشاش بولمايدۇ.

بۇ خىل شەكىلدە ھەر قايسى تىللاردا ئوبىكىتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تاللىۋىلىنغان ئوخشىغۇچىلار ئوخشاش ئەمما ئۇلارنىڭ بىلدۈرگەن مەنىسى بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئالايلى، ئۇيغۇر تىلىدا يۇۋاش مۇلايىم كىشىلەرنى « قويدەك يۇۋاش» ياكى « قوينىڭ قوزىسىدەك» دېگەندەك ئوخشىتىشلار ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا باللىرىنى ئەركىلەتكەن چاغدا ئۇلارنى « قوزام » دەيدىغان ئادەتلەر بار. ئەمما روس تىلىدا بىر ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمەيدىغان كىشىلەرنى « قويدەك دۆت» دېگەن ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.  بۇ يەردە تاللىۋىلىنغان ئوخشىغۇچى ئوخشاشلا «قوي» ئەمما، قوينىڭ ئىككى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سېستىمىسىدىكى ئورنى ئوخشىمىغاچقا ئوخشاش بىر شەيئى ئوخشىمىغان مەنىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر تىلىدا توشقان قورقۇنچاقلىققا ئوخشىتىلىدۇ. شۇڭىلاشقا ئۇيغۇرلاردا « توشقاندەك يۈز يىل ياشىغىچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا» دېگەندەك تەمسىللەر بارلىققا كەلگەن. ئەمما ئىنگىلىز تىلىدا بولسا قورقۇنچاق كىشلەر ئەمەس، بەلكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر توشقانغا ئوخشىتىلىدۇ. ئىنگىلىز تىلىدا كىشلەر كاللىسى ئۆتكۈر كىشىلەرنى ئۆردەككە ئوخشىتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا ئېزلەڭگۈ كىشىلەرنى ئۆدەككە ئوخشىتىدۇ. خەنزۇ تىلىدە كىشىلەر ئىشچان، ئاددى-ساددا كىشىلەرنى كالىغا ئوخشىتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا يۇرۇش تۇرىشى قوپال كىشلەرنى كالىغا ئوخشىتىدۇ. دىمەك، يوقارقى مىساللاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى، بۇلاردا مەزمۇننى ئىپادىلەش ئۈچۈن تاللىۋىلىنغان ئوخشىغۇچى ئوخشاش ئەمما ئولار ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت چەمبىرىكى دائىرسىدە ئىشلىتىلگەچكە ئوخشىمىغان مەنىلەرنى ئىپادىلەپ كەلگەن.

2)ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشاشلىق نوقتىسىنىڭ مۇناسىۋىتى جەھەتتىن ئېيتقاندا:

(1)ئوخشىغۇچى ھەرخىل ئەمما ئوخشاشلىق نوقتىسى بىرخىل بولىدۇ.

ئوخشىغۇچى- ئوخشىتىلغۇچىنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ئۇنى تەسۋىرلەپ سۈرەتلەپ، روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدىغان شەيئىنى كۆرسىتىدۇ.

ئوخشاشلىق نوقتىسى- ئوخشىتىشنىڭ ئىككى ئەزاسىنى باغلايدىغان كۆۋرۈك ھېساپلىنىدۇ. ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشاشلىق نوقتىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولىشى ئوخشالغۇچىنى ئېنىق، روشەن ئىپادىلەپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك موھىم مەسىلىدۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ھەر قايسى تىللاردىكى ئوخشىتىشلارغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان پەرقلەرنى ئوڭايلا بايقىۋالالايمىز.  ئالايلى، ئۇيغۇر تىلىدا ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ كۆپلىكى ساينىڭ تېشىغا، سامانغا ئوخشىتىلىدۇ، شۇڭىلاشقا ئۇيغۇر تىلىدا « پۇل دېگەن ساماندەك»، « ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكەن ئادەملەر» دېگەندەك ئوخشىتىشلار بار. ئەمما خەنزۇ تىلىدا ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى كالىنىڭ تۈكىگە ئوخشىتىلىدۇ. شۇڭىلاشقا خەنزۇ تىلىدا «多如牛毛‹كالىنىڭ تۈكىدەك كۆپ›» دېگەندەك ئوخشىتىشلار بار. بۇ يەردە ھەر ئىككى مىسالدىكى ئوخشىتىشنىڭ ئوخشاشلىق نوقتىسى « كۆپلۈك»  ئەمما ئوخشىغۇچى بولسا بىرىدە « ساينىڭ تېشى ياكى سامان» بىرىدە « كالىنىڭ تۈكى».

ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇ تىلىدا بىر-بىرىگە ئامىراق ئەر-خوتۇنلارنى، ئاشىق- مەشۇقلارنى قوشماق ئۆردەككە ئوخشىتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا بولسا كاككۇك بىلەن زەينەپكە ئوخشىتىدۇ.بۇ يەردە ئوخشاشلىق نوقتىسى«يېقىنلىق» ئەمما، تاللىۋىلىنغان ئوخشىغۇچى ئوخشىمايدۇ. دىمەك، ئوخشاش بولمىغان تىللاردا ئوخشاشلىق نوقتىسى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئوخشالغۇچىنى كونكىرىتلاشتۇرىدىغان ئوخشىغۇچى ئوخشاش بولمايدۇ.

(2)ئوخشىغۇچى ئوخشاش ئەمما ئوخشاشلىق نوقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ.

ئالايلى، خەنزۇ تىلىدا «官清如水(پاك ئەمەلدار)»، ئىنگىلىز تىلىدا«as thin as water( سۇدەك نېپىز)»، ئۇيغۇر تىلىدا «سۇدەك سۆزلىمەك » دېگەن ئوخشىتىشلارغا قارايدىغان بولساق، ھەممىسىدە ئوخشىغۇچى «سۇ» ئەمما ئوخشاشلىق نوقتىسى بىرىنچىسىدە «پاكلىق»، ئىككىنچىسىدە « نىپىزلىك»، ئۈچىنچىسىدە بولسا «راۋانلىق». «سۇ» نىڭ ئوخشاشلىق نوقتىسىنىڭ «پاكلىق ياكى راۋانلىق» ئىكەنلىگىنى ئەنگىلىيەلىك ۋە ئامېرىكىلىقلار چۈشىنەلىشى ناتايىن. ئەكسىچە بولغاندا،«سۇ» نىڭ ئوخشاشلىق نوقتىسىنىڭ «نېپىزلىك» ئىكەنلىكىنى جۇڭگۇلۇقلار تەسەۋۇرىغا سىغدۇرالماسلىقى مومكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا «ھۇقۇش» سۆز تىلغا ئېلىنسا كىشلەرنىڭ كاللىسىدا «شۇملۇق» دېگەن چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ. شۇڭىلاشقا ئۇيغۇرلاردا«ھۇقۇش چىللىغان جاي چۆللىشىپ كىتىدۇ» دەپ ئەنسىرەيدىغان ئادەتلەر بار. خەنزۇ تىلىدىمۇ «ھۇقۇش ھويلاڭغا قونسا بەخىتسىزلىك يۈز بېرىدۇ » دېگەندەك تەمسىللەر بار. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خەنزۇ تىلىدا كىشىلەر كىچىسى تىمسىقلاپ يۈرۈپ مەخپىي ھەرىكەت قىلىدىغانلارنى ھۇقۇشقا ئوخشىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىمۇ يالغۇز قالغان كىشىلەرنى «ھۇقۇشتەك يالغۇز قاپتۇ» دەيدىغان ئوخشىتىش بار. ئەمما «ھۇقۇش‹ owl›» ئىنگىلىز تىلى مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە ئەقىل-پاراسەتنىڭ سىمۇۋۇلى دەپ قارىلىدۇ. ئىنگىلىز تىلى قوللىنىلدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپلىگەن مەسەللىرىدە «ھۇقۇش» كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا «سوتچى»، «دوكتۇر»، «مۇئەللىم» دېگەندەك ئوبرازلاردا نامايەن بولىدۇ.شۇڭىلاشقا ئىنگىلىز تىلىدا«as wise as owl ‹ھۇقۇشتەك ئەقىللىق›» دېگەندەك ئوخشىتىشلار بار. بۇ مىساللاردىكى ئوخشىغۇچى «ھۇقۇش» ئەمما ئوخشاشلىق نوقتىسى ئالدىنقىسىدا «شۇملۇق»، كىيىنكىسىدە بولسا «ئەقىل-پاراسەت».

دېمەك، نېمە ئۈچۈن ئوخشاش بىر مەنە، ئوخشاش ئىستىلىستىكىلىق شەكىل ئەمما تاللىۋىلىنغان ئوخشىغۇچى ئوخشىمايدۇ؟ ئوخشاش بىر ئوخشىغۇچى ئەمما ئىپادىلەنگەن مەنە ئوخشىمايدۇ؟ بۇنى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي پىسخىكىسى، شەيئىيلەرگە بولغان قىممەت قارىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

يۇقىرىدا بىز ئوخشىتىشنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللىرى نوقتىسىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈق. ئوخشىتىشنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكىنى يالغۇز ئامىللار نوقتىسىدا تۇرۇپ كۈزەتكەندە بەزى مەسىللەر ئېنىق ئايدىڭلاشماسلىقى مومكىن. شۇڭا ئۇنى چوڭ كونتېكىست ئىچىگە قويۇپ ئەتىراپلىق كۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردىكى چوڭ كونتېكىست ئىجتىمائى-تەبىئىي شارائىت، مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى، پىسخىك ئالاھىدىلىك قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ.

3.ئىجتىمائى-تەبىئى شارائىت ۋە ئوخشىتىشتىكى مىللىيلىك

ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئوبىكتىپ شەيئىلەرنى كۈزىتىشى ۋە تونۇشىنىڭ بىردەك بولماسلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ بەدىئى تەپەككۇرىدا ۋە تەپەككۇرنىڭ مەسھۇلى بولغان ئوي-پىكىرلىرىنى ئىپادىلەشىدە ئۆزلىرىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى شەكىللىنىدۇ. ئوخشىتىشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوخشىغۇچى شەيئىلەر دەل موشۇنداق مىللي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈردىغان ئامىلدۇر. ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىقلار يازغان «قۇتادغۇبىلىك ئىستىلىستىكىسى» دا «قۇتادغۇبىلىك»تىكى 539 ئوخشىتىش ئۈستىدە ئوخشىغۇچى شەيئىلەرنى ئىشلىتىش چاستوتىسى بويىچە سىتاستىكىلىق تەھلىل يۈرگۈزۈش ۋە ئۇلارنى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئوخشىتىشلىرى بىلەن قىسمەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، «قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئوخشىتىشلارنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى ھەم ئۇلارنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان تەبىئىي شارائىتى ۋە مىللى مەدەنىيەت موھىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىگىنى ئسپاتلاپ چىققان. ئوخشىتىشلارغا قىلىنغان سىتاستىكىلىق تەھلىلنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، «قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئوخشىتىشلاردا تەبىئي شەيىئىلەرنىڭ ئوخشىغۇچى قىلىنىش نىسبىتى ناھايىتى يوقىرى بولۇپ، ئوخشىغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ% 45.6 ئىگەللىگەن. بۇ قاراخانلار دەۋرىدىكى ئوخشىتىشلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى، «جۇڭگۇ ۋە چەتئەل ئوخشىتىشلىرى لۇغىتى»دىكى 150 ئوخشىتىشقا سىتاستىكىلىق تەھلىل ئېلىپ بارغاندا، چەتئەل ئوخشىتىشلىرىنىڭ كۆپىنچە پۇل، ئالتۇن-كۈمۈش، ۋە مۇزىكىغا دائىر شەيئىلەر ئوخشىغۇچى قىلىنىپ، ئوخشىغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %51 كۆپىرەكىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى بايقىغان.

«قۇتادغۇبىلىك»تە نىمە ئۈچۈن تەبىئي شەيىلەرنىڭ ئوخشىغۇچى قىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ؟ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ياشاش موھىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. «چۈنكى ئۇيغۇرلار مىلادى بۇرۇنقى 3-ئەسىرلەردىن باشلاپلا، شەرقتە ئۇرقۇن دەرياسى بويلىرى ۋە خېشى كارىدۇرىدىن غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ زىمىندا چارۋىچىلىقنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە قىلىپ ياشاپ كەلگەن. كىيىنچە تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى رايۇنلاردا ياشىغان. شىنجاڭنى ئالىدىغان بولساق، تارىم دەرياسى ۋە تەڭرىتاغ، قۇرۇم تاغلىرى، پامىر ئىگزلىكىدىكى قار-مۇزلارنىڭ ئېرىشىگە تايىنىپ چوڭ-كىچىك بوستانلىقلار، يايلاقلار، ۋە ئورمانلار ئەجداتلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىقنى دىخانچىلىق بىلەن بىرلەشتۈرشىگە، شۇنداقلا تەدىرجى ھالدا دېھقانچىلىقنى ئاساسلىق ئىقتىسادىي تۇرمۇش شەكلى قىلىشىغا ئۇل سېلىپ بەرگەن. مانا مۇشۇنداق ياشاش موھىتى ئۇيغۇرلاردا دېقانچىلىق ۋە چاۋىچىلىقنى قەدىرلەش ئولۇغلاشتەك پىسخىك ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. قاراخانلار دەۋرىدە، دېھقانچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا ئاساسى ئورۇنغا ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ، چوڭقۇر يىلتىزلانغان چارۋىچىلىق ئوۋچىلىق ئىگىلىكىنىڭ ئىنىرتسىيىسى شۇ دەۋىر تۇرمۇشىغا يەنىلا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغاچقا، «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئوخشىتىشلاردا چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىققا دائىر شەيئىلەرنىڭ ئوخشىغۇچى قىلىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يوقىرى بولغان‹1›

«مىللەتلەرنىڭ ياشاش موھىتى ئوخشىمىغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس مىللىي موھىتىمۇ بولىدۇ ۋە ئۇ شۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى ھەم ئۆرپ-ئادەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت موھىتىغا تارىخى نوقتىدىن نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلار بۇنىڭدىن بەش-ئالتە مىڭ يىللار ئىلگىرلا ئاي، كۈن، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆك تەڭرى ئېتىقادچىلىقىنى ئاساسىي نوقتىنەزەر قىلغان كۆپ خۇدالىق  شامان دىنغا ئېتىقاد قىلغان. بولۇپمۇ كۆك تەڭرى ئېتىقادچىلىقىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا ناھايىتى چوڭقۇرلاپ كىرگەچكە، ھەتتا شامان دىندىن كىيىن نەچچە مىڭ يىل داۋام قىلغان بۇددا دىننى تەرك ئىتىپ ئىسلاملىشىپ بولغان قاراخانىلارنىڭ مەنىۋىيىتىدىمۇ ئۇزىنىڭ تەسىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتمىغان. بۇ نوقتىنى ئاي، كۈن قاتارلىقلارنى گۈزەللىكنىڭ، پاكلىقنىڭ سىموۋۇلى قىلىشتەك بەدىئىي تەسەۋۇر ھەم ئىستېتىك ئاڭنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە ناھايىتى كۈچلۈك ئەكىس ئەتكەنلىكىنى، يەنى بۇ شەيئىلەرنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئوخشىتىشلاردا ئوخشىغۇچى قىلىنىش نىسبىتىنىڭ چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىققا ئائىت شەيئىلەرگە ئوخشاشلا يۇقىرى نىسبەتنى ئىگەلىگەنلىكىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ‹2›»

بىز يوقىردا «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئوخشىغۇچىلارنىڭ تاللىنىشىغا تەبىئىي ئىجتىمائي شارائىت ۋە مەدەنىيەت موھىتىنىڭ قانداق تەسىر قىلغانلىغىنى كۆرۈپ ئۆتتۈق. بىز «قۇتادغۇبىلىك»مەيدانغا كەلگەن دەۋىر بىلەن ھازىر ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دەۋىرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان  بولساق،گەرچە ئىككى دەۋىردىكى مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدە، ئىشلەپچىقىرىش شەكىللىرىدە نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، تەبىئىې ئىجتىمائي شارائىت ۋە مەدەنىيەت موھىتىنىڭ ئوخشىتىشنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىزچىل تۈردە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ئاساسلىقى يەنىلا ئوخشىغۇچى شەيئىنىڭ تاللىنىشىدا كۆرىلىدۇ. ئالايلى، «شۇمبۇيا» قوغۇنلۇققا ئۈنۈپ قالسا قوغۇننىڭ تەمىنى لاۋۇزا قىلىۋىتىدىغان ئوت بولغاچقا ئۇيغۇرلاردا ئۇنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان كىشىلەرگە ئوخشىتىدۇ ھەمدە«ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزغا ئۈنگەن شۇمبۇيا » دېگەندەك ئوخشىتىشلارنى ئىشلىتىدۇ. خەنزۇلار ئاساسىي جەھەتتىن قوغۇنچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانمىغاچقا ئۇلاردا بۇ خىل ئوخشىتىش يوق.

«پاختەك» ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي پىشايۋانلىرى ئەتىراپىدا ئۇۋا تۇتۇپ، شۇ ئەتىراپتىلا ئۇچۇپ يۈرىدىغان قۇش. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدا خوتۇنىدىن قورقۇپ ئۆيىدىن چىقالمايدىغان ئەرلەرنى پاختەككە ئوخشىتىدىغان ئادەت بار. خەنزۇ تىلىدا بولسا بۇنداق ئوخشىتىش يوق.

خەنزۇ تىلىدا قىز-ئاياللارنىڭ ئەخلاقى ۋە خارەكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تۇرۇپ ئۇلارنى ھەر خىل ئوت-چۆپلەرگە ئوخشىتىدىغان ئادەت بار. مەسىلەن: تارتىنچاق قىزلارنى « 含羞草‹مىموزا ئوتى›»غا، قىلىقى سەت، ئەدەپسىز قىزلارنى بولسا«路边的小草 ‹يول بويىدىكى ئوت-چۆپ›» كە ئوخشىتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا بۇ خىل ئۇخشىتىش شەكىللىرى يوق. مەلۇمكى، تەبىئىې ئىجتىمائي شارائىت ۋە مەدەنىيەت موھىتى ئوخشىمىسا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئوخشىتىشتىنىڭ ئوخشىمىغان ئىپادە شەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ ھالەت تەبىئىې ئىجتىمائي شارائىت ۋە مەدەنىيەت موھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئەسلىدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ تەدىرىجى ھالدا ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ. مەسلەن، بىز «قۇتادغۇبىلىك» تىكى شەيئىلەرنىڭ ئوخشىغۇچى قىلىنىش نىسبىتى بىلەن ناۋايى ئەسەرلىرىدىكى شەيئىلەرنىڭ ئوخشىغۇچى قىلىنىش نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق بۇخىل ئۆزگىرىش جەريانىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز. بىز ماقالىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا «قۇتادغۇبىلىك»تە تەبىئي شەيئىلەرنىڭ ئوخشىغۇچى قىلىنىش نىسبىتىنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى بولۇپ ئومۇمىي نىسبەتنىڭ %45.6 نى ئىگەللەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدۇق. ئارسلان ئابدۇللا «ناۋايى غەزەللىرىدىكى ئوخشىتىشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى» ناملىق ماقالىسىدە ناۋايى غەزەللىرىدىكى 625 ئوخشىتىش ئۈستىدە سىتاستىكىلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىپ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكنى بايقىغان. يەنى« ناۋايى غەزەللىرىدىكى ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تۈرىدىكى ئوخشىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى تەبىئىي شەيئىلەرنىڭ نىسبىتىدىن يوقىرى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %55.52 نى ئىگەللىگەن». كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئىككى دەۋىردىكى شەيئىلەرنىڭ ئوخشىغۇچى قىلىنىش نىسبىتى بىر بىرىدىن كۆرىنەرلىك دەرىجىدە پەرقلەنگەن.

4.خۇلاسە

دېمەك، ئوخشىتىشنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى بارلىق بايانلىرىمىزنى يىغىنچاقلاپ كەلسەك، ئوخشىتىشلار مەيلى كىچىك كونتېكىست مەيلى چوڭ كونتېكىست دائىرسىدە بولسۇن روشەن مىللي ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈردۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك كۆپىنچە ئوخشىغۇچىنىڭ تاللىنىشىدا كۆرىلىدۇ. ئوخشىغۇچىنىڭ تاللىنىشىغا ئوخشىتىشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئامىللار، تەبىئىې ئىجتىمائي شارائىت ۋە مەدەنىيەت موھىتى قاتارلىقلار تەسىر كۆرسىتىدۇ. تىل ئالاقىسى جەريانىدا ئوخشىتىشنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ياخشى ئىگەللىۋىلىنسا، بىر مىللەتنىڭ تىل ئادىتى جەھەتتىكى نازۇك تەرەپلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە ۋە بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا زور ياردىمى بولىدۇ. ئەدەبىي تەرجىمە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان چاغدا شۇ ئەسەرنىڭ مىللى خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنى تەرجىمە قىلىنغان تىلنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ كىتاپخانلاردا غەيرىلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئىزاھلار

‹1›ئارسلان ئابدۇللا ، قۇتادغۇبىلىك ئىستىلىستىكىسى، 216-، 217-، 218- بەتلەر

‹2› ئارسلان ئابدۇللا ، قۇتادغۇبىلىك ئىستىلىستىكىسى، 219-،220-بەتلەر

پايدىلانغان ماتىرىياللار

  1. يولۋاس راشىدىن، ئستىلىستىكا ساۋادى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتى، 2002-يىل نەشىرى.
  2. ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىقلار، قۇتادغۇبىلىك ئىستىلىستىكىسى، شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتى نەشرىياتى، 2001-يىل6-ئاي
  3. بەھىرنىسا يۈسۈپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىدىكى سىمۇۋۇللۇق سۆزلەر ۋە ئوخشىتىشلار، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى، 1999-يىل 2-سان
  4. بەھىرنىسا يۈسۈپ، يەنە خەنزۇ،ئۇيغۇر تىلىردىكى سىمۇۋۇللۇق سۆزلەر توغىرسىدا، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى، 2000-يىل 2-سان
  5.  ئارسلان ئابدۇللا، ئوخشىتىش توغرسىدا ئىزدىنىش، شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتى ئىلمىي ژورنىلى 1990-يىل 3-سان.

6 .ئىمىن تۇرسۇن، ئەدەبىياتىمىزدا تەشبىھ مۇبالىغە، يېڭى قاشتېشى ژورنىلى 1998-يىل 4-سان

7. ئارسلان ئابدۇللا، ناۋايى غەزەللىرىدىكى ئوخشىتىشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتى ئىلمىي ژورنىلى(خەنزۇچە)، 2002-يىل 3-سان

8. ئىستىلىستىكا كۇرسى (خەنزۇچە) دىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

 

مەزكۇر ماقالەم ”قوش تىل ئۆگىنىش ژورنىلى)双语学习(“نىڭ 2012-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2221

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-05-23
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىلمىي ماقالىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: