لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادەتلىرى توغرىسىدا

لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادەتلىرى توغرىسىدا

 

لوپنۇر ناھىيە 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىن: كېرەم سۇلايمان

كىشى ئىسىملىرى ـــ جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا ئىنسانلارنىڭ بىر بىرىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ۋاستە. كىشىلەرنىڭ مىللىي، دىنىي سالاھىيىتى، ئۆرپ-ئادەت، تىل، تۇرمۇش ئۇسۇلى، مەدەنىيەت، پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرىدىغان مۇھىم ئاساس ھېساپلىنىدۇ.

كىشى ئىسىملىرى ئىسىم قويۇلغۇچى تۇرغان رايۇن، يۇرت، ئىجتىمائىي مۇھىت، ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادەت، ئىجتىمائىي كەسىپ، دەۋر، مىللەت، دىن، ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئەخلاق ئەنئەنىسى، تەبىئىي شارائىت ۋە كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ.

تەبىئىيكى، بۇ كىشىلەرنى ھەرخىل ئىسىملارنى تاللاشقا ۋە ئۇنى ھەر خىل قوللاشقا يېتەكلەيدۇ.

ئىسىمنى قانداق قويۇش، قانداق تاللاش ـــ كىشىلەر جىددىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بىر مەسىلە. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرى نۇرغۇن بولۇپ، پەرزەنتلىرىگە گۈزەل، مەنىلىك، ياخشى ئىسىملارنى تاللاپ قويۇش، ئۇلارغا يۈكلەنگەن تۇنجى مەجبۇرىيەتتۇر. پەرزەنتلەرگە ئۆزگىچە، چىرايلىق، مەنىلىك، مۇۋاپىق ئىسىملارنى قويۇشمۇ بىر خىل مۇھىم مىللىي، دىنىي زۆرۆرىيەت ۋە بىر خىل مەدەنىيەت.

لوپنۇرلۇقلار قەدىمدىن تارتىپلا ئىسىم قويۇشقا ناھايىتتى ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن ۋە ئۇنى قىممەتلىك ئەنئەنە سۈپىتىدە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بەلكى ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى، مىللىي ئېڭى، مىللىي مەدەنىيەت خاسلىقى، ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق ئەنئەنىسى يۈكسەكلىكىدە ئىجادىي قوللانغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان.

لوپنۇرلۇقلار بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، بالىسىنىڭ ساغلام ۋە بەخىتلىك بولۇشىنى، ياراملىق ھەم داڭلىق ئادەم بولۇشىنى تىلەيدۇ. بۇ تىلىكىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن تىلىكىنى ئات(ئىسىم) قويۇشتىن باشلايدۇ.

بوۋاق تۇغۇلۇپ، ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولغان ئارىلىقىدا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانا، بوۋا-مومىسى بالىغا ئات قويۇش كويىغا چۈشىدۇ. بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىسىمدىن بىرنى تەييارلايدۇ.

بوۋاققا ئىسىم قويۇشتا بوۋاقنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ تاللىشى ھۆرمەت قىلىنغاندىن سىرت، نەسەبىگىمۇ ئېتىبار بېرىلىدۇ.

بوۋاققا ئىسىم قويۇشتا بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى، بوۋا-مومىسى، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يېقىن قوشنىلىرى قاتنىشىپ، ئاددىي بىر چاي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بالىغا ئىسىم تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن، شۇ مەھەللىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر، تەقۋادار بىر كىشى تەكلىپ قىلىنىپ، بالىغا ئىسىم قويدۇرۇلىدۇ.

بالىنىڭ مومىسى بالىنى يېڭى، پاكىزە، چىرايلىق يۆگەككە زاكىلاپ بولغاندىن كىيىن ئاخۇنۇمغا بېرىدۇ. ئاخۇنۇم جاينامازدا ئايەت ئوقۇپ ئولتۇرۇپ، بالىنى قوش قوللاپ ئالىدۇ. بالىنىڭ بېشىنى شىمالغا، پۇتىنى جەنۇپقا، يۈزىنى قىبلە تەرەپكە قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇپ، ئوڭ قۇلۇقىغا ئەزان، سول قۇلۇقىغا تەكبىر ئوقۇيدۇ. ئەزان بىلەن تەكبىر ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئاخۇنۇم «ئېتىڭىز XXX بولسۇن» دەيدۇ. ئاخۇنۇم بالىنىڭ ئېتىنى قايتا-قايتا ئۈچ قېتىم تەكرارلىغاندىن كىيىن، بالىنى ئاستا ئوڭ تەرەپكە ئۈچ قېتىم، سول تەرەپكە ئۈچ قېتىم دۇمۇلىتىدۇ. ئارقىدىن يەنە بالىنى قولىغا ئېلىپ، ئىسمىنى مۇبارەكلەپ بولغاندىن كىيىن دادىسىغا تۇتقۇزىدۇ. دادىسى مىھمانلاردىن بىرىگە بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چوڭلاردىن باشلاپ بالا قولمۇ-قول ئۆتۈپ، ئاخىرى ئاپىسىغا سۇنۇلىدۇ.

ھەممەيلەن تەڭ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ بوۋاقنىڭ ئىسمىنى مۇبارەكلىشىپ، ياخشى تىلەكلەر ۋە ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن ئىسىم قويۇلغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى سورۇندا ھازىر بولغۇچىلارغا داستىخان سېلىپ، ئۇلارنى مىھمان قىلىدۇ. ئىسىم قويۇپ بەرگۈچىگە ئۆي ئېگىسى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، لايىقىدا داستىخان سېلىپ رازى قىلىدۇ. ئەگەر ئۆي ئېگىسى نامىرات بولۇپ، بىرەر نەرسە بېرىشكە قۇدىرىتى يەتمىسە، ئاغزاكى رەھمەت ئېيتىدۇ. ئات قويۇش چېيى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەگەر بۇ ئىسىم مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بالا تولاراق كېسەلچان، ئاغرىقچان، نورمال ئەمەس ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالسا، «بۇ ئىسىم ياراشماپتۇ. ئىسىم ئېغىر كېتىپتۇ» دەپ، ئائىلىدە ياغ پۇرۇتۇپ، بۇرۇنقى ئىسمىنى ئالماشتۇرۇپ، باشقا ئىسىمغا ئۆزگەرتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.

شۇڭا لوپنۇرلۇقلارنىڭ كىشى ئىسىملىرى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى، گۈزەللىككە بولغان تەلپۈنۈشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزگىچە تۈستە رەڭدارلىشىپ، دەۋرگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ كەلگەن.

لوپنۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ قويۇلۇش ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

1. لوپنۇرلۇقلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۆزلىرىگە خاس بولغان ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قوللانغان.

ئەڭ دەسلەپكى ئىسىملار لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان. بۇرۇنقى دەۋىردىكى ئەڭ تۈپكى ئىشلەپچىقىرىش ـــ چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق بولۇپ، كىشىلەر ئوزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كېچەك ۋە ئولتۇراق ئۆي ماتىرىياللىرىنى ئاشۇ ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر، دەل-دەرەخ، ئۇچار قۇشلاردىن ئالغان. لوپنۇرلۇقلار قەدىمدىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنگىچە تەبىئەت قوينىدا ياشاپ، تەبىئەتنىڭ نىمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ كەلگەن. تۇرمۇشى كۆپىنچە بىپايان دەشتلەرگە تۇتاش ئۈزۈك-ئۈزۈك بوستانلىقلاردا ئۆتكەن. ئۇلار ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر، دەل-دەرەخ، ئۇچار قۇشلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستلىرى ۋە تۈگىمەس گۆھەرلىرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقتىن ئۆزلىرى ئۇلۇغلىغان، چوقۇنغان ۋە بەھىر ئالغان ئاشۇ مۆجىزىكار شەيئىلەرنى چەكسىز ئۇلۇغلايتتى. شۇڭا بۇ خىل ئەقىدىگە ئاساسەن، ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئاشۇ شەيئىلەرنىڭ ئىسمىنى قويۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئارقىلىق تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەت ھادىسىلىرىگە چوقۇنۇش، ئورمان ئەھيا(بەرپا) قىلىش، دەل-دەرەخلەرنى ئاسراش، ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش، تەبىئىي مۇھىتنى قوغداشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى مىراس قالدۇرغان.

مەسلەن: 1)غۇنچەم، چىمەنگۈل، رەيھانگۈل، تاجىگۈل، لالىگۈل، لەيلىگۈل دېگەندەك ئىسىملار كۆكتات ۋە گۈل-گىياھلارنىڭ نامىدىن كەلگەن؛ 2) چولپانگۈل، ئاينۇر، ئايگۈزەل، نۇرگۈل، نۇرنىسا، ئەختەم، ئايتىللا، ئايجامال دېگەندەك ئىسىملار ئاسمان جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ناملىرىدىن كەلگەن؛ 3) بۇلبۇلجان، كۈچۈك، بېلىق، ئۆردەكباي، تۇرغاي، قوزىباي، كىيىك، شىرزات، قۇلان، يولۋاس، ئارسلان، پاقلان، قالىغاچخان دېگەندەك ئىسىملار ھايۋانات ۋە قۇشلارنىڭ نامىدىن كەلگەن؛ 4) توغراق، چىنار، زەيتۇنەم، ئالمىخان، ئانار، زەيتۇن، سامساق دېگەندەك ئىسىملار ئۆسۈملۈك ۋە دەل-دەرەخ نامىدىن كەلگەن.

2. لوپنۇرلۇقلار مىلادى 13-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، ئىسىملىرىدا بىر قەدەر زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى.

 ئىسلام دىنىنىڭ كۈنسايىن كەڭرى تارقىلىشى بۇ دىنغا بولغان ئەقىدىنىڭ كۈچىيىپ بېرىشى، شۇنىڭدەك ئەرەپ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەرەپچە ئىسىملار تەدىرىجىي ئېگىلىدى. ئەرەپچە ئىسىم قويۇش لوپنۇرلۇقلار ئارىسىدا بارا-بارا ئومۇملاشتى. كىشىلەر ئىسىم قويۇشتا موللىلارنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئەرەپچە ئىسىملارنى قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە ئىسىملار بىلەن ئەرەپچە ئىسىملار تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەرەپ تىلىغا مەنسۈپ بولغان بۇ خىل ئىسىملار ئاللاھقا بولغان كۈچلۈك ئېتىقاد ئىسلام دىنىغا بولغان يۈكسەك ساداقەتنى ئىزھار قىلىشنىڭ بىر خىل ۋاستىسىغا ئايلاندى. كىشىلەر ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى بىلدۈرىدىغان ۋە پەيغەمبەرلەر، تۆت چاھاريارلارنىڭ ئىسىملىرىنى تاللاپ قويۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. مەسلەن: ئابدۇرىھىم، ئابدۇللا، ئابدۇكېرىم، ئابدۇسەمەت، ئابدۇغوپۇر، ئابدۇساتتار، ئابدۇۋەلى، مۇھەممەت، ئۆمەر، ئوسمان، ئابابەكرى، ئەلى، ئىسھاق، ئىسمايىل، مۇسا، ئىسرائىل، ئەيسا، ئىبراھىم، سۇلايمان، داۋۇت، يۇنۇس، يۈسۈپ، ئېلىياس دېگەندەك.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىدىكى ئۇلۇغ ئانىلارنى ئۇلۇغلاپ، چەكسىز ھۆرمەتلەپ، سېغىنىپ، دىنغا بولغان چوڭقۇر ئېتىقاد قىلىش روھى بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويغان. بۇ ئارقىلىق ئاشۇ ئۇلۇغلارغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ۋە تەۋرەنمەس ئېتىقادىنى نامايەن قىلغان. بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن، ھاۋا، مەريەم، ئايشەم، پاتىمە، ھەجەر، خەدىچە، سارە، راھىلە قاتارلىق بىر قاتار ئىسىملار بار.

3. لوپنۇرلۇقلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەي ئەسلەپ تۇرۇشى، پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى قاتارغا قوشۇلىشى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى، جېنىنىڭ چىڭ بولۇشى، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ چوڭ بولغاندا ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، ئەقىللىق، باتۇر، قەيسەر، چىرايلىق، قامەتلىك، كېلىشكەن، خۇشخۇي، خۇش پېئىل، سەمىمىي، مۇلايىم، زېرەك، سادىق، مۆمىن، بىلىملىك، دۆلەتمەن بولۇشىنى مەقسەت قىلىپ، ئارزۇ-تىلەك، ئىلتىجا، بىلىم، بەخىت، نەسەب، ھۆسۈن-جامال، قەددى-قامەت، تۇرق-قىياپەت، مىجەز-خاراكتېر ئۇقۇمىدىكى سۆز-ئىبارىلەردىن بوۋاقلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇپ كەلگەن. مەسلەن: ئارزىگۈل، زۇلپىيە، نازاكەت، مەلىكەم، دىلبەر، ئايگۈزەل، ئاينىگار، پەرىزات، پەزىلەت، ھۆسنىگۈل، سائادەت، شاتگۈل، ئۆمەرجان، تۆمۈر، ياشار، ئالىم، ئاللا قۇلى، خۇدا بەردى، تىلىۋالدى، سېتىۋالدى، تىلەك، ئېرپان، تۇردى، تۇرسۇن، پولات، تۇرغۇن، سادىق، مۆمىن دېگەندەك.

4. لوپنۇرلۇقلاردا تۇغۇلغان ۋاقىت-پەسىل، ھېيىت-بايرام، خاتىرە كۈنلەرنى بەلگە قىلىپ، ئىسىم قويۇش ئادىتىمۇ بار. مەسلەن: جۈمە قارى، روزى، قوربان، ھوشۇر، سەمەر، ھاجى، بارات، باھار، جۈمەخان، سۈبھىنۇر، روزىخان دېگەندەك.

5. قوشكېزەك ئىككى ئوغۇل تۇغۇلغان بولسا، ياد ئېتىش، سېغىنىش يۈزىسىدىن ئەلىنىڭ پاتىمەدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ھەسەن-ھۈسەنلەرنىڭ ئىسمىنى قوياتتى. قوشكېزەك تۇغۇلغانلارنىڭ بىرى ئوغۇل، يەنە بىرى قىز بولسا، ئوغۇلنىڭ ئىسمىنى ھەسەن، قىزنىڭ ئىسمىنى پاتىمە دەپ قويىدۇ. ئەگەر ھەر ئىككىسى قىز بولسا، بىرىنىڭ ئىسمىنى پاتىمە، يەنە بىرىنىڭ ئىسمىنى زۆھرە دەپ قويىدۇ.

6. پەرزەنتى تۇغۇلۇپ ئىككى ياكى ئۈچ پەرزەنتكىچە كەينى-كەينىدىن تۈگەپ كەتسە، ئۇنىڭدىن كىيىنكى پەرزەنتىنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە ساغلام چوڭ بولىشى ئۈچۈن ئوغۇللارغا توختى، قىزلارغا توختىخان دەپ ئىسىم قويۇش ئادەتلىرى بار.

7. يېڭى جۇڭگو قورۇلغاندىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى كەڭ يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئىلىم-پەن ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس ھالدا نۇرغۇنلىغان كىشى ئىسىملىرى ئىستىمالدىن قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دەۋرگە ماسلىشىدىغان ھەم قەدىمىيلىك، ھەم زامانىۋىلىككە ئېگە، باشقىلارغا يېڭىچە تۈس بېرىدىغان، يېڭى، ئاڭلىنىشقا يېقىملىق، دىنىي تۈس ئالمىغان كىشى ئىسىملىرى قوللىنىلدى. مەسلەن: ئازاد، ئادالەت، ئادىل، پەزىلەت، سائادەت، ئەركىن، قۇتلۇق، ئۆركەش، يالقۇن، يولۋاس، باتۇر دېگەندەك بىر قاتار ئىسىملار.

لوپنۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىت ئالاھىدىلىكى

بۇ خىل ئىسىملارنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

(1) ئاسترونومىيە ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار:

ئايتىللا، نۇرئېلى، نۇرنىسا، نۇرىگۈل،  قەمەرگۈل، قەمەرىيە، قەمەردىن، شەمىسيە، شەمشىدىن، شەمسىقەمەر، تولۇنئاي،  زۇھرە (يۇلتۇز ناملىرى)، چولپان (يۇلتۇز نامى).

(2) جۇغراپىيىلىك ناملاردىن تەشكىل تاپقان ئىسىملار:

چارا، تىكەن، قارچۇغا، ئاقسوپى، كىروران، كۆنچى، بوستان، بۇلاق، ئوسمان (دەريا)، ئۆگەن (دەريا)، ناسىر (جاي نامى)، بەردى (كۆل)، ئوپقان (دەريا)، چىمەن (بوستانلىق)، گۇلزار (گۈزەل جاي).

(3) ھايۋان، قۇش، سۇ جانلىقلىرى ناملىرى:

شىر، ئەسەد (شىر)، يولۋاس، ئارسلان، سەمەندەر، كۈچۈك، بېلىقىز، بېلىق، ئۆردەك، پاقلان.

ھايۋان، ئۇچار قاناتلار ۋە سۇ جانلىقلىرىنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىش دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرگە ئورتاق ھادىسە. لېكىن سېلىشتۇرغاندا، لوپنۇرلۇقلار ھازىر قوللىنىۋاتقان كىشى ئىسىملىرى تەركىبىدە بۇ خىل ئىسىملار كۆپ ئەمەس. بۇمۇ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھازىرقى ئولتۇراق تۇرمۇشى، ئېڭى، كۆز قارىشى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنداقتىمۇ، يولۋاس، ئارسلان، شىر قاتارلىق ھايۋان ئىسىملىرىنى قوللىنىدىغانلار خېلى كۆپ ئۇچىرايدۇ.

(4) ئۆسۈملۈكلەر ناملىرى:

ھامۇت (ئامۇت)، ئالما، ئانار، سەنۇبەر (سەنەۋەر)، مايسا، گۈل، نىلوپەر، ياسىمەن، مودەن، رەيھان، زەيتۇن، سامساق، تۇرۇپ، لەيلى، چىنار.

لوپنۇرلۇقلار يوقارقىدەك ئىسىملارنىڭ ئىچىدە «ھامۇت (ئامۇت)، سامساق، تۇرۇپ» تىن باشقا ھەممىنى دېگۈدەك ئاياللارنىڭ ئىسمى قىلىپ تاللاپ، ئاياللارنىڭ نازاكەتلىك، گۈزەل، لىۋەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت ئىستىتىكى ئاڭنى ئىپادىلەيدۇ.

(5) ئىشلەپچىقىرىش ۋە جەڭ قوراللىرى نامى:

پالتا، سەيپى (قوش بىسلىق قىلىچ)، زۇلپىقار (شەمشەر)، ھېسام (قىلىچ).

(6) تۇرمۇش بويۇملىرى نامى:

تۇقا، سۈپۈرگە، چورۇق، مەشئەل، سىراج (چىراغ)، تاج (تاجى).

(7) يېمەكلىكلەر نامى:

ئەسەل (ھەسەل)، شېكەر.

يوقارقىلار تاتلىق، شېرىن نەرسىلەرنىڭ ناملىرى بولۇپ، ئۇلارمۇ ئاساسەن ئاياللارغا قويۇلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ جەلپكار خىسلىتى ئىپادىلىنىدۇ.

ئىسىم-فامىلىچىلىكتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر:

1.لەقەم قويۇش ـــ لەقەم كىشىلەرنىڭ بىرەر خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، ھەزىل قىلىپ ياكى مەسخىرىلەپ بېرىلىدىغان قوشۇمچە نامدۇر.

لەقەم بىرەر ئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنىڭ قانداقلىقى، نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىشكە، ئوخشاش نامدىكى كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن لوپنۇرلۇقلاردا لەقەمنى ئىسىمغا قوشۇپ ئاتاش ئادىتى شەكىللەنگەن. لوپنۇرلۇقلار ھەر خىل سەۋەب ۋە مەقسەتلەر بىلەن، كىشىلەرگە ھۈنەر-كەسىپ، چىراي شەكلى، تەقى-تۇرقى، بەدەن ئەزالىرىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى، مىجەز-خاراكتىرى، يەر-جاي ناملىرى، ھايۋانات، ئۇچار-قانات ناملىرىغا قاراپ لەقەم قويغان. مەسلەن: كىگىزچى، تۆمۈرچى، بورىچى، كۆنچى، سەتەڭ، شەيتان، قاشاڭ، تۆگە، كالا، تۈلكە، ئات، توڭ، دودەن، دەلدۈش، كاناي، قاۋان، چاشقان، قوتاز، جىن دېگەندەك. لەقەملەرنىڭ ئىچىدە يەنە كەمسىتىش، مەسخىرە قىلىش تۈسىنى ئالغان لەقەملەرمۇ بار. مەسلەن: چولاق، توكۇر، پاڭ، قارىغۇ، ئەلەس، تاتۇق، خامۇش دېگەندەك.

2.ئىسىملار ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن، قوش تەركىبلىك ئىسىم ياكى كۆپ تەرتەركىبلىك ئىسىملار، ئوخشاش ئىسىملار كۆپ. مەسلەن: ئابدۇرەھىم، ئەبۇلقاسىم، نەسىرۇللا، تۇرسۇنئاي، تىلىۋالدى دېگەندەك بىر قاتار ئىسىملار.

3.ئاتا بىلەن پەرزەنت ۋە بىر ئاتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئارىسىدا ئىسىملار مەنە ۋە شەكىل جەھەتتىن ماسلاشمايدىغان، تاغدىن-باغدىن بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. مەسلەن: راخمان توقا، چورۇق ئىسلام دېگەندەك.

4.ئىسىملارنى تۇلۇق ۋە توغرا ئاتىماسلىق، ئەركىلىتىپ ۋە كەمسىتىپ ئاتاش، چالا ياكى بۇزۇپ ئېيتىش ئادەتلىرى مەۋجۈت. مەسلەن: موللاخۇننى موللاق ياكى موللەك، ياسىنجاننى ياسۇق، خالمۇراتنى خال، ئابدۇللانى ئابدۇ دەپ چاقىرىش دېگەندەك.

5.دىنىي دەرىجە-ئەمەل ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش ئادىتىنى مەلۇم دائىرىدە مەلۇم دەرىجىدە ساقلانماقتا. مەسلەن: دا موللام، موللام، قارىيەم، قاراجى، ھاجى، ھاجىنىسا، جەننەت، ئىسلام، ئاخۇنۇم، ئىمام، سوپى دېگەندەك.

6.ئىزچىللاشقان فامىلىنىڭ بولماسلىقى ئائىلە شەجەرىسى تۇرغۇزۇشنىڭ تېخى تۇلۇق نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقى قاتارلىقلار ئىجتىمائىي ئالاقە، خەت-چەك ۋە ئائىلە مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىدە بەزى ئورۇنسىز، قولايسىزلىقلار ۋە ئاۋارىچىلىكلەرنى پەيدا قىلماقتا.

7.ياد ئېتىش، سېغىنىش يۈزىسىدىن ئۆز باللىرىغا ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاتا-ئانا، يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويسا، «بالىلارنىڭ ئۆمۈرى قىسقا بولۇپ قالىدۇ» دېگەن قاراش بىلەن ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئىسمىنى قويماسلىقتەك ئەھۋاللارمۇ بار.

پەرزەنتلەرگە ئىسىم-فامىلە قويۇشتا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار:

1.فامىلە تۇلۇق ئىسىمنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئادەتتە ئاتىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. ئۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر تەرىپىدىن ئوخشاشلا ئۈچىنچى ئىسىم قىلىپ قوللىنىلغاندا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا قانداشلىق مۇناسىۋېتى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ھازىر بىزدە ئاتىنىڭ ئىسمىنى فامىلە ئورنىدا ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ گەرچە يامان ئىش بولمىسىمۇ، لىكىن ئىككىنچى ئەۋلادتىلا ئۆزگىرىپ كېتىپ، بىر جەمەتنىڭ تۇراقلىق نامى بولالمايۋاتىدۇ.

بىز فامىلە قوللانغاندا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ نامى ياكى ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن بىرەر نامنى قوبۇل قىلساقمۇ بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن فامىلىنى ئۆز ئىسمى ۋە ئاتىسىنىڭ ئىسمىدىن كىيىنكى ئۈچىنچى ئىسىم (ئاخىرقى ئىسىم) ئورنىدا قوللىنىش ۋە ئۇنى ھەر بىر ئەۋلاد داۋاملىق ھالدا ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى ئىسمى قىلىپ قوللىنىش كېرەك. مەسلەن: سەيپىدىن ئەزىزى، ئايىم ئەزىزى، ئەخمەتجان قاسىم، ماھىنۇر قاسىم دېگەندەك.

2..پەرزەنتلىرىمىزگە ئىسىمنى قويغاندا مەنىلىك، يېڭى، يېنىك، قىسقا، چۈشىنىشلىك ، ئىخچام ئىسىملارنى قويۇشىمىز كېرەك. بالىلىرىمىزغا ئىخچام، چۈشىنىشلىك، ئاڭلىنىشقا يېقىملىق، يېڭى، مەنىلىك، ئۆزگىچە، چىرايلىق، مەلۇم رېتىم، قاپىيىگە ئىگە، ھەم قەدىمىيلىك، ھەم زامانىۋېيلىككە ئېگە، باشقىلارغا يېڭىچە تۈس بېرىدىغان ئىسىملارنى تاللاپ قويۇشىمىز كېرەك.

3.پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، بوۋا-مومىلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى قويۇشىمىز كېرەك.

4.ئىسىم قويغاندا ئاۋۋال ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى مۇراجىئەت قىلىپ، ئىسىمنىڭ يىلتىزى ۋە مەنىسىگە دېققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئىسىم قويۇشتا مەنىسىنى چۈشەنمەي، قارىغۇلارچە دوراش، ئەگىشىش، تەكرارلارش، مودا ۋە شەكىل قوغلىشىپ، مىللەت ۋە رايۇن ئالاھىدىلىكىگە قارىماي، چۈشىنىكسىز، يات تۇيغۇدىكى ئەبجەش ئىسىملارنى قويۇش خاھىشلىرىنى قەتئىي تۈگۈتۈش كېرەك.

5.بىز تىزدىن فامىلە قوللىنىشىمىز كېرەك. بىز پەرزەنتلەرگە ئىسىم قويۇشتا دېققەت قىلىش بىلەن بىرگە، فامىلە قوللىنىشنى جەزمەن ئويلىشىشىمىز كېرەك. ئىسىم-فامىلە بىر پۈتۈن سېستىما بولۇپ، ئىسىم نىسپىي ھالدا ئۆزگىرىپ-يېڭىلىنىپ تۇرسىمۇ فامىلە نەسەبتە ئىزچىللىقىنى ساقلىغان بولىدۇ. فامىلە جەمەتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇستەھكەم يىلتىزدۇر. فامىلە كىشى ئىسىملىرىغا قوشۇلۇپ كېلىپ، بىر جەمەتنىڭ نەسەبىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئۇرۇق-توغقانلار ۋە يۇرتداشلارنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا بىر-بىرىنى ئۇنتۇلماسلىقىغا، ئائىلىسىنىڭ تارىخى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بىلىۋېلىشىغا، شۇنىڭدەك كىشى ئىسىملىرىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق.

   6.بالىلارغا قويۇلماقچى بولغان ئىسىمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلار ئىچىدىكى ئىسىملار بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك.

لوپنۇرلۇقلار يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كىيىن، ئىسىم قويۇش ئادەتلىرىدە كۆپ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بۇ دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئىسىم قويغاندا «يىلتىز ئىزدەش» قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدىغان ئەنئەنىۋىيلىكى كۈچلۈك، ئەجداد روھىغا چۆككەن ھەم جەڭگىۋارلىقنى ھەم چوڭقۇر مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسىملار قويۇلۇشقا باشلىدى. مەسلەن: ئالىپ، ئايتېكىن، ئايقۇت، ئايتۈرۈك، ئەلتېكىن، تۇرانئاي، ئوغۇز قاتارلىق ئىسىملار مانا مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ھازىر ئىسىم قويۇش بىر خىل مەدەنىيلىشىش ۋە ئىلمىيلىشىش يولىغا كىردى، شۇنداقلا كىشىلەر ئەمدى «مودا قوغلىشىپ» ئەمەس، بەلكى مەنىسىنى بىلىپ، مەقسەتلىك، نىشانلىق ھالدا ئىسىم قويىدىغان، ئالدىراپ-سالدىراپ ئەمەس، مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇقلاردىن مەسلىھەت سوراپ، باش قوشۇپ مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن ئىسىم قويىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كىشىلەرنىڭ ئېڭى تېخىمۇ ئېچىلىپ، لوپنۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تېخىمۇ ئىلمىيلىشىشى، مەدەنىيلىشىشى ئۈچۈن كەڭ يول ئېچىلدى. بۇ جەرياندا بەزى كىشىلىرىمىزدە «يېڭىچە ئىسىم قويىمىز» دەپ، مەنىسى يوق، ئۆزلىرى قارىسىغا قوراشتۇرىۋالغان، تىلىمىزنىڭ قائىدىسىگە قەتئىي ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىسىملارنى قويىدىغان غەيرى ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى. ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر مەنىسىنى بىلىپ، بار مەسلىھەت بىلەن مەسنىسى چوڭقۇر، ئەجداد روھىغا چۆككەن، يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارغا چۈمدۈرىدىغان ئىسىملارنى تاللاپ قويغان بولغاچقا، ھازىرقى كۈندە لوپنۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئىجابىي تەرىپى يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرماقتا.

ئومۇمەن، لوپنۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى ھەر خىل ئالاھىدىلىكلەر لوپنۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىل ئەمەلىيتى بىلەن مەدەنىي ھاياتىنىڭ نامايەندىسى. شۇڭا مىللى مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ پەيدىنپەي ساغلاملىشىشا ئەگىشىپ، خەلقىمىزنىڭ تىل، ئۆرپ-ئادەت، رايۇن-مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە لايىقلاشقان، ئۆزىمىزگە خاس ئىسىم-فامىلە مەدەنىيىتىنى يارىتىشىمىز لازىم.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

  1. ئابلىمىت مۇھەممەت ئاقيولى: «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى»، «مىراس» 2005-يىلى 4-سان؛
  2. مۇتەللىپ سىددىق قاھىرى: «خەزىنىلەر ئاچقۇچى» «شىنجاڭ ئونۋېرىستىتى نەشىرىياتى» 2006-يىل 1-ئاي

يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3924

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-12-14
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 1دانە
  1. بۇ يۇقۇرقى تېمىڭىزدىمۇ خېلى ئىزدىنىپ يىزىپسىز مەن سىزنىڭ تىرىشچانلىغىڭىزغا قايىم بولدۇم،ھەقىقەتەن بەك تىرىشچان ئىكەنسىز. يەنىمۇ غەيرەت قىلىڭ !

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: