ئانا تىلىمنىڭ قىممىتى ۋە ھىممىتى

ۋاقتى: 2012-02-06 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 339 قېتىم / 4 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

ئانا تىلىمنىڭ قىممىتى ۋە ھىممىتى

 

 

  ئانا تىل ئانامنىڭ تىلى،مەن ئانامنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان دەپ قارىغاچقا، ئۇنى جېنىمدىنمۇ ئېزىز كۆرىمەن، قەدىرلەيمەن، ھۆرمەتلەيمەن. ماڭا زۇۋان بېرىۋاتقان بۇ تىلىم مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك. ئۆز ئانامنىڭ قىممىتىنى ھېچقانداق ئالتۇن-كۈمۈش، دۇر-گۆھەرلەر بىلەن تەڭلەشتۈرەلمەيمەن. ئانام كەتسە ئۇنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيمەن، پۇلغا سېتىۋالالمايمەن. تىلىممۇ شۇنداق.شۇڭىلاشقا بۇ ئەزىز تىلىمنى مېنى توغقان ئۆز ئانام بىلەن باغلاپ ئۇنى مەڭگۈ قىممىتى ئۆزگەرمەيدىغان مۇقەددەس نەرسە دەپ بىلىمەن.شۇڭا ئۇنى قەدىرلىشىم،ھۆرمىتىنى قىلىشىم،قوغدىشىم،ئاسىرشىم كېرەك.ناۋادا مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام، چەكسىز ئازاپ-ئوقۇبەتتە ئاھ ئۇرغۇچى،ھايات تۇرۇپ ئۆلگۈچىگە ئايلىنىمەن.ئانام مېنى تۇغقان،ئانا تىلىم مەن قەدىرلەيدىغان،ئەڭ يۈكسەك دەپ قارايدىغان مىللىتىمنى تۇغقان.

ئانا بولمىسا بالا نەدە؟بالا بولمىسا،ئانا نەدە؟ئانا تىلىم بولمىسا،مىللىتىم نەدە؟مىللىتىم بولمىسا،ئانا تىلىم نەدە؟بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاش يول بىلەن باغلىنىشى مېنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇردى.توغرا،تىل بىلەن جەمىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرگەن ئوقۇتقۇچى ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ دىئالىكتىكىلىق مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.دىئالىكتىكىلىق مۇناسىۋەتنىڭ بىرسى بولمىسا يەنە بىرسىمۇ بولمايدىغانلىقىدەك قانۇنىيىتى دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرگە ئايان. ياق،بۇ يالغۇز مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ئىختىرا قىلغان نەزىرىيە ئەمەس،ئىنسانىيەت جەمىيىتى ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق جاكارلىغان جاكارنامە.ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۇشۇ تىل بىلەن جاھانغا تونۇلغان،مۇشۇ تىل بىلەن ئۆچمەس مەدىنىيەتلەرنى ياراتقان،مۇشۇ تىل بىلەن ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن.ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئەجداتلارنىڭ گېپىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ،بۇ تىلنى ھازىرغىچە يەتكۈزۈپ كەلگەن.

نۇرغۇن تىللاردا ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلىقىدا تۇرىدىغان ”تىل“بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش قورالى بولغان ”تىل“ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.چۈنكى بۇ ئىككى سۆز ھەم فىزىئولۇگىيىلىك جەھەتتىن،ھەم ئىجتىمائى خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ئوخشاشلىقنى ھاسىل قىلغان.تاماق يىيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ”تىل“كىشىلەرنىڭ فىزىئۇلوگىيىلىك جەھەتتىكى مەۋجۈتلىقىنى ساقلاشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئەزا؛ئالاقە قورالى بولغان ”تىل“مىللەتنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ساقلايدىغان بىردىنبىر بەلگە.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى“تىل“نىڭ ھەمكارلىقى بىلەنلا بىز راۋان سۆزلەش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئادەمنىڭ ھايات-ماماتى،مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى تولۇستوي“ تىل-مىلىيۇنلىغان ئەۋلادلار تەرپىدىن يارىتىلغان تىرىك جاندۇر“دىيىش ئارقىلىق تىلنىڭ تەن ھەم جان بىلەن بىردەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇڭىلاشقا، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا قوغدىمىسا،ئاسىرمىسا بولمايدىغان بىباھا گۆھەرلەردۇر.تاماقنى ئۆز تىلى بىلەن تېتىپ يىيىش بىلەن باشقىلارنىڭ تىلى بىلەن تېتىپ يىيىش ئوتتۇرسىدىكى پەرقنىڭ قانداق بولدىغانلىقنى ئەمدىلا چىشى چىقىۋاتقان بوۋاقمۇ پەرىقلەندۈرەلىگەچكە،باشقىلار چايناپ بەرگەن تاماقنى دەرھال ياندۇرۇپ چىقىرۋىتىدۇ.بىزنىڭ ئالاقە ۋە تەپەككۇر قورالىمىز بولغان ئانا تىلىمىز بىزگەمەدىنىيىتىمىزنىڭ،ئۆرپ-ئادىتىمىزنىڭ،سەنئىتىمىزنىڭ تەمىنى ئۆز پېتى يەتكۈزگۈچى.خىياللىرىمىز،ھېسىياتلىرىمىز،تەپەككۇرلىرىمىزنى ئۆز پۇرىقى بىلەن دىمىقىمىزغا ئۇرغۇچى.ئۇنداق بولسا،سىز زادى قايسى يولنى تاللىماقچى؟ئۆز تەم،ئۆز پۇراقنىمۇ ياكى……؟مانا بۇ ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ ئاددىي ھەقىقەت.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ“تىل كىشىنىڭ قەدىرىنى ئاشۇرىدۇ،ئۇنىڭ بىلەن كىشى بەخىتكە ئېرىشىدۇ“دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان.گەرچە ھازىرغا كەلگۈچە ”بەخت“تىن ئىبارەت بۇ سۆزگە ھېچكىم ھەقىقى ئېنىق بىر تەبىر بېرەلمىگەن بولسىمۇ،ھازىرقى تورمۇش رېتىمى،جەمىيەتتىكى كەسكىن رىقابەت،مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى توقۇنۇش،سىياسىي ۋە ئىقتىسادى كىرزىس بىلەن كاللىسى قوچۇلۇپ كېتىۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۆز ئانا تىلىدا خىيال سۈرۈش،ئۆز ئانا تىلىدىكى كىتاپ-ماتىرىياللارنى ئوقۇش،ئۆز ئانا تىلىدىكى مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئاڭلاشلارنىڭ ئۆزى ئەڭ زور بەخت.بىز تېخى داۋىدىتنىڭ“ئاخىرقى دەرس“ھىكايىسىدىكى ئەھۋالغا دۇچ كەلمىدۇق، ئۆز تىلىمىزنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمىزدىن بەھرىلىنىپ كېلىۋاتىمىز.بىزگە نىسبەتەن مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر بەخت. ئانا تىلىمىزنى قوغداش، ئاسىراش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە ئىزدەنگىنىمىزنىڭ ئۆزى بىر بەخت.

  ئانا تىلىمىز ئانىمىز بىلەن،دادىمىز بىلەن تەڭ بارلىققا كەلدى.ئانا تىلىمىز ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى زىيادە قىلدى.ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش،تارىخنى ئۇنتۇش بىز ئۈچۈن بىر جىنايەت.ئەجداتلىرىمىزنىڭ تەۋەرۈك ئىزنالىرى قالغان تارىم ۋادىسىدا ياشايدىغان لوپنۇرلۇقلار بۇ ھەقتە بىزگە مۇنداق بىر كوپلىت قوشاقنى قالدۇرۇپ كېتىپتىكەن:

باسقان ئىزىڭ ئۆچىدۇ،

كەلكۈن باسسا قايىرنى(1).

كۈن دەگەلى بولامدۇ،

ئۆتمۈشى يوق ھازىرنى.

قوشۇپ بەرمە خۇدايىم،

بىزگە ئالا باغىرنى.(2)

ئانا تىلىمىز مىللىتىمىز شەكىللەنگەندىن تارتىپ ھازىرغا كەلگۈچە بىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىپ كەلدى.مەھمۇد،يۈسۈپ،ناۋئىدەك بوۋىلىرىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ شۆھرىتىنى ئالەمگە تاراتتى.ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى،ھۆرمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۈتۈردى.مانا ھازىر شۇلاردىن پەخىرلىنىپ يۈرۈپتىمىز.ئوشنىسكى“تىلدا خەلىقنىڭ بارلىقى،ئۇنىڭ پۈتۈن ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ.تىل خەلىقنىڭ ئۆتمۈشى،ھازىرى ھەم كېلەچەك ئەۋلادىنى مۇستەھكەم بىر پۈتۈنلۈككە، تارىخىيلىق ۋە جانلىقىلىق جەھەتتە جىپسىلىققا ئايلاندۇرغۇچى ئەڭ ھاياتى كۈچى كۈچلۈك ، ئەڭ باي، ئەڭ مۇستەھكەم ۋاستىدۇر“ دېيىش ئارقىلىق بىر مىللەت تىلىنىڭ شۇ مىللەتنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلىقىدەك بۇ نوقتىنى ناھايىتى توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

ئانا تىلىمىز ئۆز تەرققىيات مۇساپىسىدە ئەتىۋارلىنىش، قوغدىلىش، ھۆرمەتلىنىشكە ئوخشاش كەچۈرمۈشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئايرىم ھاللاردا سەل قارىلىشقا ئوخشاش كەچۈرمۈشلەرنىمۇ باشتىن كەچۈردى.ئەينى ۋاقىتتا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ ”تۈركى تىللار دىۋانى“نى يېزىپ چىقىشى تۈركىي تىللارنىڭ ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىغا ئوخشاشلا بەيگىدە تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش.دېمەك،شۇ ۋاقىتتا ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان ئەرەپلەر ۋە پارىسلار تۈركىي تىللارغا قارىتا قىسمەن يەكلەشلەرنى ئېلىپ بارغان.15-ئەسىرگە كەلگەندە ئىسلام دىنىنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئەدىبلىرىمىز ئەرەب، پارىس تىللىرىدا ئەسەر يېزىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئۆزتىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشقا سەل قارايدىغان ئەھۋاللار ئەۋىج ئېلىشقا باشلىغان. شۇ ۋەجىدىن، ئەلشىر ناۋايى ئوتتۇرغا چىقىپ تىلىمىزنىڭ غورۇرى ۋە ھۆرمىتىنى قوغدىدى.ھەمدە“مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن“ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ تۈركىي تىلنىڭ باشقا تىللاردىن ئەۋزەل بولغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئانا تىلنىڭ قوغدىلىشى يالغۇز شۇ تىلنى دائىم ئىشلىتىش ۋە قوللىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بىز ئانا تىلغا بولغان ھەقىقىي ھۆرمەتنى ئۇنى تەتقىق قىلىش،ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىش،زامانىۋى نەزىرىيەبىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىڭ باشقا تىللاردىن قالمايدىغان دەرىجىدە ئىپادىلەش كۈچىگە ۋە ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىشىمىز لازىم.بىز ھازىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىقىق قىلىنىش ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىمىزنىڭ يەنىلا يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.تىلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا قەدىمكى زامان قىسىملىرىنىڭ ھەتتا يېقىنقى زامان قىسىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن يوق دىيەرلىك.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تەتقىقاتىمىز كۆپىنچە تىلنىڭ ئەسلىدە بار قانۇنىيەتلىرىنى ئاددىي ھالدىكى خۇلاسىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا.ئۇنىڭ زامانىۋى پەنلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلىشى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس.بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات يېڭىدىن باشلىنىپ بىر قىزىق نوقتىغا ئايلانغان بولسىمۇ،لىكىن ھەر قايسى شەخىسلەر تارقاق ۋە يەككە ھالەتتە تەتقىقات ئېلىپ بارغاچقا،بىرىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى بىلەن يەنە بىرىنىڭ نەتىجىسى ئۆز-ئارا ماس كەلمەيدىغان ئەھۋاللار ھېلھەم ساقلىنىپ كەلمەكتە.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان پېشقەدەملىرىمىز ئارقا-ئارقىدىن بىز بىلەن خوشلاشماقتا.بۇ تىللاغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىز باسارلارنىڭ تەربىيەلىنىشى يوق دېيەرلىك.ناۋادا مۇشۇنداق سۈرەت بويىچە ماڭغاندا بەلكىن بىرەر يۈز يىلغان بارغاندا بۇ تىللارنى بىلىدىغان ئۇيغۇرلار قالماسلىقى مومكىن.بۇ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئەسلى يىلتىزىنى قاراپ تۇرۇپ قۇرتىۋەتكەنلىك.يىلتىزى قۇرىغان دەرەخ يەنە قاچانغىچە كۆكىرىپ تۇرالايدۇ؟بۇ ھەممىمىزگە ئايان.

نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا،ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى بىزدىن بۇرۇن باشقىلار تونۇپ يىتىپ تىلىمىزنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان،بىزگە بىر خىل ھەۋەس بىلەن قارايدىغاندەك قىلىدۇ.روسىيە،ئەنگىلىيە،گىرمانىيە،ئامرىكا،شىۋىتسىيە،تۈركىيە،ۋىنگىرىيەگە ئوخشاش تەرەققىي قىلغان ئەللەر تىلىمىزنى تەتقىق قىلىپ،بىزدىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقتى.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەتئەللەردە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىغا ئائىت ماتىرىياللارنى بىر قۇر ئىزدەپ كۆرۈپ باقتىم.چەتئەللىك ئالىملارنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزنى تەتقىق قىلىشىنى بىزدىن كۆپ ھەم چوڭقۇر ئىكەن.قېنى ھازىر قانچىلىكىمىز ئۆز تىلىمىز بويىچە راۋرۇس ماقالە يېزىپ خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشەلىدۇق؟شىۋىتسىيىلىك دېپلۇمات،ئۇيغۇر شۇناس گۇننار يارىڭ ئەپەندى 1933-يىلىلا ”ئۇيغۇر تىلى فونىتىكىسى ھەققىدە تەتقىقات“دېگەن ماقالىسى بىلەن دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشىپتىكەن.1933-يىللىرى بىز ئۇيغۇر تىلىمىز ھەققىدە قانچىلىك تەتقىقات ئېلىپ بارالىغان.سوۋىت ئىتىپاقىدىكى بىر قىسىم تىلشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىنى ھېساپقا ئالمايدىغان بولساق بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىمىز يوق دېيەرلىك.گابائىن خانىم 1941يىلى ”قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى“نى يېزىپ چىققاندا،بىز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە قانچىلىك بىر ئىش قىلالىغان.ھازىرچۇ؟ھازىر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىۋاتقان قانچىلىك تەتقىقاتچىمىز بار.بۇ ھەقتە قانچىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى روياپقا چىقىرالىدۇق؟ئەڭ ئاددىسى دۆلىتىمىزدىكى خەنزۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتىمۇ ھازىر بىزدىن چوڭقۇر ۋە نەتىجىلىك بولماقتا.ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۈركۈلۈگ ۋە تىلشۇناس گېڭ شىمىن ئەپەندىگە يېتەلەيدىغان ياكى تەڭ قەدەمدە ماڭالايدىغان قانچىلىك تەتقىقاتچىمىز بار؟دەپ كەلسەك سۇئاللار تۆپى-تۆپپىگە ياغىدۇ. بىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا كۆيۈنشىمىز ئۇنى ھەقىقىي قوغدىشىمىز يۈزەكى ھالدىكى ھاياجان بىلەن چەكلىنىپ قالماقتا.بىز ئۇيغۇر تىلىنى ھەقىقىي سۆيسەك ئۇنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى بىلىشكە ئىنتىلىشىمىز،چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىم ئۇنى دۆلەت ئىچىگە ۋە خەلقئاراغا تونۇتىشىمىز كېرەك.مانا بۇنىڭ ئۆزى تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ،ناچار قىسمەتلەرگە يولۇقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىق بولىدۇ.

 

ھازىر خەلقئارادا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچۇرشىشى تىز ھەم قۇيۇق.ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا يەنە باشقا نوپۇزلۇق تىللارنى ئۆگىنىپ شۇلارنى قورال قىلىپ تۇرۇپ،ئۆز ئانا تىلىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش،ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا توختىماي ھەركەت قىلىۋاتماقتا. مەسىلەن ئالايلى، خەنزۇ تىلىنى ئېلىپ ئېيتساقلا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قوللىنىلدىغان 6 چوڭ تىلنىڭ بىرى بولىشىغا قارىماي، ھەر قايسى دۆلەتلەردە كۇڭزى نامى بىلەن مەكتەپ ۋە تەربىيلەش ئاپاراتلىرىنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ خەنزۇ تىلنى ئۆگىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە. باشقىلارغا ئۆز تىلىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۆگەنگۈچىلەرنى ئەڭ قولايلىق تىل ئۆگىنىش ماتىرىياللىرى ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە  كۈچ سەرىپ قىلماقتا.تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىلەن تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنگىلىز تىلىنى ئالايلى، ھازىر ئوخشىمىغان دەرىجە ۋە سەۋىيەدە تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر، بۇلارغا يانداشتۇرۇلغان مەشىقلەر، تۈزۈلگەن لۇغەتلەر، يۇمشاق دېتاللار ناھايىتى كۆپ. تونۇشتۇرۇلغان ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىمۇ نۇرغۇن.شۇڭىلاشقا بىز بۇ تىل ھەققىدە قانداق ماتىرىيالنى ئىزدەپ تاپىمىز دېسەك شۇندىقىنى تاپالايمىز.ئەمدى ئۇيغۇر تىلىغان قاراپ باقايلى.ھازىر تىلىمىزنى ئۆگىنىۋاتقان باشقا مىللەتلەر يوقمۇ.ئەلۋەتتە بار .بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.لىكىن بىزنىڭ تۈزۈلگەن دەرىسلىكلىرىمىز خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە تازا چۈشۈپ كەتمەيدۇ. قوللانغان ئۇسۇللىرىمىز يەنىلا ئەنئەنىۋى، قوللىنىشچانلىقى تۆۋەن. سېتىمچانلىقى يوق.ھازىرغا كەلگۈچە نوپۇزلۇق ئۇيغۇر تىلى ئاڭلاش دەرسلىكى تۈزۈلگىنى يوق. ئېغىز تىلى كۈچەيتىش قوللانمىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنى باشقا مىللەت كىشىلىرى تۈزۈپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ دەرسلىكلىرىدە كۆرىلىۋاتقان خاتالىقلار نەزىرىمىزنىڭ سىرتىدا. بەلكىم نۇرغۇن يولداشلار قىزىل ئەتلەس تاشلىق“ئۇيغۇر تىلىدىن 300جۈملە ”دېگەن كىتاپنى كۆرگەن بولىشى مومكىن مەزكۇر كىتاپتا ئۇيغۇر تىلى تاۋۇشلىرى بىردىن خەنزۇچە خەت بىلەن ئىپادىلەنگەن. ھەر بىر جۈملە خالىغان بىر خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئاھاڭى بىلەن يېزىلغان . مەسىلەن“ياخشىمۇ سىز؟“دېگەن بىر جۈملە“ياكې شى مۇ سى زې“دېگەندەك تەلەپپۇز بىلەن بېرىلگەن. بۇ كىتاپنى ھازىرغا كەلگۈچە ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرى ۋە زىيالىلىرى كۆرمىدىمۇ؟مېنىڭچە كىتاپخانلاردا ئۈن ئالغۇ لېنتىسى بىلەن قوشۇپ سېتىلىۋاتقان بۇ دەرسلىكنى نۇرغۇنلىرىمىز كۆردۇق. لىكىن بىرەرسىمىز چىقىپ بۇ خىل ئىپادىلەشنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان ناچار تەسىرىنى ئوچۇق ئاشكارا تەنقىد قىلىپ باقمىدۇق.

 ئاخىردا مەن ئۆزۈم دەپ بولالمىغان نۇرغۇن دىل بايانلىرىمنى تۆۋەندىكى ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ بايان قىلىشىغا ھاۋالە قىلماقچىمەن.

تىل ئەقىل-پاراسەتكە تىلماچتۇر،بۇ راۋان تىلنى كىشى قەلبىنى يورۇتقۇچى دەپ بىل.

                                                    -يۈسۈپ خاس ھاجىپ

تىل بايلىقى تەپەككۇر بايلىقىدۇ.

                                                                              ن.م.كارامزىن

تىلنىڭ ساپلىقى،مەنە جەھەتتىكى ئېنىقلىقى،ئۆتكۈرلۈكى ئۈچۈن قىلىنىدىغان كۆرەش،مەدەنىيەت قورالى ئۈچۈن قىلىنغان كۆرەشتۇر.بۇ قۇرال قانچىلىك ئۆتكۈر بولسا،قانچىلىك ئېنىقلىققا ئىگە بولسا،ئۇ شۇنچىلىك يېڭىلمەستۇر.

                                                                    -م.گوركى

ئەقلى ھايات جەھەتتىن يۈكسەك كامالەتكە ئىگە بولغان ھەر بىر خەلىقنىڭ تىلى،بەزىبىر ئاجىزلىقلىرىغا قارىماي،ئۆتكۈر ۋە باي تىل ھېساپلىنىدۇ.

                                                                 -چېرنىشىۋىسكى

خەلق تىلى ھەمىشە مىللى روھ بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ.

                                                                                               -ۋ.گۇمبولدت

تىل مىللەتنىڭ قەلبى،تىل-غايە،تۇيغۇ،تەپەككۇرنىڭ جانلىق مۇجەسسەملىنىشىدۇر.

                                                                    -تولىستوي

تىل مىللەتنىڭ ئۆتمۈش ئەجداتلىرى ياراتقان مەدەنىيەتنى،ھازىرقى كىشىلىرى يارىتىۋاتقان مەدەنىيەتنى،كەلگۈسى ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۇلۇغ ئۇچۇر قانىلى.

                                                    -ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن

مىللىي تىل شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى ۋەتىنى سۈپىتىدە مۇقەددەس.تارىخ تېخى مىللىي تىللاردىن مۇستەسنا بىرەر مەدەنىيەت“ئەلئېھرامى“نى ئۇچىراتقان ئەمەس!مەيلى ئاغزاكى نۇتۇق تىلى،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ژانىرلىرىنىڭ تىلى،ياكى يازما ئەدەبىيات ۋە شېئېرىيەت تىلى،ھەتتا مۇزىكا تىلى،ئۇسسۇل تىلى بولسۇن،ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتىگە خاس يېقىملىق ۋە ئىپتىخارلىق.

                                                      -ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن

تىلنى بىلمەي تۇرۇپ،ئېلىنى بىلىمەن دېيىش،تىلنى سۆيمەي تۇرۇپ،ئېلىنى سۆيىشنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

                                                   -ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن

تىلنىڭ ھاياتى-ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىدە:ھەر قانداق مىللىي تىلنىڭ ئېغىزدىن قېلىشى،بولۇپمۇ قىزلار ۋە ئانىلار،يىگىتلەر ۋە ئاتىلار ئاغزىدىن قېلىشى؛ئوقۇتقۇچىلىق ۋە يېزىقچىلىقتىن قېلىشى-ئۇنىڭ ئەجىلىدىن ئىبارەت.ھەر قانداق بىر جانلىق شەيئىگە ئوخشاش،ھەركەتتىن توختاش تىلنىڭ ھالاكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

                                               -ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن

تىل-مىللەت تارىخىنىڭ تېغى،مىللى مەدەنىيەتنىڭ راۋان دەرياسى،مىللى تۇرمۇشنى تىنىقى ۋە يىمىرىلمەس سېپىلى.

                                                        -ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن

تىل ئەسىرلەر داۋامىدا تىرىك پئالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتنىڭ يۈرىكى،قېنى ۋە جېنى.

                                                          -ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن

تىل-مىللەتنىڭ ئالدىنقى بوغۇنلىرى تۇپراققا كىرگەندىمۇ،مىللىي مەدەنىيەتنى ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاساسلىق مىراس.

                                                       -ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن

ھەر مىللەت تىلى خۇددى شۇ مىللەت ياشىغان ئانا زىمىندىن ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان دەريادەك شۇ مىللەت ھاياتىنىڭ تەبىئىي موھىتى،تارىخى مەنزىرسىنىڭ باي ۋە رەڭگارەڭ“مېنىرال“لىرى بىلەن تويۇنغان بولىدۇ.

                                               -ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن

دېمەك،ئانا تىلىمنىڭ قىممىتى دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى تاقا-تۇققا سۆزلىرىم ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ دېيىلدى. ئەمىلىيەتتە تىلنى“ئەرزان“ياكى“قىممەت“لىك ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەىش تامامەن خاتا.لىكىن ھازىرچە مۇۋاپىقراق سۆز تېپىلمىغاچقا،“قىممەت دېگەن بۇ سۆزنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىپ تۇردۇم.دېمەك،ئانا تىلىمىزنىڭ باھاسىز گۆھەر ئىكەنلىكىدە شەك يوق.شۇڭىلاشقا ھەممىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا قۇتلۇق شەۋقىدەك سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىدا بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،

ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر،

 

بۇ ئانا تىل بۇلسا گەر ئامېرىكايۇ، ئافرىقىدا،

سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا،ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر،

 

ئەي ئانا تىل، بىزگە سەن ئۇتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن روھى زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر .

 

 

 

ئىزاھات:

(1)قايىرنى-سۇ لىۋى بىلەن دەريا قېشى ئارلىقىدىكى بوش يەر.

(2)ئالاباغىر-ئالا كۆڭۈل،تۇتۇرۇقسىز

 

 

 

بۇ يازمامنى  ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى خاتىرلىنىدىغان خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ بايرىمىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.

4نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. تىلەك
    2012/02/11 06:13:02

    ئانات تىلنى قەدىرلەش كىرەك.
    «ئۇيغۇر تىلىدىن 300جۈملە » دىگەن كىتاپنى يۇرتىمىزدا بىلمەيدىغانلار بولمىسا كىرەك. بۇ ھازىر يېڭى كەلگەن باشلىقلارغا سوۋغا قىلىنىدىغان كىتاپ بولۇپ قالدى. دۆلەت كادىرلىرى بولسا خەلق ئۈچۈ خىزمەت قىلىدىغان، خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان، ئۇزۇن مەزگىل مۇشۇ ئۇرۇندا خىزمەت قىلىدىغانلار. ھەرگىزمۇ ئۈچ-تۆت كۈنلۈك ساياھەتچى ئەمەس، شۇڭلاشقا بۇ كىتاپ پەقەت شەكىلۋازلىقنىڭ بىر ئىپادىسى خالاس دەپ ئويلايمەن.
    ئىسل يازمىلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز.

    • lopnuri
      2012/02/11 11:28:48

      مېنىڭ بىلەن ئوخشاش مەيداندا تۇرۇپ پىكىر بەرگىنىڭىز ۋە قاراشلىرىمنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن بىز ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ تۈزىتىدىغان مەسىلە ئىدى. ھېلىمۇ ئۈمىدۋار بولۇپ تۇرايلى!

  2. تورباجىن
    2012/02/10 19:16:35

    ئانا تىل ئانامنىڭ تىلى . ماڭا زۇۋان بەرگەن تىل .مەن سىنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن. يازمىڭىزغا تەشەككۇر.

    • lopnuri
      2012/02/11 11:20:37

      سىزنىڭمۇ ئىنكاس يېزىپ مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif