ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى(1)

ۋاقتى: 2011-09-05 / تۈرى: مائارىپ-پىسخىلوگىيە / كۆرۈلۈشى: 142 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى(1)

(تېما مەن تەرپىدىن قۇيۇلدى)

ئىلاۋە:ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تەربىيىلىنىش مۇساپىسى جەريانىدا ھەر قايسى تەربىيىلىنىش باسقۇچلىرىدا ئۆزىگە ھەمراھ بولغان سىنىپ مەسئۇللىرىنى بىر ئۆمۈر ئېسىدىن چىقىرىپ قويمايدۇ. بەزىلەر ئۇلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەشسە،بەزىلەر ئۆز سىنىپ مەسئۇللىرىنى نارازىلىق ئىچىدە ئېسىگە ئالىدۇ،ھەتتا بەزىلىرى نەپرەت بىلەن ئۇلارغا تىل-ھاقارەت ياغدۇرىدۇ.بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب نېمە؟ مېنىڭچە،ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا،سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئۇلارغا ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىلەر نۆۋەتتە كۆرمەكچى بولغان بىر يۈرۈش ھېكايىلەرنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ مەلۇم بىر مۇنەۋەر سىنىپ مەسئۇلىنىڭ 13 يىللىق سىنىپ مەسئۇللىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدىكى تەجىرىبە ساۋاقلىرىدۇر. ئۇنىڭ بۇ جەرياندىكى ئەستايىدىللىقى، كۈيۇمچانلىقى، ئىنچىكىلىكى، سەۋىرچانلىقى، مىھرىبانلىقى ھەقىقەتەن سىنىپ مەسئۇلى بولغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

                                                                                                                                                                                                    -لوپنۇرى

تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ نۇتۇقىنىڭ كىرىش سۆزى ۋە 1-ھىكايىسى:

 

مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئورۇن. مەكتەپنىڭ ئادەم تەربىيەلەش نىشانى سىنىپ شەكلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.  سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ شەكىللىنىشىدە، سىنىپ مۇدىرلىرى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.  بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەكتەپنىڭ بىر پۈتۈن تەلىم- تەربىيە  خىزمىتىدە  سىنىپ مۇدىرلىرى  خىزمىتى  مۇھىم  ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

    سىنىپ مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان ئاساسى بىرلىكى.  سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كوللىكتىپىنى شەكىللەندۈرىدىغان تەشكىللىگۈچى ۋە يىتەكچى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئىجراچىسى؛  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوموميۈزلۈك ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تايانچ كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.   سېىنىپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيىسى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىلانى ۋە باشقا ھەرتۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزملىرىنىڭ ئىجراچىسى؛  مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى قانداق  ئادەم  بولىشنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەشتە  بىۋاستە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى:  ئوقۇغۇچىلار بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگۈچى:  مەكتەپ ۋە سىنىپ، مەكتەپ ۋە ئاتا- ئانا، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنى باغلايدىغان ۋاستە ۋە كۆۋرۈك.  سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئەخلاقى پەزىلەت ساپاسى، خىزمەت قابىلىيىتى سىنىپ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى ۋە مەكتەپ ساپا مائارىپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.   شۇڭا ھەر بىر سىنىپ مۇدىرى بولغان  ئادەم  ئالدى بىلەن چوقۇم ئاڭلىق ھالدا زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى،  مۇھىملىقىنى ۋە شەرەپلىكلىگىنى تونۇپ يېتەلىشى كېرەك.   شۇندىلا خىزمەت نىشانى ئايدىڭلىشىپ،  تەربىيىلەش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ.

    نۆۋەتتىكى يېڭى بىر باسقۇچلۇق مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پەيتتە،  (1سىنىپ مۇدىرلىرى چوقۇم توختىماستىن ئۆگىنىشى،  ئىزدىنىشى،  يېڭى مائارىپ ئىدىيىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا ئىلگىرلىشى لازىم. (2  سىنىپ مۇدىرلىرىدا تەربىيە ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈستۈنلۈك ۋە مەسئۇلىيەت بولىشى كېرەك. (3سىنىپ مۇدىرلىرىدا يەنە سىنىپ كوللىكتىپىنى قانداق قۇرۇش،  ئايرىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيە خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش،  ھەر قايسى ئامىللارنىڭ كۈچلىرىنى قاندق قىلغاندا ياخشى ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى ئورتاق كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلاردا يىتىلدۈرىدىغان ئادەتلىنىش تەربىيىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى بىلەن قانداق بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەمەلىي ئىقتىدار بولۇشى،  شۇنىڭدەك يېڭىلىق يارىتىشقا دادىل  جۈرئەت  قىلالايدىغان  كىشىلىك پەزىلەت  بولۇشى كېرەك.       سىنىپ مۇدىرلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆز-ھەركىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.      

    روسىيىلىك مائارىپشۇناس ۋۇرشىنكى مۇنداق دېگەن: «ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئورنىنى باشقا ھەر قانداق نەرسە باسالمايدۇ.  ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتى مائارىپ ئىشلىرنىڭ بارلىقى، شۇنداقلا تەرەققىيات يولىنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق مەشئەل!»  ئوقۇتقۇچىنىڭ ، بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى-پەزىلىتى،  تەربىيە كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان مەدەنىي سۆز-ھەركەتلىرى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى مول تەلىم-تەربىيە مەنبەسى بولۇپ،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ،  مۇقەرەر ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ  بىر پۈتۈن ئىنسانىي پەزىلىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      ئەمەلىي تەلىم-تەربىيە جەريانىدا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتى: – ئوقۇغۇچىغا بولغان چۈشىنىش، كەڭ قوساقلىق،  ئەپۇچانلىق،  كۆيۈنۈش،  ئىشىنىش شۇنداقلا بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن بىر خىل پىسخىكىلىق سىڭىشىش،  ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۆز شەخسى ئابرويى، پايدا-زىيىنى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي،  زىددىيەت يۈز بەرگەندە ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ،  ئۆز-ئۆزىنى سوراش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاندىن باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان ھالەتكە ئۆتىدۇ. دېمەك،  بىز خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئېسىل ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلەتلىرىمىزمۇ ھەقىقى ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.   بىزنىڭ  تەلىم-تەربىيە خىزمىتىمىزمۇ خۇددى بىز ئۈمىد قىلغاندەك ياخشى ئۈنۈم بېرەلەيدۇ، خالاس.

     بىر پەيلاسوپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بىر دالىغا كەلدى-دە، ئوت-چۆپ بېسىپ كەتكەن ئېكىنزارنى كۆرسىتىپ: «بۇ ئوت-چۆپلەرنى قانداق يوقىتىش كېرەك؟» دەپ سورىدى.  بەزىلەر يۇلىۋېتىش كېرەك دېسە،  بەزىلەر ئوت قويىۋېتىش كېرەك دېدى،يەنە بەزىلەر يىلتىزىدىن كولىۋېتىش لازىم  دېدى.   پەيلاسوپ: «ئۇنداقتا، ھەر كىم ئۆز ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلسۇن،  بىر يىلدىن كىيىن مۇشۇ يەردە ئۇچىرىشايلى» دېدى.   بىر يىلدىن كىيىن كۆپچىلىك شۇنى بايقىدىكى،  يۇقىرىقى ئۈچ خىل چارىنىڭ ھېچقايسىسى ئۈنۈم بەرمىگەن ئىدى.  بىردىن- بىر ئۇسۇل شۇكى، بۇ يەرگە زىرائەت تېرىش كېرەك ئىدى.  زىرائەت تېرىغاندىلا، ئوت-چۆپ باسقان ئېكىنزار ھاياتى كۈچكە تولىدۇ.   دېمەك،   گۈزەل قەلىبكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن  ئۇنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن بېزەش كېرەك.  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى بىر مۇرەككەپ مۇساپە. ساغلام روھ،  ئەتىراپلىق بىلىم،  ئېسىل پەزىلەت،  مۇكەممەل ئىقتىدار… بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىمىز.

مېنىڭچە ئېسىل پەزىلەت بولسا،  ئادەم بولۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي ساپا.   شۇڭا، سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى جەريانىدا، سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنىڭ: ــ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت،  كۈچلۈك ئىرادە،  يوقىرى ساپا، سەۋرىچانلىق،  گۈزەل ئەخلاق،  قىياپەت،  سۆز-ھەركەت،  ھەر قايسى جەھەتتىكى خاسلىق… قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.    مانا بۇلارنى چۈشەنگەندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋە ئۇنى يېتىشتۈرۈشكە زىمىن ھازىرلاپ بېرىدىغان  مائارىپ ئۈچۈن مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان،  ئىجاد قىلالايدىغان،  قول سېلىپ ئىشلىيەلەيدىغان  ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرىدىغان،  مائارىپ ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن،  ئەركىن،  دىمۇكراتىك دەرسخانا مۇھىتىنى تەكىتلەيدىغان،  مائارىپ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر،   تەسەۋۋۇر پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرلايدىغان، مائارىپ ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشقان بولالايمىز.

دېمەك، سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايتى ئېغىر،  ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل بولغاچقا،  سىنىپ مۇدىرلىرى ئۈزلۈكسىز تەجىرىبە-ساۋاق يەكۈنلەش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئاستا- ئاستا پىشىپ يېتىلىدۇ. سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنىڭ توپلىنىشى،  سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىدە كاتالىزاتورلۇق رول ئوينايدۇ. ھەر بىر جانلىق مىسال سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ئۈچۈن مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشنىڭ توغرا يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.   شۇڭا بىز بۇ پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتىشىمىز،  كۆپ تەجىرىبە ئالماشتۇرۇپ،  خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىنى تۈرلۈك شارائىتلار بىلەن تەمىنلىشىمىز لازىم.

 

  تۆۋەندە مەن 13 يىللىق سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل  قىلىش ئۇسۇللىرىمنى،بۇ جەرياندىكى كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمنى يولداشلار بىلەن  ئورتاقلاشماقچىمەن.  

  1. ئوقۇغۇچىلار چوڭقۇر-مېھىر-مۇھەببەتكە مۇھتاج.

 

 بىر مۇنەۋۋەر سىنىپ كوللىكتىپى ئۈچۈن چوقۇم : ــ ئىزدىنىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، ئىناق-ئىتتىپاق،  ھەممە ئىش گۈل-گۈلىگە كەلگەن،  ئۆز-ئارا ياردەمدە  ۋە غەمخۇرلۇقتا بولىدىغان كەيپىيات،  تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىدىغان سىنىپ ئىستىلىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇشى زۆرۈر.  مۇشۇنداق كەيپىيات يارىتىش،  مۇشۇنداق سىنىپ ئىستىلى تۇرغۇزۇشتا،   مېھىر-مۇھەببەت ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ.    بەزىلەر  سىنىپ كوللىكتىپى قۇرۇلىشىدا  ئاساسلىقى سىنىپ مۇدىرى بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ باشقۇرىشىغا تايىنىش كېرەك دەپ قارايدۇ.   بۇ ئەلۋەتتە خاتا ئەمەس، لېكىن مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا  ھەقىقىي تەلىم- تەربىيە  ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا،  مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئېغىز ئاچقىلى تېخىمۇ بولمايدۇ.   مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا،   ئاخىرىدا مائارىپنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ۋە نەتىجىسىدىن ئۈمۈد كۈتۈشكىمۇ بولمايدۇ.    دېمەك،  ھەممىمىزنىڭ مۇشۇنداق ھېس-تۇيغۇلىرىمىز بولۇشى لازىم.  

 ئەگەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىسىنى ياخشى كۆرسە، ئوقۇغۇچىسىغا بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر بولسا،  ئۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەقدىرلىشىنى ئوقۇغۇچى ئىلھاملاندۇرۇش دەپ بىلىدۇ،   تەنقىدىنى بولسا ئاسراش ۋە قوغداش دەپ چۈشىنىدۇ.     ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىسىنى ياخشى كۆرمەي،  مۇناسىۋەت جىددىيلىشىپ قالسا،   ئۇنداقتا  ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ماختىشىنى ئالداش،  تەنقىدىنى بولسا قەستەن قۇسۇر چىقىرىپ زىتىغا تېگىش،  يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ئەدىپىنى بېرىش دەپ چۈشىنىدۇ.      شۇڭا مېھىر-شەپقەت سىنىپ كوللىكتىپى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى، تۈۋرىكى،   روھى ۋە جېنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    مېنىڭ ھازىر تۇتىۋاتقان سىنىپىم تولۇقسىز 1-يىللىق، سىنىپىمدا سەيىدەم دەيدىغان بىر قىز ئوقۇغۇچۇم بولۇپ، دائىم دەرسكە كېچىكەتتى، ئاغزى بىزەپ ، قىز ساۋاقداشلىرى بىلەن پېتىشالمايتتى،  شۇڭا ساۋاقداشلىرى ئۇنى ئارىغا ئېلىشنى، يېقىنلىشىشنى ئانچە خالىمايتتى،  ئۇنىڭ داۋاملىق كېچىكىشى بىلەن سىنىپىمىزنىڭ ھەپتىلىك دېژورنىلىق نومۇرى تارتىلىپ مەدەنىيەتلىك سىنىپ بولىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈگەن ئىدى،  پۈتۈن ساۋاقداشلارنىڭ تىرىشچانلىقى  بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كېچىكىشى سەۋەبلىك نومۇر تارتىلىپ بىكارغا كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلەشتىم،  سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭغا قىلمىغان ياخشى گېپى قالمىدى،  لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزگەرمىدى،  شۇ سەۋەبلىك سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئۇنىڭغا نارازىلىق پىكىرى تۇغۇلدى،  ئاخىرى سەيىدەم بارا-بارا جىمغورلىشىپ، كۈن بويى يالغۇز يۈرىيدىغان،  مىسكىن كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى،  مەنمۇ ئۇنىغا تەربىيە بېرىشكە باشلىدىم، ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆپ قېتىم سۆلەشتىم … بۇ قىز بىلەن كوللىكتىپتىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى تەشكىلى ئىنتىزام، ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا نۇرغۇن قېتىم سۆزلەشسەممۇ، سۆھبەت سۆھبەت پېتى قېلىۋەردى، ئۇنىڭغا قىلغان گەپلىرىم پەقەت ۋاقىتلىق تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولدى،  بەزىدە ئۇ ھەپتىدە 3،4  قېتىم كېچىكىپ كېلىدىغانمۇ بولدى،  بۇ ئىش سەۋەبىدىن مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە سۆھبەتكە باردىم.

    بايقىدىمكى ئائىلىدە كىر يۇيۇش،  ئۆي تازىلاش،  تاماق ئېتىش، ئۆز تۇرمۇشىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىش شۇنداقلا سەككىز ياشلىق ئىنىسىنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، سەۋەبى بىر يېشىدا ئاپىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ ھازىر  ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان ، دادىسى سىرتلاردا سودا ئىشى بىلەن يۈرۈپ نەچچە ئايلاپ ئۆيگە كەلمەيدىكەن،  ئۆگەي ئانا كۈنلۈك ئىشلەپ ئائىلىسىنى قامدايدىكەن.  ئائىلىدە پەقەت ھەدە-ئىنى ئىككەيلەنلا بىر-بىرىگە ھەمدەمدە بولۇپ ئۆتىدىكەن، ئائىلە شارائىتىنىڭ مۇشۇنداق بولۇشى تۈپەيلىدىن ئۆز-ئۆزىنى ناھايىتى تۆۋەن كۆرىدىكەن،  باشقىلار بىلەن ئارلىشىشنى خالىمايدىكەن دوستلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتكەچكە روھى جەھەتتىن تولىمۇ چۈشكۈن ئىدى،   ھەر كۈنى ئائىلە ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېينلا ئاندىن تاپشۇرۇق ئىشلىگەچكە ناھايىتى كەچ ئۇخلايدىكەن، سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئاۋۋال ئۇكىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئاندىن ئۆز ئىشىغا تۇتۇش قىلىدىكەن…

    ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئەھۋالىنى كۆرۈپ ھەم بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى ئاڭلاپ،  مەن ئىنتايىن تەسىرلەندىم.  ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بۇ قەدەر جاپالىقلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئۇنىڭ كېچىكىشى سەۋەبسىز ئەمەسكەن،  باشقا ئوقۇغۇچىلار «ئاغزىنى مىدىرلاتسىلا تامىقى تەييار، قولىنى سوزسىلا كىيىمى تەييار» بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا، ئۇدۇل بېرىپ ئاتا-ئانىسىغا ئەركىلەيدۇ.  لېكىن ئۇچۇ؟  ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماستىن، يەنە ئۇكىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك،  كىچىككىنە بالىغا كەلگەن  نىمە تارتقۇلۇق  بۇ؟!   ئويلىغانسېرى ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى،   مەن ئۇنىڭغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىش،  ئۇنىڭغا ھەم ئاتىلىق ھەم ئانىلىق مېھىر بېرىش قارارىغا كەلدىم.   مەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇنىڭغا،  ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىش قىلغانلىقىنى،  ئۇنىڭ قەيسەرلىكلىكىنى،  ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساۋاقداشلىرى ئىلگىرى بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر بولغاچقا،  ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ،  ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم.   كېتەر ۋاقتىمدا،   ئۇنىڭ چېھرىدە مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى.  ئۇ مېنى خېلى يەرگىچە ئۇزىتىپ كېلىپ:

  -مۇئەللىم، قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ- دىدى.   ئۇنىڭ بۇ خىل ئەدەبلىك مۇئامىلىسىدىن تەسىرلىنىپ، ئىچ-ئچىمدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم.  ئىككىنچى كۈنى  مەن ئەتىگەنلىك ئوقۇش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سىنىپتا مەخسۇس ئۇنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق ئوقۇچىلارغا سۆزلىدىم.  ئۇنىڭ كېچىكىپ قېلىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردۈم.  ئاخىرىغا كېلىپ، بۇنىڭدەك قەيسەر،  چىداملىق  ئوقۇغۇچىنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشكە ئوقۇغۇچىلارنى سەۋپەرۋەر قىلدىم.

 

     شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئوقۇغۇچىلاردىكى خاتا كۆزقاراش ئۆگىرىپ،  بۇ ساۋاقدىشىغا ھەربىر ئوقۇغۇچى ياردەم قولىنى سۇزدى،  ئىقتىسادى جەھەتتىن، جىسمانىي جەھەتتىن،  روھى جەھەتتىن ئارقا-ئارقىدىن  ياردەمگە  ئېرىشكەن  بۇ ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈپ،   بارا-بارا جىمغورلىقنى تۈگىتىپ،  خوشال يۈرىيدىغان بولدى.  شۇنىڭدىن كېيىن كېچىكمەيدىغان بولىدى.  بۇنىڭ بىلەن سىنىپنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ ياخشى بولۇشقا باشلىدى.

    مەن ئويلاندىم،  ئەگەر شۇ چاغلاردا مەن ئاددىي ھەم قوپال ئۇسۇللار بىلەن ئۇنى جازالىسام،  بەلكىم ئىشنىڭ نەتىجىسى ھازىرقىنىڭ  دەل  ئەكسى  بولۇشى مۇمكىن.  مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىپ قالغاندا،  سىنىپ مۇدىرلىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ،   تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئاساستا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شۇ ئوقۇغۇچىغا يېقىنلىشىپ،   ئۇ ئېرىشەلمىگەن مېھىر-شەپقەتنى ئۇنىڭغا بېغىشلاپ،  ئۇنىڭ ھېسسىياتىغا،  تۇرمۇش پوزىتسىيىسىگە  ۋە كۆز قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ،  چىن يۈرىكىدىن كۆيۈنىشى كېرەك.   تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەمدە بولۇپ،  تۇرمۇشقا ئىشەنچ تۇرغۇزىشىغا تۈرتكە بولۇشى لازىم.

       

     مەن بىرنەچچە يىللار ئىلگىرى مۇنداق بىر گېزىت خەۋىرىنى ئوقۇغان ئىدىم،  ھېكايە مۇنداق يېزىلغان.

مېھىر-مۇھەببەت ئۇنى يىراق ئوكيانغا يولغا سالدى

     ئۇدا سەككىز يىلدىن بۇيان،  ھەر قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا  مەن  ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ سېئاتل شەھىرىدىن ئەۋەتىلگەن تەبرىكلەش كارتىسىنى ھەم ئۇنىڭغا قوشۇپ ئەۋەتىلگەن كېلىشكەن بىر يىگىتنىڭ سۈرىتىنى تاپشۇرىۋالىمەن. ھەر قېتىم ئۇنىڭ سۈرىتىگە قارىغىنىمدا،  خىيال كەپتىرىم مېنى ئەينى ۋاقىتتىكى تولۇقسىز 3-يىللىقنىڭ دەرسخانىسىغا باشلاپ بارىدۇ.   ئۇ يىگىت مېنىڭ ئىككىنچى قارار ئوقۇغۇچۇم  مىرزات ئىدى.

   ئېسىمدە قېلىشچە،  مىرزات ئەقىللىق، چېچەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئالغا ئىنتىلىدىغان ئوقۇغۇچى ئىدى.  نەتىجىسى ھەردائىم سىنىپتىكى ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە بولاتتى، ئۇنۋېرسال ساپاسىمۇ خېلى يوقۇرى ئىدى.   ئەپسۇس،  تولۇقسىز 3-يىللىقنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمىگە كەلگەندە، ئەزەلدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مەغرۇر يىگىت نىمە ئۈچۈندۇر تويۇقسىزلا كەم سۆز، دائىملا غەمكىن يۈرۈيدىغان بىر دەرتمەنگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى.  ئىلگىرى خەنزۇتىلى دەرسى ۋاقتىدا ئۇ ھەمىشە ئاكتىپ پىكىر قىلاتتى،  لېكىن ھازىر ھاڭۋېقىپ خۇددى ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمايۋاتقاندەك ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالغانىدى.  باشقا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ مىرزاتنىڭ تويۇقسىز ئۆزگىرىشلىرىنى ماڭا ئارقا- ئارقىدىن دوكلات قىلغىلى تۇردى.   بۇ مېنى قاتتىق چۆچىتىۋەتتى.  مىرزات يېقىندىن بېرى ماتېماتىكا تاپشۇرۇقىنى تاپشۇرمايدىغان، تاپشۇرسىمۇ چالا ئىشلەپلا بولدى قىلىدىغان،  ھەتتا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئاگاھلاندۇرسىمۇ پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى.  بىر قېتىم مىرزات دەرسكە جاۋاب بېرەلمىگەندە، ئوقۇتقۇچى ئۇنى بىر نەچچە ئېغىز تەنقىدلىگەن،  ئۇ دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتكىلى تاسلا قالغان،  بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا،   مىرزات راستىنلا بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققان ئوخشىمامدۇ؟

    مەن مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم.     مەن ئاۋۋال  ئادەتتە مىرزات بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان  بىر  نەچچە ساۋاقداشنى ئەھۋالنى ئىگىلەپ بېقىش  ئۈچۈن چاقىرىتتىم. ساۋاقداشلارنىڭ دېيىشىچە،  مىرزات بۇرۇنقىغا تامامەن ئوخشىمايدىغانلا بولۇپ قالغانىدى.  ئۇ ھازىر ئاساسەن ھېچقانداق پائالىيەتكە قاتناشمايتتى.  كۈن بويى سىنىپتا  ھاڭۋاققىنىچە ئولتۇرۇپ قالىدىغان،  بىر كىمگە ئالدىراپ گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالغان،  تېخى بىر نەچچە قېتىم  يېقىن دوستىغا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن بەخىتسىز بولۇپ قالغانلىقىنى،  ئوقۇغۇسى كەلمەيۋاتقانلىقى ئېيتقانىكەن. ئارىدىن بىر ساۋاقدىشى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجىرىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيىتتى.  بۇ ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەن مىرزاتنى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ بېقىشنى قارار قىلىدىم.  مىرزات ماڭا ھەممە بەخىتسىزلىكلىرىنى ئېيىتىپ بەردى.

    يېرىم يىل ئاۋۋال،  ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مىجەزى كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ،  ئۇ سوتتىن دادىسىغا بۇيرۇپ بېرىلگەنىكەن.   شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئائىلىسى ۋەيران بولۇشنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپتۇ.   لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي بەخىتىسىزلىكلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭ بېشىغا كېلىشكە باشلاپتۇ،  دادىسىنىڭ ئىدارىسى كادىرلار ئىسلاھاتى قىلىپ، دادىسى ئىش ئورنىدىن قاپتۇ.   ئەزەلدىن «تۆمۈر تاۋاق» نىڭ ئېشىدىن بەھرىمان بولۇپ كېلىۋاتقان دادىسى ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن ۋاقتىنچە بىرەر يېڭى خىزمەتكە ئېرىشەلمەپتۇ.  ئەسلىدە مۇلايىم، كۆيۈمچان دادا بۇ ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا مىجەزى بارا-بارا چۇسلىشىپ، دائىم مەست يۈرۈيدىغان، قىلدىن قىيىق كەتسە نەرسە كېرەكلەرنى ئاتىدىغان …. بولۇپ قاپتۇ.  مىرزات ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكىنى سۆزلەپ بولۇپ، بەختنىڭ نىمىشقا ئۆزىدىن شۇنچە تېز يىراقلىشىپ كەتكىنىنى،  ئىستىقبالىنىڭ زادى نەدىن نەگىچە ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىنمۇ قورقىدىغانلىقىنى،  ھېچ ئوقۇغۇسى يوقلىقىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا تېگىشلىك تەسەللىي بېرىپ،  نۇغۇن داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھايات يولىدا نۇرغۇن بەخىتسىزلىكلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،  قاتمۇقات ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا قىلچىمۇ باش ئەگمەي ئاخىرى مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىغا ئائىت ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردىم.   لېكىن مىرزاتقا بۇلار ئانچە تەسىر قىلمىغاندەك كۆرۈنەتتى.    ئۇ يەنە ماڭا:

-مۇئەللىم،  سىزنىڭ سەمىمىي كۆڭلۈڭىزنى چۈشەندىم.  لېكىن مەن ئۈچۈن ھەرقانداق تەسەللىيمۇ ئارتۇقچە،  مېنىڭ بەخىتسىزلىكىمنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ،- دېدى.

    ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن بەجايىكى،  ھاياتلىقتىن بىزار  بولۇپ،   ھەممە نېمىگە پەرۋاسىز قارايدىغان بىر دەرۋىشنىڭ سىماسى گەۋدىلەندى.

     مەنمۇ قۇرۇق تەسەللىينىڭ  ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى  ئوبدان بىلىمەن.   شۇڭا مەن مىرزاتقا باشقا ئامال-چارىلەرنى ئويلاپ بېقىشىم كېرەك. سىنىپ يىغىنى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،  ئۇنىڭغا تەربىيە بېرىپ،  تەسىرلەندۈرپ باقسام قانداق بولار؟ شۇنىڭ بىلەن مەن بىر نەچچە سىنىپ ھەيئەتلىرىنى يىغىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە «ئوڭۇشسىزلىققا قانداق تاقابىل  تۇرۇش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا نوقتىلىق سىنىپ يىغىنىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلىدىم.   مەن سىنىپ يىغىنىدا،  ساۋاقداشلارغا نۇرغۇن داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارنى قانداق جاسارەت بىلەن يەڭگەنلىكى ھەققىدە  نۇرغۇن ھىكايىلەرنى  سۆزلەپ بەردىم. ساۋاقداشلارمۇ بەس-بەستە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،  ئۆزىنىڭ «ئوڭۇشسىزلىق» دېگەن ئىبارىنى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى،  ھەم ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا «جاڭ خەيدى»،  «خېلېن كېللېر» لاردىن  ئۆگىنىپ، ئوڭۇشسىزلىقلارغا تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن قەيسىرانە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى، ئوڭۇشسىز مۇھىت ئىچىدە ھاتلىققا،  تۇرمۇشقا ۋە مۇھەببەتكە يول ئېچىپ، ئۆزىنىڭ تېگىشلىك قىممىتىنى يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.  مىرزات بولسا باشتىن- ئاخىر بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئولتۇرۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.   ئۇنىڭدا بىرەر تەسىرلەنگەنلىك ئىپادىسى كۆرۈنمەيتتى.   بۇ بىر مەيدان قىزغىن ھېسسىياتتا داۋاملاشقان سىنىپ يىغىنى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك  ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

   دەرستىن كىيىن مەن قايتا ئويلىنىپ باقسام، دەرۋەقە مىرزاتنىڭ ئەھۋالى نە «جاڭ خەيدى» نىڭكىگە، نە«خېلېن كېللېر»نىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن.   بۇ نامدار شەخىسلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلىرى مىرزاتنىڭ ئوڭۇشىسىزلىقلىرى بىلەن ھېچقانداق ئورتاقلىققا ئىگە ئەمەس ئىكەن.  بۇ خىل نوقۇل مىسال بىلەن تەربىيلەش ئۇسۇلى مىرزاتقا قىلچىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىگى ئانچە ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەسكەن.   ئۇنداقتا ئۇنىڭ يېنىدىكى تونۇش ئادەملەر ۋە ئىشلاردىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا تەسىر قىلساق،  بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق بولارمۇ-يا؟!

  

     مەن تۇيۇقسىز مۇنداق بىرئىشنى ئەسلەپ قالدىم.   يېقىندا ماھىرە مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدىكى دىلشاتنىڭ ئۆيگە ئوت كېتىپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغاننى ئاز دەپ، يەنە ئاتا- ئانىسى ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنىدى.  دىلشاتنىڭ ئۆزىمۇ كۆيۈپ ئېغىر يارىلانغان بولۇپ،  مېيىپ بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىمۇ چوڭ ئىدى.  بىراق دىلشات ھەر كۈنى دىگۈدەك بىرەر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈپ، ئۆزىنىڭ ھامان دەس تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاپ، دەرسخانىغا قايتىدىن كېلەلەيدىغانلىقىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن تەلپۈنۈپ ياتاتتى. بۇ ساۋاقداشمۇ مىرزاتقا ئوخشاشلا مەكتەپ ۋاسكىتبول ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ،  مىرزات چوقۇم تونۇيتتى.   شۇنىڭ بىلەن مەن مىرزاتنى ئېلىپ، دوختۇرخانىغا دىلشاتنى يوقلىغىلى باردىم.   ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ۋاسكىتبول مەيدانىدا ئۆزىنىڭ كېلىشكەن قامىتى بىلەن كىيىكتەك چېپىپ ئوينايدىغان راۋۇرۇس بىر يىگىتنىڭ مانا ئەمدى بىر ئىستاكان  قايناقسۇنىمۇ  باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز ئىچەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،  مىرزاتنىڭ چىرايىدا ئەپسۇسلىنىش ۋە ئىچ ئاغرىتىش ئالامەتلىرى پەيدا بولدى.  دىلشات ھەركۈنى ئۆزىنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى،   بىردىن- بىر ئارزۇسى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، مەكتەپكە قايتىش ئىكەنلىكىنى،  ئەگەر شۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلىسە، ئۆزىنىڭ مەكتەپ ھاياتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ،  تېخىمۇ ياخشى ئوقۇيدىغانلىقىنى سۆلەپ ئۆتتى.  مىرزات ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلىدى.

    شۇ كۈنى چۈشىتىن كېيىن،  ئۇلار خېلى ئۇزۇن مۇڭداشتى.  قايتىش يولىدا، مىرزات ئاخىرى ماڭا ئېغىز ئاچتى:

  -مۇئەللىم،  مەن ئائىلىمىزدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئۇزۇندىن بېرى ھېچ قوبۇل قىلالمايۋاتقانىدىم.  مەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ساۋاقداشلىرىمنى بۇنىڭدىن كېيىن مېنى كۆزگە ئىلماي قالارمۇ؟ مەندىن يىراقلىشىپ كېتەرمۇ؟ دەپ ئەنسىردىم. بۇ دۇنيادا مەندىنمۇ بەختسىز ئادەم بولمىسا كېرەك دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن.  بۈگۈن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، بۇ دۇنيادا مەيلى كىملا بولمىسۇن،  تويۇقسىزدىن ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق بەخىتسىزلىكلەرگە يولۇقىشى مۇمكىن ئىكەن، دىلشات بىلەن سېلىشتۇرغاندا مەن تېخى كۆپ تەلەيلىك ئىكەنمەن.

  _شۇنداق،  ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز چوڭ جەھەتلەردىن ناھايىتى بەختلىك ئۆتىۋاتىدۇ.  ھەقىقىي«بەخىتسىز» لىكنىڭ زادى نېمىلىكىنى بىز نۇرغۇنلىرىمىز تېخى ھېس قىلىپ باقمىدۇق،  ئەكسىچە  ئازراقلا  ئوڭۇشسىزلىققا  يولۇقساق، تۇرمۇشقا بولغان ئېتىقادىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ،  ئىستىقبالىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق.  بىز ھەممىمىز مۇشۇنداق چاغلاردا بىزدىنمۇ بەك ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققانلارنى كۆپرەك كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىشىمىز كېرەك.  قارا، ئۇلار بىر- بىرىدىن قەيسەر، تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا توغرا پوزىتسىيە تۇتالايدۇ.  ئەجىبا،  سەن شۇنداق قىلالمامسەن؟ -دېدىم مەن جاۋابەن.  

    شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە،   مەن مىرزاتنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيىسىدە خېلى ياخشىلىنىشنىڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم.  يەنە بىر قېتىملىق سىنىپ يىغىنىدا مەن ئوقۇغۇچىلارنى ياشانغانلار ساناتۇرىيىسىگە ۋە يىتىم بالىلار دارىلتامىغا ئاپىرىپ، ياخشى ئىش قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم.  ياخشى ئىش قىلىش بۇ پائالىيەتنىڭ بىر مەقسىتى بولسا، تېخىمۇ مۇھىمى، ئەمەلىيەتتە مەن مىرزات ۋە شۇ قاتارلىق تېخى بەخىتسىزلىكنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان، ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقۇپ باقمىغان بالىلارغا بۇ يەردىكى نۇرغۇنلىغان تېخىمۇ بەخىتسىز بالىلارنى كۆرسىتىپ،  ھەتتا شۇلارنىڭمۇ پارتىيە ۋە جەمئىيەتنىڭ غەمخورلىقىدا تۇرمۇشتىن بەھىر ئېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ،  ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ئۇلارنى تەربىيىگە ئىگە قىلىپ،  ئۆزى ھازىر بەھىر ئېلىۋاتقان بەختىنى قەدىرلىشى كېرەكلىنى ھېس قىلدۇرۇش ئىدى.

    يەنە بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن،   مىرزات تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشخانىغا مېنى ئىزدەپ كېلىپ،  مەندىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورىدى  ھەم مېنىڭ ئۆزى ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئەجىر سەرپ قىلىپ،  ئۆزىنى نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىگە قىلغانلىقىمدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ،  بۇنىڭدىن كېيىن قايتىدىن روھلىنىپ،  تىرىشىپ ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    مەن ئۆز ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمەي،  تېگىشلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىمدىن سۆيۈندۈم.  تارتمامدىن لىياڭ چىچاۋ يازغان «شىجائەت ھەققىدە» دېگەن ماقالىلەر توپلىمىنى چىقىرىپ،  ئۇنى ئوقۇپ بېقىشقا تەۋىسسىيە قىلىدىم،  ھەم بىر پارچە ئوقۇشتىن كېيىنكى تەسىرات يېزىشنى تاپىلىدىم،  ئەتىسى مىرزات تەسىراتىنى يېزىپ كەپتۇ،  مەن قايتا- قايتا ئوقۇپ چىقتم،  بۇ تەسىراتنى ئۆزىنىڭ چىن، سەمىمىي ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن شۇنداق تەسىرلىك ھەم چوڭقۇر مەنىلىك يازغانىدى،  شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭدىن «ئۇزاق ۋاقىت يۈز ئۆرىگەن ئىشەنچ ۋە چىرايىدىن ئۇزاق ۋاقىت غايىپ بولغان تەبەسسۇم» ئۇنىڭ چىرايىدا قايتا جىلۋىلەندى.   قەلبىمدە باشقىلارغا ئۇستاز بولۇشتىن پەيدا بولغان خۇشاللىق ھەم رازىمەنلىك دولقۇنلىرى ئۆركەشلىدى.

    يەنە بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇشتىن كېيىن،  مىرزات يۇقىرى نەتىجە بىلەن نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا ماڭدى،  يەنە ئۈچ يىلدىن كېيىن،  ئۇ يەنە شۇنداق يۇقىرى نەتىجە بىلەن شاڭخەي تىببىي پەنلەر ئونۋېرستىتىنىڭ لەنجۇدىكى تەييارلىق سىنىپىغا ئوقۇشقا ئۆتتى،  كېيىن خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،  يەنە ئىدارىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ياپونىيىدە  ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.  مانا ئۇ ھەر قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا،  يىراق ئوكياننىڭ ئۇ قېتىدىن ماڭا بەخت تىلەشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.   مۇشۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىمدىن پەخىرلىنىپ،  بەخت تۇيغۇلىرىغا چۈمۈلىمەن.

    بۇ مىسالدىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئوقۇغۇچىلارغا مېھرىبان بولۇشىمىز لازىم.  قەلبىمىزدە كۈچلۈك مۇھەببەت بولسىلا،  ئاندىن پۈتۈن جىسمىمىز ۋە ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا بارلىقىمىزنى ئاتاپ،  ۋاقىت چىقىرىپ ئىزدىنىپ،  ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئايرىم مەسىلىلەرنى توغرا ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ،  ئۇلارنى چىن قەلبىمىزدىن تەسىرلەندۈرۈپ،  ئۇلاردا ئىشەنچ ھەم شىجائەت پەيدا قىلىپ،  توغرا تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە قىلالايدىكەنمىز.   پەقەت چىن مېھىرىمىز بىلەن كۆيۈنسەكلا،  ئوقۇغۇچىلارمۇ بىزنى ئېتراپ قىلىپ،  بىزنىڭ تەلىم-تەربىيىمىزدىن تىگىشلىك نەپ ئالالايدىكەن.

 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif