ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن سىنىپ مەسئۇللىرى

ۋاقتى: 2011-09-08 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 174 قېتىم / 1 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن سىنىپ مەسئۇللىرى

 

سەمىي ئەسكەرتىش ۋە چاقىرىق:

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن،ئۇستازلارنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلاش مەقسىتىدە ئۆزۈمچە توردىكى كەڭ دوستلارنى ”ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن سىنىپ مەسئۇللىرى“ دېگەن تېمىدىكى مۇنازىرە پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلماقچى. مېنىڭچە، بۇتېمىغا تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. بۇيەردە سەمىمىي ئەسكەرتىدىغىنىم، تېمىغا ئىشتىراك قىلماقچى بولغان ھەر بىر تورداش،بۇنىڭغا چوقۇم ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشى، ئۆز ھېسىياتىنى چىنلىق بىلەن ئوتتۇرغا قويىشى، ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزدىغان بايانلاردىن ساقلىنىشى لازىم. ئەگەر ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسىياتلىرىنى ۋە تەبرىكلىرىنى شېئىر ،نەسىر قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىپادە قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

                         ھۆرمەت بىلەن: لوپنۇرى

 

كىرىش سۆز

 

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يىتىپ كېلىش ھارپىسىدا تۇيۇقسىز تاكى باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇش ھاياتىمدا ماڭا ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى بەرگەن سىنىپ مەسئۇللىرىمنى ئويلاپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرلىرىنى (ئەلۋەتتە ئىجابىي تەسىرلىرى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ) ئەسلەشكە تىرىشتىم. ئويلىغانسىرى ئۇلارنىڭ مېنىڭ بۇ ئوتتۇز نەچچە يىللىق ھاياتىمغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ۋە تونۇپ يەتتىم. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ ھايات،بەزىلىرى ھەر خىل كېسەللەر تۈپەيلى بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى(ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن).

ئاتا-بوۋىلىرىمىز  ”ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما،شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما“ دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى بىزگە مىراس قالدۇرۇپ،ئۆتمۈشىمىزنى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. مۇشۇ تەمسىلنىڭ تەسىردىنمىكىن دائىم دېگۈدەك بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ تۇرىدىغان بالامنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىگە قاراپ ،ئۆزۈمنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم.

ھەممىمىزگە مەلۇم بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىز بالىلىق،ئۆسمۈرلۈك،ياشلىق چاغلىرىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەلۇم خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۆز تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن چېپىپ يۈرۋاتقان بولىشىمىز مومكىن. ئۇنداق بولسا،بىز ئاشۇنداق ئېسىل ئورۇنلاردا ئىشلەش ۋە بىلىم ئېلىش جەريانلىرىمىزدا قېنى قانچىلىكىمىز بىزگە بۇرۇن قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن ئاشۇ جاپاكەش سىنىپ مەسئۇللىرىمىزنى ئېسىمىزگە ئېلىپ،ئىچىمىزدە بولسىمۇ ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەلىدۇق؟ مېنىڭچە،بۇ سۇئال سورالغاندا كۆپىنچىلىرىمىز يەرگە قاراپ تىرناق تاتلىشىمىز،بېشىمىزنى قاشلىغانچە قىزىرىپ تاتىرىشىمىز مومكىن. مانا بۈگۈن مەن بۇرۇنقى بارلىق تىل قىسىنچىلىقلىرىمنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ،سىلەر بىلەن ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن سىنىپ مەسئۇللىرىمغا بولغان ھۆرمىتىم ۋە مىننەتدارلىقىمنى تور يۈزىدە بولسىمۇ بىلدۈرمەكچى بولىۋاتىمەن. ئالدى بىلەن گەپنى بىرىنچى سىنىپتىكى سىنىپ مەسئۇلۇم ھەققىدە باشلايمەن.

 

غۇبارسىز بالىلىقتىكى ئۆچمەس مىنۇتلار

 

بىرىنچى سىنىپقا كىرگەن كۈنلىرىم غۇۋا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنىدىكى ھاياجانلىق ھېسىياتىمنى ھازىر تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىمەن. چۈنكى، تۆت-بەش ياش چاغلىرىمدىن تارتىپلا ئۈچ ھەدەم ۋە ئاكام مەكتەپكە ماڭدۇق دەپ ئەتىگەن چىقىپ كەتسە ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالاتتىم،ھەتتا بەزىدە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ خېلى بىر يەرلەرگىچە مېڭىپ باقاتتىم. نەق ئالتە ياشقا كىرگەن ۋاقتىم دادام قولۇمدىن يېتىلىگەنچە كەنتىمىزدىكى بىر سىنىپلىق مەكتەپكە( كەنتىمىز سەل چەتتە بولغاچقا،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاھالە شالاڭ بولغاچقا،بۇ جايدا پەقەت بىرلا سىنىپ ئېچىلغان ئىدى) ئېلىپ كەلدى. ئۇچامدا ئاپام ھەر خىل رەخىت پارچىلىرىنى كىرىشتۈرۈپ تىكىپ بەرگەن قۇراق سومكا تاپىنىمغا تىگىپ تۇراتتى(ئاپام سومكىنىڭ بېغىنى سەل ئۇزۇن قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك،ياق ئۇ چاغدا بويىمىزمۇ تايىنلىق ئىدى). سىنىپقا كىرىشىمىزگە بىزنى بوغداي ئۆڭ،خۇش چىراي بىر خانىم ئىنتايىن قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇ چاغدا مەن دادامنىڭ كەينىگە ئۆتىۋىلىپ ئۇنىڭغا بىر خىل تارتىنىش ئىچىدە  قارىغانلىغىم ھازىرمۇ ئېسىمدە. بۇ سىنىپ مەسئۇلۇمنىڭ ئىسمى تۇرسىنئاي ئىدى. قاراپ باقسام مەن بۇ سىنىپتىكى ئەڭ كىچىك ئوقۇغۇچى ئىكەنمەن. بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش پەرقىمۇ بەك قالايمىقان بولۇپ،كىچىكى ئالتە ياش چوڭى ئون بەش ياشقىچە بالىلار بار ئىدى. چۈنكى، ئۇ چاغلاردا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىمىز دەپ جار سېلىۋاتقان چاغلار بولغاچقا،يېشى خېلى چوڭۇپ كەتكەن بالىلارمۇ بىرىنچى،ئىككىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە دەرس ئوقۇيتتى. ئۇ چاغلاردا پەقەت بىرلا سىنىپ بولغاچقا،تۇرسىنئاي مۇئەللىم ئۈچ يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇشۇ بىرلا سىنىپتا دەرس ئۆتتى. ئۇ چاغدا سىنىپمىزدا قانچىلىك ئوقۇغۇچى بارلىقى تازا ئېسىمدە قالماپتۇ. ئىشقىلىپ مۇئەللىم،بىر سائەت بىرىنچى يىللىققا دەرس ئۆتسە،يەنە بىر سائەت ئىككىنچى يىللىققا دەرس ئۆتەتتى. بىر كۈنلۈك پائالىيىتىمىز مانا مۇشۇنداق نۆۋەت بىلەن دەرس ئاڭلاش بىلەن ئاخىرلىشاتتى. تۇرسىنئاي مۇئەللىم ھەم بىزگە سىنىپ مەسئۇلى ھەم بارلىق دەرسلەرنىڭ دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ھازىر ئويلىسام ئۇنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى ئۇ ۋاقىتتا ھەقىقەتەن ھېس قىلالماپتىكەنمەن. ئۇنىڭ ئۆيى مەكتىپىمىزگە بەش كىلومىتىر ئەتىراپىدا بولۇپ،ۋېلسىپىت بىلەن بېرىپ كېلەتتى.ھەمدە كۈندە ئەتىگەندە بىزنىڭ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ مېنى ۋېلسىپىتىگە مىندۈرۈپ مەكتەپ ئېلىپ بېرىشنى ئۇنتۇمايتتى.بەزىدە مېنى مىندۈرگەن ئاشۇ ۋېلسىپىتى بىلەن مەكتەپتىن قاچقان بالىلارنى تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن ئالدىراش چىقىپ كېتىپ، خېلى بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ھارغان ۋە ئاچقان ھالدا بالىلارنى ئالدىغا سېلىپ سىنىپقا كىرىپ كېلەتتى،لېكىن ھەرگىز تىللىمايتتى ياكى ئۇرمايتتى. يەنە ئاشۇ ۋېلسىپىتى بىلەن ئاغرىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى مىندۈرۈپ يېزا مەركىزىدىكى كىچىك داۋالاش پونكىتلىرىغا ئېلىپ باراتتى. شۇڭىلاشقىمۇ ئۇ سىنىپ مەسئۇلى بولغان ئاشۇ مەزگىللەردە كەنتىمىزدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەكتەپتىن قالمىغان ئىدى. ھازىر ئويلاپ باقسام ئۇنىڭدىكى سەۋىرچانلىق ۋە كۈيۈمچانلىق ھەر قانداق كىشىنى قايىل قىلىپتىكەن. مەن بۇ كۆيۈمچان سىنىپ مەسئۇلۇمنىڭ قولىدا پەقەت بىر يىللا ئوقۇيالىدىم،ئىككىنچى سىنىپقا چىققاندىن كېيىن دادام ئاكام بىلەن بىللە بۇنىڭدىن چوڭراق مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. بەلكىم،مەن تۆتىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىم بولسا كېرەك،بىر كۈنى دادام تۇرسىنئاي مۇئەللىمنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ۋاپات بولغانلىقىنى، نەزىرىگە قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ،ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى بۈك يۇلغۇنلۇق ئىچىگە كىرىپ ئازاپلىنىپ يىغلىقانلىقىم ھازىرمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. رەھمەتلىك بۇ چاغدا تېخى توي قىلىپ بىر يىلدىن ئاشقان،ئوماق قىزى ئەمدىلا تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ئايلىق بولغان مەزگىل بولۇپ يېشى تېخى ئوتتۇزغىمۇ بارمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە بالىلىق يۈرۈكۈمگە قالدۇرغان ئىزلىرى تا ھازىرغا كەلگۈچە ئۆچكىنى يوق،ئۇنىڭ ئىسمى چىقسىلا ھازىرمۇ بۆلەكچە ھاياجانلىنىپ كېتىمەن. ھەتتا ئوقۇغۇچىلىرىم ئارسىدا تۇرسىنئاي ئىسىملىك قىزلار بولسا،ئۆزۈممۇ بىلمەستىن ئۇلارغا ئامراق بولۇپ قالىمەن.

ئەمدى ئىككىنچى سىنىپ مەسئۇلۇم رازىيە مۇئەللىم ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي. باياتتىن دەپ ئۆتكەندەك ئىككىنچى يىللىققا چىقىپلا باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتتىم. ئىككىنچى سىنىپقا چىققاندا مەكتەپنى يېڭىلا پۈتتۈرگەن چېچى قىسقا،ئورۇق بىر خانىم سىنىپ مەسئۇلى بولدى. ئۇنىڭ ئىسمى رازىيە ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيى ناھىيە مەركىزىدە بولۇپ،ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيتتى. بىزگە پەقەت ئەدەبىيات دەرسىلا بېرەتتى. دەسلەپتە ئۇنى تۇرسىنئاي مۇئەللىمگە ئوخشاش ئەستايىدىل ۋە كۆيۈمچان خانىم دەپ ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدىم. ئۇمۇ ماڭا بەك ئامراق ئىدى(چۈنكى، شۇ ۋاقىتلاردا مېنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىم زىيادە يۇقىرى بولغاچقا،دەرسلەردە خېلى ياخشى ئىدىم). ئۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار تازا ياشلىشىۋاتقان مەزگىل ئىدى. ناھىيە مەركىزىدىن كېلىپ ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيدىغان ئەر ۋە ئايال ئوقۇتقۇچىلار خېلى كۆپ ئىدى. ئاكام مېنىڭدىن ئىككى سىنىپ يۇقىرى بولۇپ،ئۇلارنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمۇ ناھىيە بازىرىدىن كەلگەن ئالىم ئىسىملىك ياش مۇئەللىم ئىدى. بىرەر مەۋسۈمدىن كېيىن بولسا كېرەك ئاكام بىر كۈنى مەكتەپتىن كېلىۋىتىپ،ئالىم مۇئەللىمنىڭ رازىيە مۇئەللىم بىلەن مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن بۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنمىدىم ھەمدە رازىيە مۇئەللىمنى ئاقلايمەن دەپ ئاكام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم،ھەتتا ئاكامدىن تاياقمۇ يېدىم. تاياق يېسەممۇ ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە قەتئى ئىشەنمىدىم( ئۇ چاغلاردا قىز-ئوغۇللار مۇھەببەتلەشسە بەك ئۇچۇق ئاشكارە يۈرۈپ كەتمەيتتى،بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار شۇنداق). بەلكىم شۇ ۋاقىتتلاردا مېنىڭ مۇھەببەتكە بولغان كۆز قارىشىم توغرا بولمىغان چاغلىرىم بولسا كېرەك، ئاكام مېنى تېرىكتۈرگۈسى كەلسىلا “ بىزنىڭ مۇئەللىم سېنىڭ مۇئەللىمىڭنى ئالىدۇ تازا، خوتۇن قىلىدۇ،تازا“ دېگەن گەپلەرنى قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ھەقىقەتەن دەل ۋاقتىدا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەتتى. مەن ئۇنداق ئەمەس دەپ يىغلايتىم،ھەتتا ئەپسانە تىللار بىلەن ئۇنى تىللايتتىم، ئەلۋەتتە ئاخىردا يەنىلا ئۇنىڭدىن تاياق يەيتىم. شۇنداق قىلىپ بەلكىم ئىككىنچى مەۋسۈمنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى بولسا كېرەك، نەق ئاكامنىڭ گېپىنىڭ ھەققى ئىسپاتلانمىسى بارلىققا كەلدى. رازىيە مۇئەللىم ئالىم مۇئەللىم بىلەن توي قىلدى. نىمىشقىكىن، ئالىم مۇئەللىمگە شۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتتىم، ئۇ خۇددى مېنىڭ قىممەتلىك بىر نەرسەمنى تارتىۋالغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە تۇردى. دائىم دېگۈدەك ئۇلارنىڭ بەزى يېقىنچىلىق قىلىپ قىلغان قىلىقلىرى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن بارا-بارا رازىيە مۇئەللىمگىمۇ ئۆچ بولۇپ قالدىم.ھەتتا بەزىدە قېيداپ دەرسلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمايدىغان،تاپشۇرۇقلىرىنىمۇ ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالدىم.ئۇنىڭ ئالىم مۇئەللىم بىلەن توي قىلىشى شۇنداق بىر تەبىئىي جەريان بولسىمۇ، مۇئەللىمىمنى مۇققەددەس كىشى دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ئاشۇ بالىلىق،ساددا خىياللىرىم بىلەن بۇ رىئاللىقنى قەتئىيلا قۇبۇل قىلالمىغان ئىدىم. ھازىر ئويلاپ باقسام بالىلىقتىكى ئاشۇ ساراڭلارچە خىياللىرىمدىن ئۇيىلىپ قالىمەن. بۇ مۇئەللىممۇ بىر يېرىم يىل تۇرۇپلا ناھىيە مەركىزىگە يۆتكىلىپ كەتتى. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئۇنى پات-پات ئۇچىرتىپ قالاتتىم. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئۇنى زادىلا ئۇچىراتمىدىم. بەلكىم،ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا،تونۇيالماي قالغان بولىشىممۇ مومكىن.

رازىيە مۇئەللىم كەتكەندىن كېيىن مەھمۇد ئىسىملىك بىر مۇئەللىم بىزگە سىنىپ مەسئۇلى بولدى. ئۇ ئاۋازى ئىنتايىن جاراڭلىق،كىيىنىشى ئالاھىدە رەتلىك،بوي تۇرقىمۇ خېلى كېلىشكەن،ۋالىبولنى قالتىس ياخشى ئوينايدىغان مۇئەللىم ئىدى. ئۇنىڭ توپ ئويناشتىكى ماھارىتىگە ھەۋەس قىلىپ،خىيالىمدا چوڭ بولغاندا ئاشۇ مۇئەللىمگە ئوخشاش ۋالىبولنى ياخشى ئوينايدىغان ئادەم بولىمەن دەپ ئىرادە قىلغان ئىدىم. بۇ مۇئەللىم توپنى ياخشى ئويناپلا قالماستىن،دەرسنىمۇ بەك ياخشى ئۆتەتتى،شۇ ۋاقىتتىكى ئاساسلىق دەرس ئەدەبىيات بىلەن ماتىماتىكىنى ئۆزى بىر قوللۇق بېرەتتى.بەزىدە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىشى چىقىپ قالسا،تەنتەربىيە دەرسىنىمۇ ئۆتۈپ قوياتتى. ئىشقىلىپ سىنىپتىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلاتتۇق ۋە قايىل ئىدۇق. ئۇ تاپشۇرغان تاپشۇرۇق ۋە ۋەزىپىلەرنى جان دىلىمىز بىلەن ئورۇنلايتتۇق. كۈز مەگىللىرى كەلگەندە ئۆز بېغىمىزدا پىشقان مىۋىلەرنى ئاز-ئازدىن بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئەكىلىپ بېرەتتۇق. ھەر قېتىم ئەكەلگەندە ئۇ بىزگە بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلماسلىقنى تاپىلايتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ مۇئەللىمنىڭ قولىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،ناھىيە مەركىزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە كەتتىم. بىز كېتىپ بىر ئىككى يىلدىن كېيىن بولسا كېرەك،مەھمۇد مۇئەللىم تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. باشقىلاردىن سۈرۈ شتۈرۈپ ئۇنىڭ شەھەردىكى بىر مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇم. خېلى مەزگىللەرگىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرشەلمىدىم. ئوتتۇرامەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،ئالي مەكتەپكىمۇ باردىم. خىزمەتكە چىقىپ ئۈچ-تۆت يىلمۇ ئۆتتى. بەلكىم ئارىلىقتا 15يىل ئۆتكەن بولسا كېرەك،شۇنىڭغىچە ئۇنى بىرەر قېتىممۇ ئۇچىرتالمىدىم. خىزمەتكە چىقىپ بەشىنچى يىلى شەھەر مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلار توپلاشقان بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدىم،ھەم شۇ يىلى توي قىلدىم. توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي،نەق بىزنىڭ قورودا مەھمۇد مۇئەللىم ئۇچىرىشىپ قالدىم. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۆيمۇ بىزنىڭ قورودا ئىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز يانمۇ-يان ئولتۇردىكەنمىز. ئۇنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئالدىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۈگۈرۈپ باردىم. ئۇنىڭغا سالام قىلسام،ئۇ سالىمىمنى ئىلىك ئالغاچ،چىرايىدا بىر خىل ھەيرانلىقنى ئىپادىلىدى. بەلكىم ئۇ مېنى ئەسكە ئېلىشقا تىرىشقان بولسا كېرەك،مەنمۇ ئۇنى قىينىماستىن،كىم ئىكەنلىكىمنى ئۇنىڭغا بىلدۈردۈم. ئۆزۈمنى تونۇشتۇرشۇمغا ئۇ دەرھال ئېسىگە ئالدى.بىز بىرەر سائەتتەك قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتۇق. بۇ ۋاقىتتا مەن مەھەللىگە يېڭى كۆچۈپ كېرگەچكە مەھمۇد مۇئەللىمدەك بىر تونۇش ھەم سىرداشقا بەك ئېھتىياجلىق ئىدىم. ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى سالاپىتىنى يوقاتمىغان ئىدى. قىزقارلىق يېرى شۇكى، ئارىدىن بىرەر يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بىر يازلىق تەتىللىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا مەن ئۇنىڭغا سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ قالدىم.ھەم ئۇ سىنىپقا دەرسمۇ ئۆتتۈم. ئۇ دەرسكە بەك تولۇق قاتناشتى، ئۆتكەن دەرسىمنىمۇ بەك ئەستايىدىل ئاڭلىدى. مەنمۇ دەرسنى بەك تولۇق ۋە ئەستايىدىل تەييارلىغان ئىدىم.ئۇ  بىرەر قېتىم رۇخسەتمۇ سورىمىدى. كۇرس ئاخىرلاشقان مەزگىلدە ئۇ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ “ بۇ قېتىم ھەقىقىي نەپ ئالدىم،رەھمەت سىزگە( ئەسلىدە بۇرۇن مېنى سەنلەيتى، شۇ كۇرستىن كېيىن مېنى ھۆرمەتلەپ سىزلەيدىغان بولدى)مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن“ دېگەن بىر ئېغىز گەپنى قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىپتىخارلىق ھېسىياتىنى ئىپادىلىدى. بۇ ۋاقىتتىكى ھاياجىنىمنى،يۈرەكلىرىمنىڭ مەيدەمگە ئاۋازلىق ئۇرۇشلىرىنى پات-پات ئەسلەپ قالىمەن. شۇ تەربىيەلەش كۇرسىدىن كېيىن ئۇ مېنى مۇئەللىم دەپ چاقىردىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ بىز ھازىرغىچە  بىر-بىرىمىزنى ”پالانى مۇئەللىم“ دەپ چاقىرىپ،قوشنا بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتىمىز.

 

بەڭۋاشلىق تۇلپارىنىڭ تىزگىنى تۇتالمىغان دەقىقىلەر

 

ئەمدى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلۇم ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختىلاي. بۇ مۇئەللىمنىڭ ئىسمى راخمان ئىدى. راخمان مۇئەللىم ئۆزى ياش، يۈزلىرىدىن قان تېمىپ تۇرىدىغان،ئاچچىقى ئىنتايىن يامان مۇئەللىم ئىدى. ئۇ بىزگە ئەدەبىيات دەرسى بېرەتتى. تەلەپنىمۇ بەك قاتتىق قوياتتى. ئۇ دەرسنىغۇ بەك ئەستايىدىل ھەم قىزقارلىق سۆزلەيتتى. لېكىن، ئۇ ھاراققا سەل ئامراق بولغاچقىمىكىن، سىنىپقا دائىم دېگۈدەك ھاراق پۇراپ كېلەتتى. مىجەزى بەك ئىتتىك بولۇپ، ئازراق ئىش،كىچىككىنە سەھۋەنلىكلىرىمىز ئۈچۈنمۇ بەك كايىپ كېتەتتى.قىزلارنىغۇ بىر ئىككى ئېغىز سېسىق گەپ بىلەن تىللاپ قويۇپ بولدى قىلاتتى. كەلگۈلۈك ئوغۇللارغىلا كېلەتتى،ئازراق ئىشلار ئۈچۈن بىۋاستە تاياقلا يەيدىغان گەپ( بىز ئوقۇغان ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرىشى تەبىئىي ئىش بولۇپ، ھازىرقىدەك مائارىپ تارماقلىرى تەرپىدىن تەن جازاسى بېرىشنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئىشلار يوق ئىدى، ھازىرقى بالىلار ھەقىقەتەن تەلەيلىك جۇمۇ!). ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇرۇش ئۇسۇلى بار ئىدى،قولىنى تاپانچا شەكىلگە كەلتۈرۋېلىپ بېشىمىزغا ئۇرىدىغان بولسا،پىشانىلىرىمىز كۆكرىپ كېتەتتى. شۇڭىلاشقىمىكىن ئۇنىڭدىن بەك قورقاتتۇق، ئۇنى يىراقتىن كۆرسەكمۇ قېچىپ بىر بۇلۇڭلارغا كىرىپ كېتەتتۇق. بەزىدە، يۇشۇرۇنچە ئۇنىڭ ئۇرۇش ئۇسۇلىنى دوراپ بىر-بىرىمىزنى ئۇرۇپمۇ ئوينايتتۇق. ھازىر ئويلاپ باقسام، ئۇ گەرچە دەرسنى ياخشى ئۆتسىمۇ،لىكىن ئاشۇنداق بىر قاتار قىلىقلىرى بولغانلىق تۈپەيلى بىز ئۇنى چىن دىلىمىزدىن ھۆرمەت قىلماستىن،قۇرقۇپ تۇرۇپ ھۆرمەت قىلغان ئىكەنمىز. يەنە تۇرۇپ شۇ ۋاقىتتا بىز بەك كەپسىز بولغاچقا،ئۇ ئاشۇنداق تەربىيلەش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان بولىشى مومكىن. ”ئۇستازى زالىم بولسا،شاگىرتى ئالىم بولۇر“دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ دەپ ئۇنى خىيالىمدا ئاقلاپمۇ كېتىمەن. ئىشقىلىپ ئۇ بىزنى ئۇرسۇن ياكى تىللىسۇن بىزنىڭ خاراكتىمىز تىز ئۆزگىرۋاتقان ،ئۆزىمىزنى كونتىرول قىلالماي ياۋا ئاتتەك چاپچىپ تۇرغان، ئۇچۇشنى بىلىپ،چۈشۈشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان مەزگىللىرىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە يەنىلا بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

ئەمدى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلۇم نىيازخان مۇئەللىم ھەققىدە قىسقىچە توختىلاي. بىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغان، ئۇنىڭ ئاچچىقى يامان، باشقىلارغا بوزەك بولمايدىغان،خېلى-خېلى ئەر ئوقۇتقۇچىلارمۇ باشقۇرالمايدىغان كەپسىز ئوقۇغۇچىلارنى يىپتەك قىلىۋىتىدىغان مۇئەللىم ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدۇق. شۇڭىلاشقا،ئۇنىڭ ”نىيازخان شوركا“ دېگەن لەقىمىمۇ بار ئىكەندۇق. ئۇ بىزگە سىنىپ مەسئۇلى بولۇش بىلەن بىرگە،ماتىماتىكا دەرس ئۆتەتتى. ئاۋازى ياڭراق، گەرچە سېمىزرەك بولسىمۇ ھەركىتى چاققان ئىدى. ئۇ دەرس ئۆتسە،سىنىپنى چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغىدەك دەرىجىدە جىمجىتلىق باساتتى. ئۇنىڭدىن ھەممىمىز بەك قورققاچقا، ماتىماتىكا دەرسىنى باشقا دەرسلەرگە قارىغاندا بەك تىرىشىپ ئۆگەنگەن ئىدۇق. ئۇنىڭ بىزگە بەكرەك يارىغان تەرىپى، سىنىپ يىغىنى ئاچسا، باشقا ئوقۇتقۇچىلاردەك دائىم دېگۈدەك ”پىپەن يىغىنى“ ئاچماستىن، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىنى سۆزلەپ بەرگەچ،بىزنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت ئىلىم كانىغا بېرىشقا ئىلھاملاندۇراتتى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن  چىققان بارلىق گەپلىرىنى قىزىقىش ئىچىدە تۇرۇپ ئاڭلايتتۇق،ئۆزىمىزنى مۇئەللىم ئوقۇغان ئاشۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان كەبى تەسەۋۇر قىلىپ،تاتلىق خىياللارنى سۈرۈشەتتۇق.مەن ئۇ ۋاقىتتا سىنىپنىڭ تۇرمۇش ھەيئىتى( ئۇ ۋاقىتلاردا تازىلىق ھەيئىتى) ئىدىم. تولۇق بىرىنچى يىللىقتا گەرچە سىنىپنىڭ ئالدى بولالمىساممۇ ھەر ھالدا دەرسلەردە يامان ئەمەس ئىدىم. تولۇق ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا، مۇئەللىم مېنى سىنىپىمىزدىكى ئەڭ كەپسىز بىر ئوقۇغۇچى بىلەن ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. سىنىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇئەللىمدىن چۆچىسىمۇ، بۇ ساۋاقدېشىمىز ئانچە قورقۇپ كەتمەيتتى. بەزى ۋاقىتلاردا مۇئەللىم ئۇنى تەنقىدلىسە، جاۋاپ ياندۇرۇپ،ئۆزىنى ئاز-تولا كۆرسىتىپمۇ قوياتتى. پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ھەممە بالىلار دېگۈدەك ئۇنىڭدىن تەپ تارتاتتى. لېكىن نىمىشقىكىن، ئۇ ماڭا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلاتتى،بىز تېزلا چىقىشىپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. ئۇ  ھەر قانداق ۋاقىتتا مېنى قوغدايتتى،باشقىلارنىڭ مېنى بوزەك قىلىشىغا يول قويمايتتى. مېنى پات-پات ئۆيىگە ئاپىرىپ مېھمانمۇ قىلاتتى. ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇششاق-چۈششەك ئىمتىھانلاردا ئاز-تولا ياردەم قىلىپ دوستلۇقنى يەتكۈزەتتىم. شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ بەلكىم يولۋاسنىڭ ئارقىسىدىكى تۈلكىدەك كۆرەڭلەپ كەتكەن بولۇشۇم مومكىن. سىنىپ ۋە مەكتەپ ئىچىدىمۇ خېلى كېرىلىپ يۈرەتتىم. كىيىن ئۇ ماڭا سىنىپ مەسئۇلىمىزغا قانداق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرنىمۇ ئۆگەتكەن،ھەمدە مۇئەللىم تەنقىد قىلغاندا قورقماستىن جاۋابلىشىقا ئىلھاملاندۇرغان ئىدى. بىر كۈنى ئاخىر بىر ئىش يۈز بېرىپ مۇئەللىم مېنى تەنقىد قىلدى. ئەسلىدە سىنىپىمىزنىڭ ئەخلەت چېلىكى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان بولۇپ،مەن تۇرمۇش ھەيئىتى بولغاچقا،ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەكلىكى ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مۇئەللىمنىڭ سۈرلۈك چىرايى ماڭا ئانچە قورقۇنۇشلۇق بىلىنمىگەن، ھەم ئىككى يىلدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ يۈرەكلىك ھالدا كۆزىگە تىكىلىپ قارىيالىغان ھەمدە ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرغان مەزگىلىم ئىدى.  شۇ ۋاقىتتا ئۇ ناھايىتى كەسكىن ھالدا: “ چېلەكنى ئەتىگىچە نەدىن بولسا،تېپىپ كېلىسىز“ دېگەن  مەنمۇ “ چېلەكنى كۈندە كۆتۈرۈپ يۈرەمدىم، يۈتۈپ كەتسە مەن قانداق قىلىمەن، ئەگەر تېپىپ كېلىڭ دەپ تۇرۋالسىڭىز، بولدى مەكتەپتە ئوقۇمايمەن“ دېگىنىمچە بالىلارنىڭ ئالدىدىن مەغرۇر قەدەم بىلەن چىقىپ كەتكەن ۋاقتىم ئىدى. شۇنداق قىلىپ،ھېلىقى دوستۇمنىڭ ياردىمىدە يۈرەكلىك ھالدا مۇئەللىمگە“زەربە“ بېرىپ بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى كۆرسەتكەن، نوچىلىقىمنى پەش قىلالىغان بولدۇم. لېكىن ئەمدىكى گەپ ئەتىسى مەكتەپكە قانداق بېرىشتا قالغان ئىدى. ئۆزۈم نوچىلىق قىلىپ قىرىق نەچچە ئادەمنىڭ ئالدىدىن مەغرۇر چىقىپ كېتىپ ئەتىسى قانداقمۇ سىنىپقا كىرەلەي. شۇ كېچىسى بىر كېچە ئۇخلىيالمىدىم. ئۆزۈمنىڭ نادانلىق ۋە ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويغىنىمغا بەك پۇشايمان قىلدىم. لىكىن مەن قىلىدىغاننى ئاللىقاچان قىلىپ بولغان ئىدىم. ئاخىر ئۇنداق ئويلىنپ بونداق ئويلىنىپ بىرەر چىرايلىق باھانە كۆرسىتىپ مەكتەپتە ئوقۇماسلىق قارارىغا كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى دادامغا يېلىنىپ مەكتەپتە قەتئى ئوقۇغۇم يوقلىقىنى دىھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشكۈم بارلىقىنى ئېيتتىم. دادام بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمىدى ھەم سەۋەبىنى كوچىلاپ تۇرىۋالدى. مەنمۇ جاھىللىق قىلىپ مەكتەپتە قەتئىي ئوقۇغۇم يوقلىغىنى ئەگەر “ ئوقۇيسەن “ دەپ زورلىسا، باشقا بالىلار بىلەن باشقا يۇرتلارغا قېچىپ كىتىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. بۇ گېپىم كۈچىنى كۆرسەتتى بولغاي، دادام ناھايىتى كەسكىن ئاھاڭدا : “ راستىنلا مەكتەپتە ئوقۇمامسەن؟ ئەمىسە كېيىن مەندىن يامانلىما“ دېگەن گەپنى قىلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ئائىلىمىزنىڭ قويچىسىغا ئايلىنىپ قالدىم. كۈندە ئەتىگەن تۇرۇپ 70-80 چە قوينى ھەيدەپ جاڭگاللىققا يالغۇز كىرىپ كېتەتتىم، ئۆزۈم قوي بېقىۋاتقان بولساممۇ، خىيالىم يەنىلا مەكتەپتە، ساۋاقداشلىرىم ھەققىدە بولاتتى. پۇشايمان ئىچىدە يىغلاپمۇ تاشلىغان ئىدىم. ئارىدىن نەق ئىككى ھەپتە بولغاندا بىر كۈنى كەچتە قويلارنى ھەدەپ قايتىپ كەلسەم، سىنىپ مەسئۇلىمىز نىيازخان مۇئەللىم ھويلىدا ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم،لىكىن ئىچىمدە ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئۇ كۈنى نىيازخان مۇئەللىم بولغان ئىشلارنى دادامغا چۈشەندۈرۈپ،ئۆزىنى تەنقىد قىلدى. مېنى دادامنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن ئىستىقباللىق ئوقۇغۇچى، بۇنداق قويچى بولۇپ كەتسە زايا كېتىدۇ، دەپ ماختاپ ئۇچۇرۇپ دۈشەنبىدىن باشلاپ مەكتەپكە بېرىشىمغا قايىل قىلدى. ئۇنىڭ يۇقارقى گەپلىرىنى ئاڭلاپ قانچىلىك خوش بولۇپ كەتكەنلىكىمنى ھازىرمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. ھازىر ئويلاپ باقسام، شۇ ۋاقىتلاردا ئەگەر ئۇ مېنى ئىزدەپ كەلمىگەن بولسا، بۇچاغقا، قەيەرلەردە نىمىش قىلىپ يۈرەر بولغىيتىم. بەلكىم ھازىرقىدەك يۇرۇق، ئازادە ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇپ، ئىلىم تەشنالىرىغا بىلىم بېرىش پۇرسىتى ماڭا نېىسىپ بولماس ئىدى. شۇڭا، ئۇنى ئويلىساملا ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشىدۇ. كېيىن مەنمۇ مۇئەللىمنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمۇدۇم، تىرىشىپ ئوقۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەن بويىچە ناھىيە بويچە ئىككىنچى بولۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى خېلى داڭقى بار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم. ئۇقتۇرۇش قەغىزى قولۇمغا تەككەن تۇنجى كۈنى بىرنچى بولۇپ ئۇنى ئىزدەپ باردىم، ئۇ مېنىڭدىن بەكرەك ھاياجانلىنىپ كەتتى. شۇ يىلى سىنىپىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى يۈز پىرسەنت بولدى. يېرىمدىن كۆپرەك ساۋاغداشلىرىمىز تولۇق كۇرس كەسىپلىرىگە ئۆتتى. مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ئۇچۇرما بولۇش ئالدىدا تۇرغان باچكىلىرىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى ۋە كۆز يېشى قىلدى. ئۇ ھازىرغىچە ناھىيىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋىتىپتۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى ھەم خىجىل بولدىغىنىم ئالىي مەكتەپكە كەتكەندىن كېيىن ۋە خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئۇنى جىق يوقلاپ تۇرالمىدىم. بەلكىم كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلىرىمىز مۇشۇنداق بولسا كېرەك، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈۋالغاندىن كېيىنلا بۇرۇنقى سىنىپ مەسئۇللىرىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدىغان، ھەتتا بەزى سورۇنلاردا ئۇچۇق ئاشكارا غەيۋىتىنى قىلىپ تىللايدىغان ئىشلارنى خېلى كۆپ ئۇچىراتتىم. ھەمدە ئۆز- ئۆزۈمگە ”ئوقۇغۇچى دېگەن بەك يۈزسىز بولىدىكەن،مەنمۇ شۇ يۈزسىزلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالدىممۇ قانداق؟“ دەپ سۇئال قويىدىغان بولۇپ قالدىم.

 

ياشلىقنىڭ غىدىقلىشى بىلەن ئاقسالىقنىڭ كوچىسىدا تەمتىرىگەن كۈنلەر

 

ئەڭ ئاخىردا ئالىي مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلىمىز ھەققىدە بەك قىسقا توختىلىپ ئۆتەي. چۈنكى، ھەممىمىز بىلىمىز ئالىي مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇللىرىمىزنى ھەپتىدە بىرەر قېتىم سىياسىي ئۆگىنىش  ياكى جىددىي ئۇقتۇرۇش بولمىسا، ئانچە كۆرۈپ كېتەلمەيمىز. ئالىي مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئىسمى تۇرسۇن ئىدى. ئۇ بويى ئىگىز،بەستلىك، ناھايىتى چوڭ چامداپ ماڭىدىغان، چېچىنىڭ ئالدى تەرپى چۈشۈپ كەتكەن، كۆزەينەك تاقاپ يۈرىدىغان ، ناھايىتى ئالدىراش كىشى ئىدى. كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىساق، ئۇ بىر قانچە مەكتەپتە دەرس ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئاشۇنداق ئالدىراش يۈرىيدىكەن. بىز كەلگەن بىرىنچى يىلى بىزگە دەرسكە كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭ بويچە خېلى داڭقى چىققان، نۇرغۇن كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان پىروففىسورلار بولدى. سىنىپ مەسئۇلىمىز ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ بىزگە بىر قانچە پەن دەرس بەردى. بىسمىللاسىغىلا سەۋىيىسى ناھايتى يۇقىرى مۇئەللىملەر دەرس ئۆتۈپ بىزنى كۆندۈرۈپ قويغاچقىمۇ،بىز ئۇنىڭ ئۆتكەن دەرسلىرىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتۇق( ئۆزەڭلار بىلىسىلەر ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىر ئاز ئاقسا، ئوڭايلىقچە ئادەم ياراتمايدىغان خۇيلىرى بار). ئۇ چاغدا مۇئەللىم تېخى ياش ھەم بەك ئالدىراش بولغاچقىمۇ، ئۇنىڭغا تازا قايىل ئەمەس ئىدۇق،شۇڭىلاشقا،كىيىنكى مەزگىللەردە ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىدىغان ئىشلارمۇ خېلى يۈز بەرگەن ئىدى(بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ كەلسەم گەپ بەك ئۇزراپ كەتكۈدەك،ھېلىمۇ بەك ئەزۋەيلەپ كەتتىم). ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكىمۇ چىقتۇق،كۆپىنچىلىرىمىز ئوقۇتقۇچى بولدۇق. ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قەدىرىگە يەتتۇق، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا قىلغان تەنتەكلىكلىرىمىزنى ئويلاپ خىجىل بولۇشتۇق. كىيىن ئۈرۈمچىگە خىزمەت مۇناسىۋىتى شۇنداقلا ساۋاقداشلارنىڭ تويى مۇناسىۋىتى بىلەن بارغاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇردۇق.بىر-ئىككى قېتىم ئاز-تولا نەرسە كېرەك ئېلىپ ئۆيىگە يوقلاپ بېرىپ،خېلى بېسەرەمجان قىلغانمۇ بولدۇق. يىغىنچاقلاپ كەلسەك، يەنىلا ئۇنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە تۈزۈك جاۋاپ قايتۇرالمىدۇق.

خۇلاسە

مەيلى ئوقۇش ھاياتىمىزدا قانداق كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ۋە قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقايلى، بەڭۋاشلىقىمىز تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرەيلى،ئۇلارغا قېيداپ،ئۇلارنى غايىبانە تىللاپ،ھەييارلىق بىلەن دوراپ ئۆتكەن بولايلى. مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزنىڭ ئۆتمشتىكى سەھۋەنلىكلىرىمىزنى ئاللىقاچان كۆڭلىدىن چىقىرۋەتتى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە پەقەت ”ئۇ مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم“ دەيدىغان پەخىرلىنىش ھېسىياتىلا بار. بىز ھازىر مەيلى قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنايلى،قانداق ئېسىل ئىدارىلەردە ئىشلەيلى بىزنىڭ بۇ كۈنلەرگە ئېرىشىشىمىزدە ئۇلارنىڭ تۆھپىسى زور. شۇڭىلاشقا،بىزمۇ ئاشۇ چاپاكەش ئۇستازلىرىمىزدىن كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنەيلى. ۋىجدانىمىزغا مۇناسىپ ھالدا ئۇلاردىن مىننەتدار بولۇشنى، سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى. ئەڭ ئاددىيسى يولدا ئۇچىراپ قالغاندا، بېشىمىزنى بۇراپ ئۆتۈپ كەتمەستىن، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ سالام بەرگەچ ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالنى سوراپ، بىر ئىككى ئېغىز تەسەللىي سۆزلىرىمىز بىلەن بولسىمۇ،كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ قويالايدىغان بولايلى. ھەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا گۈل-چېچەكلەرگە ئورىيالمىساقمۇ، تون پىچىپ كىيدۈرۈپ قويالمىساقمۇ بىر تىلېفۇن ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ قويايلى. چۈنكى،بىزدە ”ئىلىم بەرگەن ئۇستاز ئاتاڭدىن ئۇلۇغ“ دېگەن ماقالمۇ بار.ئەڭ ئاخىردا بارلىق ئۇستازلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبىرىكلەپ چىن دىلىمدىن سالام يوللايمەن! ئۇستازلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

 

2011-يىلى9-ئاينىڭ6-كۈنى

بىرەيلەن باھا يازغاندەك قىلىدۇ

  1. نىجات
    2011/09/12 11:08:14

    ۋاختىڭىز بولسا مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ 15999444710
    مەركىزى خەلق رادئىو ئىستانسىسى تۇرمۇش پىروگراممىسىدىن

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif