ئىلمىي ماقالە ۋە ئۇنى يېزىشتا ساقلانغان مەسىلىلەر

ۋاقتى: 2011-07-23 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال / كۆرۈلۈشى: 72 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئىلمىي ماقالە ۋە ئۇنى يېزىشتا ساقلانغان مەسىلىلەر

 

ماتىرىياللاردىن تاللاپ رەتلىگۈچى:لوپنۇرى

 

ئىلمى ماقالە- مەلۇم بىر ساھادىكى ئىلمى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىلمى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بايان قىلىدىغان نەزىريىۋى ماقالىدۇر.

مەيلى تەبىي پەن ياكى ئىجتىمائى پەن بىلەن شۇغۇللىندىغانلار بولسۇن، ئۆزنىڭ شەخسى پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىنى، ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئىلمىي ماقالە ۋاستىسىدىن پايدىلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كاللىسىدا مەلۇم بىر تېما ئۈستىدە ئاللىقاچان ئويلىنىپ بولغان، ماتىرىياللارنى توپلاپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنى قەغەز يۈزىگە ئىلمىي ماقالىنىڭ تەلىپى بويىچە چۈشۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشتا مەلۇم قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلمەكتە. گەرچە بەزى ماقالىلەردە يېڭى تېما يۇرۇتۇلغان، يېڭىچە تەتقىقات ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان، كىشلەر كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، شەكلى ئۆلچەملىك بولماسلىق، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق، مەزمۇنى چېچىلاڭغۇ بولۇش سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنماي بىر ياققا تاشلىنىپ قالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنىڭ كەمچىل بولىشى ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقىمىزدا بەزى ناچار خاھىشلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولماقتا. مەن بۇ يازمىنى ئەنە شۇنداق كىشىلىرىمىزگە ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەتتە تەييارلىدىم. بۇ ئارقىلىق قېرىنداشلارغا ئازراق نەپ يەتسە، مەن شۇنىڭدىن مىننەتدار.

تۆۋەندە ئىلمىي ماقالىنىڭ ئالاھىدىلىكى، يېزىلىش شەكلى، قۇرۇلمىسى، نۆۋەتتە بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

 

1.ئىلمى ماقالىنىڭ ئالاھىدىلىكى

 

ئىلمى ماقالە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە:

   1) ئىلمىلىكى.

ئىلمى ماقالىنىڭ ئىلمىلىكى ئاپتۇردىن ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان مەسىلىگە نىسبەتەن شەخسىي ھېسسى كۆز قاراشلارنى، سوبىكتىپ ئويدۇرمىلارنى ئارلاشتۇرماستىن، ئەمەلىيەتكە ماس كېلىدىغان يەكۈن چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆز قاراشنى ئىسپاتلاش جەريانىدا ئامالنىڭ بارىچە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تولۇق توپلاپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىكلىرىنى پاكىت قىلىش، يەكۈنلەرنى پاكىت ئاساسىدا قايتا-قايتا ئويلىنىپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

2) ئىجادىيلىقى

ئىلمىي تەتقىقات بولسا يېڭى بىلىملەر ھەققىدىكى ئىزدىنىش. ئىجادىيلىق ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ جېنى. ئىلمى ماقالىنىڭ ئىجادىيلىقى ئاپتۇرنىڭ مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىگە خاس چۈشەنچىسىنىڭ بولىشى، يېڭى كۆز قاراش، يېڭى نەزىريىلەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

چۇنكى، ئىلمىيلىك ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، يېڭى ھادىسلەرنى بايقاش، يېڭى نەزىريىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ۋاستە. ئىجادىيلىق بولمىسا، ئىلمى ماقالىنىڭ ئىلمىيلىك قىممىتى بولمايدۇ.

 3) نەزىريىۋىلىك

ئىلمىي ماقالە شەكىل جەھەتتىن مۇھاكىمە ماقالىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئەمما ئۇ ئادەتتىكى مۇھاكىمە ماقالىلىرىدىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭدا جەزمەن مەلۇم بىر يېتەكچى نەزىرىيە بولىدۇ، ماتىرىياللارنى كۆرگەزمە قاتارىدا تىزىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ. نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئانالىز قىلىش، تەتقىق قىلىش، ئەسلىدىكى ئويلىغان ھېسسي كۆز قاراشلارنى ئەقلىي كۆز قاراشلارغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تارىخىي ماتىرىيالىزىم ۋە دىئالىكتىكىلىق ماتىرىيالىزىم پىرىنسپلىرىغا ئۇيغۇن بولىشى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشى، ئانالىز قىلىپ ئومۇمملاشتۇرشتىن ئىبارەت ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللانغان بولىشى لازىم.

4)چۈشىنىشلىك بولۇش

بۇ ئاساسلىقى ئاممىباب تىل ئارقىلىق ئىلمى ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىش، ئىشلەتكەن تىل توغرا، ئېنىق، ماسلاشقان، ئىخچام، جانلىق بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

 

2. ئىلمى ماقالىنىڭ يېزىلىش شەكلى

 

1)ماقالىنىڭ تېمىسى ( خەت شەكلى باشقىلارغا قارىغاندا چوڭ ۋە ئۆزگىچە بولۇش)

2) قوشۇمچە تېما

3) ئاپتۇر ( ئىسىم-فامىلىسى، خىزمەت ئورنى،)

4) پوچتا نۇمۇرى

5) قىسقىچە مەزمۇنى( ئادەتتە 150-200 خەتكىچە)

6) ئاچقۇچلۇق سۆز ( 2-4كىچە، ھەر بىر سۆز ئارلىقىدا مەلۇم بوشلۇق بۇلۇش)

7) تېكىست

8) تېكىست ئىچىدىكى تېمىچاقلار

9) ئىزاھلار( ئاپتۇر، ماتىرىيال نامى، بەت نۇمىرى، قۇر نۇمۇرى)

10) پايدىلانغان ماتىرىياللار( ئاپتۇر‹ تۈزگۈچى ياكى يازغۇچى›، ماتىرىيال ئىسمى، نەشرىيات، قايسى يىل، ئاي، كۈن نەشىر قىلىنغان، قانچىچى نەشرى)، بارلىق ئۇچۇرلار مۇشۇ تەرتىپ بويىچە يېزىلىدۇ. بۇ ھەر قايسى ژورناللار ئورتاق ئىشلىتىدىغان تەرتىپتۇر.

11) مىننەتدارلىق خېتى

12) قوشۇمچە

بارلىق ئۇچۇرلار مۇشۇ تەرتىپ بويىچە يېزىلىدۇ. بۇ ھەر قايسى ژورناللار ئورتاق ئىشلىتىدىغان تەرتىپتۇر.

 

3.ئىلمى ماقالىنى يېزىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى

 

(1)تېما تاللاش ۋەماتىرىيال توپلاش

(3)تىزىس يېزىش

(4)ماتىرىيال ئاساسىدا تەھلىل قىلىش ۋە تېكىستىنى يېزىش

(5)خۇلاسە

1)تېما تاللاش ۋە ماتىرىيال توپلاش

تېما تاللاش  ئىلمى ماقالە يېزىقچىلىقىدىكى ئەڭ موھىم ھالقا. چۈنكى، تەتقىقات ئەھمىيىتى بار تېما بولغاندىلا، ئاندىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى، رىئال تۇرمۇشقا پايدا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. تېما تاللاشتا تۆۋەندىكى پىرىنسپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم:

 (1) ئىلمى بولۇش. ئۇ جەزمەن جىددى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى يېڭى بايقاش بولىشى؛ ئىلمى تەتقىقات ساھەسىدىكى كەم قالغان جايلارنى تولۇقلىيالايدىغان بولىشى كېرەك.

(2) قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق بولىشى لازىم.

بۇ تاللىغان تېمىغا نىسبەتەن كۈچلۈك قىزىقىش بولۇش، ئۆز سەۋىيىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش؛ ئاۋال ئاددى ئاندىن قىيىن بولۇش، چوڭ كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولۇش. ئاللىقاچان مۇشۇ ھەقتىكى ماتىرىياللارنى توپلىغان بولۇش.  مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە يېزىپ تۈگىتىش لازىم.

      تېما تاللاش ئۇسۇلى:

(1) تېما بېكىتىشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئاختۇرۇش. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بۇ مەسىلىنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى تەتقىقات ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تولۇقلاشقا تېگىشلىك جايلىرىنى تېپىپ چىقىش.  بۇنىڭ ئۈچۈن كۈتۈپخانىلارغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ژورنال ۋە كىتاپلارنى كۆرۈش. مۇشۇ ئاساستا ماتىرىيال كارتىسى تۇرغۇزۇش لازىم.  بۇ خىل كارتا بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن باشلىنىپ يىل تەرتىۋى بويىچە رەتلىنىشى كېرەك. كارتىنى يېزىش ئۇسۇلى: ئاپتۇر، تېما، ژورنال نامى، بەت نۇمۇرى، قايسى سان قاتارلىقلار.

(2) تەسەۋۇر كۈچىگە تايىنىپ ئاكتىپ پىكىر قىلىش.ماتىرىيال توپلاپ كارتا تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن بۇلارنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەش، رەتلەش جەريانىدا ماقالە تېمىسىنى قانداق قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىش. ئانالىز قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، خۇلاسىلاش، تۈرگە ئايرىش، قوشۇش ۋە قىسقارتىش قاتارلىق ئىلمى تەتقىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ يېڭى تېمىنىڭ كەم جايلىرىنى بايقاش لازىم.

(3) تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ماتىرىيال ئىلمى تەتقىقاتنىڭ ئاساسى، تەييار ماتىرىياللارنى توپلاش ۋە ئاختۇرۇشتىن باشقا، بەزىدە يەنە ئىلمى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشمۇ ناھايىتى موھىم. تەكشۈرۈش ئۆزى بىۋاستە نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە راي سىناش ۋاراقچىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئۆزى بىۋاستە تەكشۈرۈش: يىغىن ئېچىش، قېدىرىپ تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش شەكىللىرىدە بولىدۇ. تەكشۈرۈش جەرياندا ئەسلى ماتىرىياللارنى توپلاش، رەسىم تارتىش، سۆرەتكە ئېلىش، ئاۋاز ئېلىش ياكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى كۆپەيتىۋىلىش لازىم.

 

   2) تىزىس يېزىش

 

(1)تېمىنىڭ نەزىريىۋى ئاساسى

(2)ئەھمىيىتى

(3)ئىجادى تەرىپى

(4)قوللانغان تەتقىقات ئۇسۇلى

(5)ئالدىن بېكىتىلگەن مۇندەرىجىسى

 

3)ماقالە تېكىستىنى يېزىش

 

(1) كىرىش سۆز

(2) باشلاش

(3) ھةر بىر جۈملىنى ئاۋال ئويلاپ، ئاندىن قةغةز يۈزىگة چۈشۈرۈ ش.

(4) ئابزاس ۋة بۆلةكلةرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش

(5) تېكىست ئىچىدىكى تېمىچاقلارنىڭ لوگىكىلىق باغلىنىشىغا دىققةت قىلىش

(6)خۇلاسىلاش

 

4.ئىلمىي ماقالە يېزىش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر

 

نۆۋەتتە ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم نوقسانلارنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1)كۆچۈرمىكەشلىك

2)قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك بولماسلىق

3)مەزمۇنى چېچىلاڭغۇ بولۇش

4)دورامچىلىق

5)قىيىن نوقتىلاردىن ئۆزىنى ئەپ قىچىش

6)ماقالە سودىگەرچىلىكى بارغانسىرى ئەۋىج ئېلىش

7)تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەمچىل بولۇش

8)ھېسياتىغا تايىنىپ قارغۇلارچە ھۆكۈم چىقىرىش

9)ماتىرىيال مەنبەسى تېيىز بولۇش

10)ئىلمى ماقالىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان خادىملار مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش

11)يېزىلغان ماقالىلەرگە قارتا ئىلمى باھالاش كەمچىل بولۇش

مېنىڭ ھازىرچە بايقىغانلىرىم مۇشۇلار، ئەگەر سىز يەنە باشقا نوقسانلارنى بايقىسىڭىز بۇ يەرگە ئىنكاس شەكىلدە يوللىسىڭىز بولىدۇ.

 

                                                          -لوپنۇرى

                                             

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif