لوپنۇرلۇقلاردا كېمە ( قېيىق ) ياساش ھۈنەر- سەنئىتى
لوپنۇرلۇقلاردا كېمە ( قېيىق ) ياساش ھۈنەر- سەنئىتى
مۇھەممەت توختى
(لوپنۇر ناھىيىلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپ )
كېمە ( قېيىق ) – ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ سۇ قاتنىشى ۋە بېلىق تۇتۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان قورالى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . جۈملىدىن لوپنۇر كۆلى ۋە باشقا كىچىك كۆللەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شارائىتتا ، كۆل ئەتراپىدا ياشىغۇچى لوپنۇرلۇقلار تۇرمۇشىنى كېمە ( قېيىق ) ئارقىلىق قامداپ ، ئۆز ھاياتلىقىنى داۋام ئېتىپ كەلگەن . يەنى كۆلگە چىقىپ بېلىق تۇتۇش ، قۇش تۇخۇملىرىنى يىغىش ، ئېغىر يۈكلەرنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەش ، بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا كۆچۈش، مال – چارۋۇلارنى سۇ يولى ئارقىلىق يۆتكەش قاتارلىقلاردا كېمە ( قېيىق ) دىن ئايرىلالمىغان .
كېمە ( قېيىق ) نىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ :
كېمە ( قېيىق ) ئادەتتە توغراق كۆتىكىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئېھتىياجغا ئاساسەن ئىككى – ئۈچ ئادەم ئولتۇرغىدەك تاق گەۋدىلىك كېمە ۋە قوش گەۋدىلىك كېمە دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ . نۆۋىتى كەلگەندە قوش گەۋدىلىك كېمىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان ياغاچ ۋە تاختايلارنى ئېلىۋىتىپ ، تاق گەۋدىلىك كېمە قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
كېمىنى ياسىغان ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى ئۆسكەن دىئامېتىرى 60-80 سانتىمېتىر كېلىدىغان توغراق كۆتىكىنى تاللاپ كېسىپ كېلىپ ، ياغاچچى ئۇستىلار چوت ( كەكە ) ، بەگەن ( كەكىنىڭ سەل چوڭ قىلىپ سوقۇلغان شەكلى ) قاتارلىق سايمانلار ئارقىلىق ئىنچىكىلىك بىلەن چېپىپ ، كېمە ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ .
تاق گەۋدىلىك كېمە چېپىلىپ بولغاندىن كېيىن سۇغا چۈشۈرۈلۈپ ، ئىشلىتىشكە بولىدۇ . قوش گەۋدىلىك كېمىنى بولسا، تاق گەۋدىلىك كېمىدىن ئىككىنى چېپىپ ، ئىككى تاق گەۋدىلىك كېمىنىڭ ئۈستىنى ئالدىن تەييارلىۋالغان ياغاچ تاختاي ياكى ياغاچ ئارقىلىق بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدۇ . بۇ ئارقىلىق بىر قەدەر ئېغىر يۈكلەرنى ۋە مال – چارۋۇلارنى سۇ يولى بىلەن يۆتكىگىلى بولىدۇ .
لوپنۇرلۇقلار ئەجدادلىرى يۇقارقىدەك ھۈنەر – سەنئەت شەكلى ئارقىلىق كەڭرى كەتكەن لوپنۇر رايۇنىدا ئەسىرلەردىن بۇيان بېلىقچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ ، ئۆز تۇرمۇشىنى قامداپ ، ئەجدادنى ئەۋلادقا ئۇلاپ كەلگەن . ئۇنىڭدىن باشقا يۇقارقىدەك ھۈنەر- سەنئەتنىڭ تۈرتكىسىدە ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن تەڭنە ، چۆچەك ، تاۋاق ، ئۇسقاق ( قوشۇق ) … قاتارلىقلارنى ياغاچتىن ياساپ ، تاماق ئېتىش ۋە يېيىشتە ئىشلەتكەن .
لوپنۇرلۇقلارنىڭ نەچچە ئون ئەسىردىن بۇيانقى بۇ خىلدىكى ھۈنەر- سەنئىتى ھەتتا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە .قارايدىغان بولساق ، ھازىرمۇ لوپنۇر ناھىيىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان رايۇنلارنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا يۇقۇرىدا زىكرى قىلغىنىمىزدەك ياغاچ ئەسۋاپلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . بۇنىڭدىن لوپنۇرلۇقلار ئەۋلادلىرىنىڭ ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
دېمەك ، ئىشچان ، پاراسەتلىك لوپنۇرلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ چىۋەر قولى ۋە ئەقىل – پاراسىتى ئارقىلىق پارلاق مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
توردىكى مەنبەسى :شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3824