ھەيۋەتلىك ۋە يىگانە تارىم

 

ھەيۋەتلىك ۋە يىگانە تارىم

سۋېن ھېدىن

 

تەرجىماندىن:

__سۋېن ھېدىن(1865_1952) شىۋېتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ،تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى.ئۇ ھاياتىدا قىرىق يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۈچ قېتىم سەپەر قىلغان بولۇپ بۇ جەرياندا ناھايىتى سېستىمىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە قىممەتلىك بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرۈپ بىزگە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ماتىرىياللارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ تۆگە قەدىمىدىن پايدىلىنىپ ئۆلچىگەن ئۆلچەملىرىمۇ ھازىرقى زامانىۋىي تېخنىكا ئەسۋاپلىرى بىلەن ئۆلچىگەن نەتىجىگە ئوخشاش بولۇپ چىققان.ئۇ تەكلىماكانغا قىلغان تۇنجى قېتىملىق سەپىرىدە داندان ئويلۈك خارابىسىنى بايقىغان،ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرىدە بولسا كىرورەن خارابىلىقىنى بايقىغان ھەمدە لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىش ئېھتىماللىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.مەزكۇر ماقالە ئاپتورنىڭ تارىم دەريا ۋادىسىدىكى بىر قېتىملىق كەچۈرمىشلىرىدىن بولۇپ ئاپتورنىڭ 1903_يىلى نەشر قىلىنغان ”ناتونۇش يوللاردىكى مىڭ مىل ”ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.  

 

    22  _ئۆكتەبىر كۇنى بىز دەريانىڭ غول ئېقىنىنى كېسىپ ئوتۇپ ئىككى ئاچال يولغا دۇچ كەلدۇق _تە،ئالدىمىزدىكى قارىماققا تېيىزرەك كەلگەن، لاتقىلار كۆرۈنۈپ تۇرغان بۆلىكىنى تاللىۋالدۇق.بىز دەريا ئېغىزىدا ئاۋال توختاپ ،سۇنىڭ چوڭقۇرلىقىنى قولۋاققا سالغان سۇنىڭ ئىزىغا قاراپ ئۆلچەپ تاللىغان يولىمىزنى جەزىملەشتۈردۇق.دەريانىڭ بەزى ئېقىنلىرىغا كەلگەندە سۇ ناھايىتى تېيىز بولۇپ، قولۋاقنى قويۇۋېتىپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى.بۇ چاغدا سۇ تېمپىراتۇرىسى +10 چۈشكەنىدى.مېنىڭ بۇنداق سوغۇق سۇدا چۆمۈلۈشكە مەيلىم يوقىدى.لېكىن قاسىمنىڭ تازا بىر سۇغا چۈشۈپ قېنىۋالغۇسى بارىدى.ئۇ ئادەتتىكىدەك قولۋاقنىڭ ئۇچىدا تۇرۇپ پالاقنى كۈچەپ ئۇرماقتا ئىدى،لېكىن ئۇ پالاقنى قوللىرى بىلەن مەھكەم تۇتىۋالغان بولۇپ، نەزىرىنى يىراقتا سۇ چۆمۈلىۋاتقان كىشىلەرگە تىكمەكتە ئىدى.

    بىز بىر مەزگىل دەريانىڭ چېكى كۆرۈنمەيدىغان قىسمىنى باسقاندىن كېيىن ، ئالدىمىزدا تار_تار كەلگەن ئاق ۋە قارا گورىزىنتال سىىزىقلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىلدۇقكى، ئالدى تەرەپتە كۆرۈنگىنى سۇ يۈزىنىڭ جىلۋىلىنىشى بولغان بولسا، سەل يىراقتىراق كۆرۈنگىنى قۇم ۋە لاي ئارىلاشمىلىرى ئىدى.

   بۇگۈنكى سەپىرىمىزدە ھېلىدىن ھېلىغا تۈرلۈك مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ تۇردۇق، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆزدىن ساقىت قىلماسلىق ئۈچۈن ھەر زامان كۆزنى تىكىپ تۇرۇش كېرەكىدى. يىراقتىن كۆرۈنگەن پادىچىلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە ئەگىشىپ بىزمۇ ئاۋاتقا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتاتتۇق، كەپىلەرمۇ ئىككى قاسناقتا ئاۋۇشقا باشلىدى.

   بۈگۈنكى سەپىرىرىمىزدە يەنە قەشقەر دەرياسىنى ۋە يەنە بىزگە تونۇشلۇق بولغان قىزىلسۇنى بېسىپ ئۆتتۇق.قىزىلسۇ دەرياسى تارغىنە كەلگەن ئىككى تارماق ئېقىنغا ئايرىلغان بولۇپ، دەريانىڭ كۆپ قىسمى قۇم ۋە لاتقا بولۇپ، ئېقىن مىقدارى ناھايىتى ئاز ئىدى.

          ئۇزاق ئۆتمەيلا بىز بىر ئاتلىق كىشىنى يولۇقتۇردۇق.ئۇ كىشى بىزنى كۆرۈپلا چاتقاللىق ئىچىگە كىرىپ كۆزدىن غايىپ بولدى .دەسلەپتە بىز بۇ كىشىنى بىر پايلاقچى ئوخشايدۇ دەپ ئويلۇدۇق.بىر مەھەلدىن كېيىن ناھايىتى كۆپ ئاتلىقلار دەريا بويىغا يېتىپ كەلدى.ئۇلار گىلەملىرىنى يەرگە يېيىپ داستخان سېلپ ،ئۈزۈم، قوغۇن ۋە نانلارنى تىزىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يېڭى ئاۋاتنىڭ يول بېگى بولۇپ ئەسلىدە بىزنى قارشى ئېلىشقا ئەۋەتىكەنىكەن. ئۇنى بىلگەندىن كېيىن بىز يول بېگى ۋە دەريا بويىدا دەسلەپتە ئۇچراتقان يالغۇز ئاتلىق كىشى بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ مېھمان بولدۇق.

   بىر ئازدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئاتلىقلار يېتىپ كەلدى،ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى تېخىمۇ ئېسىلزادىرەك بولۇپ ئۇچىلىرىدا رەڭلىك تون بارىدى.بۇ كىشىلەر ئاۋاتتىكى ئەنجانلىق سودىگەر“باي ”لار ئىكەن.بۇ چاغدا بىزنىڭ ئىسلام باي بولسا كېمىدە لامپىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كىشىلەرگە چاي تۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

   ئۇلارنىڭ نېرىسىدا يەنە ئوتتۇز نەچچە ئاتلىق كىشى داستىخان تەييارلاۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ داستىخانلىرى تېخىمۇ مول بولۇپ مىۋە- چىۋە، نان، تۇخۇم ۋە بىر پۈتۈن قوي بارىدى. بۇ داستىخاننى ئاۋاتنىڭ بېگى شەخسەن ئۆزى بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىغانىدى.ئاخىرى دەريا بويى پۈتۈنلەي ئاتلىق كەلگەن كىشىلەر بىلەن تولۇپ بولدى.يەركەنت دەرياسىنىڭ دولقۇنلىرى تۇنجى قېتىم بۇ خىل قىزغىن ۋە مول زىياپەتنى ئۇچرىتىۋاتاتتى.ئۇلار يەنە بۇ يەرگە 8 دانە بۈركۈت ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ،بۈركۈتلەرنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ناھايىتى سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.ئۇ كۈنى كېيىنرەك يەنە بۈركۈتلەرنىڭ ”تاماشا“سىدىن ھوزۇر ئالدۇق. بۈركۈتلەر تۆت دانە ياۋا توشقان ۋە بىر دانە كىيىكنى ئولجا قىلغان بولۇپ ،بۇ ئولجىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا سوۋغا قىلىنغان ئىدى.

   شۇنداق قىلىپ بىز بۇ ماتتان دىگەن يېزىدا بىر كۈن ئارام ئېلىپ تۇرۇپ قالدۇق، ئەسلىدە بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقىدى.بۇ جەرياندا مەن ياپىلاق تاختايلارنى مىخلاپ ئاسترونومىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم ۋە دەريادىكى سۇ مىقدارىنى ئۆلچىگىنىمدە، 18.6سىغىمچانلىقى كۇبمېتىر بولدى.بىز يەنە بۇ ئەتراپقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋە دەريانىڭ تۆۋەن قىسمى يەنى ئاقسۇ دەريا ئېغىزىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلىدۇق.كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىشتە ھىچقانداق توسالغۇ يوق، دەريادا يېتەرلىك سۇ بار ،تېز سۈرئەت بىلەن كېمىنى ھەيدىگىلى بولىدۇ دەپ قارايتتى. ئىسلام،پالتا ۋە موللا ئۈچىسى بازارغا سەپەرگە ئېلىۋالىدىغان ئوزۇق تۈلۈك قاما ۋە باشقا ئەسۋاپلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى.

   ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىغا ئۆز ھەقلىرىنى بەرگەندىن كېيىن ، ئاۋات بېگى بىزگە يەنە ھەمرا ئاتلىق بىر ئىتنى تەقدىم قىلدى. دەريا ۋادىسى كەڭ ھەم تەكشى بولۇپ 2.8 م كېلەتتى.دەريا سۈيىنىڭ ئېقىشى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ لاي- توپا دۆۋىلىرى تەرىپىدىن بۆلۈنۈپ تۇراتتى.بىر قېتىم بىز خاتا يولغا كىرىپ كېلىپ كەينىمىزگە يېنىشقا توغرا كەلدى ۋە قىممەتلىك بولغان بىر سائەت ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلدۇق.سۇ مىقدارى ھازىر 14.3 كۇپ مېتىرغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ ،سۇنىڭ ئىگىىز قىسمى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 1.49 مېتىر يۇقىرى تۇراتتى.

   بىز ئىگىلىگەن مۇھىم بىر پاكىت ، بۇ دەريا ئۆكتەبىردە تاشقىن پەيتىنى كۈتۈۋالىدىكەن.لېكىن بۇمۇ قائىدىسىز بولۇپ چۈشەندۈرۈپ بېرىش قىيىنغا توختايدۇ.بۇچاغدا ئېتىزلىقنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن سۇ كۆلچەكلىرى ۋە سۇ كاناللىرىنىڭ ياردىمىگە تايانمىسىمۇ بولىدۇ.دەريانىڭ تەدرىجى كۆتۈرۈلۈش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.26_ئۆكتەبىر كۈنى بىز دەريا سۈيىنىڭ 17 كۇپ مېتىر كېلىدىغانلىقىنى ،ئۆتكەنكى قېتىمقىدىن 3 كۇپ مېتىر ئاشقانلىقىنى بايقىدۇق.

   27_ئۆكتەبىر بىز ئۈچۈن بىر ئەھمىيەتلىك كۈن ئىدى، چۈنكى كەچتە بىز ئاقسۇ دەريا ئېغىزىغا بارماقچىدۇق.بۇ بىر تىمتاس ۋە گۈزەل كۈز كۈنى بولۇپ ،دەريا خۇددى بىر غايەت زور ئەينەككە ئوخشايتتى.دەريا قاسنىقى بولسا چاتقاللىقلار بىلەن قوشۇلۇپ ئورمان ھاسىل قىلغان ئىدى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۇ مەنزىرە كىشىنى خىيالىي تۈسلەرگە باشلاپ كىرەتتى. بىز ئەمدى ئاق ساتمىدا يۈتتۈرۈپ قويغان قولۋىقىمىزنى ئۇچراتتۇق.ئۇ كەلكۈندە لاتقىغا پېتىپ قېلىپ شۇ جايدا توختاپ قالغانىكەن.

   بۇ ياقتا كونا ئورمانلىقلار يوقىدى،لېكىن سۆگەت ۋە چاتقاللىقلار كۆپ ئىدى.بىز تەكشۈرۈشكە چىقىپ كەتكەن ۋاقتىمىزدا ھەمرا بىر قېتىم قېچىپ كەتتى،لېكىن بىز ئۇنى يەنە تۇتىۋالدۇق.ئۇ ئۆي ھايۋىنى بولۇشقا تېخى كۆنمىگەن بولۇپ ،“يولداش“ھەر زامان ئۇنىڭ بىلەن ئويناپ ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشاتتى  .

   بىز لايلىقتىن كەلگەن ناتونۇش كىشنىڭ يول باشلىشى  بىلەن ئالدىمىزغا قاراپ تەلپۈنۈش ئىچىدە ئىلگىرلەپ كېتىۋاتىماقتىمىز، .“ئالدىمىزدىكى ئايلانمىدىن ئۆتسەكلا يېتىپ كېلىمىز ”دەيتتى موللا.لېكىن ئۇنىڭ ”ئايلانمىسى“ھىچ تۈگىمەيتتى.

   توساتتىن سۇنىڭ ئېقىشى ئاستىلاپ قالدى ۋە كېمىنى پالاق بىلەن ئۇرۇپ مېڭىشقا توغرا كەلدى.پالاق ئۇرغان چاغدا ئالىمنىڭ پالىقى لايغا پېتىپ قېلىپ ھەرقانچە قىلىپمۇ يۇلۇپ ئالالمىدى ۋە كىيىملىرىنى سېلىپ سۇغا چۈشۈپ پالىقىنى تېپىپ كەلدى.بۇ چاغدا سۇ تېمپىراتۇرىدى +9 گرادۇس كېلەتتى.

   كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ھاۋا بىردىنلا ناھايىتى ئىسسىپ كەتكەن بولۇپ يازنىڭ ئىسسىقىنى ئەسلىتەتتى.مەن ئۇ يەردە كۆينەكچان ئولتۇرۇپ قاچىدىكى ئۈرۈك، ئۈزۈم، نەشپۈتلەرنىڭ دىماققا ئۇرۇلغان ھىدىنى پۇراپ ئولتۇراتتىم.

   بىرقانچە ئايلانمىدىن كېيىن ئالدىمىزدا ھەيۋەتلىك ئاقسۇ دەرياسى نامايەن بولدى.لايلىقتىن كەلگەن كىشى ھاياجانلىنىپ ”ۋوي، ۋوي“دەپ ۋارقىراپ كەتتى.

   يەركەنت دەرياسى غەربىي شىمالغا قاراپ ئىگىلگەن بولۇپ ،ئاقسۇ دەرياسى ۋە بۇ قوشۇلغان تارماق ئېقىملار ئورتاق ھالدا تارىم دەرياسى دەپ ئاتىلاتتى.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى ئەڭ كۆپ ئىدى.

   بىز يەركەنت دەرياسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئوڭغا قايرىلىپ سول تەرەپتىكى دەريا قاسنىقىنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتۇق.كېيىن ئاقسۇ دەرياسىنىڭ كۈچلۈك دولقۇنىغا دۇچ كەلدۇق ۋە كېمىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا دەريا قىرغىقىغا باشلاپ بېرىپ توختىتىۋالدۇق.

   دەم ئالغان مەزگىلىمىزدە مەن ئاسترونومىيىلىك ئۇسۇلدا ئورنىمىزنى مۇقىملاشتۇردۇم.تاختايلارنى كىرىشتۈرۈپ، رەسىمگە ئالدىم ۋە يەلكەنلىك كېمىنىڭ يەلكەنلىرىنى چىقىرىپ تەييارلىق قىلدىم.بۇ چوڭ دەريادا  يەركەنت دەرياسىغا سېلىشتۇرغاندا لاي لاتقا كۆپ بولۇپ كېمىنىڭ سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزەتتى.بۇ چاغدا ئۈستىمىزدىن نۇرغۇنلىغان ياۋا غازلار توپى ئۈچ بۇرجەك شەكىل چىقىرىپ ئۇچۇپ ئۆتتى.مەن ئۇ ئەقىللىق قۇشلارغا ھەۋەس بىلەن قارىدىم.ئۇلار لوپنۇردىن يولغا چىقىپ يەركەنتتىن ئۆتۈپ ھىندىستانغا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى.ئۇلار 200 مېتىر ئىگىزلىكتە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بولۇپ توختىماي سايراپ ئۇچىشاتتى.ئۇلار قايتىپ كېلىش سەپىرىدە چوقۇم ئېرىگەن مۇزتاغ ۋە مۇز چوققىلارغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن.مەن ئىشىنىمەنكى ئۇلار ئاشۇ بىر جۈپ قانىتىغا تايىنىپ تەبىئەتنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ مەنزىلگە يېتىپ بارىدۇ.

   29_ئۆكتەبىر كۈنى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ “ بىسمىللاھ“دەپ ئادەتتىكىدىن چىڭراق توۋلاپ پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇشلىرى بىلەن تەڭ يەنە يولغا چىقتۇق.لېكىن دولقۇن ئۇلار ئويلىغاندەك ئۇنداق قورقۇنۇچلۇقمۇ ئەمەسىدى.كېمە دەرۋەقە كۈچلۈك دولقۇنغا دۇچ كېلىپ قاتتىق رولنى بۇرىدۇق،لېكىن كېمە يەنە مەزمۇت كېتىۋاتاتتى.سۇنىڭ تېزلىكى مىنۇتىغا 72 مېتىېر بولۇپ ، بىرئازدىن كېيىن تۆۋەنلەشكە باشلىدى. دەريا ناھايىتى كەڭ بولغاچقا يىراقتىكى ئورمانلىق قارىماققا بىر قاراڭغۇ چېكىتتەكلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

      بىز خوتەن بىلەن ئاقسۇنىڭ كېسىشىدىغان ئورنىغا ئانچە يىراق قالمىغانىدۇق.ئۇ يەردە بىرلا ۋاقىتتا 8 دانە تۆگىنى يۆتكىگىلى بولىدىغان بىر پورت بارىدى.

   كەچقۇرۇن بىر توپ ياۋا غازلار بىز تۇرغان يەرگە قوندى.ئۇلار يەرگە قونۇپلا سۇدا قاناتلىرىنى پالاقلىتىپ چىرقىراپ سايرىشىۋاتاتتى.ئەتىسى ئەتىگەندە قارىساق بىر دانە يالغۇر ياۋا غازدىن باشقىسى ھەممىسى ئۇچۇپ كېتىپتۇ.ئۇ كېمىگە قىسىلىپ قالغان بولۇپ ،كېيىن ئۇمۇ بىر ئامال قىلىپ ئۇچۇپ كەتتى، گەرچە سەل تۆۋەن ئۇچسىمۇ يەنە باشقا ھەمراھلىرىنىڭ ئىزىدىن غەرب تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى.

     دەريا بويىدا كىشىلەر بېلىق تۇتۇشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى.ئۇلار كۆپىنچە توردا ياكى خالتىدا بېلىق تۇتۇشقا ئادەتلەنگەنىدى.بېلىقلار تىك شەكىلدە توساق تۇتۇش ئارقىلىق بۇ يەرگە ئالداپ كېلىنەتتى.

30_ئۆكتەبىر . بۈگۈن دەريادىكى يولىمىز ناھايىتى تۈز بولۇپ ،ھىچقانداق ئايلانمىغا دۇچ كەلمىدۇق.سول تەرەپتىكى ساھىلدا شايار سوزۇلۇپ ياتاتتى.يول بويى قىزىلقۇم دەپ ئاتالغان قۇملۇقنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى.بۇ قۇملۇق يىراقتا قۇم تاغ بولۇپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

   خوتەن دەرياسىدىكى قىسقىغىنە بۇ سەپەر ماڭا 1895_  يىلدىكى كېلىشمەسلىكنى ئەسلەتتى، مەن خوتەن دەرياسىنى ھاياتىمنى قۇتقۇزغۇچى دەپ بىلىمەن.

   بۇ جاينىڭ كۆرۈنۈشى ئوچۇقچىلىق بولۇپ، ئورمانلىق ناھايىتى يىراقتا ئىدى.بۇ چاغدا كېمىدىكى كەيپىياتمۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ ،يول بېگى مېنىڭ كەپەمنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ماڭا دەريا بويىنىڭ ئىسمى، كەنتلەر ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىسمى قاتارلىق قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بېرىۋاتاتتى.

   يېڭى ئىتىمىز ھەمرامۇ تەدرىجىي ھالدا تەقدىرىگە تەن بېرىپ كۆندۈرۈلدى.                                                  

   كېمىمىز ئادەتتىن تاشقىرى تېزلىك بىلەن يول يۈرۈپ كەچ كىرىشتىن بۇرۇن دەريا قىرغىقىغا  قىينالمايلا يېتىپ كەلدۇق.كېچىدە ئەركەكلەرنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا قىلىشقان پاراڭلىرىدىن تارتىپ ئورمانلىقتىكى تۈلكىلەرنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازلىرىغىچە قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى.

   بۈگۈنكى ئۆلچەشتىن مەلۇم بولدىكى، سۇ مىقدارى 79.2 كۇپ مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلىقى يەركەنت دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭكىدىن تېيىزرەك كېلەتتى.

   31_ئۆكتەبىر بىز ھەيۋەتلىك ھەم يىگانە بولغان تارىمغا قاراپ يولنى داۋام ئەتتۇق.ئۇزاق ئۆتمەي شامال چىقىشقا باشلىدى.مەن قىشلىق كىيىملىرىمنى كىيىۋالغان بولۇپ ، قاما جۇۋا ۋە ئەدىياللار بار بولسىمۇ ، بوران خۇددى شارنى پۈۋدىگەندەك بىر پۈۋدەپلا بىزنى ئۇچۇرىۋېتىغاندەك قىلاتتى.مەن كەپەمگە كىرىپ ئىسسىنىپ ئولتۇردۇم،لېكىن ئادەم بىردەم _بىردەم ئورنىدىن تۇرۇپ قول قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەدەننى قىزىتىپ تۇرمىسا بولمايتتى.تۈنۈگۈن ئەينەك يۈزىدەك تېنچ ئاققان دەريا مانا بۈگۈن كېمىنى ئۆرۈۋېتەيلا دېگەنىدى.

   دەريا قىرغىقىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوت يېقىپ ئىسسىندۇق.

   مانا مەن ھازىر ئىچكى ئاسىيادا ئۆزۈمنى كۆرۈۋاتىمەن. كۈچلۈك دەريا دولقۇنلىرى، سارغايغان ئورمانلىقلار ۋە قۇم بوران ماڭا ھەمراھ بولماقتا.ئۆزۈمنى ناھايىتى راھەت ھىس قىلماقتىمەن خۇددى بۇ ئاپىرىدىلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمدا بولۇپ ،كۆز ئالدىمدا بۇ يەردە ھىچقانداق ھۆكۈمرانلىق بولمىغان تېنچ بىر ماكان ھازىر بولدى.شاماللار مېنىڭ قۇلىقىمغا بۇ غايەت زور دەريانىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى بۇ يەردە  مېنىڭ كېلىشىمنى  كۈتۈپ ياتقانلىقىنى،تارىمنىڭ قۇملۇقلار ئىچىدىن باش كۆتۈرۈپ مېنى قىتئەنىڭ ئەڭ ئوتتۇرىسىغا باشلاپ كەلگەنلىكىنى پىچىرلاۋاتاتتى.ماڭا كىم بۇ دەرياغا ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى بەردى؟دەريا قاسنىقىدا پادا بېقىۋاتقان پادىچىلارمۇ؟يەنە كىم بىزگە يول ئېچىپ بەردى؟قاراڭغۇ ئورمانلاردا چاتقاللار ئىچىدە بىر جۈپ ئوتلۇق يېشىل كۆزلىرىنى چىراق قىلىپ بەرگەن يولۋاسلارمۇ؟بۇ دەريانى ھېچكىم مەندەك ئوبدان بىلمەيدۇ.ئورمان بالىسى ئاتالغان ئوۋچىلارمۇ قاپلاننىڭ ئىزىدىن قوغلاپ تۇتۇشنى بىلگەن بىلەن دەريانىڭ نەدىن باشلىنىپ نەدە ئاياقلىشىدىغىنى ئۇلار ئۈچۈن بىر تېپىشماق.ئەكسىچە مەن بۇ دەريانىڭ ھەر بىر نەپىسىگىچە بىلىمەن.تارىمنىڭ تارىخى ۋە ھاياتلىق قىسسىسى سۆز، رەسىم ۋە خەرىتە سۈپىتىدە مەندە ئارخىپ بولۇپ ساقلانماقتا.

   مەن ئاخىرى بۇ گۈزەل چۈشلۈرۈمدىن ئويغاندىم.مەن كېمىنى قۇملۇققا تارتىپ ئوت يېقىپ ئەتىگەنلىك ناشتىلىق تەييارلىماقچى بولدۇم.

   قايتىش سەپىرىدە كاللامغا بىر قاتار سۇئاللار كەلدى:قىش يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن دەريانى پۈتۈنلەي ئايلىنىپ بولالارمىزمۇ؟قەيەر بىزنىڭ باش شىتابىمىز بولسا مۇۋاپىق يەنى شۇ يەردىن باشقا قىسقا سەپەرلەرگە چىقساق؟“يىىگىتلەر“ماڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ خوش خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈپ تۇرارمۇ؟دىگەندەك سۇئاللار.

   مەن پۇرسەت تېپىپ كېمىگە چىقىپ نېگاتىپلارنى كوپىيە قىلدىم شۇنداقلا ھەر ئېھتىمالغا قارشى ھەر بىرىنى ئىككى نۇسخىدىن يۇدۇم.شۇنىڭدەك كۈندىلىك خاتىرەمنىمۇ دەسلەپتە  كۈندۈزى قېرىنداش قەلەم بىلەن يېزىۋېلىپ ،كەچتەا سىياھ قەلەم بىلەن چوڭ خاتىرە دەپتەرگە كۆچۈردۈم.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئارتۇقچە ئىشلار بولسىمۇ لېكىن ماڭا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەتتى،ئىشقىلىپ بىر نۇسخىسنى بولسىمۇ  ئۆيگە ئېلىپ كېتىشنى ئويلايتتىم.

   بىردىن بىر مېنىڭ سەۋر تاقىتىمنى قويمىغىنى تەتۈر شامال ئىدى.نويابىردا دەريا شىمالغا قاراپ ئاقاتتى، قېرىشقاندەك شامالمۇ مۇشۇ يۆنۈلۈشتىن كېلىۋاتاتتى.مەن كەپىدە كۈن بويى كۈن كۆرمەي ئولتۇردۇم،قۇياش خۇددى ئەتىۋار مېھمانغا ئوخشايتتى.تۆۋەن تېمپىراتۇرا8،8_  گىرادۇسقا چۈشكەن بولۇپ ئىستاكىنىمدىكى سۇ ۋە سىياھمۇ توڭلاپ قالغانىدى. 

   دولان كېمىسىنىڭ يېنىدا توغراقتىن ياسالغان قوپالراق بىر كېمە توختۇتۇپ قويۇلغان بولۇپ ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭ پالىقى بارىدى.بۇ كېمىنىڭ ئىگىسى ئۈچ باي بولۇپ ئۇلار بۇ كېمىدە ئاز دېگەندە 10000تۇياق قوينى تارىمدىن يۆتكىمەكچىكەن.

   بىزنىڭ كېمە قارا توغراققا قاراپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتماقتا. دەريا بويىنى كەينىدە قالدۇرۇپ مېڭىش ناھايىتى كۆڭۈلۈك بىلىنەتتى.

   دەرياغا يېقىن قۇملۇقتا ئىگىز چاتقاللىقلار ۋە پاراللېل ئۆسكەن تېرەك دەرەخلىرى بارىدى.قارا توغراققا بارىدىغان يولدىكى دەريا ناھايىتى تۈز بولۇپ ، شەرقىي شىمالغا بىلىنەر بىلىنمەس بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ سوزۇلغانىدى.يىراقتىن قارىغاندا سۇ يۈزى ئاسمان بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كۆرۈنىدىغان بولۇپ ،كىشىگە خۇددى دەريا تۇپراقتىن ئايرىلىپ چەكسىز كەتكەن ئالەم بوشلۇقىقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن بىر تۇيغۇنى بېرەتتى.

   دەريانىڭ تېگى لايلىق بولۇپ بىز كېسىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا كېمىنىڭ تېگىگە بىر نەرسە ئۇرۇلۇپ كېمە داۋالغۇپ كەتتى.مېنىڭچە بۇ بىر تاشلاندۇق مۇداپىئە قورغىنى بولۇپ ،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمەي دەرياغا چۆكۈپ كەتكەن.دەل شۇ قورغان تېشى كېمىنىڭ چايقىلىشىغا سەۋەپ بولغان.

   بىرئازدىن كېيىن چاققاللىق ئىچىدىن يالغۇز بىر ئايال چىقىپ بىزنى چاقىرىپ بىزگە تۇخۇم ئەكەلگەنلىكىنى ئېيتتى.كېمە قۇملۇققا يېقىنلاپ كېلىپ، ئىسلام ئۇ ئايالنىڭ قولىدىكى بوخچىمىنى ئالدى ۋە يەنە بىر قولىدا ئۇ ئايالغا بىرقانچە تەڭگە تاشلاپ بەردى. ئۇ ئايالنىڭ كىملىكى  ۋە نەدىن كەلگەنلىكى كېمىدىكىلەرگە بىر سىر ئىدى.ئۇ ئايال خۇددى شامالغا ئوخىشاش كېلىپ كېتىپ قالغانىدى.

   چۈشتىن كېيىن لەشلىككە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن كېمىدىكى يىگىتلەر بىر بىرىنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن كومىدىيىلىك ئويۇنلارنى قويدى.بۇ ئويۇندا ئىككى يىگىت ھەر بىرى بىردىن ھەمراسىنى دۈمبىسىدە ھاپاش قىلىپ ماڭىدىغان بولۇپ، بىرىنىڭ پۇت قولللىرى باغلاپ قويۇلغانىدى، يەنە بىرسى قولىغا تاياق تۇتقان بولۇپ ، قارشى تەرەپنىڭ تاغىرىغا تاياق بىلەن سۇۋاپ ماڭسا، يەنە بىر تەرەپ قارشى تەرەپتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئېلىپ ماڭاتتى. بۇ ئويۇندا قاسىم بىلەن ئالىم تاياق يىگەن بولۇپ ،پالتا بىلەن قاسىم ئۇ ئىككىسىگە قاراپ تولا كۈلۈپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكەنىدى.مېنىڭمۇ ئۇلارغا قاراپ كۈلۈۋېرىپ  ئۈچەيلىرىم ئۈزۈلۈپ كېتەي دېگەنىدى.قاسىم بىلەن ئالىم رول ئالمىشىپ ئويۇننى يەنە بىر قېتىم ئويناشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ. لېكىن قارشى تەرەپ بۇنىڭغا ئۇنىمىدى ،چۈنكى ئۇلار بۇ ئويۇندا تاياق يىيىشنىڭ دەردىنى ئوبدان بىلەتتى.ئويۇننىڭ پايدىسى شۇ بوپتۇكى سوغۇقتا ھەممەيلەن  قانلىرىنى راسا بىر قىزىتىپ ھەرىكەت قىلىۋالدى.

 

شىۋېتچىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر تەرجىمىسى

مەنبەسى:تىۋىش بىلوگى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=469

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-09-11
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: