كرورانلىق رەسسام-ئامىر توختى

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىلوگقا تارىخى تېمىدىكى يازمىلارنى كۆپرەك يوللاپ كەپتىمەن. بۈگۈن دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا كۆڭۈل -ئازادىلىك ۋە ئارامبەخىش تۇيغۇ ئېلىپ كېلىدىغان ماي بوياق رەسىملەرنى ئېلىپ كەلدىم. كەڭ كۇشادە ھۇزۇر ئالغايسىلەر. قانداقكىن رەسساملىققا خېلىلا قىزىقىشىم بار، لېكىن ھازىرغا كەلگۈچە بىرەر پارچە ئوخشىتىپ رەسىم سىزىپ باققان بەندە ئەمەسمەن.  رەسساملىق سەنئەت تۈرلىرى ئىچىدىكى نازۇك تۇيغۇلارنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بىر خىل سەنئەت شەكلى، مەن دائىم رەسساملار بىلەن شائىرلارنى بىر قاتاردا قويۇپ تەسەۋۇر قىلىمەن. چۈنكى، ھەر ئىككىىسىدە ئادەم روھىيىتىنىڭ يۇشۇرۇن قاتلاملىرى كىشى قەلبىنى لال قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرىلىدۇ. ئادەمنى تەگسىز ئويلارغا چۆمدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتى ھەققىدە ئويلىنىشقا ۋە تەپپەككۇر قىلىشقا يىتەكلىيەلەيدۇ. مانا بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان رەسساممۇ ئەسەرلىرىنى بىر كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالغان رەسساملارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ كروران باش تېما قىلىنغان تارىخى تېمىدىكى ئەسەرلىرى ۋە لوپلۇقلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلىرى مېنى ئۆزىگە بەكرەك جەلپ قىلدى. قېنى ئۇنىڭ بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى:

 

   ئامىر توختى 1973-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى چاقىلىق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق دارىلمۇئەللىمىنىڭ گۈزەل –سەنئەت كەسپىدە   ئوقۇغان.1996-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىدا بىلىم ئاشۇرغان.2005-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە يەنە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىدا بىلىم ئاشۇرغان.ھازىرغىچە نۇرغۇن ئەسەرلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ۋە مەملىكەتلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2010-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ رەسساملار جەمىيىتى ۋە ماي بوياق ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن شەخسىي كۆرگەزمە ئۆتكۈزگەن. ئۇ ھازىر شىنجاڭ رەسساملار ئاكادىمىيىسىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستلىق رەسساملار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، چاقىلىق ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

ئەمدى ئۇنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ:

 

مەنبە: چاقىلىق ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەت تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3378

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-09-09
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: