قارچۇغا يېزىسى قۇرۇلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئشلار

 

قارچۇغا يېزىسى قۇرۇلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئشلار

ئاپتۇرى: قۇربان ئۆمەر

قارچۇغا سۇ ئامبىرىنىڭ ياسىلىشى قارچۇغا يېزىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن   موھىم ئاساس سالدى.

                                      (1 )
بىز  قارچۇغا يېزىسىنى تىلغا ئالغاندا، گەپنى ئالدى بىلەن قاچۇغا سۇ ئامبىرىنى ياسىغان ۋە قاچۇغا يېزىسغا ئاساس سالغان سابىق دۆڭقۇتان گۇڭشىى   2 -دادۈيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئومۇمى ئەھۋالىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.  سابىق 2-دادۈي 6 ئشلەپچىقىرىش ئەتىرتىدىن تەركىپ تاپقان،كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان،ئشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرى تارقاق ئورۇنلاشقان ئورۇن. بۇ دادۆينىڭ 1-ئشلەپچىقىرىش ئەتىرتى قايلاشتا، 2-ئەتىرتى ھازىرقى غىرىلما ئەتىراپىدا،3-ئەتىرتى كالا سولاقتا، 4-ئترتى كونا ئاۋاتتا، (يەنى ھازىقى توغراق قوتاننىڭ شەرقى)، 5-ئەتىرتى  ھازىرقى چوڭ مەھەللە كەنتىنىڭ ئورنىدا،6-ئەتىرتى بولسا (يەنى ھازىرقى دۆڭقۇتان يېزىسىنىڭ  ھاجى كەنتى ئورنىدا) بۇلۇپ،  چارۋىچىلىق، دېھقاچىلىق،بىلەن شۇغۇللۇناتتى.
2-دادۆينىڭ شۇ چاغدىكى نوپۇسى 1200 نەپەردىن ئارتۇقراق، چوڭ-كىچىك ئومۇمى  چارۋىسى 32 مىڭ تۇياق ئەتراپىدا بۇلۇپ، نوپۇس ۋە چاۋا سانىدا دۆڭقوتان گوڭشېنىڭ% 50 تىنى ئىگەللەيتتى.
2-دادۈي ئاساسلىغى تىرىك چارۋا ،چارۋىچىلىق مەھسئولاتلىرى ۋە چۈچۈكبۇيا كولاپ سېتىش قاتارلىقلارغا تايىنىپ، دېھقانچىلىقنى قۇشۇمچە قىلاتتى.
( 2 )
تارقاق ئورۇنلاشقان ئشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىنى كۆچۈرۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە مۇقۇم ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى ئشقا ئاشۇردى.
1971-يىلى يولداش قاسىم تۇردى 2-دادۈي پارتىيە ياچىكىسىنىڭ شۈجىسى بولدى. يىڭى پارتىيە ياچىكىسىنىڭ  كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا دادۈينىڭ تەرەققىيات پىلانىنى تۆۋەندىكىچە بىكىتتى: (1) بارلىق ئشلەپچىقىرىش ئەتىرەتلىرىنى قارچۇغىغا كۆچۈرۈپ، مۇقۇم ئولتۇراقلاشتۇرۇش؛ (2) قارچۇغىدا بىر سۇ ئامبىرى ياساپ، دېھقانچىلىقنىڭ سۇغۇرۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش؛(3) قارچۇغىنى مەركەز قىلىپ، ھەر يىلى 2 مىڭ مو ئەتىراپىدا بوز يەر ئېچىپ، سالالاشقان يەرنى 5 يىدا 10 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، بوز يەر تېرىغۇسىغا خاتىمە بىرىش؛(4) 2 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،ئاشلىقتا ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئشقا ئاشۇرۇش؛(5) دادۈي ھېساۋات بىرلىگىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەتىرەتلەرنى ھېساۋات بىرلىگى قىلىش، ھەمدە كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپچالىغىنى تۇلۇق قوزغاش ئارقىلىق بىر گۇڭغا كىلىدىغان تەخسىمات سەۋيىسىنى 2 يىلدا 1.50 يۈەنگە يەتكۈزۈش؛(6) ھەر بىر ئائىلىگە 2 مودىن شەخسى قالدۇرۇق يەر بىرىش، ئائىلىلەر مۇقىم ئۆي سېلىپ، ھويلا-قورو ۋە باغ بىنا قىلىش ئارقىلىق مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇراقلىششنى ئىشقا ئاشۇرۇش،بۇ تەرەققىيات پىلانى دادۈي ئەزالار چوڭ يىغىنىدا قارار قىلىنىپ، دۆڭقۇتان  گوڭشى پارتكۇمىغا يوللاندى.
شۇنىڭ بىلەن 2-دادۈينىڭ ئىلگىركى كۆچمەن چارۋىچىلىق ھالىتىگە خاتىمە بىرىپ،بۇ دادۈينى رەسمى 6 ئەتىرەتتىن تەشكىللەنگەن دېھقاچىلىق ھەم چارۋىچىلىق ئشلەپچىقىرىش دادۈيىگە ئايلاندۇردى. شۇ ئارقىلىق ئەسىرلەدىن بۇيان كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئۇتۇراقلاشتۇرۇشنىڭ ئۈلگۈسىنى ياراتتى.
يولداش قاسىم تۇردى نىڭ باشلامچىلىغىدا مۇقىم ئۇلتۇراقلىشىپ،بوز يەر ئىچىپ ئىگىلىك تىكلەپ،دېھقان-چارۋىچىلار ئۆزلىرى تىكلىگەن ئىگىلىكنىڭ ئۈنۈمىنى -پايدىسىنى پەيدىن-پەي كۆرۈشكە باشلدى.
ئاشلىق مەسئۇلاتى  1972-يىلى 634 مىڭ جىڭغا يىتىپ، ئاشلىقتا تۇنجى قېتىم ئۆزىنى- ئۆزى تەمىنلەش ئشقا ئېشىپ، 2- دادۈي تارىخىدا مۆجىزە يارىتىلدى.
پىلان مۇددەتىن بىر يىل بۇرۇن ئورۇنلاندى .چوڭ-كېچىك چارۋا 40 مىڭ 350 تۇياققا  يىتىپ،1970 –يىلىدىكىدىن 8500 تۇياق ساپ ئاشتى. كىرىم تەخسىماتى1970-يىلدىكى 0.52  يۈەندىن 0.90  يۈەنگە يىتىپ،0.38 يۈەن ئاشتى. بۇ ئەمىلىيەتنى كۆرگەن كادىرلار ۋە ئەزالارنىڭ ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ ئېشىپ،قارچۇغىنى گۈللەندۈرۈش ئىرادىسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.
شۇ يىلى 2-دادۈي ئومۇمى خىزمەتلەردە دۆڭقۇتان گۇڭشى بويىچە بىرىنچى بۇلۇپ مۇكاپاتلاندى. 2-دادۈي خەلقى پارتىيە  ياچىكىسىنىڭ خەلقنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا تامامەن ئىشىنىپ ،پارتىيە ياچىكسى ئەتىراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە ياچىكىسى ئۇرۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى جانپىدالىق بىلەن تىرىشىپ ئشلەيدىغان قاينام – تاشقىنلىق ۋەزىيەت ياراتتى. شۇنىڭ نەتىجسىدە 2-دادۈي گۇڭشېى بۇيىچە  دادۈيلەرنىڭ  ئۆگۈنۈش  ئۆلگۈسىگە  ئايلاندى.
( 3 )
قارچۇغا سۇ ئامبىىرى ياسىلىپ، ئېرىق ئۆسستەڭلەر چېپىلىپ،سۇغۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى. قارچۇغا دادۈينى روناق تاپقۇزۇشنىڭ ئاچقۇچى سۇغۇرۇش ئىكەلىكىنى ماھىيەتتىن تۇتۇپ يەتكەن يولداش قاسىم تۇردى ئۆزى ئاتلىق قارچۇغىنىڭ پۈتۈن يەر شارائتىنى بىر قانچە كۈن تەپسىلى تەكشۈرۈپ،تەتقىق قىلىپ،سۇ ئامبىرى ياساشقا ئەڭ مۇۋاپىق جاينىڭ ھازىرقى سۇ ئامبىرىنىڭ ئۇرنى ئېكەنلىكىنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن دادۈي رەھبەرلىك بەنزىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈدى. بۇنى دادۇي ئەزالارچوڭ  يىغىندا ئاۋازغا  قويوپ،قارار قىلغاندىن كىيىن،سۇ ئامبىرى ياساش ئىششىنى گوڭشى ۋە ناھىىيەگە يوللاپ تەستىقلاتتى. 1972-يىلى 5-6 ئايلاردا ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىن جۇشىنزۇ، ساتتارمۇھەممىدى،ھىبى ئۆمەر قاتارلىق تېخنىكلارنىڭ تەكشۈرۈپ، ئۆلچەپ يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا سۇ ئامبىرىنىڭ كونكىرىت ئورنى، جاكو  ئورنى، ئامبارغا  سۇ قاچىلاش  ئۆستىڭى، شىمالى ۋە جەنۇبى سۇغۇرۇش ئۆستىڭىنىڭ ئورنى تەپسىلى ئۆلچەپ بىكىتىلدى. ئۆلچەش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، بۇغداي ئورمىسى، ئوت- چۆپ ئورۇش،خامان تىپىش خىزمەتلىرىنى جىددى ئىشلەپ تاماملاپ ،1972-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى قارچۇغا سۇ ئامبىرىنى ياساش جېڭى باشلاندى. بۇ جەڭگە 2-دادۈي بۇيىچە 126 نەپەر ئەمگەكچى، چوڭ-كىچىك 25 ھارۋا قاتناشتى،ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن،گەرچە مەھەللە يېقىن بولسىمۇ كادىرلار ۋە ئەزالار ئىش ئۈستىدە يېتىپ قوپوپ، ئىش ئۈستىدە تاماق يىدى. ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك زامانىۋى توپا قىزىش ماشىنلىرى يوق بولوپ،پۈتكۈل ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى ئادەم كۈچى ،كەتمەن، زەمبىل بىلەنلا ئىشلەندى.تەبىئەتنى تەسىرلەندۈرگەن دېھقان-چارۋىچىلار ئاغزىنىڭ كەڭلىگى6مىتىر،تىگى كەڭلىگى3مىتىر چوڭقۇرلۇغى1.5-1.8 مىتىر بولغان 7 كىلومىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى شىمالى ۋە جەنۇبى  سۇغۇرۇش ئۆستىڭىنى 40 كۈن جاپالىق ئىشلەپ سۈپەتلىك تاماملىدى.
1972-يىلى 11-ئاينىڭ1-كۈنى سۇ ئامبىرىنىڭ ھازىرقى غول چوڭ توسمىسىنى تاماملىدى. بۇ غول توسمىنىڭ تىگى كەڭلىگى40 مىتىر، ئۈستى كەڭلىگى20 مىتىر،ئىگىزلىگى6 مىتىر قىلىپ ئىشلەندى. بۇ توسمىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 5-10كىلومىتىر ئۇزۇنلۇقتا مۇقىم قوشۇمچە توسما ياسىلىپ،توسمىنى مۇقىملاش ۋە مۇستەھكەملەش قۇرلۇشى 1973-يىلى 1-ئايغىچە داۋاملاشتى. زىمىستان سوغوقتا كادىرلار ۋە ئەزالار ئاسماننى يېپىنچا يەرنى سېلىنچا قىلىپ،تەبىئەتكە جەڭ ئېلان قىلىپ غەيرەتلىك-ئىرادىلىك بىلەن ئىشلەپ ، 2 ئاي ئىچىدە توسما قۇرلۇشىنى غەلبىلىك تاماملىدى.
يولداش قاسىم تۇردى ئۈزۈلدۈرمەي جەڭ قىلىش روھى بىلەن كادىرلار ۋە ئەزالارنى يېتەكلەپ،جاپالىق كۆرەش قىلىپ،  1972-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 1973-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلىدە [تارىم دەرياسىغا كەلكۈن كېلىشتىن بۇرۇن] لايىھەدىكى قارچۇغا سۇ ئامبىرىنىڭ ئومومى قۇرۇلۇشىى تېخنىكا تەلەپ بۇيىچە تاماملاندى. قارچۇغا سۇ ئامبىرى 3 بۆلەككە بۈلۈنگەن بولوپ، بىرىنچى بۆلەك قازان چۆكتى ئىچى، ئىككىنچى بۆ لىگى ھازىرقى قۇيۇش چوڭ ئامبار،ئۈچىنچى بۆلىگى كونا دەريا ئىچى قىلىپ لايىھەلەندى. كەلكۈن كۆپ كەلگەندە سۇنى قازان چۆكتى ئىچىگە قۇيۇپ بېرېش،كەلكۈن ئاز كەلگەندە [4-5-6-ئايلار] كونا دەريا ئىچى ئارقىلىق ئۆستەڭگە سۇ باشلاش، قارچۇغا سۇ ئامبىرىنىڭ ئۈلۈك سۇ سىغىمچانلىغى 10 مىلىيۇن كۇپ مىتىر، ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇ18مىلىيۇن كۇپ مىتىر بولوپ،بۇ سۇ بىلەن 18-20مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى سۇغىرالايدىغان قلىپ ئىشلەندى.
سۇ ئابىرىنىڭ ئايلانما خۇۋاىسى غەربى شىمالى كالا سۇلاقتىن باشلىنىپ،غەربى جەنۇپتا شالاڭ توغراققىچە بۇلۇپ،ئومۇمى ئۇزۇنلىغى 31 كىلومىتىر 250 مېتىر، بۇ خۇۋا پۈتۈنلەي ئادەم كۆچى ئارقىلىقلا پۈتكۈزۈلدى. سۇ ئامبىرىنى ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن ئامبار خۇۋاسىنى ماشىنا كۆچى ئارقىلىق تۈزلەپ،خۇۋا ئۇزۇنلىغى قىسقارتىلدى. (سۇ ئامبىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى سۇ ئىدارىسى ئۆتكۈزۋالدى).
سۇ ئامبىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئورۇنلىرىغا چوڭ-كېچىك جاكۇ قۇيۇلدى. (1)ئامبارغا سۇ باشلاش جاكوسى (2)رەخمەتتىن مۆگىلىك كۆلگە سۇ باشلاش جاكوسى (بىرىنچى بۆلەك ئامبارغا قاچىلاش جاكوسى) (3) قازان چۆكتى 1-بۆلەك ئامباردىن ھازىرقى چوڭ ئامبارغا سۇچۈشۈرۈش جاكوسى[4كۆزلۈك] (4)شالاڭ توغراققا كەلكۈن سۈيىنى قويۇپ بېرىش جاكوسى (بۇجاكو ئارقىلىق گۈمبەز تەرەپتىكى يايلاققا سۇقويۇپ بېرىلىدۇ) (5)ئۇزۇن كۆلگە سۇ چۈشۈرۈش جاكوسى (دۈلەت ھاجى كۆلى، دادام كۆلى قاتارلىق يايلاقلار سۇغىرىلىدۇ). (6)ئىككى ئامبار ئارلىقىدىكى ئۈتۈشمە جاكو (ئاراجاكو) (7)بىخەتەرلىك چۈشۈرگە جاكوسى  (بۇ جاكو ئامبارنىڭ   خەتەرلىك ئەھۋالدا ئامباردىكى سۇ ئاراسالدى چاغدا يايلاققا قويوپ بېرىلىدۇ). قاتارلىق  7 ئۇرۇنغا جاكۇ قۇيۇلۇپ سۇ كىرىش،سۇ چىقىرىش،ئۆز-ئارا ئۈتۈشۈش ئىشقا ئاشۇرلۇپ، ئامبارنىڭ مۇقىملىقىغا  كاپالەتلىك قىلىندى.
2 ئۆستەڭگە سۇ باشلاش، ئەتىرەتلەرگە سۇ تەخسىلەش يۈزىسىدىن ھەر قايسى ئۆستەڭگە 4 تىن جەمئى 8 جاكو قۇيۇلۇپ سۇغۈۇرۇش راۋانلاشتۇرۇلدى
سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ۋە جاكو قۇرۇلۇشىدا پۈتۈنلەي ئۆزكۈچىگە تاياندى.
ناھىيە بۇ ئشنى قوللاش يۈزىسىدىن پەقەتلا سىم،ماخاڭ،قاراماي،لوسا ۋە تۆمۈر قاتارلىقلارنى بەردى ھەم تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. 2-دادۈي تەۋەسىدىكى ياغاچچى موجاڭلارنى يىغىپ بىر تەرەپتىن شال تارتىپ،يەنە بىر تەرەپتىن پىششىقلاپ ئشلەپ،چوڭ جاكۇلارنى بىر ھەپتە، كېچىك جاكۇلارنى3 كۈن ئېچىدە  تاماملاشتا بىر قىسىم ئەمگەكچىلەر ئالاھىدە ماھارەت كۆرسەتتى.
1973 -يىلى 7-ئايدىكى كەلكۈن مەزگىلىدە سۇ ئامبىرىغا 0. 2-2.30 مىتىر چوقۇرلۇقتا سۇ قاچىلىنىپ،كۈزلۈك سۇغۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.
( 4 )
بوز يەر ئېچىپ ئېتىز بىنا قىلىش مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىندى.
يوداش قاسىم يۇردى 2-دادۈي خەلقىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ھالىتىگە خاتىمە بىرىش ئۈچۈن ئەڭ موھىمى بوز يەر ئېچىپ،سالالاشقان مۇنتىزىم دىھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى بىنا قىلىشنىڭ موھىملىغىنى تونۇپ يىتىپ، 2-دادۈيدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى 1973 -يىلىدىن باشلاپ بوز يەر ئېچىپ سالالاشقان ئېتىز بىنا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. شۇ ئاساستا بوز يەر ئېچىش ئشى چىڭ تۇتۇلۇپ،سۇ ئامبىرىدىن باشلاپ جەنۇپتا  قايلاشقىچە،سۇ ئامبىرىدىن باشلاپ شىمال تەرەپتە غىرىلماغىچە كونا ئۆگەن دەرياسىنىڭ ئككى قىرغىقىنى  بويلاپ،ئادەم كۆچى بىلەن بوز يەر ئېچىپ، 1976-يىلى 11-ئايغىچە ھەر بىر ئەتىرەتكە قارىتا 1500 مۇ،دادۈي بۇيىچە جەمئى9 مىڭ مۇ ئۆلچەملىك سالا ئېتىز بىنا قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈلدى.
سۇ ئامبىرىدىن باشلاپ قايلاش ۋە غىرىلماغىچە 14 كىلومىتىرئۇزۇنلۇقتا سۇغۇرۇش غول ئۆستىڭى،ئېتىزلارغىچە چوڭ-كېچىك سۇغۇرۇش ئېرىقلىرى تۇتاشتۇرۇلدى. قاتناش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى.
1977 –يىلىدىن باشلاپ ھەر بىر ئەتىرەتنى بىرلىك قىلغان ئاساستا ئۇلتۇراق ئۆي،مەھەللە قۇرۇلىشى باشلاندى. ئۆي قۇرۇلىشىدا كېسەك، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆي سېلىش ئۆلچەم قىلىندى. ھەر بىر ئائلىگە 2-3مو كۆلەمدە يەر تەخسىملىنىپ ،ئولتۇراق ئۆي،قورۇ-قۇتان،مىۋىلىك باغ ۋە كۆكتاتلىق يەر بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ھويلا-ئارام بەرپا قىلىندى. كېسەك قۇيۇش ۋە ئۆي سېلىشتا ئەزالار ئۆز- ئارا ھەمكارلاشتى. نەتىجىدە 1980 –يىلىدىن بۇرۇن بىر قىسىم ئائىلىلەر باغلىق يېرىگە ئۆرۈك، شاپتۇل، ئۆزۈمتال تىكىپ ،قارچۇغا تارىخىدا تۇنجى مىۋىلىك باغ ۋە سەي-كۆكتات ئېتىزى بەرپا قىلدى.
1978-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 2-دادۈيدىكى 5 ئەتىرەتنىڭ ئەزالىرى ياغاچ -كېسەك قۇرۇلمىلىق ئۆي سېلىپ مۇقىم ئۇلتۇراقلىشش  ئشقا ئاشتى.
1982-يىلىغا كەلگەندە 2-دادۈينىڭ ئومۇمى چارۋىسى 55 مىڭ تۇياققا، ئاشلىق مەسئۇلاتى 900 مىڭ جىڭغا،كىرىم تەخسىماتى بىر ئەمگەك گۇڭى 6.00 يۈەنگە يەتتى.
( 5 )
يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى،پىششىقلاپ ئشلەش ئۈسكۈنىلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى.ئەينى چاغلادا 2-دادۈيدە يېزا ئىگىلىك ماشىنا –سايمانلىرى ۋە ماتۇرلۇق سايمانلار يوق بۇلۇپ،پۈتكۈل قاتناش،يۈك تۇشۇش ۋە دېھقانچىلىق ئشلىرى ئات،كالا،ئىشەك ۋە كالا ھارۋىسى ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلاتتى.ئاشلىق پىششىقلاپ ئشلەشتە سۇ تۈگمىنى ۋە ياغۇنچاقق تايىناتتى
1973-يىلىدىن 1974-يىل ئاخىرىغىچە دادۈيگە بىر تۇپا ئتتىرىش ماشىنىسى،ئەتىرەتلەر 《28》،《55》 ئات كۆچىگە ئىگە تىرەكتۇرلانى سېتىۋالدى،كۆپىنچە ئتىرەتلەر دېزىل ماتۇرلۇق ئۇن تارتىش ماشىنىسى سېتىۋىلىپ،ئشلەپچىقىرىلغان ئاشلىقنى ئۆز ئۇرنىدا پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئشقا ئاشۇردى. يەر ھەيدەش ئشلىرىدا  كالا،ساپان قۇشنىڭ كۆچىگە تايىنىش،ئات-كالا،ئىشەك بىلەن خامان تىپىشتەك قالاق ھالەت پۈتۈنلەي تۈگەپ،يۇقاقى ئشلارنى ماشىنا-تېرەكتۇرلار ئارقىلىق ئشلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دەريانى ئىتىش،سۇ ئامبىرىدىكى ئشلار تۇپا ئتتىرىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئشلىنىپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىغىنى ئنتايىن يوقىرى كۆتۈرۈلدى.
دەسلەپ تېرەكتۇر سېتىۋالغاندا ئۇنى ھەيدەيدىغان ئادەم يۇق بولغاچقا گۇڭشى تېرەكتۇر پونكىتىدىن مەمەت توختى،خالىق ھۇشۇر، لى جۇيى قاتارلىق تېرەكتۇرچىلارنى 2-دادۈيگە ۋاقىتلىق يۆتكەپ كېلىپ،ئۇلارغا بەش كىشىنى شاگىرتلىققا بېرىپ،ئۇلار 2يىل ئىچىدە مۇستەقىل ھەيدەش، رىمىنۇت قىلىش ئشلىرىنى قىلالايدىغان سەۋيىگە يېتىپ،2-دادۈيدىكى 1-ئەۋلەت تىرەتۇرچىلاردىن بۇلۇپ قالدى. يېزا ئېگىلىك ماشىنىلىرى كۈپەيگەندىن كىيىن دادۈيدە ئەتىرت قۇرۇلدى.
يولداش قاسىم تۇردى 1976-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 2-دادۈي ھىساۋىدا بىر توك چىقىرىش ماشىنىسى،بىر ئۇن تارتىش ماشىنىسىنى سېتىۋىلىپ، بارلىق ئەتىرەت مەھەللىلەرگە توك تارتىپ، شۇنۇڭدىن ئېتىۋارەن 2-دادۈي قارا چىراق بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.
( 6 )
مەدەنى -مائارىپ،سەھىيە ۋە پوچتا-تېلېگىراپ ئىلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ،خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت،ساغلاملىق ۋە زامانىۋى ئالاقە ساپاسى ئۆستۈرۈلدى. 1972-يىلى 2-دادۈي قارچۇغىغا  مەركەزلىشىپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن،دادۈي پارتىيە ياچىكىسى قاسىم تۇردى نىڭ باشچىلىغىدا خەلقنىڭ مەدەنى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ساغلاملىق سەۋيىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشنى ياچىكىنىڭ مەركىزى خىزمەتلەر قاتارىدا ئەستايدىل چىڭ تۇتتى. دادۈيدە ئەسلىدە  2 ئېغىزلىق ئادەتتىكى سەۋيىدىكى سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى بار بۇلۇپ،6 ئەتىرەتتىكى 1200 نەپەردىن ئارتۇق كىشىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى تازا قامدىيالماي،ئادەتتىكى كېسەللەرمۇ يۈز نەچچە كىلومىتىر يولنى بىر قانچچە كۈن مېڭىپ گۇڭشى دوختۇرخانىسىغا باراتتى. بەزى ئېغىر كېسەللەر يول ئۈستىدە ئۈلۈپمۇ كىتەتتى.
يولداش قاسىم تۇردى بۇ چەت چارۋىچىلىق رايۇندا ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بۇلۇش ۋە داۋالىنىشى تەس بۇلۇش قىيىچىلىغىنى ھەل قىلىپ،ئاممىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن شەخسەن ئۆزى گوڭشى ۋە ناھىيە رەھبەرلىكىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ،مەبلەغ ھەل قىلىپ،ئۇننەچچە ئېغىزلىق قارچۇغا دوختۇرخانىسىنى سېلىپ،داۋالاش شارائتىنى ياخشىلىدى. ناھىيەبىلەن ئالاقىلىشىپ،ناھىيەلىك  دوختۇرخانىدىن  يوقىرى سەۋيىلىك دوختۇرلاردىن تۇرسۇن پەيزۇللىدىن بىلەن ئەمەت نىياز لارنى تەكلىپ قىلىپ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇلارنى خاتىرجەم خىزمەت ئشلەش شارائىتىغا ئىگە قىلدى.
دادۈيدىن يۈسۇپ روزى، ھاشىم ئەمەت، ئۆمەر يۈسۈپ، مامۇت نىيازلارنى دوختۇرخانىدا تەربىيلەپ يىتىشتۈرۇشنى ئاساس قىلىپ، داۋالاش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كەسپى قابىلىيىتىنى ئۆستۈردى. چوڭ كېسەللەردىن باشقىلىرىنى قارچۇغىنىڭ ئۆزىدىلا داۋالاپ ساقايتىدىغان، ھەتتا سۇقۇر ئۈچەي ئۇپراتسىيىسىنىمۇ  قىلالايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ،ئەزالار داۋالىنىشتىن خاتىرجەملىككە ئېرىشتى.
يولداش قاسىم تۇردى ئالدى بىلەن مائارىپنى تەرەققى قىدۇرۇشقا ئالاھىدە ئاھمىيەت بىرىپ چىڭ تۇتتى. 1971-يىلىدىن بۇرۇن 2-دادۈيدە پەقەتلا 3سىنىپ بىر شۆبە مەكتەپ،  3نەپەر ئوقۇتقۇچى بار ئدى.
دادۈي پارتىيە ياچىكىسىغا قاسىم تۇردى شۇجى بوغاندىن كىيىن،مائارىپنى ئۆزى بىۋاستە تۇتۇپ،ناھىيەگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ،يىتەرلىك مەبلەغ ھەل قىلىپ،قارچۇغا مەكتەپنى ئون نەچچە ئېغىزلىق قىلىپ سالدۇردى. ئوقۇتقۇچى شىتاتىنى ھەل قىلىپ،دەسلەپتە مۈتەللىپ روزى،مەھەممەت ئىبراھىم،خەلچەم قاتارلىق قاۋۇل ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپكە يۆتكەپ كەلدى. دادۈي تەۋەسىدىن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئچىدىن تاللاپ ، ئون نەچچە كىشىنى خەلق ئوقۇتقۇچىلىقىغا بىكىتىپ، ئۇلارنى ناھىيەگە يوللاپ تەستىقلىتىپ،ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ھەر قايسى ئەتىرەتلەردە شۆبە سىنىپ  قۇرۇلۇپ، ئاممىغا قۇلايلىق يارىتىلىپ،مەكتەپ يىشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسپىتى    %98 كەيېتىپ،مائارىپ پۈتۈن دادۈيدە ئومۇملاشتى.
2-دادۈينىڭ پوچتا،خەت-ئالاقە ئشلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. 2-دادۈينىڭ دۆڭقۇتان گوڭشى بىلەن ئارلىغى 70 كىلومىتىر،ناھىيە بىلەن بولغان ئارلىغى 100 كىلومىتىردىن ئاشىدۇ. گىزىت بۇ دادۈيگە 10 كۈندە بىر قېتىم بارغاچقا خەۋەرلەرنىڭ ۋاختى ئۆتۈپ كېتەتتى. گوڭشى ۋە ناھىيەنىڭ جىددى يوليورۇقلىرىنى ئاتلىق خەۋەرچىلەر بىر كۈندە ئاران يەتكۈزەتتى. يوداش قاسىم تۇردى 2-دادۈينىڭ پوچتا-ئالاقە ۋە خەۋەرلىشىشتىكى يوقارقى قالاق ھالەتكە خاتىمە بىرىپ،1972-يىلى 11 –ئايدا قارچۇغىغا  تېلېفۇن سىمى تارتقۇزدى. بۇ پەيتنى چىڭ تۇتۇپ،تېلېفۇن سىمىنى ھەرقايسى ئەتىرەتلەر ۋە سۇ ئامبىرىغا تارتىپ، ئالاقە تورلاشتى. دادۈيدە باش ئاپرات تەسسىس قىلىنىپ، روزى باقى باش ئاپراتچى بولدى. تېلېفۇن سىمى تارتىشقا  بىرلەشتۈرۈپ رادېئو سىمى تارتىپ، ئەتىرەتلەر ۋە ھەرقايسى ئائىلىلەرگىچە رادېئو كانىيى ئونۇتۇلدى.
دادۈيدە رادىئو پونكىتى قورۇلۇپ،سۇپى سادىق،قۇربان ئىسمايىل،ئىلى قاتارلىقلار ئىشلىدى. ناھىلىك رادېئو ئۇزۇنى تارقاتقان كۈندىلىك 3 قىتىملىق خەۋەرنى دېھقانلار ئۆز ۋاختىدا  تۇلۇق ئاڭلاپ،ناھىيە ،ئاپتۇنۇم رايون ۋە مەملىكەت خەۋەرلىرىدىن ۋاختىدا خەۋەردار بولدى.
تىلېفۇن ۋە رادىئو سىمى تارتىشتا ناھىيە سىم قاتارلىق سايمانلار ۋە تېخنىك خادىملار بىلەن تەمىنلىدى. دادۈي 30 نەپەر ئەمگەكچى،6 ھارۋا ئاجىرتىپ،كېرەكلىك ئستولبىنى ئۆزى تەييارلاپ،8كۆندە دۆڭقۇتان گوڭشېدىن قارچۇغىغا سىم تارتىشنى تاماملاپ،رادىئو ۋە تىلېفۇننىڭ قارچۇۈغىغا يەتكۈزۈلىشى 2-دادۈي خەلقىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىق ئش بولدى.
( 7 )
تارىم دەرياسىغا سېلىنغان كۆۋرۈك قارچۇۈىنىڭ تەرەققىياتىنى ئلگىرى سۈردى.تارىم دەرياسى دۆڭقۇتان بىلەن قارچۇغىنىڭ ئارىلىغىدا بولۇپ، تارىختىن بۇيان دەريادا سۇ ئۈزۈلمەي ئاققاشقا قاتناش يەرلىك كېمە ئارقىلىق بولاتتى. كېمە ئارقىلىق قاتناش ئنتايىن ئاۋارىچىلىق ئش بولغاندىن تاشقىرى، كەلكۆن مەزگىلىدە ئۆلۈم- يىتىممۇ كۆپ كۆرىلەتتى.
ناھىيە رەھبەرلىرى خىزمەت بىلەن قارچۇغىغا بارسا،ماشىنا دەريا بويىدا قېلىپ،قارچۇغىدىن ئات ئەكىلىپ ئاتلىق باراتتى.
1976-يىلى ئەتىيازدا ئوبلاست باشلىغى خاۋ بادە،مۇئاۋىن شۇجى جاڭ فۇيۇ ۋە ناھىيەلىك پارتكۇم شۇجىسى ئۇتۇق نىياز قاتارلىق رەھپەرلەر قارچۇغىغا بىرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ،ئەھۋالنى بىۋاستە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،تارىم دەرياسىغا كۆۋرۈك سېلىشنى بىكىتتى.
1979-يىلنىڭ بىشىدا  ئوبلاست باشلىغى خاۋ بادە ئاز سانلىق مىللەتلەر ياردەم پۇلىدىن 60 مىڭ يۈەننى تارىم دەرياسىغا كۆۋرۈك سېلىشقا تەستىقلاپ بەردى. ناھىيە ۋە گوڭشېنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن شۇ يىلى 3-ئايدىن باشلاپ،يولداش قاسىم تۇردى 2-دادۈي ئەزالىرىنى ھەركەتلەندۈرۈپ،كۆۋرۈك قورۇلۇشىغا كېرەكلىك شال، ياغاچ لىم ۋە قوزۇقلارنى تەييارلاش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. 4-ئاينىڭ 1-كۆنىدىن باشلاپ دادۈي بۇيىچە 150 نەپەر ئەمگەكچى 10 نەچچە ھارۋا ۋە موجاڭچىلار سەپەرۋەر قىلىندى. دۆڭقۇتان گوڭشې پارتكۇمنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بۇللا تايىر، گوڭشې پاتكۇمنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاسىم تۇردى ۋە گوڭشېنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى ئەمەت مامۇت قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان رەھپەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ،كۆۋرۈك سېلىشنىڭ پۈتكۈل خىزمەتلىرىگە مەسئول بولدى. 3-دادۈيدىن بىر قىسىم ئەمگەكچىلەر ئاجىرتىلىپ،ئەمگەك كۆچلىرى كۆپەيتىلىپ، كۆۋرۈكنى كەلكۈن سۈيى كېلىشتىن بۇرۇن پۈتكۈزۈش تەلەپ قىلىندى. ئەمگەكچىلەر كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ غەيرەت بىلەن ئشلىدى. كۆۋرۈكنىڭ تېخنىكىلىق ئشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ناھىيەدىن 2 نەپەر،يېزا ئگىلىك 2-دېۋىزىيەنىڭ سۇ ئىلىرى پولكى 2 نەپەر تېخنىكنى ئاجىرىتىپ بەردى. كۆۋرۈك 6 سۈڭگۈچلۈك،ھەر بىر سۈڭگۈچ ئارىلىغى 4 مىتىر،ھەر بىر قوزۇقنىڭ ئۇزۇنلىغى 8 مىتىر قلىپ لاھىيەلەندى. قوزۇقنىڭ 4 مىتىرى يەر تىگىگە قىقىلدى. كۆۋرۈك پەقەتلا ئادەم كۆچى بىلەن ئىشلىنىپ،ئەمگەكچىلەرنىڭ غەيرەت –جاسارەت بىلەن ئىشلىشى ئارقىلىق 1979-يىلى 7- ئاينىڭ ئاخىرىدا كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە سۈپەتلىك پۈتۈپ قاتناش باشلاندى.
بۇ كۆۋرۈك پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسالغان بولسىمۇ،كۆتۈرۈش ئېختىدارى 10 توننا،چىداش مۇددىتى 15 يىل  بىكىتىلدى. بۇ لوپنۇر چىگرىسى ئىچىدە تارىم دەياسىغا سېلىنغان تۇنجى كۆۋرۈك بۇلۇپ، قارچۇغىنىڭ قاتنىشى راۋانلاشتى.
كۆۋرۈكنىڭ بىشىغا ئورمان مۇھاپىزەت پونكىتى قۇرۇلۇپ،مامۇت ئسمايىل بىلەن ھاشىم ئالى لار يىل بويى كۆۋرۈكنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئول قىلىندى.
كەلكۈن مەزگىلى ۋە كۆمەل ئېقىش  ۋاختىدە 10 -15 ئادەم كۆۋرۈكنىڭ بىخەتەرلىگىنى قوغداشقا ئاجىرتىلىپ،قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. نەتىجىدە چىداش مۇددىتى 15 يىل لاھىيەلىنىپ سېلىنغان  كۆۋرۈك  1999-يىلى سىمىنۇت كۆۋرۈك سىلىنغىچە 20 يىل بىخەتەر ئىشلىتىلدى.
( 8 )
دۆڭقۇتان گوڭشېنىڭ 3-دادۈي بۇرۇن مىرسالى ئەتىراپىدا بولۇپ،قاچۇغىغا كۆچۈرلۈپ،دۆڭقوتان بىر قەدەر ئىچاملاشتى.
1977-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قاچۇغا سۇ ئامبىرىنى يەنىمۇ مۇستەككەملەپ،3-دادۈي خەلقنى مۇقۇم ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۇ ئامبىرىنڭ جەنوبىنى بويلاپ،3-دادۈينىڭ 1-ئەتىرىتى2-دادۈي 6-ئەتىرىتىنىڭ ئاياق قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇلارغا 2-دادۈينىڭ يېرىدىن 1200 مو يەر ئاجىرىتىپ بىرىلىپ،2-دادۈي 4-دۈينىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىدىنمۇ بىر قىسىم ئۆيلەر ئاجىرىتىپ بىرىلدى. 3-دادۈيگەئاجىرتىپ بىرىلگەن يەرگە قارىتا پۇل تۆلەش،ئۆيلەرگە قارىتا ئۆي سېلىپ بىرىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مەسىلە ياخشى ھەل قىلىندى. شۇنىڭدىن كىيىن ئككى دادۈي بىر-بىرىدىن ئۆگۈنۈپ،بىر-بىرىگە ئلھام بىرىپ،ئۆز ئارا ياردەم بىرىپ تەڭ ئلگىرلىدى.3-دادۈيمۇ 3مىڭ مودىن ئارتۇق يەر ئېچىپ،يۈرۈشلەشكەن سالا ئېتىز بىنا قىلدى.
2-دادۈي چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش،بوز يەر ئېچىپ ئېتىز بىنا قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش،مائارىپ،سەھىيە،  تەشۋىقات ،  ئۇچۇر-ئالاقە ۋە يېزا ئىگىلىك ئشلەپچىقىرىشىدا مول-ھوسۇل ئېلىش قاتارلىق ھەر ساھە ئىشلاردا ئۆلگە يارىتىپ، پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىكى ئۈچۈن 1971-يىلىدىن كىيىن گوڭشې،ناھىيە،ئوبلاست ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن تەرىپىدىن كۆپ قىتىم ئىلغار كوللىكتىپ بولۇپ مۇكاپاتلاندى. يولداش قاسىم تۇردى شۇجىمۇ پارتىيە،ھۆكۈمەتنىڭ ئەتىۋارلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
( 9  )
قارچۇغا يېزىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت تۇلۇق ھازىرلاندى.
1970-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 2-دادۈينىڭ ئېچىپ ئۆزلەشتۈرگەن تېرىغۇ يېرى 10 مىڭ مو دىن ئاشتى. سۇ ئامبىرىنىڭ خۇۋاسى پىشىپ مۇستەھكەملىنىپ،2-3- دادۈينىڭ سۇغۇرۇش ئشلىرىغا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولدى. دۆڭقۇتان گۇڭشېى 1-دادۈينىڭ 3-ئەتىرىتى يولداش ھىيىت نىياز نىڭ يېتەكچىلىگىدە 1975-يىلىدىن ئېتىۋارەن تاتلىقتىن غىرىلمىغا كۆچۈپ كېلىپ،900 مودىن ئارتۇقراق يەر ئېچىپ مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، 2-دادۈي بىلەن ھەمكارلىشىپ،سۇ ئامبىرىدىن بىللە پايدىلاندى. شۇنىڭ بىلەن قارچۇغىدىكى ئومۇمى نوپۇس 2500 دىن،تېرىغۇ يەر 15 مىڭ مو دىن،چوڭ-كىچىك ئومومى چارۋا 85 مىڭ تۇياقتىن ئېشىپ،نوۇس،تېرىلغۇ يەر ،چارۋا سانى جەھەتتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆڭقۇتان گوڭشېنىڭ%75-%80 نى ئىگەللىدى.
1980-يىللارغا كەلگەندە قارچۇغا رايۇنىنىڭ بارلىق ئاساسى قورۇلۇشى
پۈتۈنلەي تاماملنىپ،ئېتىزلار سالالىشىپ،ئېرىق-ئۆستەڭ،يوللار يۈرۈشلەشتى. ئولتۇراق ئۆيلەر مەھەللىلەشتى.
ئۆي،ھويلا-ئارام،باغ-كۆكتاتلىق گىرەلەشكەن ،تۇرمۇش باياشات ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
ئومۇمەن سۇ مەنبەسى موقىم،ئېتىزلار سالالاشقان،تەمىنات-سودا تاشقى-سودا،مەكتەپ،دوختۇرخانا،رادىئۇپونكىتى،پوچتا-ئالاقە،ئامانەت-قەرىز،مالدوختۇرلۇق پونكىتى قاتارلىق ھەممە ساھەلەر بار بولغان ،قاتناش راۋان،بازارلار ئاۋاتلاشقان،پۇقراۋى سودا-سېتىق گۈللەنگەن،خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان سوتسىيالىستىك يىڭى مەھەللە بارلىققا كېلىپ،قاچۇغىنى ئايرىم يېزا قىلىپ قورۇپ چىقىشنىڭ شەرت-شارائىتى پىشىپ يېتىلدى.
ھەممە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا  ئشلەش ئارقىلىق،ناھىيەلىك پارتكۇم،خەلق ھۆكۈمىتى يوقىرىغا دوكلات قىلىپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق 1987 -يىلى قارچۇغا يېزىسى رەسمى قۇرۇلدى.يوداش ئبرايىم مەممەت يېزىلىق پارتكومنىڭ تۇنجى شۇجىسى،يوداش ياقۇپ ئىسمايىل يېزىنىڭ تۇنجى يېزا باشلىغى ،ئەھەت قۇربان،مەھەمەت باۋۇدۇن لارتۇنجى مۇئاۋىن يېزا باشلىغى بۇلۇپ سايلاندى.
يولداش قاسىم تۇردى 13 يىللىق ياشلىق باھارىنى قارچۇغانى گۈللەندۈرۈشكە بىغىشلىغاچقا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ چىن دىلىدىن ئەنە شۇنداق ھۆمەتلىك ئورۇن ئالالىدى. ئۇ ھەر دائىم كوممۇنىسلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ھەممە ئىشتا باشلامچى بولۇپ،قىلچىمۇ ئالاھىدە بولىۋالمىدى.چوڭ يەپ ،ئىسراپچىلىق ۋە ھەشەمەتلىك قىلىشتىن ساخلىنىپ،2- دادۈيدىكى كادىرلار ۋەئاممىغا ئۈلگە بۇلۇپ،ھەر قانداق ئىشنى بامەسلىھەت قىلىپ ئشلىدى. ھەر ۋاقىت ئامما بىلەن سىرداش،تەغدىرداش بۇلۇپ ئاممىنىڭ دەردىگە  دەرمان بولدى. خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپىئەتىنى كۆزلەپ،جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن ئشلەشنى ئۆز خىزمىتىنىڭ تۈپ نىشانى قىلدى.يولداش قاسىم تۇردى قارچۇغىدا ئىشلىگەن ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ،قارچۇغا خەلقىنىڭ قىزغىن قوللاپ ھىمايە قىلىشىغا ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.
قارچۇغا خەلقى بىردەك :قاسىم تۇردى بىزگە تەبىئەت بىلەن قانداق كۆرەش قىلىشنى،خەلق تۇرمۇشىنى قانداق ياخشىلاشنى ئۆگەتتى،دەپ تەرىپلەشتى.
ئەمەت ھۇشۇر قاتارلىق پىشقەدەملەر : ‹بىز قاچۇغا سۇ ئامبىرى ۋە ئېتىزلارنى كۆرگەندە قاسىم تۇردىنى كۆرگەندەك بولىمىز.›دەپ ئپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئېلىشىدۇ .

مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3873

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-10-29
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: