سىزنى سۆيۈپ قويايچۇ دادا

ۋاقتى: 2011-07-23 / تۈرى: مائارىپ-پىسخىلوگىيە / كۆرۈلۈشى: 95 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

سىزنى سۆيۈپ قويايچۇ دادا

 

ھەر بېتى كۆز ياشلىرىم بىلەن نەمدەلگەن كىچىككىنە خاتىرە دەپتەرنى تۇتۇپ،ئۆكسۈگىنىمچە،مەن بىلەن تەڭ يىغلاۋاتقان تۇتۇق ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپتىمەن.

مەن بىر ئاتا،لىكىن ئۆز پەرزەنتىنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىغان ئۆز پۇشتىدىن تامغان بالىسىغا مېھرىبانلىق ئاتا قىلالمىغان رەھىمسىز،باغرى تاش ئاتا.مەن مۇشۇنداق يىغلىغانغا ئوماق ئوغلۇم قايتىپ كېلەمدۇ؟ياق،ياق!ئۇ مەندەك ئەقىلسىز-قارا يۈرەك ئاتىنىڭ يېنىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.ئىچىمنى تاتلاۋاتقان روھ غەليانلىرى ماڭا نەپرەتلىك شىۋىرلىماقتا.باشقا ئاتىلارنىڭمۇ مەندەك ئۆمۈرلۈك ئازاپقا قالماسلىقى ئۈچۈن قىسقا،لىكىن ئۇنتۇلماس ھېكايەمنى سىلەرگە سۇنماقچىمەن.

  تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى يېزىدا پۈتتۈرگەن بولساممۇ،ئىچكىردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەندىن كىيىن شەھەرگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم.خىزمەتتە ئۆزۈمگە ناھايىتىمۇ قاتتىق تەلەپ قوياتتىم،خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلدىن كىيىن نەچچە يىل مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن سۆيگىنىم بىلەن ئاددى ،لىكىن تولىمۇ كۆڭۈللۈك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەختلىك ئائىلەمنى قۇرىۋالدىم.ئىككى يىلدىن كىيىن ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلىشى كىچىككىنە غېرىبانە كۈلبىمىزنى تېخىمۇ بەختىيارلىققا چۆمدۈردى.

كاللامدا بالىغا كىچىككىدىنلا ناھايىتى قاتتىق تەربىيە قىلىش كېرەك،دەيدىغان ئىدىيە بولغاچقا،ئۇ يېشىغا توشۇپ بىر نەرسە بىلگۈدەك بولغاندىن تارتىپلا تولىمۇ قاتتىق قول بولۇشقا باشلىدىم.بىر نەرسىلەرنى بۇزىۋەتسە قاپىقىمنى تۈرگەن ھالدا ئۇنىڭ كۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ تەنبىھ بېرەتتىم،مانا مۇشۇنداق ھەيۋە پوپۇزىلار بىلەن بالام مەكتەپ يېشىغا تولدى.

ئۇنىڭ باشقا بالىلاردەك كوچىدا ئوينىشىغا ئاسانلىقچە يول قويمايتىم.مەكتەپتىن كەلگەندىن كىيىنلا يەنە سومكىسىنى ئېچىپ تاپشۇرۇقنى ،نېمە دەرسلەرنى ئۆتكەنلىكىنى سورايتىم.مۇشۇ ئوسال مىجەزىم تۈپەيلى بالام باشقا كىچىك بالىلاردەك شوخ ئەمەس،ناھايىتى ئېھتىياتچان،مۇستەققىل ئىش قىلالمايدىغان يۈرەكئالدى چوڭ بولۇپ قالدى.لىكىن مەن ئۇنىڭ ئەدەپلىكلىكىدىن،دەرستە ياخشىلىقىدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا چوڭ سۆزلىيەلەيتتىم.ئايالىم ئوغلۇمغا قىلغان مۇئامىلەمدىن بەك نارازى ئىدى.لىكىن مەن بالىنى ياخشى تەربىيلىمىسە،ھازىرقى جەمىيەتتە كۆيۈمسىز،ھورۇن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا تالاي قېتىم سۆزلەپ ئېزىپ ئىچۈرۋەتتىم.

مەن باشقىلارنىڭ دادىلىرىغا ئوخشاش بالامغا ئۇيۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەرمەيتتىم،كىچىككىنە بالامنى كىتاپخانىغا ئاپىرىپ،ئۇنىڭ پروفېسورلارغا ئوخشاش كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلاتتىم.بۇ قىلغانلىرىمنىڭ بەكلا چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى شۇ ۋاقىتلاردا بىلسەممۇ،مەن بۇنى پەقەت بالامغا بولغان بىردىنبىر ”كۈيۈنۈش ئۇسۇلى“دەپ قاراپ كەپتىمەن.

ئۇ يېنىمغا كېلىپ،كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ،بالىلارچە سۇئاللارنى سورىغىنىمدا،گېپىنىڭ شېخىغا ئۇرۇپلا،بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى كىتاپنىڭ ئىچىدىن تېپىشقا ياكى مۇئەللىمدىن سوراشقا مەجبۇرلايتتىم.ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن تاكى 5-يىللىققا چىققانغا قەدەر بارلىق ئوقۇش نەتىجىلىرى تولىمۇ ياخشى بولدى.ئەمما ئۇنىڭ مىجەزى بارغانسىرى ئۆزگىرىشكە باشلىدى.تېخىمۇ جىمغۇرلىشىپ،مېنى كۆرسە بىر خىل قورققاندەك قارايدىغان بولۇپ قالدى.

خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بۇنى بالىدىكى دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى پىسخىكىلىق ئۆزگىرىش دەپ قاپتىمەن تاكى شۇ قاباھەتلىك كۈنگىچە،مەن بالامنى چۈشەنمەي كەپتىمەن.

بۈگۈن نېمە تاماق ئەتتىڭلار؟-دېدىم قازان بېشىدا ئالدىراش يۈرگەن ئايالىمدىن.

_جۇۋاۋا ئەتتىم.

_پاھ،پاھ ئاچچىقسۇ،لازىغا مىلەپ تازا يەيدىغان بوپتىمەندە،ئەركىن قېنى؟

_ ئۇ ئۆيدە كارتۇن كۆرىۋاتىدۇ.

_نېمە؟كارتۇن كۆرىۋاتىدۇ؟بۇ ياغاچ قۇلاقنىزە،تېلىۋېزۇرغا بۇنداق قاراۋەرسە مەكتەپتە قانداق ئوقۇيدۇ،خەپ،خەپ!

_بىر دەم كۆرگەنگە نېمە بولاتتى؟-ئايالىم ماڭا سەت ئالايدى،_ئاچچىقسۇ تۈگەپتۇ،ئەكرىپ بېرىڭە.

_ئەركىن ئەكرىپ بەرسۇن،ھېرىپ كەتتىم،_شۇنداق دېگگنچە ئەركىننى چاقىردىم.

_ماڭە ،ماۋۇ پۇلغا ئاچچىقسۇ ئەكىر،تىز بېرىپ تىز قايتىپ كىر جۇمۇ!يولدا ئويناپ تۇرىدىغان بولساڭ،كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن!

ئۇ“ماقۇل“دېگىنىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى،شۇ ۋاقىتتا كۆزلىرىم ئايالىمنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچىراشتى.ئۇ ماڭا سېنىڭدەكمۇ ئاتا بولامدۇ؟دېگەن مەنىدە تىكىلىپ تۇراتتى.

-نېمە يەيدىغاندەك ئالىيسەنغۇ،تامىقىڭنى ئەت،قورساق ئاچتى….

دۇكان بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى ئىككى مىنۇتلۇقلا يول بولسىمۇ،بالام 10 مىنۇتقىچە كىرمەيۋاتاتتى.قاتتىق ئاچچىقىمدا پىشىپ بولغان جۇۋاۋىغا قاراپ،ئۇ كىرسە قانداق ئەدىپىنى بېرىشنى ئويلاۋاتاتتىم.تيۇقسىز يان قوشنىمىز ناھايىتى ئەنسىز يۈگۈرۈپ كىردى…

سە،سە سامەتكا،سەمەتكا…..

-ۋاي نېمە بولدى؟نېمانچە ھاسىراپ كەتتىڭ؟

-ئەركىن ئۇ…دۇكان…بىر سانتانا، ئۇ….

روھىم تېنىمدىن چىقىپ كەتكەندەك،نېمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم،ئايالىممۇ شۇ ھالەتتە ئىدى.بىر چاغدا ئۇنىڭ ۋاي جېنىم بالام  ئەركىن،دەپ سىرتقا يىۈگۈرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم.

دۇكاننىڭ ئالدىدا ئادەملەر توپلىشىپ كەتكەن بولۇپ،بىزنىڭ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپ،كىمدۇر بىرى ھازىرلا قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.قۇلىقىمغا ھېچقانداق گەپ كىرمەيتتى.توپنى يېرىپ كىرگىنىمدە بالا قانغا مىلەنگىنىچە ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدا كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغان ھالەتتە ياتاتتى.ئەتىراپىمدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ دۇكاندىن ئىتتىك چىقىۋاتقاندا بىر پىكاپنىڭ تۇيۇقسىزلا يان كوچىدىن چىقىپ ئۇنى سوقىۋەتكەنلىكىنى،لىكىن شوپۇرنىڭ پىكاپنى ھەيدىگىنىچە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.يەنە نېمە گەپلەرنىڭ بولۇنغىنى ماڭا نامەلۇم.

بالامنىڭ قولىدىن چىڭ تۇتۇپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدۇق.جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۇرغان تۇققانلار،يەنە كىمدۇر بىرلىرى بىزگە سەۋىر تىلەيتتى.ئىككى يىلدەك بىلىنگەن ئىككى سائەتتىن كىيىن دوختۇر چىقىپ بېشىنى بوش چايقىغىنىچە يېنىمىزغا كەلدى.

ھئۇشىنى بىر بىلىپ،بىر بىلمەي تۇرغان ئايالىمنى يۆلىگنىمچە بالامنىڭ يېنىغا كىردۇق.كۆزلىرىنى ئاغرىق دەستىدىن ئاران ئېچىۋاتقان بالام،بىزنى كۆرۈپ،مەن مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغان بەختىيارلىق كۈلكىسىنى كۈلدى.

_ بالام!ساڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ،قارا بىز يېنىڭدا بار!

-       مەن ئاچچىقسۇنى ئېلىپ،تېز… ماشىنا…ئۇ مىنى…

-       بولدى گەپ قىلما،ھېچ ئىش بولمايدۇ….

ئايالىم بالىنى قۇچاقلاپ قاتتىق ئازاپتا يىغلاۋاتاتتى،كۆزۈم پۇشايمان ياشلىرى بىلەن تولغان بولغاچقا،كارۋاتتا ئاغرىق ئازابى بىلەن تولغىنىپ ياتقان بالامنى بىر نەچچە سىكونت كۆرەلمىدىم.نىمىشقىمۇ ئۆزۈم چىقمىغاندىمەن-ھە،دۇكانغا….

  -دادا!

_ ھە بالام.

_سىزنى سۆيۈپ قويايچۇ،دادا،پەقەت بىرنىلا…..

بىر ئاتا ئۈچۈن،بولۇپمۇ،مەندەك پەرزەنتىنى ياخشى باشقۇرۋاتىمەن،دەپ ئويلايدىغان،دادا ئۈچۈن بۇ گەپ نېمە ئۈچۈندۇر يۈرۈكۈمگە پىچاق ئۇرغاندەك بولدى.قاتتىق ئاۋازدا،بار ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلىۋەتتىم.

  _ مېنى كەچۈر بالام!سېنى سۆيۈپ قوياي،كۈندە نەچچە قېتىم سۆيۈپ قوياي ئەمدى مەكتەپتىن كېلىپ دوستلىرىڭ بىلەن ئوينا..بىر دەم تېلىۋىزۇر كۆرسەڭمۇ بولىدۇ….

   ئۇ تەستە كۆتۈرۈلگەن قوللىرى بىلەن بوينۇمغا گىرە سېلىپ مېنى بىرنى سۆيۈپ قويدى،ئايالىم تېخىچە ئېسىنى بىلمەيۋاتاتتى.

_ دادا،قاچان ئۆيگە قايتىمىز؟

_ سەل تۇرۇپلا كېتىمىز بالام،پۇتۇڭ ئازراق سۈرلۈپ كېتىپتۇ.ھېچنېمە…

ئۇ يەنە گەپ قىلماقچى بولدى_يۇ،لىكىن…

بۇ ئۇنىڭ ئاخرقى گېپى بولۇپ قالدى.بىر تاللا ئوغلۇمدىن ئايرىلدىم،بارلىقىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېسىياتتا بولدۇم.

  ئۇ ئايالىم ئىككىمىزنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر كۆمۈلگەن قەبرە ئىزىنى قالدۇرۇپ،بىزدىن ئايرىلدى…بىر ئايدىن كىيىن ئۇنىڭ كىتاپلىرىنى رەتلەپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز كۈندىلىك خاتىرسى قولۇمغا چىقىپ قالدى.مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم.

………………

”2006-يىل6-ئاينىڭ5-كۈنى

بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم،دوستۇم ئەراپات ئوينايمىز دەپ كىرىپتىكەن،دادام ئۇنىمىدى“

2006-يىلى6-ئاينىڭ 14-كۈنى

بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم،دادم مېنى باغچىغا ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلمىدى.ئۇ مېنى باشقا بالىلارنىڭ دادىسىدە سۆيۈپ قويمايدۇ“

2006-يىلى7-ئاينىڭ 2-كۈنى

بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم دادام مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كارتۇن فىلىمنى كۆرگىلى قويمىدى.چوكا مۇز ئېلىپ يىيىشكە پۇل بەرمىدى.“

2006-يىلى7-ئاينىڭ4-كۈنى

بۈگۈن دادام ئىمتىھاندا ئالغان نەتىجەمنى كۆرۈپ خاپا بولدى.بىر پەندە 87 نۇمۇر ئېلىپ قاپتىمەن.ئۇ مېنىڭ يازلىق تەتىل لاگىرغا چىقىشىمغا قوشۇلمىدى.

……….

”لىكىن مەن دادامنى بەك ياخشى كۆرىمەن…..“

مېنىڭ ھەر قېتىم ئ.ۆتكۈزگەن گۇناھلىرىم خەاتىرلەنگەن بۇ دەپتەرنى ئازاپ ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم.مەن قانداق ئاتا ھە؟ئۆز بالىسىنى بىرەر قېتىم ئەركىلىتىپ قويالمىغان.ئولتۇرۇش،چايغا،ماجاڭ ئويناشقا،دوستلار بىلەن ئاللىقانداق جايلارغا بېرىشقا ۋاقىت چىقىرالىدىم،بالامنى سۆيۈپ قويۇشقا،بالامنىڭ سۆيۈپ قويىشىغا بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىدىم……

 

مەنبە:شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif